waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 23:35:02

تەڭرىتاغ كوماندىسى فۇجىيەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ يار لىۋىدە قالدى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  فۇجىيەن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  فۇجىيەن كوماندىسىنىڭ  چوڭ چەتئەللىك ئەزاسى يارلىنىپ قالغاچقا  كىچىك چەتئەللىك ئەزاسىغا تايىنىپ ئوينىدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى ئاندىرى بىراچ ياردار ھالەتتە مەيدانغا چىقتى، فۇجىيەن كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى باشتىن ئاخىرى ساقلىدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 125-131 نەتىجە بىلەن رەقىبى فۇجىيەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن مۇسابىقە رەت تەرتىۋىدە داۋاملىق توقىزىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ ئايلانمىدا دۇڭگۇەن كوماندىسى گۇاڭشىيا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاچقا تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۈچۇن يەنىلا پۇرسەت بار بولسىمۇ، بىراق باشقا رەقىپلىرىگە ساغىرىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدى. ئەگەر تەڭرىتاغ كوماندىسى پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىش ئۈچۈن چۇقۇم كىلەر ئايلانما مۇسابىقىدە فوشەن كوماندىسىنى ئۇتقاندىن سىرىت، بىيجىڭ كوماندىسى دۇڭگۇەن كوماندىسىنى ئۇتۇشى كىرەك.  
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 26 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  22 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 26 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى،  3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛  جۇچى 15 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛ لىيۇۋىي 15 نومۇر ئالدى، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 12 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 5 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
  يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان سۈپىتىدە فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

   ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php


تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-31 08:05):
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان سۈپىتىدە فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.



تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-31 08:06):
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان سۈپىتىدە فۇشەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:17:07

بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تېرنىردا. ئۇ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان تېرىفېرنى ئۈچىنچى كونتۇردىن باشلاپ مەيدانغا چۈشۈرمىدى. بىراچنىڭ پۇتى زەخمىلەنگەچكە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:07:07

شىرئەلىجانغا نىمە بولغاندۇ.توپنى خېلى ياخشى ئوينايدىغان بالىتتى
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى فۇجىيەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ يار لىۋىدە قالدى