kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:11:07

[خەتلىك فىلىم] ھەيدەر



فىلىم نامى: ھەيدەر
ئەسلى نامى: Haider
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ھىندىستان
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ھىندىچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.6
رازمىرى: 720*1280
چوڭلىقى: 2.85GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:32:18
رېژىسسور: Vishal Bhardwaj
باش روللاردا: Shahid Kapoor, Tabu, Shraddha Kapoor

فىلىم ھەققىدە:
ھەيدەر كەشمىرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ دادىسىنىڭ رادىكال ئۇنسۇرنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئامانلىق ساقلاش قىسىمى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەندىن باشقا، ئاپىسى بىلەن ئۆز تاغىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىدۇ. دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھەيدەر دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدە تاغىسىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلىپ، قىساس ئېلىش يولىغا ئاتلىنىدۇ...
بۇ فىلىم ۋىليام شېكسپېرنىڭ «ھاملىت» دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

كەسمە رەسىملەر:












بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:15:30

ۋاھ ، كۆپ رەھمەت ،  نەچچە كۈن بۇرۇن مۇشۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ تەھرىرلىك ھالىتىدە ئىكەنلىگىنى دىگىنڭىزدىن كىيىن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم دىگۈدەك تور بېتىڭلەرگە كىرىپ يوقلاپ تۇرغان ئىدىم . كۆرگەنلەر بۇ فىلىمنى « P . K   » دىنمۇ ياخشى دىگەچكە ، بەكمۇ كۆرگۈم كەلگەن ئىدى .  فىلىمنىڭ بەك ياخشىلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىۋاتىسىلەر ...

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:26:11

خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرۈپ تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر تەسىراتلارغا ئېگە بولغان ئىدىم ،شېكىسپىرنىڭ (ھامىلىت)تىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن دېگەن گەپنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم چۈنكى مەن مەرھۇم شېكىسپىرنىڭ ئۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغان ،ئۇزۇن يىللار بۇرۇنقى ئۇ ئەسەرنىڭ پاكىستاننىڭ كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەلىكنى ئىپادىلەشكە ماس كەپ قالغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم گەرچە ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ .
قالغىنىغا كۆۋرۈك تور بېتىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن،خەنزۇچە خەتلىك فىلىمنى گەرچە كۆرۈپ چۈشەنگەن بىلەن گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بىر تەرەپتىن كۆرۈش نېرۋىلىرىمىزنى ئىشلىتىپ كىنونى كۆرگەن بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ مېڭىنى توختىماي ئىشلىتىپ تەرجىمە قىلىپ تۇرىدىغان ئىشچۇ،ئۇيغۇرچە خەتلىك بولسا نى گۈزەل .ئاۋال ئۇيغۇرچە خەتلىك ھەيدەرنى بىر كۆرۈپ چىقاي ئاندىن تۇيغۇلىرىمىزنى بىللە ئورتاقلىشارمىز مۇنبەرداشلار .
ھە راس كۆرۈپ باقمىغانلار بولسا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن شەخسىي نامىمدىن

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:43:40

ۋەقەلىكى تازا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلامدۇ نىمە؟

قالدىسىنى بىر كۆرۆپ باقاي.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:44:40

غەزەپنى تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلارغۇ بەك ياخشى بولاتتى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:47:33

رەھمەت ئەجىرىڭلارغا،چۇشۇرىۋاتىمەن ھازىر.بەزى فىلىملەرنى توردا كۆرگىلى بولىدۇ بەزىللىرنى كۆرگىلى بولمايدىكەن،سەۋەبى نىمە؟؟؟

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:52:58

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 21:44 static/image/common/back.gif
غەزەپنى تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلارغۇ بەك ياخشى بولاتتى.

غەزەپ دېگەن قايسى كىنوكەن?قايسى ئارتىس باش رول ئالىدۇ?تەپسىلىي مەزمۇنى دېگەندەكلەرچۇ?

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:58:58

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 21:47 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئەجىرىڭلارغا،چۇشۇرىۋاتىمەن ھازىر.بەزى فىلىملە ...

توردا كۆرۈش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن فىلىملەرنى Youku غا يوللىغان، يېقىندا تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن فىلىملەر ئۆچۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈنلا تەمىنلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:59:56

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 21:44 static/image/common/back.gif
غەزەپنى تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلارغۇ بەك ياخشى بولاتتى.

غەزەپنى ئاق بۈركۈت خەتلىك تەرجىمە فىلىم گورۇپپىسى تەرجىمە قىلىۋېتىپتۇ.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:07:05

تۈنۈگۈن بىر نەچچە ھىندىستانلىق قوشنىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ، يۇكۇنىڭ گىپىنى چىقارسام ھەممىسى بىلىدىكەن يۇكۇدىن ھىندىسىتاننىڭ بارلىق كونا-يېڭى كىنولىرىنى بىكارغا كۆرۈشنى. جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تېخى ئەقىلى مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش توغرىسىدا كىلىشىم يوق بولغاچ، يۇكۇدىن باشقا يەرنىڭ كىنولىرىنى تاپقىلى بولمىغان بىلەن بوللىۋودنىڭ كىنولىرىنى توننىسى بىلەن تاپقىلى بولىدىغان ئىش قىززىق.

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:12:26

چۈشۈرىۋاتىمەن..

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:27:12

بىر قانچە يەردىكى ئىملا خاتالىقى ۋە چۈشۈپ قالغان سۆزلەرنى توغرىلاپ، ھەمدە 1080P قىلىپ پىرىسلىنىۋاتىدۇ...
تېخىمۇ سۈزۈك نۇسخىسىنى ياكى تۈزۈتۈلگەن نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولغانلار ئەتىگىچە تەخىر قىلىڭلار.

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:50:16

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،ياخشى فىىملەرنى تەرجىمە قىلىۋاتىسىز،بولسا مۇشۇ يىلى ئىلان قىلىنغان ھىندىستاننىڭ Baby  ناملىق فىلىمنى تەرجىمە قىلسىڭىز
actor:akshay kumar
http://v.youku.com/v_show/id_XODgyNjM3MzMy_type_99.html?f=442063784#fr.yk.folder.4

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 23:24:21

يىقىندىن بۇيان ھىندىستاننىڭ imdbيۇقىرى نۇمۇرلىق كىنۇلىرى كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ ، 8.5دىن  يۇقۇرى كىنۇلار ئاز ئۇچرايدۇ  ،  9دىن يۇقىرى ئىنتايىن ئاز ، 9.5دىن يۇقىرسى ئاساسەن يوق

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 23:47:54

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 22:27 static/image/common/back.gif
بىر قانچە يەردىكى ئىملا خاتالىقى ۋە چۈشۈپ قالغان سۆزلە ...

كىرىشتۈرۈلمەكچى بولغان 1080 لىك نۇسخىسىنىڭ چوڭلىغى قانچىلىك چىقار ؟ سۈزۈك نۇسخىسىنى ساقلايمەن ئەمىسە ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 00:09:44

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 23:47 static/image/common/back.gif
كىرىشتۈرۈلمەكچى بولغان 1080 لىك نۇسخىسىنىڭ چوڭلىغى قان ...

4.2 گىگابايىت ئەتراپىدا چىقىدۇ.

salam026 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 08:56:42

بەيدۇ يۈن   گە  ئۇلىغان  ئادىرىسى بولسا يوللاپ  بەرسىڭىز بوپتىكەن ،

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 09:03:58

خىلى چاققانغۇ بالىلار. چوڭ سېغىمدىكىسىنى ساقلاي ئەمىسە !

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 09:22:54

مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم. قايسى كۈنى يۇۋكۇدىن خەنچىسىنى ئازىراق كۆرگەن ئىدىم. بۇنى چۈشۈرۋېلىپ
ئالدىرماي ئولتۇرۇپ كۆرەيچۇ...... :)

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 09:28:16

مەن دەسلەپ كۆرگىنىمدە ئاشۇ ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى مىنى تەسىرلەندۇرگەن ،فىلىم باشلىنىپ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ قالغان ئىدىم ،ئاخىرىدا ئانىغا ئۆز بالىسىنىڭ مىيتىنى كۆرۇشتىنمۇ ئىغىر ئازاپ يوق دىگەن سۆزى ئۆزىنى بالىسى ئۇچۇن قۇربان قىلغىنى تەسىر قىلدى .
بەت: [1] 2 3
: [خەتلىك فىلىم] ھەيدەر