[تەرجىمە فىلىم] سەرسانە كېنشىن I
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 23:36سەرسانە كېنشىن I
تاماشا شەرتى: ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈ قاچىلانغان بولۇش
ياپونچە نامى:- るろうに剣心
ئۇيغۇرچە نامى:- سەرسانە كېنشىن
دەۋلىتى:- ياپونىيە
مەزكۇر بۆلۈمى:- 1-بۆلۈم
بۆلۈم نامى:- ئاتەش دېلوسى
تۈرى:- 2 د كارتون
ژانېرى:- ماھارەتلىك، ئەنئەنەۋىي
تىلى:- پارسچە
خېتى:- ئۇيغۇرچە
ئەسلىي ئاپتورى:- ۋاتسۇكى نوبۇخىرو
قويۇلغان ۋاقتى:- 2011- يىلى
فورماتى:- م ك ۋ
سۈزۈكلۈك ئۆلچىمى:- 720 پ
ھەجىمى:- 600 م ب غا يېقىن
ئۇزۇنلۇغى:- 44 مىنۇت 34 سىكۇنت
مەزكۇر فىلىم - شۇ ناملىق كارتون فىلىمنىڭ تەكرار ئىشلەنگەن ئىككى بۆلۈملۈك ئىخچام نۇسخىسى بولۇپ، فىلىمدە مېيجى دەۋرىدىكى باتتوساي لەقەبلىك ئەپسانەۋىي شەمشەرۋازنىڭ سەرسانلىق داستانى تەسۋىرلەنگەن. فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قېنى مەرھەمەت.
سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر فىلىم پەقەت تىلغا نىسبەتەن ئىشتىياق يۈزىسىدىن، سىناق ئۈچۈن كۆرۈشكىلا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى فىلىمنى ئىشلىگەن ئورۇنغا مەنسۇب. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇن تەرىپىدىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلسە، ۋە ياكى ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن نامۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، تامامەن شۇ كىشى ياكى شۇ ئورۇن ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ. چۈشۈرگەن بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىڭ.
كەسمە سۈرەتلەر:
شۈنلېيدىكى ھەمبەھر ئادرېسى:
http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwJmJwCWNMpUf74 ياپۇنىيەنىڭ 2Dكاتۇنىغا قەتتى كۆنەلمىدىم . 十万个冷笑话دەپ كۆپ قىسىملىق كارتۇنغا ئۇچراپ قېلىپ ئازراق كۆرۈپ قالدىم،مەزمۇنى ئەبەيچە، 网络词语 دەپ قويىدىغان قىزىقارلىق گەپلىرى بەك جىق، بەزى قىسىملىرى ھەقىقەتەن بەك قىززىق، يولداشلارنىڭ كارتۇن سەۋىيىسى خېلى ئۆسۈپ قاپتۇ…بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي قېنى… 海贼王 مۇشۇنى بەك كۆرىدىكەنغۇ ياپوننىڭ كارتونلىرىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ جۇما سەرگەردان كېنشىن دىگىنى ياپۇننىڭ 90-يىللاردا چىققان داڭلىق مانگاسى. شۇ 9-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم 84 قىسىملىق كارتۇن فىلىمىمۇ ئىشلەنگەن. ماۋۇسى قىسقارتىپ، يىغىنچاقلاپ كىنو ھالىتىگە ئېلىپ كەلگىنى ئوخشايدۇ. بىر نەچچە چوڭ ھىكايىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىققىنى مۇشۇ موميا ئاداش بىلەن ئېلىشىدىغان ھىكايىسىتى، كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ياخشى فىلىم. ياپۇنىيەنىڭ مۇشۇنداق سىزما كارتونلىرى خىلى بوپ قويىدۇ.مەن ھىلىقى شۇمتەك رازۋىتچىكنىڭ كىنوسىنى خىلى كۆرۇپ قويىمەن
3 قىسىملىق كىنوسىمۇ چىقتى. نوچى ئىشلەپتۇ. چۈشۈرەي دىسەم ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ ؟ قانداق چۈشىرەمىز ئەمدى :(
بەت:
[1]