Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:29:45

ئىزدىنىش سەپىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى !
2004 - يىلى ئىزدىنىشقا ئەزا بوپ كىرگەندىن بىرى تاكى 2009 - يىلى 7 - ئايغىچە ئىزدىنىشتىكى بىرتال ھەرپمۇ كۈزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى ، بۇ مىھرى ئىسسىق ماكانغا شۇنچىلىك باغلىنىپ كىتىپتىكەنمەن ، شۇندىن كىيىن تور توختاش ، ۋەزىيەت ، ئائىلە . خىزمەت . كەسىپ، ئۈندىدار ......سەۋەبىدىن ئىزدىنىشقا كىرگىلى كۆپ پۇرسەت بولمىدى ، لىكىن ئىزدىنىش سەۋەبىدىن تۇنۇشقان نۇرغۇن قەدىناسلار بىلەن 11 يىلدىن بىرى ئاساسەن كۈندە دىگۈدەك ئالاقە قىلىپ تۇردۇق ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىزدىنىشتىن ئايرىلىپ باقمىدۇق ، شۇڭا بۇ قانداقتۇر يۈكسەك مەخسەتتە يېزىلغان يازما ئەمەس ، پەقەت مەن ۋە ئىزدىنىش ھەم ئىزدىنىشتىكى ماڭا تەسىر قىلغان بىرقانچە يېقىن يۇرۇق دوستلار ، ئىش ۋەقەلەرنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مەكتەپ ھاياتىدىكى ئالبۇمنى كۆرگەندەكلا بىر ئەسلىمە خاتىرسى . مىننەتتارلىق يازمىسى .
ھەممەيلەننىڭ رەھمەت ئېيتىدىغان ئادەملىرى بار، بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان ئاتا - ئانىمىزدىن باشلانسا ...، ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ..ئەل ئەغىنلىرىمىز .......دىگەندەك ،  ھەممەيلەندە مىننەتتارلىق ھىسىياتى بار، ھەممەيلەن ئوخشىمىغان ئۇسسۇلدا ئىپادىلەيمىز، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئالاھىدە شارائىتتا ، يا بىرە خاتىر كۈندە بىرە يېغىلىشتا .......دىگەندەك ، مەن  بۇ خىل مىننەتتارلىق ھىسىياتى تىل ھەم دىل بىرلەشسە ، ئالدىدا ئەمەس ئارقىدىمۇ دىيىلسە . كۈرۈشكەندىلا ئەمەس كۈرۈشمىگەندىمۇ ھەتتا پەقەت كۈرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىمۇ شارائىتتىمۇ بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلامىكى دەپ ئويلايمەن .
ئويلاپ باقسام ئوقۇش پۇتتۇرۇپ  جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن باشلاپ خىزمەت . كەسىپ،  تۇرمۇشتىكى بۇرۇلۇش نوقتىسىغا سەۋەپ بولغان چوڭ ئۈچ سەۋەپ باركەن ،
  بىرىنجىسى : 1992 - يىلى مىھرىبان مەرھۇم ئاپام بىلەن خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ چاقىرىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىغا چىققاندا ، سىزخوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ گۈزەل - سەنئەت كەسپىگە  قۇبۇل قىلىندىڭىز ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە خوتەن ناھىيسىنىڭ لاڭرۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە خىزمەت قىلىسىزدىۋىدى ، ئاپام ئىككىمىز داڭ قېتىپ قالغان ، شۇ ۋاقىتتىكى قاتناش ...نۇرغۇن سەۋەپلەرنى ئويلىغاندا بۇنىڭغا مەن بەرداشلىق بىرەلىگەن بىلەن ئاپام بەرداشلىق بىرەلمەيتتى ، لىكىن شۇ كادىرنىڭ ئەگەر ياخشى ئوقۇسا شەھەر ئىچىدىكى مەكتەپلەر تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن دىگەن گېپىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئاپامغان چوقۇم ياخشى ئوقۇپ شەھەرئىچىدە قالىمەن دەپ تەسەللىي قىلىپ چاقىرىقنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ، ئۈزۈم ياخشى كۆرگەن كەسىپكە ئۆتكەنلىكىم خوشلىقى،ھەم ئاپامغا بەرگەن ۋەدەم بۇيىچە مەكتەپتە كەسىپنى جان جەھلىم بىلەن ئۈگەندىم ، 1995 - يىلى پىراكتىكا يېقىنلاشقاندا ئۇزاقتىن بىرى كۆزلىگەن ھازىرقى شىتاتىم تۇرۋاتقان 2 - ئوتتۇرغا ئىلتىماس قىلىپ پىراكتىكىغا چۈشتۈم ، شۇ چاغدا ئىلىكتىرونلۇق رىيالنى چالالايدىغان ھەم تۇنجى ئۇنئالغۇ لىنتىسىنى چىقارغان كۇزۇرۇمدىن پايدىلىنىپ قىسقىغىنە ئىككى ئايدا دەرىسلەرنى تەلەپ قىلىپ ئۆتۈپ ، مەكتەپ پائالىيەتلىرىنى جانللاندۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ئىرىشتىم ، شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن مۇدىر مەتكىرەم ئاكىمىز ساق بىر ئاي مائارىپ ئىدارىسىغا قاتراپ مىنى 2 - ئوتتۇرغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ قالغان ، مانا شۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ خىزمەت ۋە كەسپىمگە ياخشى شارائىت ھازىرلانغان ، دەل شۇ چاغدا ۋىلايەت بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىلىۋىزۇردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ۋىلايەت بۇيىچە بىرىنجى بۇلۇشۇم ھازىرقى كەسپىي ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بوپ قالغان ، شۇڭا مەن مەتكىرەم ئاكىمىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى 20 يىلدىن بىرى ئۇنتۇپ قالمىدىم . ھەم ئۇنتۇپ قالمايمەن . بۇ كەسىپتە پاتقاقتا مېڭىۋاتقان باۋما ماشىنلار بەك كۆپ ، لىكىن بىزدەك تەلىيى ئوڭ كىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرۋالغان شىيالى ماشىنلارمۇ ئاز ئەمەس ، پاتقاقتىكى باۋمادىن تاشيولدىكى شىيالى يەنىلا تىزراق ماڭىدىكەن ، پاتقاقتىكى باۋما ئۇزۇن مۇددەت پاتقاقتىن چىقماي ماڭسا بەلكىم شىيالىدەكمۇ ئۆمۈر كۆرمەسلىكى مۇمكىن . مەتكىرەم ئاكىمىزمەن مەڭگۈ مىننەتتار بۇلىدىغان بىر ئادەم .

ئىككىنجىسى : 2001 - 2003 - يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوغا بىلىم ئاشۇرۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن شۇ ۋاقىتتىكى ئىدارە باشلىقى ئۇبۇلياسىن ئاكىمىز، مەن ئوقۇشقا چىقىشنى ساق 6 يىل ئىلتىماس قىلغان ، شۇئادەم شارائىت يارىتىپ بەرگەن ، مەن شۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلاردا تۇنجى كومپىيۇتېر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلغان دوستۇم مەۋلان ( توردىشىمىز گاداي پىرو)  بىلەن  2 يىل كومپىيۇتېر مۇزىكىسىنى بىللە ئۈگەنگەن ، كومپىيۇتېر بىلەن تۇنجى ئىشلەنگەن ( تىرەك بوستان ) ناملىق مۇزىكا پىلاستىنكىسىمۇ شۇ قىزغىنلىقتا ئىشلىنىپ ھازىرغىچە ھەممە يەردە ياڭراپ تۇرىدۇ ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇتلەق ئۈرۈمچىدە قالسا بۇلىدىغان ئادەم شۇ چاغدىكى ئاپامنىڭ كىسىلى يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە سەۋەپلەرخوتەنگە قايتىپ كىلىپ 100 % خىزمەتنى تاشلاپ كەسپىمنى قىلىمەن دىگەندە يەنە شۇ ئۇبۇلياسىن ئاكىمىزبىلەن ھازىرقى مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىھرىگۈل خانىم . كەسپىڭنى قىلغۇڭ بولسا تۇلۇق شارائىت ھازىرلاپ بىرەيلى لىكىن خىزمەتنى تاشلىما دەپ نەسىھەت قىلغان . ھەم ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن سەنئەت گۈرۇپپىسىنى تەشكىللەپ بۇ گۇرپپىنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىنى قىل دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ، مانا شۇنىڭدىن كىيىن كەسپىمگە يەنە ياخشى شارائىت ھازىرلىنىپ ھازىرقى 70 شىتاتلىق ناھىيلىك سەنئەت ئۈمىكى قۇرۇلغان ، يەنە شۇ گەپ شىيالى بولسىمۇ تاشيولدا ، تۈز يولدا ماڭسا تىزراق ماڭىدىكەن ، بۇ ئىككەيلەندىن مەڭگۈ مىننەتتارمەن

ئۈچىنچىسى : ئىزدىنىش

داۋامى بار :lol

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:30:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Musicfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 18:34  

ئىزدىنىش مىنىڭ يەنە بىر مەكتىۋىم دىسەممۇ بۇلىدۇ تۇلۇقسىزدىنلا كەسپى مەكتەپكە بېرىپ ياش كىچىكلا خىزمەت كەسىپ چۈشۈپ قوساقتىكى مەنىۋى ئۇماچنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بىزدەك قارقوساقلارغا ئىزدىنىش ياخشى بىر مەكتەپ بۇلۇپ كەلگەن، ھەم يەنە بۇلالايدۇ
ئۆز ۋاختىدىكى ئىككى خېللو ، جېك ، بىخلان، جەۋلان .....يەنە مەن ئۇنتۇپ قالغان نۇرغۇن ئىسىل باللانىڭ يازمىلىرى ، يېقىندىكى بىلىمخۇمار، تاشپۇلات رۇزى ، بىلگەجان .....يەنە مەن كۈرۈپ بۇلالمىغان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىسسىل يازمىلىرى ، تىمىلارغا چۈشكەن بىر بىرىدىن ئىسىل ئىنكاسلار مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئىدىيەمگە زور تەسىر كۆرسىتپ كەلدى ، ئىزدىنىش يۇقىرى ئوتتۇرا ، تۈۋەن قاتلامدىكى ھەممە ئىدىيە تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋھۇم دۇنياسى .
بايام توردىشىمىز تەڭرىقۇت بىر يۇمۇر يوللاپتۇ ،
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇچراشقان ۋاختى قانچە ئۇزۇن بولسا دوستلۇق ياكى مۇھاببەتلىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بۇلىدىكەن ، بىر يىگىت قىزدوستىغا700 پارچىدىن ئارتۇق خەت يېزىپتۇ، ئاقىۋەت قىزدوستى پوچتالىيون بىلەن توي قىپتۇ :lol
خۇددى يۇقارقى ئىزدىنىشتا گەرچە 10000 دىن ئارتۇق ئەزا بولسىمۇ ھەركۈنى ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان 10 نەچچە قەدىناسلار بار، بوپمۇ ئۈندىدار دۇنياسىدا بۇلار تاس قالىمىز 24 سائەت تۇلۇق بىللە بولغىلى ، گەرچە بۇلا ھەممىسى ئەركىشى بولسىمۇ بەزىدە ئاياللىرىمىزكۈنلەپ كىتىدۇ :lol
ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك پاراڭلىرى ، تەڭرىقۇتنىڭ سالماق يۇمۇرلىرى ، ئەركتىكىننىڭ تۇتتى دەپ قويۇشلىرى ، مەتۇنىڭ ھاياجان پاراڭلىرى ، چىت تۈۋىدىن ھوشۇ چىققاندەك پەيدا بۇلۇپ ھەممە گەپنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىدىغان كەنجىنىڭ مۇنازىرلىرى ، نىمە دىگىننى ئۈزىنىڭ گېپىنى ئۈزى چۈشەنمەي تاققا تۇققۇ پاراڭ قىلىدىغان زىيالى ، ئۈندىدارنى پۇتىدا بېسىپ گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان مۇسىكفەن . بىربىرىدىن قىززىق پاراڭ قىلدىغان تۈمەن ، گىتتارفەن ، بەشتاش . رۇسلان ، پىنھان...يولدىن چىقىۋاتقان تادۇ :lol ......ئىشقىلىپ يەر شارى مىقىياسىدا ئىزدىنىش ئۈندىدار توپىدەك 24 تۇلۇق قىززىيدىغان ماندا توپنى مەن كۈرۈپ باقمىدىم ، بەزىدە ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋېتىپ كۈلىۋىرىمەن ، ئايالىم نەچچە دوختۇرغا كۈرۈنىڭ دىدى ، باللىرىم مازاق قىلدى ، بەزىدە ئىدارىغا ماڭدىم دەپ شەھەرنى بىر ئايلىنىپ ئۆيگە كىلىپ قېلىپ يەنە قايتا ئىدارىغا بارىدىغان ئىشلارمۇ بولدى . بۇلارغا كۆچمە خەۋەرلىشىش ، بىرلشمە خەۋەرلىشىش ، تىلگىرافتىن مۇكاپات بەرسە بۇلىدۇ ئىشقىلىپ ، :lol
مەن مىننەتدار بۇلىدىغان ئۈچۈنچى ئادەملەر دەل مۇشۇ توپتىكى قەدىناسلار، بۇ توپتا كۈلكىدىن باشقا ئەستايىدىل پاراڭلارمۇبۇلىدۇ ، ئائىلە ، خىزمەت ، كەسىپ ، تىجارەتتىكى چوڭ مەسىللەرمۇ ھەل بۇلىدۇ، چوڭ ئىشلارمۇ ۋۇجۇتقا چىقىدۇ ، چۈنكى بۇ توپتا 10 يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن دوستلۇق ھەم ئورتاق قاراش بار، قايسىمىزنىڭ ئىشى چىقسا ئۈزىمىزنىڭ ئىشىدىن بەكىرەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ياردەمدە بۇلىمىز ، مۇشۇ كىچىك ئىزدىنىش كوللىكتىۋىدىن روياپقا چىققان ھەم چىقىدىغان بىرقانچە ئىشلار تۈۋەندە بىرقانچىسى مىسالغا ئېلىنىدۇ .
attach://16784.jpg
2013 - يىلى 6 - ئايدا بۇ قېرىنداشلار زادى بەرداشلىق بىرەلمەي مۆھتىرەم ئاكىمىزئەركتىكىننىڭ تەشكىللىشىدە تۇنجى ئۇچۇرشىشنى ،ئورۇنلاشتۇردى ، مەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ پىلانلىشىدا بۇ باللانىڭ تۇنجى يۇمۇرىستىىك كۈتىۋېلىشىدىن مانا ئىككى يىل بۇلاي دىدى كۈلۈپلا يۈرىمەن
attach://16785.jpg
مۇشۇ يەردە تۈمەن ۋە بەشتاش ئاغامدىن ئەپۇ سورايمەن ، ئەتىسى بىللە مايتاققا بارالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن
مانا شۇندىن كىيىن مەنمۇ شۇندىن بىرى پۇرسەت چىقسىلا ئۈرۈمچىگە قاترايدىغان بوپ قالدىم ، ھازىر ئۈندىدار توپىدا سالام سائەت قىلساممۇ ما ئەدەم يەنە ئۈرۈمچىگە كىلدىكەن دەپ بىر جىددىيلىك بوپ كىتىدۇ :lol
داۋامى بار

خەت باسمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن سەل چارچاپ قالدىم ، ئىزدىنىشقا بولغان مۇھاببىتىم ئەكىس ئەتكەن تۈۋەندىكى ناخشامنى ئاڭلىغاچ تۇرۇڭلا:lol
http://www.izdinix.com/izdinix.mp3

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:30:34

زاكاس

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:30:42

زاكاس

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 18:18:59

ئۈچىنچىسى : ئىزدىنىش
   
   بۇ ت ت كاممۇ يا مۇنبەرمۇ؟  داۋامىغا قاراپ قالدۇق.:lol

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 18:36:45

مۇنبەر:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 18:42:53

تىزىملاتقان ۋاقتى2003-11-26 22:00
مۇشۇ چاغدا تىزىملىتىپتىكەنمەن ، مۇزىكا ھەۋەسكارى مۇشۇ ئون ئىككى يىلدا ئىزدىنىشنى تاشلىماي كەلگەنلەرنىڭ بىرى.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 18:46:15

ئېزىز مەمىتىمىنمۇ  ئولتۇرامدۇ قانداق ؟:lol

kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 18:58:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapitan3067 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 19:01  

ياخشى تىما يوللاپسىز ھارمىغايسىز!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:59:54

ئاغىنىلىرىنى ماختاپ كەتكىننى ،كىمنىڭ ئاغىنىسى يۇق ،ئاۋۇ يەتتە ياشلىق بالامنىڭمۇ ئىككى ئوغول ئۇچ قىز ئاغنىسى بار ،،،
-مۇنبەرنىڭ غەيۋىتىگە كەلسەك مەنمۇ ياخشى كورىمەن ،ياخشى كورمىسەم پوق بارمۇ  ماڭا،مۇنبەردە ،ماڭا تاققا توققا سوزلەپ  بىشىمدىن ئوتكەن ئىشلارنى سوزلەپ...:funk:

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:04:05

مەن ئېسىمنى ئاران بىلگەن ۋاقىتلاردا خوتەندە مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن شىرئەلى ئابدۇرېشىت چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئەسقەر ئېزىز بىلەن ئېزىز مەمتىمىن چىققان، لېكىن بۇ ئىككەيلەن (ئەسقەر ئېزىز بىلەن ئېزىز مەمتىمىن) بىر تالدىن ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىسى چىقىرىپ قويۇپلا يوقاپ كەتكەن ئىدى، ئەسقەر ئېزىزنى خوتەن شەھىرى ئىچىدە پات-پات كۆرۈپ قالاتتىم. لېكىن ئېزىز مەمتىمىننى 1995-يىلى تېلېۋىزوردا بىر قېتىم كۆرگەندىن كېيىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، 2014-يىلى يازدا تاساددىپىي يۈز كۆرۈشۈپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئوچۇق-يورۇق، سەمىمىي، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان... ئېسىل مىجەز-خاراكتېرىنى كۆرۈپ ھۆرمىتىم ئاشتى...
ئېزىز مەمتىمىن بۇرادەرنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن!

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:37:19

2- ئوتتۇرا دىگەن خوتەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا شۇمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

atarut يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:38:37

بىكارچى بىلەن جاللاتنىڭ خەۋىرىنى بەرسەڭلار.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:43:54

kurbanjannn يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 20:37 static/image/common/back.gif
2- ئوتتۇرا دىگەن خوتەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا شۇمۇ؟

خوتەن ناھىيلىك 2 ـ ئوتتۇرا

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:55:48

داۋامىنى ساقلايمىز، تېزراق يېزىڭ، پەچەت چىقىپتۇ. {:112:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:57:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 21:00  

kurbanjannn يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 20:37 static/image/common/back.gif
2- ئوتتۇرا دىگەن خوتەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا شۇمۇ؟

ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا ئەمەس  ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا بولۇشى مۇمكىن

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 21:14:58

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئىزدىنىشنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىش بىر خىل ھوزۇر.
ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېمىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دوستلارنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولدى. گۇدلاك، تادۇ، تاشئادەمدىن باشقىلار بىلەن تۇنجى قېتىم شۇ يىغىلىشتا كۆرۈشتۈم. تونۇش پاراڭلار تېزلا قىزىپ كەتتى. رۇسلان ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىكى كۈلكىلەر ئاجايىپ تەبىئىي چىققان {:87:}
كېيىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولدى، بىلگەجان ئۈرۈمچىگە كەلگەندە يەنە بىر كۆرۈشىۋالدۇق. ھازىر ئىشلەۋاتقان يېرىمدىمۇ كونا ئىزدىنىشلىقتىن بىر نەچچىسى بار، پات-پات ئىزدىنىشنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ قالىمىز. يېقىندا يەنە بىر نەچچە كونا ئىزدىنىشلىق بىلەن دىدارلاشتىم، ئۇچرىشىشلار شۇ قەدەر تەبئىي، مېھىرلىك.
ئىزدىشقا بەكلا مېھرىم بار، مۇساپىر چاغلىرىمدا، يات مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدىكى بويتاقچىلىقتا ئىزدىنىش ئارقىلىق يۇرتقا بولغان سېغىنچىمنى باساتتىم. ئىزدىنىشتىن ئۆگەنگەنلىرىم ئاز ئەمەس.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 21:28:56

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئىزدىنىشنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىش بىر خىل ھوزۇر... داۋاملىق يېزىڭ!

----------
ئېسىمدە يوق ئىنكاسىمغا مەركىزى شەھەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ ساپتىمەن، تەستىق ھالىتىگە ئۆتۈپ قالدى :funk:

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 21:42:50

كىرىپ تۇرمىساق يۇقمىكىن دىمەڭلەر .......
داۋاملىق بار ئىزدىنىشتا ...
باشتىكى كۇكۇ نى ئوغرى ئىلىپ  نۇرغۇن باللارنى يىتۇرۇپ قۇيدۇم . ھازىر جىكنىڭ تويدىكى رەسىملەرنى بىرقۇر كورۇپ تۇراتتىم .تەلىيىگە ماۋۇ تىما .... ھەقىنى بەھوزۇر يىزىڭلا .....
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىش سەپىرى