1946 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:33:13

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1946 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-1 10:35

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە


1-پەردە: ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەندىزىچىلىك ۋە ئىجادىيەت مەسلىسى ھەققىدە

80-يىللاردا قايسىدۇر بىر يازغۇچى ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مېھىر -مۇھاببىتىنى چەتئەلدىن ۋەتىنىگە قايتقان بىر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن بىر چىمدىم توپائېلىپ ئۇنى تۇتىيا بىلىپكۆزلىرىگە سۈرگەنلىكىدەك ۋەقەلىك ئارقىلىق ئىپادىلىگەنىدى.شۇندىن باشلاپ تا-ھازىرغىچە ۋەتەن، يۇرت تېمىسىغا ئاتالغان ئەسەرلەردە مۇنداق ئىككى خىل خاھىش يۇقۇملۇق كىسەللىكە ئايلاندى. ئۇنىڭ بىرى ۋەتەن تۇپرىقىىدىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ كۆزىگە سۈرتىش، يەنە بىرى بولسا ‹‹تۇتىيا››دېگەن بۇسۆزنىڭ كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغان ‹‹مۇقەددەس›› بىر سۆزگە ئايلىنىشى.

‹‹ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ تۇلۇن ئاي خىجىل بولغىنىدىن بۇلۇت كەينىگە مۆكتى.››

كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن باشلانغان بۇ خىل گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەش ئۇسسۇلى تا-ھازىرغىچە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىن يوقالغىنى يوق. خۇددى بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەشكە دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا بىرەر سۆز-جۈملىلەر يوقتەك، ياكى ئۇنىڭدىن باشقىسى مۇۋاپىق ئەمەستەك ھەممە يازغۇچى-شائىرلار قارغىش تەككەندەكلا مۇشۇ خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ كەلدى.

ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇ چەكسىز ئىمكانىيەتكە تولغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش ئۇ تامامەن يازغۇچىنىڭ قول ئىلكىدىكى ئىش. ئەڭ مۇھىمى قاملاشتۇرۇپ يېزىش مەسىلىسى.مەسىلەن: مەمىتىمىن ھۇشۇردەك يۇمۇرسىتىك،قىززىقارلىق گەپلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەر ئارىمىزدا كۇرمىڭ. بۇ يەردىكى مەسىلە نېمە؟ ئاشۇ، يۇمۇرستىك، قىززىقارلىق گەپ-سۆزلەرنى قاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىقىش مەسىلىسى.



2-پەردە پىكىر مۇستەبىتچىلكى ۋە ئىنكارچىلىق

ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتبۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاب›› ناملىق شېئىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ‹‹ئۇلۇغ ئەدەبىيات››شۇناسلار خۇددى دۇنيادا ل.مۇتەللىپلا يىللارنىڭ سوئالىغا ئەڭ توغرا جاۋاپ بېرەلىگەندەك ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق جاۋاب خاتادەك ھېس قىلىشىپ ‹‹يىللار دېگەن مۇشۇنداقكەنغۇ›› دەپ يىللار توغرىسىدا قەتئىي ئويلانمايدىغان، پىكىر قىلمايدىغان بۇلۇۋېلىشتى. يەنە تېخى بۇنداق پىكىر مۇستەبىتچىلىكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەي، تېخىمۇ ھەددىن ئېشىپ باشقىلارغا تاڭماقچى، باشقىلارنىڭ يىللارغا ئاتاپ يېزىلغان ئەسەرلىرىنى كۆرسە ئۇلۇغ بىر كۆيۈنگۈچى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ‹‹بالام، يىللارغا توغرىسىدا ئەڭ ياخشى ئەسەرنى ل.مۇتەللىپ يېزىپ بولغان، سەن بۇ ھەقتە ئويلانمىساڭمۇ، قەلەم تەۋرەتمىسەڭمۇ بولىدۇ›› دەپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ.

ئۇنداق ئادەملەر ئۆز پىكىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن تىرناقتا توقتىغىدەك نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئەسەرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوق ئۆتمەس مۇستەھكەم قالقان ھاسىل قىلىۋالىدۇ-دە، شۇ ئاساستا پىكىر مۇستەبىتچىلىكىنى بازارغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىغان نادان كىشىلەر ھېلىقى ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ نامى چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇلارغا شەكسىزئىشىنىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىتتەك ئەگىشىدۇ.

ئا. ئۆتكۈرنىڭ ‹‹شېئىر ۋە شائىر›› ناملىق نەسرىي شېئىرنى ئوقۇغان ئاشۇ بىر قىسىم مۇستەبىتچىلەر قاتتىق ھاياجان ۋە غەيرەتكە تۇلۇپ‹‹دۇنيادا شېئىر ۋە شائىرغا بۇنىڭدىن ئۆتە توغرا تەبىر بەرگەن ئەسەر يوق››دەپ قاراپ، بۇندىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكىلەرنىڭ شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدىكى بارلىق كۆز-قاراشلىرىنى پوققا چىقىرىپ، بۇخىل كۆز-قاراشقا ئۇيغۇن كەلمىگەن بارلىق شېئىرلارنى ۋە شائىرلارنى ئۇلۇغ سەت گەپلەرنى ھاقارەتلەپ ‹‹ سەن شېئىر يېزىشتىن بۇرۇن ئا. ئۆتكۈرنىڭ پالانى ئەسىرىنى يا بولمىسا پۇكىنى شائىرنىڭ پۇستانى ئەسىرىنى ئوقۇپ باق›› دەپ باشقىلارنىڭ ئىددىيىسىنى بىزلەرگە تېڭىپ بىزنى ئەركىن پىكىر قىلىشتىن توسماقچى بولدى.

مەلۇمكى، دۇنيادانەزىرىيە دېگەن بىر خىللا ئەمەس، ھەر كىم مەيلى دېگەنلىرىنى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن ئىشقىلىپ بىر نىمىلەرنى دەپ باقىدۇ. كىمنىڭ دېگىنى توغرا، كىمنىڭ خاتا بۇنىڭغا ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇلار ئۆزلىكىدىن ئىسپاتلىنىدۇ. بىز پەقەت ئۆز بىلىم قۇرۇلمىمىزغا، ئۆز ئىددىيىمىزگە، تۇرمۇش، ۋە ھايات قارىشىمىزغا ماس كىلىدىغان نەزىرىيە ۋە كۆز-قاراشلارنى قوبۇل قىلساق بولىۋېرىدۇ.شۇڭا بىر خىللا قاراشنىڭ ئىشتان بېغىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن كارىمىز بولمىسا ئىنتايىن خاتالاشقان بولىمىز.

ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ياخشى، يامىنى بولمايدۇ. بىرسىمىزگە يارىغان ئەسەر يەنى بىرسىمىزغا يارىمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ئوقۇرمەننىڭ شۇ ئەسەرغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى ۋە شۇ ئەسەردىن زوقلىنىش ماھارىتىنىڭ بار-يوقلۇقلىقىدىن ئىبارەت.



3-پەردە: ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى ھارامزادىلىك


بىز ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىمىز، ھەرگىزمۇ پايپاق يۇغىلى ئەمەس! بىزنىڭ ئاشخانىغا كىرىشىمىزدىكى بىردىنبىر مەقسىتىمىز-تاماق يىيىش.بىز تاماق يەيمىز،ھەرگىزمۇ ئاشپەزنى ئەمەس. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئاشپەز-يازغۇچى، تاماق-ئۇنىڭ ئەسىرى، مېھمان ئەدەبىي تەنقىدچى ھېساپلىنىدۇ. دېمەك، مېھمان ھېساپلانغان ئەدەبىي تەنقىدچىبىر پارچە ئەسەرنى باھالىماقچى بولىدىكەن چۇقۇم ئۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكلىرىنى باھالاپ چىقىشى‹‹سەن نېمىشقا بۇنداق يازىسەن›› دەپ يازغۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېلىسىۋالماسلىقى، يازغۇچىغا ئەمەس، ئەسەرگە باھا بېرىشى كېرەك.

بەزى يازغۇچىلىرىمىز شۇنچىلىك قۇرقۇنچاق كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرقۇنچاقلىقى ئادەم ئىچ ئاغرىتقۇدەك دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇلار ئاشۇ بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى ئۇلۇغ ئەدەبىياتچى، خىسلەتلىك خېزىر ئەۋلىيا دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغ ئەۋلىيالار تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياكۆڭلىدە بار ئەسەرلەرنى يازالماي، يا گەپلىرىنى يۈرەكلىك قىلالماي ئۆز دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئۆتۈپ كىتىشمەكتە. بىر تەنقىدچى بىر كۈنى بىر يازغۇچىنى تەنقىدلىسە ئەتىسى ئون يازغۇچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپ ئۆزىنىڭمۇ تەنقىدچى تەرىپىدىن ئۇلۇغ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىنىپ يۈزىنى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ،يازماقچى بولغان ئەسىرىنى شۇ يەردىلا تاشلاپ قويۇپ، تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان ئوغرىدەك چەكسىز بىر تەشىۋىشكە چۆمۈپ كىتىدۇ. بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلانغان، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن تەنقىدچى خورىكىنى تېخىمۇ يوغان ئۆستۈرۈپ ئۆز يازمىلىرىنى بازارغا سالىدۇ، ۋە شۇ ئاساستا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بارلىق يازغۇچىلارنىڭ جېنىنى جاڭگالغا قويۇپ توختايدۇ. شۇندىن كېيىن يازغۇچىلار تەشۋىشتە، تەنقىدچى ئوۋ ئىزدەش بىلەن ئۆتىدۇ.

مۇنازىرلىشش ياخشى ئىش. مۇنازىردە يىڭىلىش ھەرگىزمۇ ئۇياتلىق ئىش ئەمەس. ئەڭ ئۇياتلىق ئىش-مۇنازىرلەشكۇدەك جۈرئەتنىڭ بولماسلىقى، قۇرقۇنچاقلىقنىڭ، توخۇ يۈرەكلىكنىڭ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشى.

ئەدەبىياتتا ھەر خىل ئېقىمنىڭ، ھەر خىل كۆز-قاراشنىڭ بۇلۇشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. بۇ ئەدەبىياتىمزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

بىز قاچانغىچە دەقىيانۇس دەرۋىردىكى ‹‹خانلەيلۇن››غا توۋلاپ يۈرىۋىرىمىز؟



4-پەردە: داڭدار بۇلۇش مەسىلىسى ھەققىدە


كونىلاردا:‹‹ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ،بىرى جەڭ››دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ خۇددى بىر جەڭگە ئوخشاش، ئەقىل-پاراسەت ۋە تۈرلۈك ھېلە-مىكىرگە تولغان. باشقىلار ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرنىڭ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن، شۇنىڭدەك باشقىلار ناچار دەپ قارىغان ئەسەرنىڭمۇ ھەم. بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ سېلىتىشى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇلۇشى ھەرگىزمۇ ئۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر ئۇلۇغ ئەسەر ئىكەنلكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئوقۇرمەن- ئىنتايىن تەرتىپسىز، قالايمىقان، چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر تەرەپ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەقلى ئويغاق، ئىمانى دۇرۇس، نەرسىلەرگە ھەقىقەت كۆزى بىلەن قارايدىغان ئېسىل ئوقۇرمەنمۇ، قانداقتۇر ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن ياكى باشقا غەيرىي مەقسەت كۆزلەپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرمۇ بار.ئاز بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئوقۇغان ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكى، تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى، ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇسا، يەنە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن ‹‹كاللا دېسە پاقالچاق››دەيدىغان ئوقۇرمەنلەر پەقەت ئەسەرنىڭ مەزمۇنىلا ئاساس قىلىپ ئوقۇپ، باشقا ھېقانداق نەرسە بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم ‹‹ھۇشيار›› يازغۇچىلىرىمىز ئوقۇرمەنلەردىكى بۇ خىل ‹‹ئاقىلانە›› ئەۋزەللىكنى بۇرۇنلا بايقاپ ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق قىززىقتۇرىدىغان، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە قارىغاندا مەزمۇنى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىققا ئىگە بىر قىسىم ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بازارغا سالدى.

بۇنىڭغا بىر مىسال:

قىز-ئاياللار باش تىما قىلغان ئىجتىمائىي مەسلىلىك ئەسەرلەر

بۇ خىل تىمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچىلارنىڭ ھېلە-مىكىرى مۇنداق بولىدۇ:

‹‹ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك›› دېگەندەك مۇشۇنداق تىمىلاردىكى ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىز سورىمىساقمۇ ئۆز ئەسىرنىڭ يېزىلش مەقسىتىنى، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ بىر تەربىيەنى بىزگە بىلدۇرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. ئاندىن مۇشۇ يىرىلمەس قالقان ئاستىدا ئادەم ئېغىزىغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان خەتەرلىك رايونلارغا قەلەم ھۇجۇمى قىلىپ، ئادەمنى غىدىقلايدىغان جىنسىي تەپسىلاتلارنى ئۆز ئەسىرىگە تۆكمە قىلىدۇ، بۇنداق ‹‹ھاياجانلىق›› ئەسەرلەنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن قاتتىق ھاياجاندىن دېمى سىقىلىپ بۇ ئەسەرنىڭ داڭلىق ئەسەر ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشنىدۇ، ۋە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي دوستىلىرىغا، ۋە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۆمرىدە بىرەر كىتاپنىمۇ تۈزۈك ئوقۇپ باقمىغان دەلدۈشلەر بۇنداق ئەسەرنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹‹ئېسىل›› ئەسەر باشقىلار تەرىپىدىن داڭلىق ئەسەرگە، ھىيلىگەر يازغۇچى بولسا داڭلىق يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر سەن بۇنىڭ بىر ئالدامچلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، قاتتىق غەزەپتىن ئۆتۈڭ يېرىلغۇدەك بولغاندا بولسا، بۇ ‹‹داڭلىق›› يازغۇچىمىز سېنىڭ بۇ ھاماقەتلەرچە سوئالىڭغا پىسەنتمۇ قىلماستىن،‹‹ مەن پەقەت رېئاللىقىنى يازدىم، تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ مەن پەقەت بىر تەرەپنى يېزىش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپنى كۆرسىتىپ بەردىم›› دەپلا جاۋاپ بېرىدۇ خالاس! سەن بۇنداق دانالارچە، داھىيانە جاۋاپلارغا يەنە نېمىمۇ دىيەلەيسەن؟

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى‹‹كۆك ئۆستەڭ››نامىدىكى رومانىنى بىزگە سۇنغانىدى، ئاز بىر قىسىملىرىمىز شۇنداق سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىققان بولساق، يەنە كۆپ قىسىملىرىمىزنىڭ رومانغا قاراپ قويغۇدەكمۇ ۋاقتىمىز چىقمىدى. مىڭ جاپادا بۇ روماننى يازغان يازغۇچىمىزنىڭمۇ كۆڭلى ئاز بىئارام بولمىدى. كېيىن بۇ روماننىڭ مەزمۇنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەي، پەقەت ‹‹كۆك ئۆستەڭ››دېگەن ماۋزۇ‹‹ ياتلىق بولالمىغان قىزلار››دەپ ئۆزگەرتىلگەنىدى، ھەممىزنىڭ بىر يىرى مىدىرلاپ، ئۆز ئورنىمزدا ئولتۇرالمايلا قالدۇق. ئاشۇ ئۇلۇغ، قىمممەتلىك، بىباھا ۋاقىتلىرىمىزنى زايا قىلىپ ئاتايىن بۇ روماننى ئوقۇپ چىقتۇق، نەتىجىدە ھازىر بۇ روماننى بىر كىشى ئوقۇي دېسىمۇ تەستە تاپىدىغان ھالغان چۈشۈپ قالدى.


   قىسقىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داڭلىق ئاتىلش ناھايىتى ئاسان. سەن بەزىدە ھېچقانداق كۈچ سەرىپ قىلمايمۇ داڭدار بىر شەخىسكە ئايلىنالايسەن. يىڭىلىق يارىتىمەن، يىڭى-يىڭى نەزىرىيەلەرنى بەرپا قىلىمەن، ئۆز تىرىشچانلقىم بەدىلىگە باشقىلارغا بەخىت ئاتا قىلىمەن دەپ جاپا چەكمىسەڭمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىز- ئۇيغۇلار سېنىڭ ئۇنداق يىڭىلىقلىرىڭنى قوبۇل قىلالمايمىز،بىزنىڭ نەزىرىمىزدە شېئىر دېگىنىمىز پەقەتلا تۆت مىسرا بىر كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن، قاپىيە، ۋەزىن، تۇراققا ئىگە نەرسىدۇر. ئەدەبىيات بولسا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچىلارنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى. بۇنىڭدىن باشقا نەزىرىيەلەرنىڭ ئانىسى تۈمەن مىىڭ. بىزنىڭ كۆزلىرىمىز كور ئەزەلدىنلا ياخشى نەرسىنى، ياخشى ئادەمنى تۇنۇپ باققان ئەمەسمىز. لېكىن يوقاتقاندىن كېيىن پۇشايمەن قىلىش، چەكسىز، ئۇلۇغ ئازاپلانغۇچىغا ئايلىنىش بىزنىڭ ‹‹ئېسىل›› ئەنئەنىمىز، بىز ئاشۇ پۇشايمەن ۋە قايغۇلار ئارىسىدا ئۆمىلەپ ياشىماقتىمىز...

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:50:13

ياخشى يېزىپسەن، ئۇكا...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 12:30:15

بۇ تېمىدا نىمىنى تەنقىتلەۋاتقانلىغىنى بىلەلمىدىم :lol:lol

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:43:06

بۇنداق ماقالىلارنىڭھازىر پىت بازىرىچىلىك قىممىتى بولمىسىمۇ يەنە تېرىشىدىغانلار باركەن،شائېر-مىللەتنىڭ يۈرىكى،يازغۇچى -مىللەتنىڭ جېنى...دەپ ئاڭلىغانمەن، كىچىك چېغىمدا....لىكىن ئۇيغۇردا ھازىر بۇنداق يازغۇچى-شائېرلار يوق،شۇڭابۇنداق ماقالىلار شۇ بىر نەچچە «ھەۋەسكار»لارنى تاپسا قىزىيتتى....بولسا يازغۇچىلار مۇنبىرىدە قىزىتساڭلار قانداقراقكىن؟

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 17:15:03

بىرىنچى پەردىدىكى يازغۇچى ئەخەت تۇردى، مۇناسىۋەتلىك ئەسىرى سەرسان روھ... ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ...

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:32:49

ھەق گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:37:43

مۇشۇ مەمەتجاندىن سۆلەم قاچتى.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:55:16

    ئالدىدىكى كۆپ قىسىمگەپلەر ئۇرۇنلۇق بولسىمۇئاخىرىدىكى بىر ئابزاستىكى ئەيىپلەشبىر تەرەپلىمە ھەتتا ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ .
   « بىزنىڭ كۆزلىرىمىز كور ، ئەزەلدىنلا ياخشى ئادەمنى ، ياخشى نەرسىنى تونۇپ باققان ئەمەسمىز .....» ياخشى ئادەم ، ياخشى نەرسىلەرنىلا تۇنۇيدىغان سىزلا قالمىغانسىز ؟! ئۇيغۇر جەمىيىتى بېشىغا ئېلىپ كۆتىرىۋاتقاننىڭ ھەممىسىنىڭلا شۇ تاجغا لايىق ئادەملەر بولىشى ناتايىن . ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن بىز ھۆرمەتلەشكە ، قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن بېرىشكە تېگىلىك كىشىلەر ئاز ئەمەسقۇ ؟!

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 20:02:28

   «ئۆمرىدە بىرەر كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغان دەلدۈشلەر بۇنداق كىتاپلارنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىگە ئايلىنىدۇ .....»
ماۋۇ گەپنىمۇ تازا ئويلاشمايلا دەپسىز . ئالدى بىلەن كىتاپ ئوقۇيالىغان ، ئەڭ بولمىغاندا شۇندان بىر تېمىغا بولسىمۇ قىزىققان ئىكەن ئۇنىڭ دەلدۈش بولۇش ئېھتىماللىقى نۆل بولمىغاندىمۇ بەك تۆۋەن دىگەن گەپ . ئۇيغۇر تېخى كىتاپنى تاللاپ ئوقۇش ، ئۇقۇغاندىمۇ تەنقىدىي نەزەردە تۇرۇپ ئوقۇش دىگەندەكلەردىن خېلىلا يىراقتا . باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كىتاپ ئوقۇيدىغان ، يىلىغا ئەڭ بولمىغاندا شۇنداق قاملاشمىغان كىتاپ بولسىمۇ بىرەنى سېتىۋالىدىغان ئادەم قانچىلىك ؟!
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە