tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:10:19

ئۇيغۇر باغۋەنلىرى قاپاق كۆچىتى يىتىشتۇرسە

1. كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەدىنيىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ھازىرغا قەدەر ئازراقمۇ سۇسلاشقىنى يوق . بولۇپمۇ موشۇ بىر مودەك تېرغىلى بولدىغان ئۆي زىمىنلىك بولغاننىڭ ياقى ھويلا ئاراملىرىمغا ئۇزۇم ، قاپاق، چۆمۇچ ، كاۋا ئېسلىدۇرۇپ  دىگەندەك قويۇق ئۇيغۇر ھويلسىى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستىكى مەندەك بىر شەھەردە چوڭ بولغان ئاق نانچىنىڭ تىندىكى دىھقان مىللەتكە خاس تىندۇرما گىنلىرىمىنى قوزغۇتىۋەتكەن ئىدى .

2.ئەپسۇس ئەمىليەت رىئاللىق ئوي خىيالدەك گۇزەل ھەم چىرايلىق يۇرۇشمەيدىكەن ،پىشانەمدىن تامچە تامچە تەرلىرىمنى تۆكۇپ قاپاق باراڭلىق ھويلا قىلىش خىيالىم ئۇرۇق ناچارمۇ ؟ ۋە ياكى مەن كەچ قالغان ئۆگەنچۇك دىخانمۇ ئشىقىلىپ ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئويلىغان گۇزەل ئۇيغۇر ھويلىسى قىلىش پىلانىمنىڭ ئوندەن بىرىمۇ كۆڭۇلدىكىدەك بولمىدى . يا مەن بۇ ئۇيغۇر ھويلسى ئارزويۇمدىن ۋاز كەچمىدىم ، يا مېنىڭ تېرىغان كاۋا قاپاقلىرىم ، يوغانلىماي ، يىگىلەپ پىت بېسىپ دىگەندەك ئىشقىلىپ ئەھۋالاتلار تازا كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس .

3. ئەمما قاپاق نى ئوخشىتالمىغان بىلەن داچىدىكى بۇ نەچچە پۇڭ يەردە شوغۇلا بىلەن لازا بەك ئاينىپ كەتتى . بۇ ئوقەتنىڭ كۆچىتىنى ساتىدىكەن ، بازاردىن تەييارلا ئېلىپ كىلىمەن ،سانچىپ سانچىپ تىكىپ قويساملا ئۆزىنى بىلمەي تۇتۇپ قالىدۇ  ،بۇ يىل ئىككىنىچى ئاي كىرىشى بىلەنلا شۇنى ئويلاپ قالدىم .موشۇ لازا ، شوغۇلا ، بۆلجۇرگەننىڭ كۆچىتى بولىدىكەن ، بولسا ئۇيغۇر باغۋەنلەر قاپاق ، چۆمۇچ ، قاتارلىقلارنىڭ كۆچىتىنى يېتىشتۇرۇپ كۆچەت بازىرغا ئېلىپ كىرسە مەنگە ئوخشاش قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغان خىيالپەرەسلەرگە تازا خوش ياقىدىغان ئىش بولاتتىكەن .

4.ئۇيغۇر ھويلا ئارام مەدىنىيىتى نى مانا شۇنداق بىر كۆچەت بازىرىدا قاپاق ، چۆمۇچ ،ئاغچە يۇغۇش قاتارلىقلارنىڭ كۆچىتىنى تۇركۇملەپ تەمىنلەش ئارقىلىق ئەڭ قولاي ھالەتكە ئېلىپ كىلىنسە ئاندىن  قايىسى بىر شائىر دىگەندەك باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى دىگەندەك سۆزلەرگە رەديە بەرگىلى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .

5.بولسا بۇ يىل  قومۇل كۆچەت بازىرىدا قاپاق ، چۆمۇش ئاغچە يۇغۇش ، ۋە باشقا ئۇيغۇر ھويلا مەدىنيىتى چەمبىرىكىگە تەۋە گۇل ۋە باشقا ئوقەتلەرنى كۆرۇشنى خالايمەن .

6.ئەلۋەتتە سۇپەتكە قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئەڭ چىرايلىق ئەڭ سۇپەتلىك قاپاق ، قاپاق چۆمۇش ، ۋە ئاغچە يۇغۇش دىگەنلەرنىڭ كۆچەتلىرىنى يىتىشتۇرۇپ كۆچەت بازىرىغا سلېىشنى بىر ئويلىشىپ باقسا (باغۋەنلەر ،كۆچەتچىلەر )سىناپ باقسا ، چۇنكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن يېشىللىققا خۇمار ، قاپاق باراڭلىق ھويلىغا خۇمار .بۇ جەھەتتە ئېھتىياج بار دەپ ئويلايمەن ، قالغىنىنى  ئاللاھ خالسىا بازارغا سېلىپ سىناپ باققاندىن كىيىن بىلىمىز .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 15:49:56

ۋاي توخۇتۇركا، سىزنىڭ يازمىڭىزغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ قاپتىمەن جۇمۇ. «ئۇيغۇر باغۋەنلىرى قاپاق كۆچىتى يىتىشتۇرسە» دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈپلا «ئۇيغۇر باغۋەنلىرى قاپاق كۆچىتى يىتىشتۇرسە نېمىشقا بولمايدۇ؟» دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، «ئۇيغۇر باغۋەنلىرى قاپاق كۆچىتى يىتىشتۇرسە باشقىلارغا نەشە-قاپاق چىكىشكە ساتىدۇ،دەپ ئامانلىق ئورۇنلىرى قاپاق تېرىشنىمۇ چەكلىگەنمىدۇ» دەپ يازمىڭىزغا كىرسەم.... ئۇھ، خۇداغا شۈكرى :shutup:

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 16:07:52

مايسا دىسلە، كۆچەت دىمەي.:lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 16:12:41

مۇشۇ قاپاقنى ئائىلىدە بىنا ئۆيدە تەشتەكتە يىتىشتۈرسە ،قاپاق چۈشەمۇ؟ :lolيامان چىرايلىق چۈشكەن كىچىك بالىنىڭ مۇشتىچىلىك بىر قاپاق بار ئىدى ،ئىھتىياتسىزلىقتىن دەسسەپ سىلىپ.ئۇششاق چىقىلىپ كەتتى .ئىچىدىكى ئۇرۇقىنى ئېلىپ قويدىم .تەشتەككە تىرىپ بېقىش خىيالىم بار .ئەتىياز كىلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!يەنە  ئۆنمەي قالسا زايا بۇلۇپ كىتەمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.:lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 16:16:51

قاپاقنى تېرىپ قويدۇم،
باراڭغا ئېلىپ قويدۇم.
قاپاق چۈشەمدۇ نوگايمۇ،
خۇدانىڭ ئۆزىگە قويدۇم.:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 16:51:44

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 16:16 static/image/common/back.gif
قاپاقنى تېرىپ قويدۇم،
باراڭغا ئېلىپ قويدۇم.
قاپاق چۈشە ...

يا-ئاللا مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ باللېرنىڭ دەردىدە بىرەر نەرسىنى خىيالمۇ قىلغىنى بولمايدۇ جۇمۇ. ئەمدى ئويلاپ يازاي دىسەم چۈشكەن ئىنكاستا باكەن ئەمەسمۇ.
     ئاسمانۇ پەلەك پەلەكۇ ئاسمان،
     قاپاققا كىرىپ تۇتقايسەن ماكان،
     گەر كىرمىسەڭ قاپاققا
     قىلغايمەن ۋەيران.................
مۇشۇ بەش بارماقتەك ئېچلىپ چۈشىدىغان بىر خىل قاپاق بار، كۆك ۋاقتىدا دورا بولمىش، پىشقاندا زەھەر. قەشقەردە كۆرگەن

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:40:58

1،راسىت زادى،مەنمۇ خىيال قىلۋاتقان بىر ئىش مۇشۇ كاۋا-قاپاقنى بىنا ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە تەشتەكلەردە ئۆستۇرگىلى بۇلۇرمۇ ؟
2،باغۋەنچىلىك مۇتخەسلىرى قاپاقنىڭ رەڭگىنى قىزىل،سېرىق،كۆك،ھەرخىل رەڭدە يىتىشتۇرەلەرمۇ؟
3،(چاخچاق گەپ):lolبولسا ئاشۇيىتۈشتۈرگەن قاپاقلارنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل نەقىش ئويما،ئەقىليە سۆز،رەسىم قاتارلىقلار تولۇق بولۇپ كەتسە:lol

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:08:49

  مېنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بولىدىغان . ئەمما بۇ ئازۇيۇم بويىچە شۇنداق قىلىش پۇرسىتىگە ئالدىنقى يىلى ئېرىشتىم دىسەممۇ  بولىدۇ . قاپاق چۆمۈچ ، قاپاق دىگەنلارنىڭ يېنى يەرگە تېگىپ ، ئانچە - مۇنچە سۇ كۆرۈپلا تۇرسا شۇنداق ئاسان تۇتىدىكەنغۇ . ۋاقتى - ۋاقتىدا سۈيىنى تۇتۇپ قويسا ئاينىۋېرىدىكەن .
   مەن بالىلارنىڭ كارتون فىلىملىرىدە ياكى چۆچەكلەردە ئوقۇغىنىم يادىمدا ، مۇشۇ قاپاقنىڭ زادى يامىشىدىغانلا يەر بولسا يۇقۇرىغا يامىشىپ چىقىپ كېتىۋېرىدىغانلىقىنى . ھەقىقەتەن شۇنداقكەن . قانچىلىك ئىگىز نەرسە بولسا يامىشىپ چىقىپ كېتىۋېرىدىكەن . پەرۋىشىدە بەلكىم  بىر ئورۇندىن چىققان بىرقانچە قاپاقنىڭ بىرنەچچىسىنى ئېلىۋېتىپ ، بىرىنىلا ساقلاپ قالسا ياخشىراق بولامىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . مېنىڭ قاپاق چۆمۈچلىرىم ياخشى چۈشكەن بىلەن ، بوغما قاپاقلىرىم ياخشى يوغىنالمىدى .
   ئەل ئارىسىدا ئاغچا يۇغۇچنى خالى يەرگە تىكىش كېرەك دەيدىغان قائىدە باركەن . تېخى  ئۆسىۋاتقان مەزگىلدە « ئاغچا يۇغۇچ » دىمەي « ئاغچا خېنىم » دىمىسە ئاينىمايدۇ ، دىگەن قىززىق گەپمۇ باركەن تېخى . ئۇرۇقى ياخشى ئەمەسمۇ ياكى مەن بىلىپ - بىلمەي ئاغچا يۇغۇچ دەپسېلىپ كۆڭلىگە كېلىپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ ئاران تەستە خالىنى تېپىپ سالغان ئۇرۇقلىرىمدىن بىر تالمۇ بىخ چىقارمىدى .



koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:11:35

    قاپاق  ياكى قاپاق چۆمۈچلارنى تەشتەكتە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ ، چاخچاق ئەمەس ھە ، ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:29:28

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 19:40 static/image/common/back.gif
1،راسىت زادى،مەنمۇ خىيال قىلۋاتقان بىر ئىش مۇشۇ كاۋا-ق ...

5- ئايدا پىشقان قارا ئۈجمىنى سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ شىپىرىس ئارقىلىق قاپاق غولىغا كىرگۈزۈپ سىناپ بىقىڭ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:50:08

كىچىك قاپاقنى نەشىكەشلەر ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ئۇچۇن، قاپاقنى ياخشى ئوغوتلاپ كىچىك قاپاق چۇشۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى قاتتىق ئىلىشى كىرەك.:funk:

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 22:12:37

بىنادا  تەشتەكتە ئۆشتۈرسە بولارمۇ دېمەي، تېىپلا باقمامسىلە.
خوتەن  تەرەپتە  تېرىپ ئۆستۈرگەن  دەستىلىك  قاپاقنى  نوگاي  دەيمىز،  تۆمۈر، ياغاچ  ۋە باشقىلاردىن ياسىغاننى  چۆمۈچ دەيمىز.  

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 22:37:21

قاپاقنى تېرىپ ئوغۇتنى ياخشىراق قىلسىڭىز ھىچنىمە بولمايدۇ قاپاقنى بالدۇراق تېرىمىسىڭىز بولمايدۇ شۇڭا يەر ئىرىشكە باشلىغاندىلا قاپاقنى تېرىۋېتىڭ بىزنىڭ ئۆيدە چوڭلار شۇنداق قىلاتتى

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 22:51:39

يۇغان تەشتەكتىن بىرنى تاپاي ئەمدى


sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 23:43:53

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 22:51 static/image/common/back.gif
يۇغان تەشتەكتىن بىرنى تاپاي ئەمدى

       كونىلار دەيدىغان، ئىلگىرىكى زامانلاردا قاپاق پىشاتتى، ھازىر پىشماس بولدى دەپ، شۇىڭدىن قارىغاندا قاپاقنى ئامال بار قانچە بالدۇر تېرىسا شۇنچە ياخشىكەن، شۇڭا سىز مۇنداقىراق بىر چارىنى سىناپ باقسىڭىز بولارمۇ:   قەغەز ئىستاكانغا نەم تۇپراق قاچىلاپ قاپاق ئۇرۇقىنى تىكىپ بىنا ئۆينىڭ كۈن چۈشەر دېرىزىسىگە تىزىپ مايسا يېتىشتۈرگەچ تۇرسىڭىز 4- ئايلاردا ئاندىن بالكۇن سىرىتىغا ئېپچىقىپ تەشتەككە ئىستاكان بىلەنلا(ئىستاكاننىڭ ئاستىنى ئېېلىۋېتىپ) كۆچۈرسىڭىز ناھايتى تېزلا تۇتۇپ كېتىشى مۈمكىن.

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 12:22:46

مەنمۇ قاپاقتىن بىرنى ئىشلەۋاتىمەن

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:17:47

قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل :lol

uyhur007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 14:16:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قاپاقنى تېرىشتىن ھەپتە بۇرۇن ئۇرۇغىنى سۇغا چىلاپقۇيۇپ ئاندىن تېرىسىڭىز ئۈنۈپ چىقىشى  ياخشى بۇلىدۇ
بەت: [1]
: ئۇيغۇر باغۋەنلىرى قاپاق كۆچىتى يىتىشتۇرسە