[تەشۋىق فىلىم] ئۇيغۇرچە كارتون (ھايات مىلۇدىيەسى) تەشۋىق فىلىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتون گۇرۇپپىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلار.گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى قىسقا ۋەقەلىك مۇزىكىلىق كارتون فىلىمى ‹ ھايات مىلودىيىسى›نىڭ تەشۋىقات فىلىمى 1- ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنىپ، مىكرو بلوگ ۋە ئۈدىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن بېرى، نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا، 1- ئاينىڭ 26 - كۈنى ياپونىيە ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ئاكادىمىيىسىنىڭ دىگىتال مۇھىت يارىتىش تۈرىدە ئېلان قىلىنىپ، ئۇچۇر ۋە مېدىيا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخىسى 3 - ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، 2015- يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر تۈرلۈك كارتون فىلىم فىستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلماقچى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ‹ كارتون فىلىم› دېگەن يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدا دۇنياغا تارقىلىشى ئۈچۈن گۇرۇپپىمىز ۋە بىز ئىشلىگەن ‹ ھايات مىلودىيىسى› نى داۋاملىق قوللاپ قۇۋەتلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبەسى رىۋايەت تورى
بۇ يەردىن كۆرۈڭ http://rivayat.com/ur/forum.php?mod=viewthread&tid=1787
ئىلگىرى ئىشلەنگەن فىلىم (ھۈسەينە م بىلەن زەيتۇنخان)
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-8637-1-1.html
گىلاستۇكى بىر ئىشنى ئىسىمگە سالدى:lol:lol.كىچىك ۋاختىمىزدا مۇئەللىم بۇ قىزىل گىلاستۇك ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان دىسە ئىشىنىپ يۈرۈپتىكەنمەن.... كارتۇن فىلىمنىڭ سۈپىتى يوقىرى چىقىپتۇ. قىسقا ۋەقەلىك مۇزىكىلىق كارتون :P:P:P ھۆسەينەم بىلەن زەيتۇنخان دېگەن كارتونمۇ ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى. ئىشقىلىپ ئۆزگىچە بولغاچقا كۆرۈپ خۇش بولغان ئىدىم . بۇ فىلىم تەشۋىقات رەسىمىمۇ شۇنداق كۆركەم چىقىپتۇ.سىلەرگە ئاپرىن. ئۇيغۇر كارتون فىلىم تەرەققىياتى سىلەردەك ئەزمەتلەگە مۇھتاج. ئاپىرىن ! شۇنچە گۈزەل مەنزىرە ،شۇنچىلىك سۈزۈك ،يىقىملىق چىرايلار گۈزەل ھەم ماسلاشقان مۇزىكا .كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر كارتۇنچىلقىنىڭ پارلاقلىقى ماراپلا تۇرۇپتۇ. ئالقىشقا ئېرىشىشىدە گەپ يوق قېرىندىشىم.سىلەردىن پەخىرلىنىمىز.
كىچىككىنە تەكلىبىم :ھېسىياتنى گەۋدىلەندۈرۈشكە يەنە ئازراقلا كۈچىسەڭلا .ھەر ئىككلى كارتوندا ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ جۇلاسى دېگەندەك گۋدىلەنمەي قالغان ،بۇ تەرەپلەرگە كۈچەپ قويساڭلار. ھۈسەينەم بىلەن زەيتۇنخاننىڭ تولۇق قىسمىنىڭ كۆرۈش ئادرىسى بارمۇ؟ http://rivayat.com/ur/forum.php?mod=viewthread&tid=1369&extra=page%3D1 تولۇق نۇسخىسى مۇبارەك بولسۇن!ئەمدى بالىلىرىمىز كۈلقىز بىلەن قار مەلىكىنىلا كۆرۈپ يۈرمەي ھەجەرقىز،زۇلخۇمار،مەختۇمسۇلانىڭ كارتنلىرىنىمۇ كۆرەلىگۈدەك -ھە ؟! ھەي،قوللاشقا ئېرىشسە خېلى ئىشلارنى قىلىدىغان باللىكەنتۇق.ئەپسۇس،نەشىريات ئوغرىلىرى باش كۆتۈرگىلى قويمايدۇ دە.
بەت:
[1]