ھاياتتا قانداق كىشىلەر ھەمكارلىشىشقا ئەرزىمەيدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-31 10:19ھاياتتا قانداق كىشىلەر ھەمكارلىشىشقا ئەرزىمەيدۇ؟
ھاياتتا، خىزمەتتە، كەسىپتە ھەمكارلىق تولىمۇ مۇھىم. نۇرغۇن ۋاقىتتا ھەمكارلاشقۇچىڭىز سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزگە، قىممىتىڭىزگە ۋە پەزىلىتىڭىزگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر ھەمكارلىشىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ؟
1. بەك شەخسىيەتچى ئادەم بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئەجرى ۋە تۆلىگەن بەدىلىنى كۆرەلمەيدۇ، پەقەت نەتىجىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن،ئېرىشەلمىگىنىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئەجرىگە يارىشا ئېرىشكىنىگە ھەسەت قىلىدۇ.
2.بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق ئادەم بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەم ھەمكارلىقتا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئاساس قىلىدۇ، جاپاغا،چىقىمغا سىزنى ئىتتىرىپ قويىدۇ، مەنپەئەتتىن، پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ھەتتا ئۆزى ئاۋال بەھرىمەن بولۇشنى ئويلايدۇ، زىياندىن قاچىدۇ. بۇنداق ھەمراھ ئاخىرى سىزنى داغدا قويىدۇ.
3.ئادىمىيلىك قەلبى بولمىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر سىزگە خوشاللىق بېرەلمەيدۇ.
4. پاسسىپ، ئىنتىلىشى يوق ئادەملەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر سىزگە سۆرەتمە بولۇپ، سىزدىكى ئاكىتىپ ئېنىرگىيەنى خورىتىۋىتىدۇ.
5. توغرا قىممەت قارىشى ۋە ھايات مېزانى بولمىغان ئادەملەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ ئۆزى ھايات مېزانى بولۇپ قالغان بولىدۇ.
6. قانائەت قىلىش ۋە مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان ئادەملەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ. چۈنكى قانائەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولمىغان ئادەم ھامان سىزگە ئاسىيلىق قىلىدۇ.
مەنبەسى: خاتىرىلىرىمدىن.
مەن تامامەن قوللايمەن يۇقارقى پىكىرلەرنى!!!! ئورۇنلۇق پىكىرلەركەن . سودىدا يەنە « دوستۇڭ بىلەن ھەمكارلاشما ، ئەمما سودىدىكى شېرىكىڭ بىلەن ياخشى دوست بول » دىگەن گەپ باركەن . مۇشۇ گەپ ئورۇنلۇقمىدۇ ؟ {:112:}{:112:}{:112:}{:112:} ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت سىزگە {:258:}{:258:}{:258:}{:258:} koygandengiz يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 19:13 static/image/common/back.gif
ئورۇنلۇق پىكىرلەركەن . سودىدا يەنە « دوستۇڭ بىلەن ھەم ...
بۇ دەل سىز ياختۇرۇپ ئوقۇيدىغان باي ئاكامنىڭ خورجۇنىدىكى 68گۆھەر ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى روكىفېللېر دىگەن گەپ ئەپەندىم .
بۇ ئەلۋەتتە توغرا گەپ،ھاياتىڭىزدا شۇنداق تاللاش ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىڭىز روكىفېللېرنىڭ كۆرسەتمىللىرى بۇيىچە ئىش كۆرسىڭىز ئەلۋەتتە خاتالاشمايسىز.خاتالىققا ئۇرۇن قالدۇرمايسىز. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر گەپ قىستۇراي،ئىزدىنىشنىڭ تىما تەستىقلىشى نىمانچا ئاستا،ئۈچ كۇن بولدى بىر تىما يوللىغىلى، سەۋىر قىلىڭ تىما تەسسىقلاشنىڭ ۋاقتى سائەتى بولىدۇ
بەت:
[1]