bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:57:23

NASA: ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 12:28  

ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

ناسا ئەتە، يەنى 2015-يىلى 30-يانۋار كۈنى، كالىفورنىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بىر سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدا جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بۇرۇن.

بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ناسا مەركىزى ج پ ل (يەنى بىزنىڭ ئىدارە  JPL) ياسىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لوس ئانژېلىس شەھىرى بىلەن سان فرانشىسكو شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋاندېنبېرگ (Vandenberg) ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىن «دېلتا 4» ناملىق راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدۇ.  ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىنى 682 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربىتتا ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ.


1-رەسىم: «سماپ» ناملىق سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۆرۈنىشى (كومپيۇتېردا سىزىپ چىقىرىلغان رەسىم).  بۇ سۇنئىي-ھەمرانىڭ ئانتېنناسىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ج پ ل ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىنغا توختىغان بولۇپ، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشتا سۇنئىي-ھەمرانىڭ بىر ئۇزۇنلۇقى 122 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىلەن قېلىنلىقى 31 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ئېلىپ چىققان.  


بۇ سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Soil Moisture Active Passive satellite» بولۇپ قىسقارتىلىپ «سماپ» (SMAP) دەپ ئاتىلىدۇ.  سماپنىڭ ۋەزىپىسى يەر شارى يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىك مىقتارىنى ھازىرغىچە مۇمكىن بولمىغان توغرۇلۇق دەرىجىسىدە ئۆلچەشتىن ئىبارەت.  مۇشۇ ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، كەلكۈنلەرنى كۆزۈتۈپ تۇرۇش، ھاۋا-كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش، دۆلەت سىياسىتى چىقىرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ھەققىدە توغرا قارار ئېلىشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ سۈنئىي-ھەمرا يەر شارىنى ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەر 2-3 كۈندە يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تولۇق ئۆلچەپ بولالايدۇ.  سماپنىڭ ئىشلەش مۇددىتى 3 يىل ئىكەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش (mission) ئۈچۈن ناسا جەمئى 916 مىليون دوللار سەرپ قىلىدىكەن.  

ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئەسلىدە بۈگۈن (يەنى 2015-يىلى 29-يانۋار كۈنى) قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بۈگۈن كالىفورنىيەنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئىنتايىن قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناسا بۇ ئىشنى ئەتە ئەتىگەنگە كېچىكتۈردى.  نۇرغۇنلىغان ئالەم بوشلۇقى چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان راكېتانى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىنكى 3 مىنۇت ئىچىدە ماڭدۇرۇپ بولمىسا بولمايدىكەن.  مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بايان قىلىنماپتۇ.


2-رەسىم: بۇ رەسىمدىن بىز بىر ئادەمنىڭ بويى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەزكۇر سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىگىزلىكى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

Earth Orbiting Observatory Launch Rescheduled for Friday
http://www.nbclosangeles.com/news/local/NASA-JPL-Satellite-SMAP-Rocket-Launch-Soil-Moisture-Drought-Water-289621491.html

NASA Calls Off Satellite Launch Minutes Before Liftoff Due to Winds
http://www.space.com/28405-nasa-delays-earth-satellite-launch.html

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 15:59:35

بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن بىز ياشاۋاتقان ئالەمگە نىسبەتەن يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچەم ئىشىپ ئاستورنومىيەگە بولغان قىزىقىشىم ئىشىپ قىلىۋاتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا باللىرىمنىڭ سۇئاللىرىغا لايىقىدا جاۋاب بىرىپ ئۇلارنىڭ ئالەمگە بولغان قىزقىشىنى قوزغىتىشىمغا پايدىسى بولىۋاتىدۇ. باللىرىم ‹‹ئايغا شەيدا لەگلەك›› دېگەن بالىلار ھېكايىسىنى تولا ئاڭلايتتى. شۇنداقلا ئاينىڭ بىردە چوڭۇيۇپ بىردە كېچىكلىگىنىگە ھەيران قالاتتى. توكسىكىلىتىمگە مىندۈرۈپ كەچقۇرۇنلىرى سەيلىگە چىققان ۋاقتىمدا ئاسمانغا قاراپ ئاينىڭ بىزگە ئەگىشىپ كىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ھەم ھەيران بولۇپ ھەم خۇشاللىققا چۈمەتتى. ئاندىن تۈگۈمەس سۇئاللارنى سورىشىپ چۇرۇلداپ كېتىشىدۇ.
- دادو، ئاي نېمىشقا بىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ؟
- چۈنكى سىلەر ئۇماق ھەم ئەقىللىق بولغاچقا ئامراقلىق قىلىپ ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ كىلىدۇ.
- دادو، يەسلىدىكى ئاچام ئاينى بەك چوڭ دەيدۇ. بىزدىن بەك يىراقتا بولغاچقا شۇنداق كىچىك ھەم ئۇماق كۆرىنىدىكەن. مەن چوڭ بولسام شوتا ياساپ ئايغا بارىمەن.
- كىتابنى جىق ئوقۇپ ئالىم بولساڭ ئايغا بارغىلى بولىدىغان شوتىنى ياسىيالىشىڭ مومكىن ئوغلۇم.
- ماقۇل دادا.
...................

ھەر ھالدا باللىرىمنىڭ سۇئاللىرىغا ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان جاۋابلارنى بىرىشكە تىرىشىمەن.
بۇ تېمىدا مەنمۇ كىچىك بالىلاردەك بەزى سۇئاللىرىمنى سورىۋالغان بولسام: {:90:}


يەر يۈزىدىن يەر شارى ئاتموسفىرا قاتلىمىغىچە بولغان ئارىلىق قانچىلىك كىلىدىغاندۇ؟
ئۆتكەندە بىر كىنو كۆرسەم ئالەمگە چىقىرىلغان بىر ئۇچقۇ يەر شارىغا قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىتتا ئىنىرگىيسى تۈگەپ كېتىپ يەر شارىنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمىدىن ئۈسۈپ كىرگىچە ئۇچقۇنىڭ تاشقى قىسمى ئاساسەن دېگۈدەك كۆيۈپ كېتىدىكەن...بۇنىڭدىن چۈشەنمىگەن مۇنداق ئىككى ئىش بار. 1. يەر شارىنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرمۇ يەر شارىغا چۈشۈپ كېتەمدۇ يەنى يەرنىڭ تارتىش كۈچى شۇ يەرلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ 2. سىرتقى دۇنيادىن يەر شارىغا ئاسمىنىغا بىرەر نەرسە كەلسە نېمە ئۈچۈن كۆيۈپ كېتىدۇ؟ ئەجەبا بۇ قۇرئان كەرىم سۈرە ئەنبىيا 21-ئايەتتىكى : ئاسماننى بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق دېگەن جۈملىدىكى ‹‹بىخەتەر ئۆگزە›› بىز دەۋاتقان ئاتموسفىرا ھاۋا قاتلىمى شۇمىدۇ؟
دۆلەتلەر چىگرالىرى زېمىىندىن باشقا ھاۋا تەۋەلىكى بويىچىمۇ ئايرىلىدىكەن. ئايروپىلان ياكى شۇنىڭدەك باشقا ئۇچقۇلار ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرسە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى بىرەر دۆلەتنىڭ سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بىرىپ يەر شارى ئاسمىنىنى ھېچ چەكلىمىسىز ئايلىنىپ تۇرالىشىدا يەر يۈزىدىن مۇنچىلىك ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ يۈرسە بولىدۇ دەيدىغان ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان بىرەر خەلقئارالىق بەلگىلىمە بارمىدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:09:45

مۇشۇنداق بەلگۈلىمە بار.ئېنىق سانلىق قىممىتى يادىمدا قالماپتۇ .مەلۇم بىر بەلگۈلەنگەن ئىگىزلىكنىڭ يۇقۇرىسى ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەس بۇلۇپ ،ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ئۈچۈن قايسى دۆلەت پايدىلانسا بولىۋېرىدۇ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:13:01

yasir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 17:09 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق بەلگۈلىمە بار.ئېنىق سانلىق قىممىتى يادىمدا ق ...

1. بىز نەپەس ئېلىپ تۇرۇۋاتقان بوشلۇق ئۆزى ئاتموسفىرا بولغاچقا، سوئالىڭىز تازا مۇۋاپىق بولمىغانمىكىن، بەلكىم سىز ئاتموسفىرادىكى مەلۇم بىر قاتلامنى دېمەكچى ئوخشايسىز.
2. ئاتموسفىرا دېگەندە، يەر يۈزىدىن بولغان ئارىلىق ھەم تەركىبلىگۈچى گازلارنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بىرنەچچە قاتلامغا (بىئوسفىرا... ) بۆلۈنىدۇ. بىز تۇرۇۋاتقان قاتلام نەپەسلىنىشكە يەنى ياشاشقا ماس قاتلام، بۇ يەردە ھاۋانىڭ قويۇقلۇق، بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، يۇقىرىلىغانسېرى شالاڭلايدۇ. ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلام ئوزۇن قاتلىمى، ئۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ تۇرىدىغان قاتلام ئوزۇن قاتلىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت بولىدۇ. ھازىر ئوزۇن قاتلىمى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. ئالەمدىكى كىچىك كومېتىلار ئاتموسفىرا قاتلىمىغا كىرگەندە سۈرئىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىكرەك بولسا ھاۋا بىلەن ئۆزئارا سۈركىلىپ كۆيۈپ كېتىدۇ. بەك چوڭ بولسا ئىش چاتاق دېگەن گەپ. قۇرئاننى تەبىئىي پەندىن پايدىلىنىپ تەپسىر قىلغۇچىلارنىڭ ئاسماننى بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، دېگەننى ئىزاھلىشى ئاتموسفىرانىڭ نۇرنى توسۇشى بىلەن كىچىك كومېتىلارنىڭ كۆيۈپ كېتىدىغىنىغا قارىتىلغانغۇ دەيمەن.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:10:23

916 مىليون دوللار، ئىشلەش مۇددىتى 3 يىل. بەكلا قىممەتقۇ{:92:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:25:03

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-30 20:10:23 static/image/common/back.gif
916 مىليون دوللار، ئىشلەش مۇددىتى 3 يىل. بەكلا قىممەتقۇ{:9
لىكىنزە ھاۋارايى يۆلىنىشىنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن بىلىۋېلىش دىگەن ئىقسادى يۆلىنىشنى ئالدىن بىلىۋېىش ياكى ئىقسادى يۆلىنىشنى ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش دىگەن گەپ.

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:57:41

بىرزات ھەكىمنىڭ 2- سوئالىنىڭ جاۋاب:ى ئاتمۇسفىرا بىلەن يۇقىرى سۈرئەتتىكى جىسىمنىڭ سۈركىلىشدىن قىززىپ ، ئوت ئېلىش نۇقتىسىغا يەتكەندە ياكى ئېشىپ كەتكەندە كۆيۈشى كېلىپ چىقىدۇ دەپ ئۆتكەندەك  قىلغان تولۇق ئوتتۇرىدىكى فىزىكا  مۇئەللىم .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 03:25:15

بۇ سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يەر يۈزىگە قانداق دۇلقۇن قويۇپ بېرىپ تەكشۈرىدۇ؟
بۇ بۇلقۇننىڭ بىز ۋە مىكرو جانلىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە قانچىلىك تەسىرى بار؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 06:31:28

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 03:25 static/image/common/back.gif
بۇ سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يەر يۈزىگە ق ...

  بىرزات ئىككىڭلارنىڭ سۇئالى ياخشى سورىلىپتۇ، دىڭىز ئاستىدىكى سۇنار سىگنالى كىتلارنى خاتا باشلاپ قويغاندەك ئەتراپىمىزدىكى ھەر خىل سىگناللار ۋە ئۇ سىگنالنىمۇ بىز بايقىمىغان زىيىنى يوق دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 07:31:45

ھازىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا 2015-يىلى 30-يانۋار (جۈمە) كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىم بولدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇرۇمچى ۋاقتى 31-چىسلا (شەنبە) ئەتىگەن سائەت 7 يېرىم بولدى.

بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارە مۇنداق ئۇختۇرۇش قىلدى:  «سماپ» ناملىق سۇنئىي-ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان راكېتىنىڭ بىر كىچىك چاتىقى چىقىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىشى كالىفورنىيە ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەنگە كېچىكتۇرۇلدى.  

شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەر ھازىرچە تېلېۋىزورلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن بولۇپ، مۇشۇ ئۇچۇر ئارقىلىق ئاشۇ ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

http://www.nbclosangeles.com/news/local/NASA-JPL-Satellite-SMAP-Rocket-Launch-Soil-Moisture-Drought-Water-289621491.html

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 08:58:43

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 19:13 static/image/common/back.gif
1. بىز نەپەس ئېلىپ تۇرۇۋاتقان بوشلۇق ئۆزى ئاتموسفىرا ب ...

تەشەككۈر، ئەسلىندە مەن سۇئالنى خاتا سوراپ قويۇپتىمەن. يەر شارىغا تەۋە بوشلۇق چىگرىسىنى يەر شارى ئوربىتىسى دەيمىزمۇ؟!!! مەن شۇ چىگرانى ئاتموسفىرا قاتلىمى دەۋاپتىمەن. يەنە خاتا گەپ قىلدىممۇ بىلمىدىم. :funk:

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 10:00:54

ئالەملىك تارتىش كۈچى دىگەن تەرجىمە فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئالەمگە كۆزۈمنى ئۇۋلتىپ قارايدىغان بولدۇم، شۇنداق كىنولار يەنە بارمىدۇ؟!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:32:17

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 08:58 static/image/common/back.gif
تەشەككۈر، ئەسلىندە مەن سۇئالنى خاتا سوراپ قويۇپتىمەن ...

سىز ئىنگىلىزچىغا ئۇستا بولغاندىكىن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن پايدىلانسىڭىز بولغىدەك. مېنىڭ خاتا دەپ قويغانلىرىمنى تۈزىتىپ دېگەندەك. http://en.wikipedia.org/wiki/Atmosphere
يەر شارىنىڭ ئوربىتىسى دېگەندە، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغاندا قالدۇرغان ئىزىغا قارىتىلغان. بۇ مۇقىم بولىدۇ، يەنى ئوخشاش يولنى بېسىپ چۆرگىلەيدۇ دېگەن گەپ. مەسىلەن شەھەر ئايلانما يولى بىلەن شەھەر مەركىزىنى مىسال قىلساق شەھەر مەركىزى قۇياش بولسا شەھەر ئايلانما يولىدا مېڭىپ شەھەرنى ئايلىنىۋاتقان ماشىنا يەر شارى، يول ئوربېتا دېگەن گەپتە.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 00:46:47

ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى قويۇپ بىردىكەن ، شۇنچە كۆپ سۈنئىي ھەمراھلار نىمىشقا بىر - بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدىغاندۇ ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 07:44:33

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 00:46 static/image/common/back.gif
ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى قوي ...

كائىنات، جۈملىدىن يەر شارىنىڭ يۈزىگە 500-600 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىگىزلىكتىكى ئاسمان ئىنتايىن چوڭ.  ھازىر ئۇ يەردە بىر قانچە مىڭ سۈنئىي-ھەمرا بار، دېگەن تەغدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاسامدىنى زىچلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا پەقەت بىرلا ئادەم باردەك بىر زىچلىققا توغرا كېلىشى مۇمكىن.  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسمانغا سۈنئىي ھەمرا چىقىرىۋاتقان دۆلەتلەر قايسى دۆلەت قانچە سۈنئىي-ھەمرا چىقاردى، ئۇلار قانداق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ، دېگەنلەرنى تولۇق ئېنىقلاپ، يېڭى سۈنئىي-ھەمرالارنى چىقارغاندا، باشقىسى بىلەن ئوخشاش ئوربىتىدا ئايلىنىدىغان بولۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سوقۇشۇشۇپ كېتىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.  مەن ھازىرغىچە ئىككى سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئۆز-ئارا سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:07:13

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-02-01 07:44:33 static/image/common/back.gif


كائىنات، جۈملىدىن يەر شارىنىڭ يۈزىگە 500-600 كىلومېتىر ك
رەھمەت ئەركىنكا بىلۋالدىم. :):)

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 09:34:33

سىزگە تەشەككۈر سالامەت بولۇڭ!
بەت: [1]
: NASA: ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ