تەدبىر بولمىغاندا پۇرسەت كۇتۇش كېرەك
تەدبىر بولمىغاندا پۇرسەت كۇتۇش كېرەكبەزىدە تەدبىر بولماسلىقنىڭ ئوزىمۇ ياخشى ئىش ھېساپلىنىدۇ-دىروكېر
بەزىدە تەدبىر بولمىغانلىقتىن،كۇتۇشكە توغرا كېلىدۇ،شۇنى ئەسكەرتىپ ئوتۇشكە توغرا كېلىدۇكى،پۇرسەت تاسادىپىي بولىدۇ،ئۇ ھەر ۋاقىت،ھەر جايدا تاپقىلى ۋە بايقىغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس،شۇڭا چۇقۇم سەۋرىچانلىق بىلەن كۇتۇشكە،بايقالغان ھامان چىڭ تۇتۇش كېرەك.پۇرسەتنى كۇتۇش ئۇچۇن سەۋرىچانلىق كېرەك،سەۋرىچان بۇلۇشنىڭ ئوزى غەلبىنىڭ باشلىنىشى ھېساپلىنىدۇ، ئامېرىكىلىق بانكېر مورگان پۇرسەتنى سەۋرىچانلڭق بىلەن كۇتۇشنى بىلگەنلىكى ئۇچۇن مۇەپپىقىيەت قازانغاندى.
جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن،ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تومۇريول ياساش قىزغىنلقى ئەۋجىگە چىقتى،تومۇريول كەسپى ئامېرىكا سانائىتىدىكى بازارلىق كەسىپكە ئايلاندى،ئەينى ۋاقىتتا،ۋال كوچىسىدىكى بانكىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان مورگانمۇ باشقا بانكىرلارغا ئوخشاش تومۇريول كەسپىگە كوز تىككەندى،ۋال كوچىسىدىكى كاتتا بايلار تومۇريولنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇچۇن پۇت تېپىشىپ تۇردى.ئەمما،مورگان باشقىلار بىلەن ئوزەڭگە سۇقۇشتۇرماي،پاي چېكى ھايانكەشلىگى بىلەن شۇغۇللىنىپ،پۇل تېپىش بىلەن بىرگە،تەجىربىمۇ توپلىدى.تومۇريول ساھەسىدە ھايانكەشلىك قىلسىمۇ،ئۇنۇڭدا ھەممە رەقىبلىرى ئۇستىدىن غەلبە قىلالىغۇدەك ئشەنچ بار ئدى،ئەمما ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ۋەزىيەتنى كوزەتتى،سەۋر قىلسا سېۋەتتە سۇ توختايدىغانلىقىغا ئشەندى.
1879-يىلنىڭ بېشىدىكى بىر كۇنى،كاتىپ مورگانغا ۋىليام ۋاندېرۋالتېرىنڭ ئۇنىڭ بىلەن كورۇشمەكچى ئكەنلىگىنى ئېيىتتى، ۋىليام ۋاندېرۋالتېرىنڭ دادىسى تومۇريول ماگناتى ئىدى،مورگاندىن 16ياش چوڭ ۋىليام ۋاندېرۋالتېر دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ،نىيو يوروك مەركىزى تومۇريول شىركىتىنى ئوتكۇزىۋالغاندى.
ۋىليام ۋاندېرۋالتېر مورگاننىڭ ئشخانىسىغا كىرىپلا:مېدىيالاردىكى نىيو يورىك مەركىزى تومۇريول شىركىتىگە زەربە بېرىلىدىغان خەۋەرلەرگە دىققەت قىلغانسىز؟ ئىشتاتلىق ھوكومەتمۇ مەركىزى تومۇريول شىركىتىنى ۋەيران قىلماقچى بولىۋاتىدۇ،شۇڭا شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ بىر قىسمىنى ساتماقچى بولىۋاتىمەن،دىدى.بۇ مورگان ئۇچۇن تېپىلغۇسىز خۇش خەۋەر ئدى،نايو يورك
مەركىزى تومۇريول شىېكىتىنىڭ پاي چېكى بىر پارچە لوق گوش ئدى.
ۋىليام ۋاندېرۋالتېر يەنە مۇنداق دىدى:ئمەلىيەتتە بۇ كەسىپكە قىززىقمايمەن،دادامنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇچۇنلا بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىپ قالدىم.لېكىن،پاي چېكىمنىڭ ھەممىسىنى ساتقىم يوق.
مورگان ۋىليام ۋاندېرۋالتېرىنڭ 350 مىڭ پاي چېكىنى ساتماقچى بولغانلىقىدىن ھەيران قالدى،چۇنكى بۇنىڭغا ئېرىشكەن ئادەم مەركىزى تومۇريول شىركىتىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيتى،مورگان ۋىليام ۋاندېرۋالتېر بىلەن باھادا بەك تالىشىپ كەتمىدى،چۇنكى بۇ ئۇنىڭ تومۇريول كەسپىگە كىرىشتىكى ياخشى پۇرسەت ئدى،شۇڭا كىچىك پايدىنى دەپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىنىدى.
مورگان نىيويورىك مەركىزى تومۇريول شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ ئۇزۇن ئوتمەيلا،بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى باھا كورسەتكۇچى ئورلەپ،تەڭدە تەڭ پايدا قالدى،ئۇنۇڭدىن سىرىت ئۇ يەنە مەركىزى تومۇريول شىركىتىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشپ،تومۇريول كەسپىگە كىرىپ،لوندون ۋە ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ساھاسىدىكىلەرنىڭ ئشەنچى ۋە مايىللىقىغا ئېرىشتى.
كۇچ يرتەرلىك بولمىسا،پۇرسەت كۇتۇش كېرەك،مانا بۇ مورگاننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يۇلى.پۇرسەتنى بەزىدە كۇتۇشكە توغرا كېلىدۇ،پۇرسەت كەلمەستە ئالدىراقسانلىق قىلىش ئرتۇقچە،ئەگەر تۇتقان يولىڭىزنى ئوزگەرىتمەيمەن دەيدىكەنسىز،ئوزىڭنزنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ،پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۇتۇڭ،لېكىن ھەرگىزمۇ پاسسىپ تۇرىۋالماي،كۇتۇش جەريانىدا كۇچ توپلاڭ،پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا ئۇچرايدۇ.
شىنجاڭ ئقتىسات گېزىتىنىڭ 2015-يىلى14-يانۋار 3202-سانىدىن ئېلىندى.
ئۇبدان ماقالە ئىكەن ياخشى گەپ پۇرسەت كۈتمەي ئازراقلا قىمىرلىسا ساسلىققا پاتىدىغان گەپ شۇ... رەھمەت سىزگە! ياخشى ماقالىدىن بىرنى يوللاپسز. ياخشى گەپكەن مېنىڭچە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش كىرەك ، بەزى ئىشلاردا ئۇنداق بولماي قالىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا مۇقىم قېلىپقا چۈشىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم بىر قائىدىلەرگىلا ئېسىلۋالماي ، شۇ مۇھىتقا كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقدارى ، ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنالايدىغان بولۇشى كىرەك. ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 09:32 static/image/common/back.gif
پۇرسەت كۈتمەي ئازراقلا قىمىرلىسا ساسلىققا پاتىدىغان گ ...
ھاھاھا... تەجرىبە مولكەن سىزدە..
بەت:
[1]