irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:33:08

سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا

ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى

مىلادىيە 1225-يىلى (توخۇ يىلى) بۈيۈك ئىستىلاچى چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا «قۇياش پاتماس زېمىن» دەپ ئاتالغان بىپايان زېمىنلارنى جوجى، چاغاتاي ، ئوگداي ۋە تولۇي قاتارلىق تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. بۇ سۇيۇرغاللىقلار تارىختا «ئالتۇن ئوردا خانلىقى»، چىپچاق خانلىقى » ۋە «ئېلىخانىيە خانلىقى» (تولۈيخاننىڭ نەرۋىسى ھېلاكۇ مىلادىيە 1253-يىلى ھازىرقى ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان خانلىقنىڭ نامى) دىن ئىبارەت تۆت خانلىق بولۇپ قۇرۇلدى.

«چاغاتاي خانلىقى»-چىڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى چاغاتاينىڭ سويۇرغانلىقى ۋە بۇ سۇيۇرغانلىقتا تىكلەنگەن ھاكىمىيەتنىڭ نامى ئىدى. بۇ خانلىق شۇ چاغلاردا ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەر ئالمالىقنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىدىكى سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى ئارىسىدىكى ماۋارەئۇننەھر (ئىككى دەريا ئارىسىدىكى زېمىن) رايوننى ھەمدە تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى چالىش (ھازىرقى قارا  شەھەر) ، تۇرپان، قومۇل ۋە ئىلى ۋادىسى، ماڭلايسۆيەر (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە پەرغانە ۋادىسى) ۋە يەتتىسۇ ۋادىسى بىلەن بەدەخشان، بەلخ ۋە قۇندۇز قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

مىلادىيە 1320-يىلى (مايمۇن يىلى) چاغاتاينىڭ 5-ئەۋلاد نەۋرىسى چاغاتاي خانى بۇغا ۋاپات بولدى، ئورنىغ ائۇنىڭ ئاكىسى كەبەك خان بولدى ۋە خانلىقنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ماۋارەئۇننەھرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلاس ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن پايتەختنى خانلىقنىڭ شەرقىدىكى ئالمالىقتىن ماۋارەئۇننەھردىكى سەمەرقەنتكە يۆتكىدى، بۇ  ئىش خانلىقنىڭ شەرقى قىسمىدىكى مۇغۇلىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويغاچقا، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىم دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولدى.

مىلادىيە 1348-يىلى (چاشقان يىلى) دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئۇلۇسبېگى ئەمىر بۇلاجى مەرھۇم چاغاتاي خانى ئېسەن بۇغانىڭ ئوغلى تۇغلۇق تكمۈر (چاغاتاينىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى) نى ئاقسۇدا تەختكە يۆلەپ چىقىرىپ، «چاغاتاي خانى» دەپ ئېلان قىلدى، تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتراپ قىلغان رايونلار تارىختا «چاغاتاي خانلىقى» دەپ ئاتالدى.

تۇغلۇق تۆمۈر خان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن چاغاتاي خانلىقىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماۋارەئۇننەھرگە قايتا-قايتا لەشكەر تارتىپ ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما غەلىبە قازىنالمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ زېمىن دائىرىسى باشىتن-ئاخىر خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى.

مىلادىيە 1418-يىلى (ئىت يىلى) شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ۋەكىلى ئۇلۇسبېگى ئەمىر خۇدايداد چاغاتاينىڭ 9-ئەۋلاد نەۋرىسى ئۇۋەيس ئوغلان بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چاغاتاي خانى شەمئىي جاھانخان (چاغاتاينىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى) غا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، بىراق ئۈچ يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ئىسيانى ئاخىر مەغلۇپ بولدى.

مىلادىيە 1420-يىلى (چاشقان يىلى) مەرھۇم شەمئىي جاھانخاننىڭ شىر مۇھەممەد دېگەن ئوغلى (چاغاتاينىڭ 9-ئەۋلاد نەۋرىسى) تەختكە چىقتى، شۇ مەزگىللەردە ماۋارەئۇننەھر ھۆكۈمرانى ئۇلۇغبەگ مىرزا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ چىگرىسىدىكى تالاس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. شىر مۇھەممەد ئىنىسى خىزىرخۇجا ئوغلان ۋە قوماندانلىرى ئەمىر شەھ جاھانشاھ، ئۇلۇسبېگى ئەمىر خۇدايداد، سەدىرىئىسلام ۋە مەلىكۇلئىسلام قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، يەتتىسۇدىكى ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىگە قايتا-قايتا لەشكەر ئەۋەتىپ، ئۇلۇغبەگ مىرزىنى كېلىشىم تۈزۈپ بۇ جايلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

مىلادىيە 1425-يىلى (يىلان يىلى) ئۇلۇغبەگ مىرزا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بۇزۇلغانلىقتىن، شىر مۇھەممەتخان پايتەخت ئالمالىقتىن لەشكەر باشلاپ سىر دەرياسىنىڭ بېشىدىكى «تېكە سەكرەر» دەرياسىنىڭ بويىدا كېش يايلىقىنى بازا قىلىپ ئورۇنلاشتى. چۇ دەرياسى بويىد ابولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، دەھشەتلىك مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى كۈزدە شىر مۇھەممەتخان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئۇنىڭ تەخت رەقىبى بولغان بىر نەۋرە ئىنىسى ئۇۋەيىس ئوغلان چىقىپ، 2-ئەۋلاد چاغاتاي خانى بولدى ۋە «سۇلتان ئۇۋەيىسخان» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيە 1426-يىلى (ئات يىلى) سۇلتان ئۇۋەيىسخان پايتەختنى ئالمالىقتىن ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلدى، بۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىن تارتىپلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ياشاپ كەلگەن موغۇل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلى ۋادىسى، تەڭرى تاغنىڭ شەرقىدىكى چالىش، تۇرپان، قومۇل ھەم شۇنىڭدەك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىلغار دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئارلىشىپ ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى تاشلىدى ۋە تەدرىجىي ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچۈشكە باشلىدى.

سۇلتان ئۇۋەيىسخان تەختكە ئولتۇرغان 10 يىلدا شىمالدىكى ئالتاي، ئىمىل، زارغالانتۇ (قۇبدۇ)، زىرغالانتۇ (ئۇلاستاي) قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بۇددىست قالماقلىرىنىڭ يەتتىسۇ، بارىسكۆل (قومۇل) ئەتراپلىرىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىك ۋە زۇلۇملىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، قالماق خانى ئېسەن تاش بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 61 قېتىم جەڭ قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئېسەن تاشنى ئاران بىر قېتىم يېڭەلىدى، ئىككى قېتىم ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. 2-قېتىدا سۇلتان ئۇۋەيىسخان سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى قالماق خانى ئېسەن تاشنىڭ ئوغلى ئامۇر سانجى تاشقا ياتلىق قىلىش ئارقىلىق تۇتقۇنلۇقتىن ئاران ئازاد بولالىدى. مەختۇمسۇلا ئامۇ سانجى تاشتىن ئىبراھىم، ئىلياس ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى، ئۇ بالىلار ئانىسى مەختۇمسۇلانىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇشتى.

سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدە كەنجى ئوغلى يۇنۇسخاننىڭ قولىدا ئۆلدى.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

turantikin513 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 12:29:16

سۇلتان ئۇۋەيىسخان بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىزدىكى چىن تۆمۈر باتۇر شۇ ،غۇلجىدا كىشىلەر چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسىگە باردۇق دېيىشىدۇ ،

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:50:07

«تارىخى رەشىدىيە»دىگەن كىتاپنى توردا ئۇقىغان ۋاقتىمدا ئاڭلىغانمەن بۇ ئۇۋەيسخاننىڭ ئىسمىنى.....سۇلتان ئابدۇرېشىدخان مۇشۇ ئۇۋەيسخاننىڭ نەچچىنچى؟... ئىش قىلىپ نەۋرىسى.....ئەمر بۇلاجى دىگىنى مىرزا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۇراگاننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى،يەنى بىرى شاھ ئەۋلادى،يەنە بىرى ۋەزىر ئەۋلادى...ئۇۋەيسخاننىڭ راستىنلا چىن تۆمۈر باتۇر ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن،لىكىن چۆچەكتىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھەقىقەتەن مەختۇمسۇلا دەپ سىڭلىسى بولىدىغان،ماۋۇ ئوخشاشلىقنى قاراڭ،ئۇۋەيسخان شۇ چىنتۆمۈر باتۇرمۇ نىمە؟«كاپ-كاپ كۆچۈگۈم ئويدە باردۇر،مىسران قىلىچى قوزۇقتا باردۇر........»...؟؟؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:11:31

ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى بۇ ئادەم ھازىر ھاياتمۇ ؟ دېمەكچى خېلى كىتابلارنى يازغان ئەمما تەرجىمىھالىنى بىلمىدىم
بولسا رەسىمى ۋە تەرجىمىھالى بولسا يوللاپ قويساڭلار؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:39:07

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 16:11 static/image/common/back.gif
ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى بۇ ئادەم ھازىر ھاياتمۇ ؟ دېمەكچى ...

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە ماقالە يازغىنىغا قارىغاندا ھاياتمىكىن بەلكىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:44:11

سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدە كەنجى ئوغلى يۇنۇسخاننىڭ قولىدا ئۆلدى.
بۇ ئاژۇنىلار مۇشۇنداق گەپلەرنى قانداق تاپىدىغاندۇ دەپلا ئەقلىم ھەيران بولىدۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ. :o:o:o
مىرزا ھەيدەر، موللا مۇسا سايرامى ۋە يەنە شۇلاردىن نەقىل ئالغان چەت ئەللىك تارىخچىلارنى يالغانچىلا قىلىۋېتىدۇ قاراپ تۇرۇپلا.

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 18:34:57

سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدە كەنجى ئوغلى يۇنۇسخاننىڭ قولىدا ئۆلدى.

‹‹تارىخى رەشىدى›› ‹‹تارىخى ئەمىدىيە›› دىكى بايانلارنى خاتاغا چىقىرىدىغانغا قانداق دەلىل-ئىسپاتى باردۇ بۇ يازمىنىڭ؟ بىر ئاڭلاپ باقساق.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:08:55

چىپچاق خانلىقى،  تۇغلۇق تكمۈر  دىگەن  خاس ئىسىملار خاتا يېزىلىپ  قاپتۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:32:20

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 16:44 static/image/common/back.gif
سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە ي ...

خوش. راستىنى ئاڭلاپ باقمايلىمۇ؟

bass يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:07:07

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 18:34 static/image/common/back.gif
سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە ي ...

لېكىن باھادىرنامىدە بۇ كىشى مۇڭغۇللار بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلدى دەپ بايان قىلىنىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:08:53

ئەينى ۋاقىتتا يەنى سۇلتان ئۇۋەيسخان شېھىت بولغان يىلى ( تارىخچىلار سۇلتان ئۇۋەيسخاننى 1418-1428 يىللاردا خان بولغان دەيدۇ، بۇ ئادەم 1425-1435 كىچە دەپ ئاپتۇ، بۇ مەلۇماتنى نەدىن ئالغانكىن) يەنى 1428-يىلى سەمەرقەنت ھۆكۈمدارى مىرزا ئۇلۇغبەگ سۇلتان ئۇۋەيىسخانغا قارشى چاغاتاي نەسلىدىن بولغان ساتۇقخان ئىسىملىك بىر خاننى ئەۋەتىدۇ ئىككى تەرەپ، بىر ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىمۇقارشى تۇرۇپ سەپ تۈزگەندە سۇلتان ئۇۋەيىسخان ئالدى بىلەن ئات سېلىپ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئېقىندىن ئۆتۈشى ئېتىنىڭ پۇتى لايغا پېتىپ قېلىپ ئۆزى يىقىلىدىكەن. سۇلتان ئۇەيىسخاننىڭ كارامەت مەرگەن بىر نۆۋكىرى باركەن كەينىدىنلا مېڭىۋاتقان بىراق ئېتى يېتىشەلمەي سەل كەينىدە قالىدىكەن، يىقىلىپ دۈم چۈشكەن ئادەمنى كۆرۈپلا دۇشمەن تەرەپنىڭ ئادىمى ئوخشايدۇ، كىرىچنى تازا تارتىپ ئاتىدىكەن، ئوق سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ بېقىنىغا پەي بار يېرىگىچە كىرىپ كېتىدىكەن، ئاھ دەپلا ئۆرۈلۈشى تونۇپ قېلىپ ئاپلا دەپ قالىدىكەن، سۇلتان ئۇۋەيىسخان شۇنداق شېھىت بولغانكەن.
سۇلتان ئۇۋەيسخاندىن ئىككى بالا قالغان بولۇپ چوڭى يۇنۇسخان، كىچىكى ئىسەن بۇقاخان.
ئاۋۇ ئادەم كەنجى ئوغلى دەۋاپتۇ.
قالماق پادىشاسىنىڭ ئىسمى ئىسەن تايشى، ئامىسانجى تايشى، بۇ ئادەم تاش دەپ ئۆزگەرتىۋاپتۇ. قالغىنىنى بىلگۈڭلار كەلسە تارىخىي رەشىدىنى ئوقۇڭلار.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:16:10

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 16:11 static/image/common/back.gif
ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى بۇ ئادەم ھازىر ھاياتمۇ ؟ دېمەكچى ...

ھايات بولۇشى مۈمكىن ، 1958-يىلى تۇغۇلغان بولسا، 60--قا يېقىنلاپ قاپتۇ .



tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:25:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 09:34  

ياخشى يازمىدىن بىرنى ھەدېيە قىلىپسىز  رەھمەت سىزگە ، تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
تارىخى رەشىدى  تارىخى ھەمدى  دېگەن كىتاپلار رومانغۇ دەيمەن
ئۈمىد غەنى ‹‹ئۈمىد پاراڭلىرى›› دېگەن پىراگىراممىدا تارىخى روماننى يازغۇچىىلار ئۆيىدىن تالا چىقمايلا ھۆيلىسدا ئولتۇرۇپ يازىدۇ  چىنلىقلىقى بەكلا تۇۋەن دېگەندەك قىلدى
شۇندىن بويان تارىخى رومانلاردىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم دېسە ئۆزەمچە
ئۈمىد پاراڭلىرى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 09:53:40









niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:08:10

bass يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 22:07 static/image/common/back.gif
لېكىن باھادىرنامىدە بۇ كىشى مۇڭغۇللار بىلەن بولغان ج ...

باھادىرنامەدە بۇ كىشى ساتۇقخان بىلەن قىلىچلىشىۋاتقاندا ھېلىقى مەرگەن نۆكىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ياسىنجان سادىق خەقنىڭكىنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن ئۆزەم ئىجاد قىلاي دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئادەم يېقىن ئارىلىقتا يەكمۇيەك ئېلىشىۋاتقاندا ھەرقانداق دۆت نۆكەر بولسىمۇ ئوق ئاتمايدۇ. پۇتىنى باغلاپ قويۇپ مىدىرىماي قولىنىلا ھەركەتلەندۈرۈپ ئېلىشىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:09:32

bass يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 22:07 static/image/common/back.gif
لېكىن باھادىرنامىدە بۇ كىشى مۇڭغۇللار بىلەن بولغان ج ...

تارىخى رەشىدى» دىگەن كىتاپتا مۇنداق تەسۋىرلەنگەن» :



niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:11:58

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 09:25 static/image/common/back.gif
ياخشى يازمىدىن بىرنى ھەدېيە قىلىپسىز  رەھمەت سىزگە ، ت ...

تارىخى رەشىدىنى ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن قارىغاندا رومان دېيىشكە بولىدۇ. بىراق مەزكۇر كىتابنى رايونىمىزنىڭ تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن تارتىپ يۇنۇسخانغىچە بولغان تارىخلىرى بايان قىلىنغان بىردىنبىر مەنبە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يازما بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. شۇڭا مىرزا ھەيدەر بۇ جەھەتتىكى چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرخان، قازاقلارغۇ مىرزا ھەيدەرنى قازاق تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى دەپ ئۇلۇغلايدىكەن.
قەدىمقى ئەسەرلەرگە ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن باھا بەرسەك ئانچە مۇۋاپىق بولماسمىكىن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:12:09

dadash يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 09:53 static/image/common/back.gif


ئۇ چاغلاردا  مازارلارنى خەن ئۇسلۇبى قوشۇپ ياسايدىغان ئوخشايدۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:18:38

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 10:11 static/image/common/back.gif
تارىخى رەشىدىنى ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن قارىغاندا رومان ...

«تارىخى رەشىدى»نى رومان دەپ ئاتىساق، سىماچيەننىڭ «تارىخى خاتىرىلەر» دىگەن كىتاۋىنىمۇ رومان دىيىش كېرەك،:lol  ئىككىسىنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاپ كېتىدۇ .
غەرپ ۋە جوڭگۇ تارىخچىلىرى بۇ كىتاپقا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم مەنبە قىلىدۇ .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 10:40:22

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 10:12 static/image/common/back.gif
ئۇ چاغلاردا  مازارلارنى خەن ئۇسلۇبى قوشۇپ ياسايدىغان  ...

تۇنگانلار شۇنداق ياسايدۇ
بەت: [1] 2
: سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا