ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:20:23

زاغرا نان ۋە سالامەتلىك

زاغرا نان ۋە سالامەتلىك

ئايشەمگۈل راخمان
(پەيزىۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)

       ئەقىل-پاراسەتلىك ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزگىچە غىزالارنى ئىجاد قىلغان. ئوخشاشمىغان شارائىت، كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان، خىل كەلگىنى بويىچە ئىستېمال قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ھاۋا كىلىماتى، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاساسەن ئۆزگىچە ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي مىزاجى، ساقلىق ساقلاش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن.
     زاغرا نان يېزىلاردا دېھقانلار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان، تەييارلاش ئاسان، ئۆزى سىڭىشلىك، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئەتىگەندە ۋە چۈشتە چاي بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش ئازىيىپ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى. بۇ خىل تائاملار يۇقىرى قان بېسىم، قان قۇيۇلۇپ كېتىش، زىيادە سېمىزلىك، يۈرەك كېسەللىكى، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغاچقا، يېمەك-ئىچمەك قاتارىدىن ئايرىلىپ يېتىمسىرىغان قوناق ئۇنىدا تەييارلانغان زاغرا ناننى كىشىلەر ھازىر يەنە قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىز كۈندە دېگۈدەك زاغرا ناننى ئەتىگەن ۋە چۈشتە چاي ياكى قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن ئەلۋەتتە. بۇنى مىللىي ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى غىزا-زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
     زاغرا نانغا ئادەتتە كۆممىقوناق ئۇنى، پىياز، شوخلا، تۇز، قوي يېغى قاتارلىقلار قوشۇلىدىغان بولغاچقا تەبىئىتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. زاغرا ناننىڭ ئاشقازان، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلىتىش، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىىنلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
      يېقىنقى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قوناقنىڭ راك كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى دېگەن نۇقتىنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدە زىلزىلە قوزغىغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا  قوناقتىن 1000 خىلدىن ئارتۇق مودا يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا  نائىل بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قوناقتا يەنە ۋىتامىن C، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىدىغان مىكرو ئېلېمېنت سېلىن ۋە لىنولىك كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇلارنىڭ قېرىشقا، قان-تومۇر قېتىشىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى  خام ئەشياسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنە قوناقنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، قوناقنىڭ تەركىبىدە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ماددىلار بار بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نەپەسلىنىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە  ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھەزىمنى ياخشىلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئادەتتە سېرىق قوناقنىڭ تەركىبىدە ئۆمۈرنى  ئۇزارتىشقا پايدىلىق بولغان ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C فېرمېنتلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، قوناق قانچە سېرىق بولسا تەركىبىدىكى فېرمېنتلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قوناقنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A، كالىتسى، فوسفور، تۆمۈر مىقدارى گۈرۈچنىڭكىدىن يۇقىرى بۇلۇپ، قوناقنىڭ تەركىبىدىكى ماگىنىي راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، قان-تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۈچەي دىۋارىنىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى كۈچەيتىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەرچە چەت ئەلدە قوناقنى يۇقىرىقىدەك تەركىبلەرگە ئايرىپ، كېسەللەرگە ئىشلىتىشكە  باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەقىل-پاراسەتلىك دانىشمەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى قوناقنىڭ جۈملىدىن قوناقنى ئاساسىي تەركىب قىلغان زاغرا ناننىڭ يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يېتىپ ئۇنى دائىملىق ئىستېمالىغا ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە زاغرا نان بەدىنى ئاجىز، تەسلىكتە ھەزىم بولىدىغان تاماقلار ئېغىر كېلىدىغان كىشىلەرگە ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاش، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ بەدەندىن سۈزۈپ چىقىرىش مەقسەتلىرىدە بىمارنىڭ كۈندىلىك غىزاسىغا بۇيرۇپ بېرىلىدۇ.
        تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە نورمال كىشىلەرنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم زاغرا ناننى ئىستېمال قىلىشى تەۋىسيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش، ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسەتلىرىدە زاغرا نان بىر قىسىم دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، ئاق قان كېسىلى، جىگەر قېتىش، تال چوڭىيىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە بۇيرۇلۇپ ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى، يۈرەك قان تومۇرى تارىيىپ قالغان، يۇقىرى قان بېسىمىدىن يۈرەك كىلاپانلىرى كېڭىيىپ كەتكەن بىمارلارغا قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، دىيابېت كېسەللىكىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ قاندىكى قەنت مىقدارىنى تىزگىنلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينى ئېرىتىش، بەدەننى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، زىيادە سېمىز كىشىلەرنى ئورۇقلىتىش، ئاشقازان ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاسان سىڭىش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارا كېسەللىكلىرىدە بىمارنى ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ: يەنە ھېرىپ چارچىغاندا زاغرا نان قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلىنسا ھاردۇقنى چىقىرىدۇ. زىيادە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلايدۇ ۋە تېتىك قىلىدۇ، نورمال كىشىلەر، دىيابېت بىمارلىرى زاغرا ناننى ھەركۈنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۇ سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:31:45

قېتىققا مۇشۇ ناننى چىلاپ يەيدىغان بولسا، بەكمۇ ھوزۇر .
بىراق ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر بۇ زاغرىنى كۆتۈرەلمەمدۇ قانداق ؟ زەردىسىنى قاينىتىدىكەن .

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:48:14

زاغرا ناندىن قۇتۇلىمىز دەپ دەھشەت تېرىشىپتىكەن ئاتمىش ،يەتمىشىنچى يىللاردا ھازىر زاغر نان پايدىلىق دەپ تەشۋىق قىلىپ تىرىشىپ كىتىۋاتىدا خەقلەر ..:o

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:08:06

ماۋۇ كوچىدىكى تەييار زاغرا ناننى ياۋاتىمىزغۇ بىرە بىر ، ئەمما شۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار ، نان يېقىشنى ئۆگۇنۇپ دىگەندەك

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:09:59

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 10:08 static/image/common/back.gif
ماۋۇ كوچىدىكى تەييار زاغرا ناننى ياۋاتىمىزغۇ بىرە بىر  ...

ما گىپىڭىزنى خوتۇنىڭىز ئاڭلاپ قالسا بىر ئومور تونۇر بىشىدىن چۇشەلمەيسىزدە توخوتۇر ئەپەندىم..:curse:

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:23:44

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 10:09 static/image/common/back.gif
ما گىپىڭىزنى خوتۇنىڭىز ئاڭلاپ قالسا بىر ئومور تونۇر ب ...

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالسا قېين ئاپام شاگىرتلىققا ئېلىشتىن يانمايدۇ ، بۇ پەقەت موشۇنداقلا بىر ئارزۇ ، ئامما باغۇ ھەممە ئادەم بازاردىن نان ئەپ يەيدىغان بولۇپ كەتتى ، خۇدايىم ناۋايلارغا ئىنساپ بەرسۇن ، بەزى بۇلۇڭ پۇشقاق گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز ، نانغا پارشۇك سوپۇن سالسا ئوبدان كۆپىدىكەن دەپ ،
ئۆتكەندە مەن يانچۇقتىن پۇل چىقىرىپ مۇشۇ قومۇلدىكى بارلىق ناۋايلارغا نىلۇن چوتكا سوغا قىلساممىكىن دەپ ئويلاپ ئويلىغان پېتى قالدى دەڭە ،  ئاۋۇ ناننىڭ يۇزىنى سىپايدىغان ئوقەت چوتكىسى سەل ئىشەنىچىلىك ئەمەستەك تۇرامدۇ نىمە ،

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:30:14

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 10:23 static/image/common/back.gif
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالسا قېين ئاپام شاگىرتلىققا ئېلىشتى ...

ھە،چۇشەندىم  نان يىقىشنى ئۇگۇنىۋىلىشى ياخشى ئىش ،مەنمۇ بىشىمغا كەلگەندە بىرەر تەخسە سەي قورالايمەن ،تۇخۇم بىلەن جۇسەي بولسا ،چۇتكىنىڭ تۇكىنى  تىخنىكىلىق تەكشۇرتۇپ بىقىشى كىرەك ،ئىشەكنىڭ تۇكىمۇ ؟ئاتنىڭ ئەچكىنىڭمۇ ياكى باجىنىڭ تۇكىمۇ دىگەندەك بولمىسا پىتنە -پاسات گەپ بولوپ قالمىسۇن دەيمىنا؟:funk:

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:37:14

ئەكىلىڭە قولىڭىزنى نەق مەندەكلا ئويلاپسىز ، بىر چاغلاردا ئايلىم ھامىلدار بوپ قالغاندا تاماق قىلىشقا  مەجبو بولۇپ قالدىمدە ، شۇنىڭ بىلەن توختا دەپ  توڭلاتقۇدىن بىر ئىككى تال ئۇستىخاننى ئالدىم قازانغا سالدىم ، يۇپقا چوۋاتنى ئوشۇتۇپ قازانغا سالدىم ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇخۇمدىن تۆتنى چاقتىم .موشۇ تۇخۇم دىگەن ئوقەت بولىدىغان نەرىسكەن جۇما ، يا يۇمايسىزكەن  چېقىپ سالسىڭىزلا بولىدىكەن بىرمە ، ئشىقىلىپ چاتاق يېرى ھازىر ماۋۇ تۇخۇملارمۇ  جالىشىپ كىتىپ بارمامدۇ خاپپامنى قاينىتىپ .

ئۆزەم بىرتۆت بەش توخو باققان كۇندە بىر تال تۇخۇم بىرىۋاتقان بۇ توخولار نۆۋەت بىلەن ، موشۇ قىش كىلىپ قېلىپ تۇغمايلا ئارلاشتى ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتماي دەپ سويۇپ ياۋالدىم ،

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:54:02

قورساق قىسمىم بەك سەمىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنىڭغا قارىتا ھەر كۈنى بىرۋاخ زاغرا يىدىم،گاھى شورپا بىلەن، گاھى قېتىق بىلەن،گاھى قورىما بىلەن دىگەندەك،ئىزچىل 6 ئاي داۋاملاشتۇرغان ئىدىم.ھازىر قورسىقىم كىچىكلەپ زىلۋا ھالەتكە قايتتىم،بىراق رىماتىزىم ئولىشىۋالدى.سۆڭىكى ئاجىزلار قوناق تائاملىرىدىن نېرى تۇرۇڭلار! مۇشۇ نۇقۇتقا بەك ئامراق ئىدىم،قايسى كۈنى مىللى تىبابەتتىكى دوختۇردىن سورىسام نۇقۇتنىڭمۇ سۆڭەكنى چىرىتىشتەك ناچار تەسىرى بار ئىكەن.شۇڭا قوناق ئۇنى ۋە نۇقۇت ئىستىمال قىلىۋاتقانلار بۇ تەرىپىنىمۇ ئويلىشىپراق ئىستىمال قىلىڭلار!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:57:21

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 10:54 static/image/common/back.gif
قورساق قىسمىم بەك سەمىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنىڭغا قارىت ...

قېتىقتا كالتىسىي مول، شۇڭا زاغرا ناننى قېتىققا چىلايمىز ئەمەسما، :lol .
كالتىسىي كەملىكتىن سۆڭەك شالاڭشىپ كەتسە، كالتىسىي تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:49:09

بەك ماختاپ كەتكۈدەك نەرسە ئەمەس.چوڭلار بەك ئۆچ بۇ نەرسىگە. ھىلىقى ئاچارچىلىق ۋاقلىرى ئىسىگە كېلىپ قالسا كېرەك

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 13:33:12

مۇشۇ زاغرىنى يەپ كۆنگەن چوڭلار ئالامەت ئارزۇلاپ ئىستىمال قىلدىكەن ،لىكىن مەن قەتتى يىيەلمىدىم ،دادام ئانام ئىنتايىن ئامراق .
ئالتۇنىڭ قەدرىنى زەرگە بۇلىدۇ دىگەن شۇدە.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 14:38:36

زاغرا نان دۇككىنىنى تەۋىسىيە قىلمامسىلە باللا

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:40:44

زاغرا نان يىگۈسى بارلار ، تاۋباۋدىن ئېلىپ يىسەڭلار بولىدىكەن، زاغرا ئىزدەپ سىرىتقا چىقىشڭلارنىڭ ھاجىتى يوق .
مانا ئادرىسى : http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.ARmWSK&id=43449928612&ns=1&abbucket=11#detail

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 18:33:06

غەزەپ زاغرىكەن ماۋۇ.  بى ئەپپاقاي:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:27:30

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 18:33 static/image/common/back.gif
غەزەپ زاغرىكەن ماۋۇ.  بى ئەپپاقاي

خوتۇن ئاساڭلا يېقىپ بېرىدا ۋا ئاداش:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:23:26

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 12:37 static/image/common/back.gif
ئەكىلىڭە قولىڭىزنى نەق مەندەكلا ئويلاپسىز ، بىر چاغلا ...

تۇخۇمنىڭ ماڭقىسى بار، ئىلىۋىتىپراق يەسىز، بولمىسا چۈجىگە ھامىلدار بوپ قىلىش ئىھتىماللىقى بارمىكىن دەپ گۇمان قىلماي تۇرالمايمەن.{:92:}{:92:}

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:31:10

ھەر قانداق يىمەكلىكنىڭ ئەكس تەسىرى بار، پالانى نەرسە بەك پايدىلىق، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى دەپ يەۋەرسە بىر كۈنى تىپىدۇ،

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:14:02

بىرسىڭلا قۇناق ناننى ئۇنداق ياخشى -بۇنداق ياخشى دىسەڭلا  بىرسىڭلا بۇ قۇناقنىڭ ئۇنداق ئەكىس تەسىرى بار  -مۇنداق ئەكىس تەسىرى بار  ، يەنە  نۇقۇتنىڭ  سوڭەكنى چىرىتىتىپ  قويىدىغان  يامان تەسىرى بار دەپ  ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قويدىڭىزلاغۇ:lol:lol:lol:lol:lol

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:22:28

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 20:23 static/image/common/back.gif
تۇخۇمنىڭ ماڭقىسى بار، ئىلىۋىتىپراق يەسىز، بولمىسا چۈ ...

توۋا....،  تۇخۇممۇ  زۇكام  بولۇپ  قالامدىكەن؟;P
بەت: [1] 2
: زاغرا نان ۋە سالامەتلىك