خىزمەت ئىزدەش شېئىرى
خىزمەت ئىزدەش شېئىرىيۈكسەك
پۈتتۈردۈم مەن مەكتەپنى،
كۈندە خىزمەت ئىزدەيمەن.
نەدىن تاپاي خىزمەتنى،
كۈندە خىزمەت ئىزدەيمەن.
دەرسلەردە ئەلا دەپ،
يۈز نومۇرلار تولا دەپ،
مەن بىر ئېسىل بالا دەپ،
كۈندە خىزمەت ئىزدەيمەن.
يەسلىدە گەپ ئاڭلايتتىم،
چۈشتە بالدۇر ئۇخلايتتىم،
ئەخلەت نەرسە ئالمايتتىم،
ئەمدى خىزمەت ئىزدەيمەن.
باشلانغۇچتا ياخشىتىم،
دەرسلەردىن قالمىدىم،
ھەممىسىنىڭ ئالدىتىم،
ياخشى خىزمەت ئىزدەيمەن.
تولۇقسىزنى دېمەي قوي،
خەق ئوينىسۇن، مەن ئوقۇي،
باشتا خىزمەت، ئاندىن توي،
شۇڭا خىزمەت ئىزدەيمەن.
تولۇق ئورتا ئالامەت،
ئوقۇغانتىم كارامەت،
دېپلوملىرىم سالامەت،
بىرەر خىزمەت ئىزدەيمەن.
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ،
تالاي پۇلنى يۈتتۈرۈپ،
كەلگەندىمەن ئۈلگۈرۈپ،
مەنمۇ خىزمەت ئىزدەيمەن.
ئاتا-ئانام كۈتكەندەك،
باشقىلاردىن كۆرگەندەك،
مائاش ئېلىپ يۈرگەندەك،
شۇنداق خىزمەت ئىزدەيمەن.
تەغدىرنامەم جىق ئىدى،
تام-تورۇستا لىق ئىدى،
ھېچكىم مەندەك يىغمىدى،
ئېسىل خىزمەت ئىزدەيمەن.
ھەر يەرلەرگە قاترىدىم،
چېپىپ يۈرۈپ چارچىدىم،
تۈزۈك جاۋاپ ئالمىدىم،
مۇقىم خىزمەت ئىزدەيمەن.
ئارقا ئىشىك ئاقمىدى،
باشلىققا پۇل ياقمىدى،
ماڭا كۈلۈپ باقمىدى،
يەنە خىزمەت ئىزدەيمەن.
ئۆتتى كۈنلەر بەك تەستە،
خىزمىتىم يوق ھەسرەتتە،
تونۇش-بىلىش غەيۋەتتە،
چوقۇم خىزمەت ئىزدەيمەن.
خىزمەت ئۈچۈن باش ئەگكەن،
ئويۇنلاردىن ۋاز كەچكەن،
خىزمەت قېنى مەن كۈتكەن،
ھامان خىزمەت ئىزدەيمەن.
تاپالمىدىم پەقەتلا،
ئىزدىسەممۇ قەۋەتلا،
بولسا ئازراق مەدەتلا،
يەنە خىزمەت ئىزدەيمەن.
مۇقىم مائاش كۆزلەيمەن،
ھەرگىز ئۈمىد ئۈزمەيمەن،
توختىماسمەن تاپقۇچە،
كۈندە خىزمەت ئىزدەيمەن... «ئىستىقبال سەھنىسى»، «职来职往» لارغا قاتنىشىپ باقامسىز يا؟ salambay يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:03 static/image/common/back.gif
«ئىستىقبال سەھنىسى»، «职来职往» لارغا قاتنىشىپ باقامسىز ي ...
ھاھاھا، بۇنى ئۆزەم ئۈچۈن يازمىدىمدە ياخشى شىئىركەن ، ئوبدان يىزپسىز . دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ دۆلەتكە يىلىنىپ ، ياشىغۇچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ياشىغان ياخشى . بىر چاغلار بىز ئۇيغۇرلار دۆلەتكە، پارتىيەگە تاينىۋالمايمىز ، ئۆز كۈچىمىز بىلەن ياشايمىز دىگەندەك سۆزلەر بولۇنغا بىر تىمىدا .. مەن كەسپى ئىشتات ئىنتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپتىمەن ، پات ئارىدا ئىشقا چۈشىمەن .
تىرىشىڭ ، ئىقتىدارىڭىز بولسىلا خىزمەت تاپالايسىز ilter يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:11 static/image/common/back.gif
مەن كەسپى ئىشتات ئىنتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپتىمەن ، پا ...
قانداق ئىمتىھان ئۇ:o yuksek110 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:40 static/image/common/back.gif
قانداق ئىمتىھان ئۇ
喀什地区事业单位考试 ilter يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 15:49 static/image/common/back.gif
喀什地区事业单位考试
ھىم ئوقۇش پۇتتۇردىغانلار يىلدىن - يىلغا كۆپۇيۋاتىدۇ ......... ھەي مەن نىمىشمۇ قىلارمەن :( مەنمۇ مەمۇرى خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، ئەمما لىكىن يۈرەكتە دەرت تولا، ئىشلىمەي دىسەم ئاتا-ئانا قىرىنداشلىرىم ئۇنمايدۇ. ھەي....................بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر دەپ ئۈمىدۋارمەن:)
بەت:
[1]