ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 14:27:26

مۇنازىرە: ئالى باباغا نېمە بولدى؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 14:46  

ئالى بابانىڭ 68 مىلياردلىق بازار قىممىتى بىر كېچىدە يوقاپ كەتتى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالى بابانىڭ پاي باھاسى %4.36 تۆۋەنلەپ، 98.45 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى، 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتى يوقاپ كەتتى (68.7 مىليارد يۈەن) . تاۋباۋ بىلەن دۆلەت سودا سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت سودا تاۋارلىرى توغرىسىدىكى مۇنازىرىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تاۋباۋ تورى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىگە تەرەپ مىكرو بىلوگىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت سودا سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىنتېرنېت سودا تاۋارلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىشىدا، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى باشلىقى ليۇ خۇڭلياڭنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش جەريانىدا نامۇۋاپىق تەرتىپ قوللىنىشى، كەيپىياتى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشى، خاتا ئۇسۇلدا ئوبيېكتىپ بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىگە قارىتا، تاۋباۋ تورى قەتئىي ھالدا دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە : سۇمۇرغ تورى | يوللىغان ۋاقىت : 30-01-2015


ئالى بابانىڭ قىممىتى ئىككى كۈن ئىچىدە 200 مىليارد يۈەن كېمىيىپ كەتتى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى

1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالى بابا 2014-يىلى ئۈچىنچى مالىيە پەسلىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالى بابانىڭ ئۈچىنچى مالىيە پەسلىدىكى كىرىمى 26 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ،  بىلۇمبېرگ مۆلچەرلىگەن 27 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يەتمىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئالى بابانىڭ پېيى 8.30 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ، %8.46 چۈشكەن.

ئالى بابانىڭ جەمئىي 2 مىليارد 513 مىليون پېيى بولۇپ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بازار يېپىلغاندىكى باھاسى 102.94 دوللار بولغان، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى بازار يېپىلغاندا 89.83 دوللارغا چۈشكەن، پاي باھاسى ئىككى كۈن ئىچىدە 13.11 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، بازار قىممىتى 32 مىليارد 945 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 206 مىليارد يۈەن «پارغا ئايلىنىپ» كەتكەن.
مەنبە : ۋاڭيى | يوللىغان ۋاقىت : 31-01-2015

ئالى بابا كوللىكتىپ ئەرز قىلىنىشى مۇمكىن

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



تاۋباۋ تورى بىلەن سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ جامائەت پىكرى جېڭى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدى، لېكىن كاپىتال بازىرىدىكى دولقۇن بۇنىڭ بىلەن جىمىپ قالمايدۇ. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالى بابا پاي باھاسى بىر قېتىمدىلا %11 چۈشۈپ، پاي باھاسى 90 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، ۋاڭيى تورىنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭگولۇق ئادۋوكات خاۋ جۈنبو (郝俊波) ئالى بابانىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى يىغىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنى كوللېكتىپ ئەرز قىلىشقا ئۈندىگەن.

خاۋ جۈنبونىڭ دېيىشىچە، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋە بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئالى بابا (BABA) پايچېكىنى ئالغان ھەم 50 مىڭ دوللاردىن كۆپ زور زىيانغا ئۇچرىغان مەبلەغ سالغۇچىلار، بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ كوللېكتىپ ئەرز سۇنۇپ، زىياننى تۆلىتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى بەزى ئادۋوكات ئورۇنلىرى ئالى باباغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئالى بابانىڭ شىكايەت قىلىنىشقا دۇچار بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتاب ئىكەن. بايانغا ئاساسلانغاندا، ئالى بابانىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئالى بابانىڭ ساختا مال مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب يوشۇرۇپ قويۇلغان ئىكەن.

خاۋ جۈنبو مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئالى بابا ئاق تاشلىق كىتابتىن خەۋەردار بولسا، پاي توپلاش چۈشەندۈرمىسىدە ئاشكارىلىشى كېرەك ئىدى، ھېچبولمىسا پاي چېكىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بار، چۈنكى بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تەدبىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن». ئامېرىكا پاي بازىرىدا، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار غايەت زور زىيانغا ئۇچراپ، پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتتە ساختىلىق ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ياكى غايەت زور سەتچىلىكنى يوشۇرغان دەپ قارىسا، مەبلەغ سالغۇچىلار كوللېكتىپ ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

خاۋ جۈنبونىڭ قارىشىچە، ئالى بابادا ئۇچۇر يوشۇرۇش قىلمىشى مەۋجۇت دېگەن گۇمان بار ئىكەن، لېكىن بۇنىڭغا ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن.

بۇندىن بۇرۇن، خاۋ جۈنبو كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى ئامېرىكا پاي بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئەرز سۇنغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىدا كوللېكتىپ ئەرز سۇنۇشتا كۆپ ئىسپات تەلەپ قىلىنمايدىكەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ئەگەر بىرقەدەر زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، نۆۋەتتىكى ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شىركەتنىڭ غايەت زور پايدىسىز ئۇچۇرنى يوشۇرۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىشى مۇۋاپىق دەپ قارىلىپ، ئەرز قىلسا بولىدىكەن. لېكىن يېڭىپ چىقىش چىقالماسلىقتا مەسىلىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراش كېرەك ئىكەن.

شاڭخەيدىكى ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى يىغىشنى ئويلاشقان، لېكىن دۆلەت ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايدىكەن.
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 31-01-2015


ما يۈن بىر كېچىدىلا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



ئەڭ يېڭى «بىلۇم بېرىگ مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچى» ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پاي بازىرى يېپىلغانغا قەدەر، ما يۈننىڭ بايلىقى بىر كۈن ئىچىدە توساتتىن 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمىيىپ، 26 مىليارد 300 مىليون دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. ۋاڭ جيەنلىننىڭ بايلىقى 26 مىليارد 700 مىليون دوللار بولۇپ، 400 مىليون دوللار پەرق بىلەن ما يۈندىن ئېشىپ، قايتىدىن جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان.
مەنبە : ۋاڭيى | يوللىغان ۋاقىت : 31-01-2015

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 23:10:41

ماۋۇ ھەقىقەتەن يېڭى خەۋەر بوپتۇ،  ھارمىغايسىزلەر تەرجىمانلار. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆمىرىدىمۇ كۆرمەيدۇ ئىۋۇ يوقاپ كەتكەن پۇللارنى، مايۈن ئەپەندىممۇ ئۆزى كىچىك بولغان ياپۇنلىقلاردەك ئوخشايدۇ جۇما...مىلىيون پۇللار ئادەتتىكىچىدە ئۇنىڭغا...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 23:38:02

سودا ـ سانائەت باش ئىدارىسى بىلەن ئالى بابا ئوتتورىسىدىكى جەڭ
خېشۈن تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈندىكى خەۋىرى
دۆلەت سودا ‏ـ سانائەت باشى ئىدارىسى بىلەن تاۋباۋ تورىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ساختا مال مەسىلىسىدىكى تالاش ـ تارتىش بارغانسىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە .بۇ ھالەت مەركەزنىڭ ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئېنتېرنىت تورىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىتى بىلەن بىردەك . تاۋباۋ تورى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى بولۇپلا قالماستىن ، ئالى بابا يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ تور شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا پاي بازىرىغا كىرگەن ، شۇڭا بۇ مەسىلە ھازىر خەلقئارا خەۋەرگە ئايلىنىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ، بۇ ماقالە پەقەت بەزى تەرەپلەردىن بۇنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە يېزىلدى .
تور ئارقىلىق پارچە سېتىشنى تۈزەپ ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش
دۆلەت سىتاتىسكا ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە تاۋباۋ توردىكى ماللارنىڭ %30لا ھەقىقى مال دەپ ئېلان قىلغان ، تۈنۈگۈن يەنە تاۋباۋ تورىغا چارە كۆرۈش توغورۇلۇق خەۋەرلەر تارقالغان . تاۋباۋ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن يەڭنى شىمايلاپ چىقىپ بۇنى قەستەن قارا سۇۋىغانلىق ، مەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىمەن دېگەن . بۇ ئىش پۇل ـ مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ تاۋباۋنىڭ ئانىسى بولغان ئالى بابا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى پاي چېكى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن %4 چۈشۈپ[ ،  10مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پارغا ئايلىنىپ كەتكەن .
ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق تالاش ـ تارتىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار ، مەسىلەن سودا ـ سانائەت ئىدارىسى كونا مال بىلەن ئەتكەس قىلىنغان مالنى ھەقىقى مال ئەمەس دەپ بېكىتىپ تاۋباۋنىڭ ساختا مال مىقدارىنى كۆپ ھېساپلىۋەتكەن . تاۋباۋ تورىمۇ گەرچە ساختا مەھسۇلاتلارغا ئۆزلۈكسىز زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن ئەرزان باھالىق ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان .
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ئىشتا ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن تاۋباۋنىڭ شەخسىي ئاداۋىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن ، مەركەزنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان "خەلق گېزىتى " ۋە " شىنخۇا ئاگېنتلىقى" نىڭ يېقىندىن بېرى سودا ـ سانائەت باش ئىدارىسى تەرەپتە تۇرۇپ يېزىلغان ماقالىنى ئېلان قىلىشمۇ بۇنىڭ دەلىلى بولۇپ ، مەركەزنىڭ مەقسەتلىك ھەرىكىتى بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش مەركەزنىڭ سىياسىتى بىلەن بىردەك . شى جىنپىڭ باش سىكىرتارلىققا تەيىنلەنگەن ئىككى يىلىدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تەدبىرلەرنى كۆپلەپ يولغا قويدى . چەتئەل ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە چەتنىڭ سۈت پاراشوك كارخانىلىرىنىڭ مونوپۇل قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرگەندىن سېرىت ، ماكدونالنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى فۇشىنىڭ سۈپەتسىز گۆش سېتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاق ھاراق ۋە مەرۋايىت زىبۇ ـ زىننەت ساھەلىرىنىڭ تىلىنى بىر قىلىپ باھا ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشىغا قارتا ئېغىر چارە كۆرۈلدى . ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ، خەلققە خاتىرجەم ئىستىمال قىلىش شارائىتى يارىتىپ ، ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى تەلەپنى ئاساس قىلىش يۆلىنىشىگە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى . جەمئىيەتنىڭ ئادىل ـ باراۋەر بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى . ئۇندىن باشقا شى جىنپىڭ ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۆتكەن يىلى تورنى تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى ، تور ئارقىلىق سېتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئىستىمال ماتۇرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۆتكەن يىلى پارچە سېتىلىش ئىستېمالى %12 ئاشتى ، تور ئارقىلىق سېتىۋېلىش بولسا %50ئاشتى . بىراق توردىكى يالغان ـ ساختا بويۇملار توغرىسىدىكى ئەرىز ـ شىكايەتلەر بۇ ساھەنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىدىكى چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى .
يۇقارقىلاردىن مەركەزنىڭ سودا ـ سانائەت باش ئىدارىسى ئارقىلىق  تاۋباۋ تورىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ساختا ، ناچار ماللارغا قارتا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تۈزەش ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپكى دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشقا يەنە تور ئارقىلىق سېتىش بازىرىدىكى ھەر تۈرلۈك ناچار قىلمىشلارنى تۈزەپ ، ئۇنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن .
ئادىل ئوبراز تىكلەش سودا مۇھىتىغا پايدىلىق
ئەگەر مەركەز قانۇنى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇپ ، بىر تەرەپكە يان باسماي ، ئاشكارلىق دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ سىرتقى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئىجرا قىلىنىش ئوبيېكتىنى قايىل قىلالىسا بۇ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى نازارەتچىلىك ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇپ ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلىقئارانى جۇڭگۇ سودا ساھەسىدە مەدەنىيەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىپ ، بازارنىڭ ئادىل ـ باراۋەر بولىشىنى قوغدايدۇ دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈدىغان بىر پۇرسەت .ئەكسىچە ھېسسىياتنى ئاساس قىلىپ قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋاستىسى تومتاق بولسا بازارغا ئارلاشتى دەپ قارىلىپ جۇڭگونىڭ باراۋەر  سودا مۇھىتى يارىتىش ئوبرازىغا پايدىسىز . مەركەزنىڭ بۇنى قانداق قىلىپ بۇ مۇۋاپىق ھەل قىلىشى دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق زور ئۈلگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
http://news.m.hexun.com/toutiao/2015-01-30/172899920.html

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:10:07

يوغان  ئەدەمنىڭ   ئاچچىقى كەگۈچە ، كىچىك ئەدەمنىڭ   جېنى  چىقىپتۇ!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:43:03

تەرتىپكە سالماي بولمايدۇ ، ئەمما تاۋباۋ تورى ھازىر بىر تۈرلۈك مال باھا پايدىنىلىش كۆرسەتكۈچىگە ئايلىنىپ قالدى

salam026 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:56:59

تاۋباۋ تورىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ساختا ، ناچار ماللارغا قارتا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تۈزەش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ .

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 09:26:53

ئاساسلىقى شەھەرلىشىش تەرەقەياتىغا توسقۇنلۇق بۇلۇپ قالغاندەك، بولمىسا ئەمىلي دۇكانلارنى قانداق سېتىپ چىقىرىدۇ؟ پۈتۈنلەي بازار ئىگىلىكى موھىتى بولمىغاندىكىن زەربىلەرگە ئۇچراپ تۇرىشى نورمال…

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 09:59:12

ئاق تاشلىق كىتاپ قانداق كىتاپ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:00:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 10:05  

بۇ بىر سۇيقەسىتتەك بىلىنىۋاتىدۇ، مايۈن 余额宝نى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلارغا زور تەھدىت شەكىللەندۈردى، چۈنكى بېرىدىغان ئۆسۈم نۇرغۇن بانكىلاردىن يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم پۇللىرىنى بانكىدىن چىقىرىپ 余额宝غا يۆتكىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي مۈلۈك كەسپىدىكى  پايدىسى چۈشۈپ كىتىۋاتقان بانكىلار بۇنىڭدىن ئولتۇرالماي قېلىۋاتقان ئىدى…

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:20:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 10:37  

مايۈن بۇ جەڭدىن پايدا ئالالماسمىكىن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:33:12

تاۋبادا ساختا مال ئېلىپ قالساق ئەرز قىلىمىز ھەتتا پۇلنى قايتۇرىۋالالايمىز، كوچىدىكى دۇكانلاردىن ساختا مال ئېلىپ قالساق كىمگە ئەرز قىلىمىز؟؟

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:45:57

مەنچە بۇ ۋاقىتلىق مەسلە ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ پاي باھاسى يەنە بۇرۇنقى ھالەتكە كىلىشى مۇمكىن ئەگەر مۇشۇ پايچەكنى ئازراق ئالغىلى بولسا ياكى ئېلېش قۇلايلىق بوسا ھازىرقى پاي باھاسىدا سېتۋالاتتىم بىر نەچچىنى :(

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:48:34

يۇقاردىكى تورداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:49:01

مىنىڭچە بۇنىڭغا پۇل كىرزىسى سەۋەپ بولدىمىكىن ،
توردا پۇل سىلىش ئىلىشقا ئىشلىتىدىغان يالغۇز جىفۇباۋلا ئەمەس خىلى كۆپقۇ.
لىكىن مۇكەممەلرەكى يەنىلا جىفۇباۋ .
يىقىندا مايۇن ئۇختۇرۇش قىلىپ تاۋباۋنىڭ ساختا ماللىرىغا  يىتىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى تىيەنماۋ بىلەن ئالىبابا ئۇنىڭ سىرتىدا.
ئىشقىلىپ ئالىبابانىڭ ئەرىز بىر تەرەپ قىلىش سۇرئىتى بەك تىزكەن ،
ئەتىسىلا شىركەتتىن تىلفۇن قىلىپ ساتقۇچىمۇ  پۇلنىڭ قالدۇقىنى تولۇقلاپ بەردى.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:04:08

ئىختىساتنىڭ ھامان چىكىنىدىغان ۋاختى بولىدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:11:36

ھۆكۆمەت دىگەن بوش ئەمەس ماقما؟

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:13:49

ئالى بابانى ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچۇرتىدىغىنى يەنىلا ئوتتۇرا- كىچىك تېپتىكى كارخانىلارنىڭ تور دۇكانلىرى،
ئۇلار ساختا مالنى بازارغا سالسا كىم ئالدانمايدۇ. ھەتتا تېلېفون سېتىۋالسا ساختا مال كېلىپ ئىستېمالچىنى نازارى قىلغان تۇرسا.

misal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:21:12

ساختىلىق ۋە نەشىر ھوقوقىغا دەخلى قىلىدىغان ئىشنى تۈگەتمىسە، دۆلىتىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش دېگەن ئۇقۇم مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ماللارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدۇ، دۆلىتىمىز تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ئۆسمەيدۇ.بۇ ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەقىي قىلىشىغا زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ. تاۋباۋ مۇشۇ ساختا تاۋارلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان جاي، شۇڭلاشقا دۆلەتتىن تاۋباۋنى ھامان يىغىشتۇرۋىتىدۇ. يېقىندىن Tmall دىمۇ نەشىر ھوقوقىغا دەخلى قىلىدىغان بەزى نەرسىلەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇلار مۇشۇنداق ماڭسا جىڭدوڭغا ئۇتتۇرۋىتىدىغان چىراي.

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:52:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 14:53  

ئالى بابا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن يارىشىپ قالدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى

ئالى بابانىڭ پاي چېكى چۈشلۈك بازار يېپىلغاندا چۈشۈشتىن ئۆسۈشكە ئۆزگىرىپ، ئىككى كۈنلۈك ئۇدا چۈشۈش ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەبلەغ سالغۇچىلار شىركەت بىلەن سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن يارىشىپ قالغانلىق خەۋرىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى تاڭ سەھەر سائەت 1:17 گىچە، ئالى بابانىڭ پېيى %1.36 ئۆرلەپ، 91.03 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ پايچەك بىراقلا 88.11 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ جۇڭگو سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالى بابا بىلەن شىركەتنىڭ توردىكى ساختا ماللارغا بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇدا بىرنەچچە كۈنلۈك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. باش ئىدارە باياناتىدا يەنە، شۇ كۈنى ئالى بابانىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ما يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ساختا ماللارغا قارشى تۇرۇپ ھەقىقىي تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە : سنا تورى | يوللىغان ۋاقىت : 01-02-2015

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:18:43

سودا ـ سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ ئەلى بابا بىلەن يارىشىپ قالمايمۇ باشقا ئامال يوق ، چۈنكى يارىشۋالمىسا مېزى بارغانسىرى چۈۋۇلۇپ چىقىپ ئامىرىكىدا كوللىكتىپ ئەرىز قىلىنىشىغا ئاساس تەمىنلىنىپ قالىدۇ . بۇ ئىش ئاللىقاچان سودا ـ سانائەت ئىدارىسى ياكى بىراۋلارنىڭ كونتۇرۇللۇقىدىن چىقىپ كىتىپ قالدى ، خۇددى يادىن چىققان ئوقتەك .
شۇڭا  يارشىۋالغان بىلەن  ئىشنى يەڭ ئىچىدىلا پۈتتۈرۋىتىش ئەمدى تەسكە توختىشى مۇمكىن . ئاق تاشلىق كىتاپنى يوشۇرۋالغان ئىشلارغا قوشۇلۇپ ئالى بابا  غا قوشۇپ جۇڭگۇنى چىشلەپ ـ تارتىپ  بۇ ئىش  چوڭىيىپ كىتدىغاندەك قىلىدۇ .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: مۇنازىرە: ئالى باباغا نېمە بولدى؟