بەدەننى تازىلايدىغان نەرسىلەر
بەدەننى تازىلايدىغان نەرسىلەرھايۋان قېنى: ھايۋان قېنىدىكى قان پىلازمىسى ئاقسىلى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىدىكى ئېنزىم پارچىلانغاندىن كېيىن، زەھەرنى يوقىتىپ ئۈچەينى سىلىقلايدىغان بىر خىل ماددا ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئۈچەي يولىغا تاجاۋۇز قىلغان چاڭ-توزان ۋە زىيانلىق مېتال دانىچىلىرى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، بەدەندە ئاسان سۈمۈرۈلمەيدىغان قالدۇق ماددا ھاسىل قىلىدۇ. زەھەرنى تەرەت ئارقىلىق ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ.
قارا قېرىنقۇلاق: زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، بولۇپمۇ قارا قېرىنقۇلاقنىڭ قاننى تازىلاش، زەھەر ھەيدەش رولى بار.
مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات: مېۋە شەربىتى ياكى كۆكتات شىرنىسى ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا كىرگەندىن كېيىن، قاننى دەرھال جانلاندۇرۇپ، ھۈجەيرىگە توپلىشىۋالغان زەھەرنى ئېرىتىپ، ئۇنى تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.
پۇرچاق شورپىسى: پۇرچاق شورپىسى بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كۆپ خىل زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
(ئەكبەر ياسىن تەييارلىغان. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
قان مۇسۇلمانلارغا ھارام، قېرىنقۇلاق(مور) بىلەن پۇرچاق شورپىسى تەۋسىيە قىلىنسا بولا .
pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 09:40 static/image/common/back.gif
قان مۇسۇلمانلارغا ھارام، قېرىنقۇلاق(مور) بىلەن پۇرچاق ...
ۋېكپىدىيە پىسپاس :D ھايۋان قېنى: ھايۋان قېنىدىكى قان پىلازمىسى ئاقسىلى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىدىكى ئېنزىم پارچىلانغاندىن كېيىن، زەھەرنى يوقىتىپ ئۈچەينى سىلىقلايدىغان بىر خىل ماددا ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئۈچەي يولىغا تاجاۋۇز قىلغان چاڭ-توزان ۋە زىيانلىق مېتال دانىچىلىرى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، بەدەندە ئاسان سۈمۈرۈلمەيدىغان قالدۇق ماددا ھاسىل قىلىدۇ. زەھەرنى تەرەت ئارقىلىق ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ.
بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا كۆرە ، بۇ قان (جىگەر،تالدىن باشقا يەنى تومۇردىن ئېتىلىپ چىققان قاننى كۆرسىتىدۇ)ئىستىمال قىلىش ھارام قىلىنغان.
«اللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ،قاننى ،چوشقا گۆشىنى ،اللەدىن غەيرىنىڭ نامى ئاتاپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى.كىمكى ئىختىيارى ئەمەس ئىلاجىسىزلىقتىن،(يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يىسە،اللە (ئۇنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا )كۆيۈنگۈچىدۇر.(16:115)»
قان ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كىيىن يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۇقىرىدا دىگەندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس ...
قان ھارام ، بەزىلەر نىڭ دىيىشىچە ئۆپكىگە قان قۇيۇپ يىسە بەك ياخشى بولارمىش ، ئەمما قان ھەقىقەتەن ھارام ، شۇڭا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى بۇ تاماق ئادىتىمىز ئاساسەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60،70چى يىللىرىغىچە داۋاملىشىپ ئاندىن ئسىلامى ئاقارتىشلارنىڭ تەسىرىدە ئاساسەن يوقالدى ، ئەمما قان قۇيغان ئۆپكىنى سېغىنىپ تامشىپ قويىدىغانلارنى كۆرگەنمەن .
مەيلى نىمىلا بولمىسىۇن قان ھارام ، جىگەر بىلەن تالدىن باشقا ئەمدى ماۋۇ پۇرچاق شورپىسىغا كەلسەك مەن سەل ئامراق بۇنىڭ تەمىگە ، كوچىدىكى خۇيزولارنىڭ پۇرچاق شورپىسىنى ئىچىپ پىلتە قۇيماق بىلەن يىيىش بىر راھەت ئىش ، ئەمما ياغ بەك قايناپ كىتىدىكەن .
شۇنداق قىلىپ ئۆيگە بىر چۆگۇندەك بىر پۇرچاق شورپىسى تەييارلايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلگەن ئەمما تەمى پەقەت كوچىدىكىىدەك چىقمىدى ، بۇ خەق تەمنى قانداق تەڭشەر ، يا بىرەر خۇرۇچ قوشارمۇ ، يا مەن ئۆيدە قاملاشتۇرۇپ قىلالمىدىممۇ ، ئىشقىلىپ بۇ ئوقەت ئۆيدە تۇرىدۇ ، ئىشلىتىلشى قىممىتى بەك تۆەن بولۇپ قالدى .
تورداشلار ئۆيدە پۇرچاق شورپىسى قىلىپ باققانلار بولسا سىرداشساق ، تەمى كوچىدىكى خۇيزولار ساتقان بىلەن ئوخشاش چىقتىمۇ :؟ tohotur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:05 static/image/common/back.gif
ئەمدى ماۋۇ پۇرچاق شورپىسىغا كەلسەك مەن سەل ئامراق بۇنى ...
ئازراق شىكەر قوشىۋەتسىڭىز بولىدۇ! قان ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بۇلغاچقا ئىنساننى 《ياسىغان》《ئىنژىنىر》قاننى يىيىشنى چەكلىدى قاننى كۆرسەم :o خۇيزۇلارنىڭكىنى خېلى ئىشتاھا بىلەن يەپ قۇيىدىكەنلا ھە توخوتۇر ئەپەندى . attir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:59 static/image/common/back.gif
قاننى كۆرسەم
:o يەنە قانداق ياخشى ئۇسۇللار باركىن يەنە بارمۇ؟ پايدىلىق قىممتى ئالاھىدە تىما بوپتۇ پىس-پاس ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى يېتەرلىككەن.:) باشقۇرغۇچىلاردىن سوراپ باقسام، بۇ ماقالىنى ئوكيان تورى بېسىپ چىقىرىپ تورغا يوللىغان ئىدى. سىلەر تور مەنبەسىنى لازىم قىلمامسىلار؟
http://www.okyan.com/html/news/health/2014/1230/7684.html tohotur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:05 static/image/common/back.gif
ئەمدى ماۋۇ پۇرچاق شورپىسىغا كەلسەك مەن سەل ئامراق بۇنى ...
تورداشلار ئۆيدە پۇرچاق شورپىسى قىلىپ باققانلار بولسا سىرداشساق ، تەمى كوچىدىكى خۇيزولار ساتقان بىلەن ئوخشاش چىقتىمۇ :؟ تۇڭگانلارنىڭ تەييارلىغىنىنى ئىستىمال قىلىپ باقماپتىمەن، بىراق ئۆزەمنىڭ خىيالى بىلەن نوقۇت، خاسىڭ مېغىزى(خام)، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزلىرىدىن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ ھەسەل ياكى شېكەر قوشۇپ ئىچسەم تەمى بەك ياخشى بوپتىكەن، پات - پات ئچكۈم كېلىپ تۇرىدۇ... tohotur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:05 static/image/common/back.gif
ئەمدى ماۋۇ پۇرچاق شورپىسىغا كەلسەك مەن سەل ئامراق بۇنى ...
豆浆机 نى دىگەن ئوخشايسىز، پۇچاققا قوشۇپ يپىشقاق پىشىدىغان بىرخىل گۈرۈچ بار،(نومى دەيدىغان خەنچىدە) شۇ گۈرۈچ ۋە يەن مەي پىيەن دەيدىغان يەنە بىرخىل نەرسە بار، شۇنىڭدىن كۆپرەك قوشۇپ ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز يىيىشلىك بولىدۇ، مەن ئۆيدە تەييارلاپ باققان، يەنە قوناق ئۇنى سېلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ راس بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەن ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا پىشۇرىمەن، ئېزىلىپ ئۇماچتەك چىقىدۇ، يەنە بىر خىل چەينەك بار خەنچە养生壶 دەيدىكەن، ئەگەر بۇ خىل چەينەكنى دىگەن بولسىڭىز، پۇرچاق تۈرىگە قارا گۈرۈچ قىزىل گۈرۈچ قوشۇپ ئۇزۇن قاينتىتىپ بارلىق پۇرچاق گۇرۇچلار تولۇق ئېتىلىپ يۇمشاق بوپ كەتكىچە پىشۇرۇپ تۇز ياكى شىكەر سېلىپ ئىچسڭىز بولىدۇ.ئىچىگە سالىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تەم بويىچە خالىغانچە تەڭشىسڭىز بولىۋېرىدۇ
بەت:
[1]