walley يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:16:43

ۋاللەي شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   walley تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 17:31  

شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=u0145u5iyjj&auto=0

شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2014-يىل 4-ئايدا قۇرۇلغان شۇنداقلا دىيارىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقىنى بازارغا سېلىپ، دىيارىمىزدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقى يوق بولۇشتەك بوشلۇققا خاتىمە بەرگەن، قىسقىغىنە 9 ئاي جەريانىدا، مەھسۇلات سۈپىتى، ماركا ئوبرازىنى چىڭ تۇتۇپ تەشۋىقات ۋە بازار ئېچىشقا تەڭ كۈچەپ، ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم قازانغان، ۋاللەي شىركىتى تۇنجى قېتىمدا ئۈچ يۈرۈش ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقىنى بازارغا سالغان بولۇپ ھازىرغىچە بازارغا سالغان مەھسۇلات تۈرى 10 نەچچىگە يەتكەن، دىيارىمىزدا ھەر بىر شەھەر ھەر بىر ناھىيدە بىر دىن ۋاكالەتچى تۇرغۇزۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ ھازىرغىچە 60 قا يىقىن ناھىيە شەھەردە ۋاكالەتچى توختاتقان ، 30 دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلغان.
2015-يىلى كىرىشى بىلەن ۋاللەي شىركىتى  ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاساسقىلىپ،تەشۋىقات بازار ئېچىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ ، مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتش، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،مۇلازىمەتنى قىلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەرەققىيات سىتىراتىگىيسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنجى پەسىلدە 5 مىلىيۇن يۈەن مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىش مەبلىغى ئاجراتتى، شۇنداقلا تەشۋىقات ۋە ماركا ئوبرازىغا  داۋاملىق مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتتى.
مەھسۇلات تۈرى ۋە سۈپىتىگە قارىتا ئاددىيلىقتىن مۈكەممەللىككە ، ئاددىي ئەقلى ئىقتىدارلىقتىن، يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىققا قاراپ  ئىلگىرلەشكە، تەييار ئوبرازدىن پايدىلىنىشتىن دىيارىمىزغا ۋە مىللي ئەن ئەنىمىزگە خاس بولغان ئوبرازلارنى يارتىشقا،مەھسۇلاتلاردا مىللىي خاسلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە قاراپ تەرەققى قىلىشنى نىىشان قىلدى.
بازار ئېچىش ۋە شىركەت تەرەققىياتىغا قارىتا دىيارىمىزبازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايۇنلارغا تەرەققىي قىلىش نىشانى بويۇنچە شۇ رايۇن مەدىنىيتى ۋە بازار ئەھۋالىنى سىتاستىكىلاش ۋە بازار تەكشۈرۈش پائالىيتى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
ۋاللەي مەھسۇلاتلىرى ھازىرغىچە شۇ تۈر ئىچىدىكى ئەڭ سۈپەتلىك ئەڭ بىخەتەر بولغان بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن بىرگە مەھسۇلات مەزمۇنىنىڭ سۈپىتىگە ۋە ساغلاملىقىغا، قانۇنلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ئىستىمالچىلارنىڭ شۇنداقلا خەلقنىڭ قوللىشا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئەلنىڭ قوللىشىا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى <بالىلىرىمىز ئانا تىلدىن ھوزۇرلانسۇن>،<بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن> دىگەن شۇئارنى بايراق قىلىپ ،بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلدىكى ۋە ئكز مەدىنىيتىدىكى مەھسۇلاتلاردىن ھوزۇرلىنىشى شۇنداقلا ئويۇن بىلەن ئۈگىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن سەرخىل مەھسۇلاتلارنى ھەر بالىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىزچىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش بىلەن ئىلگىرلىمەكتە.

مەھسۇلاتلار :



بىلىمخۇمار- ۋاللەي شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنغان ‹ بىلىمخۇمار › ئەمىن كىتابچىلىقى بىلەم ھەمكارلىشىپ ھەر بىرىگە ‹ ئىبرەتلىك چۆچەكلەر › دىن ئون دانە كىتاب قوشۇلغان ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلات بولۇپ، ‹ ئىبرەتلىك چۆچەكلەر › شەرىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. توپلامغا 90 دانە ئىبرەتلىك چۆچەك يۇقېرى باسما تېخنىكىسىدا رەڭلىك سۈرەتلىك قىلىپ بېسىلغان. يېزىق، ئاۋاز، رەسىم بىر گەۋدە قىلىنغان.
‹ بىلىمخۇمار › قونچىقىنىڭ شەكلى كۆركەم، يېقىشلىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولۇپ، كىتاب مەزمۇنىدىكى چۆچەكلەر يۇقىرى سۈپەتتە ئاۋازغا ئېلىنغان، مەھسۇلاتنىڭ يەنە ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى بولۇپ، بالىلار چۆچەك ئاڭلاش، ئۆزى چۆچەك ئوقۇش ۋە ئۆزى ئوقۇغان چۆچەكلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ساقلاش مەشغۇلاتىنى قىلالايدۇ. مەھسۇلاتقا يەنە سەرخىل بالىلار ناخشىلىرى ۋە ‹ يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن › قاچىلانغان بولۇپ بالىلارغا خاس بولغان بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيدۇ. ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى قاچىلاپ بېرەلەيدۇ. تىزگىنەك سەپلەنگەن بولۇپ تىزگىنەك ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
رادېئو ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاتا - ئانىلارمۇ  مەھسۇلاتتىن پايدىلىنىپ رايونىمىڭزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رادېئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ تۈردىكى ئەڭ ياخشى ياڭراتقۇ سەپلەنگەن، ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
بىلىمخۇمار بالىڭىزنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمرايى بولغۇسى.



دانا توشقان –چۆچەك، ھېكايە، بالىلار ناخشىسى، لەتىپە، قوشاق، يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان ئالاھىدە چىدامچان ماتېرىياللار ئىشلىتىگەن بولۇپ، توك قاچىلاپ ئىشلىتىلىدۇ، 4 گىگا بايىتلىق سىغىم كارتىسى سەپلەنگەن بولۇپ ماتېرىيال چۈشۈرۈپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. تىزگىنەك ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدۇ. قۇلىقى يۇمشاق راھەت لايىھەلەنگەن، زىيانسىز ماتېرىيال، يېقىملىق ئوبراز بالىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات.



توشقانچاق- ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، بالىلار ناخشىلىرى، ماقال - تەمسىللەر ، يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈنلەر قاچىلانغان. توك قاچىلاپ ئىشلىتىلىدۇ. 2 گىگا بايىتلىق سىغىم كارتىسى سەپلەنگەن بولۇپ ماتېرىيال چۈشۈرۈپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بېشىنى ، قولىنى بۇرىغىلى بولىدۇ ، ئوبرازى يېقىملىق بالىلار ئەڭ ياقتۇرغان <ۋاللەي توشقانچىقى> دەپ نام ئالغان.



ئېلىببە-ئۇيغۇرتىلى ئېلىببەسىنى ئەڭ تىز ئەڭ ئىخچام ئۈگىتىدۇ.<قىزىقارلىق ئېلىببە> ناملىق كىتاب قوشۇلغان، ھەرب تونۇش، سۆزلەرنى تونۇش، سانلانى تونۇش، سىناق ئىقتىدارى قوشۇلغان ، ناخشا، ھېكايە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلكەن ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش بىرلەشتۈرۈلگەن ساۋاد چىقىرىش قۇرالى.



موللاقچى ماشىنا-تىزگىنەك ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان موللاقچى ماشىنا، ۋاللەي ناخشىسى قاچىلانغان، 360گىرادۇس موللاق ئاتالايدۇ. چىداملىق، ئاسان بۇزۇلمايدۇ، بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقى ۋاللەي موللاقچى ماشىنىسى.



ۋاللەي تېلېفۇن–بالىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسىمىنى ئاتاش، سانلارنى تونۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاتىلىشىنى ئاپتۇماتىك ئىزدەش، سانلارنى قوشۇش-ئېلىش ھېساب ئىقتىدارى سەپلەنگەن،  مۇزىكا سېزىمى ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئويۇن بىلەن ئۈگىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن .

بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن

شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
ئادىرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئازاتلىق جەنۇبى يولى ئاققۇۋۇق( نەنمىن) ياخوڭ بىناسى 24-قەۋەت 2403-ئىشخانا(BRTبىكەت كەينى تەرپىدە)
تېلېفۇن: 0991-2809116

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:41:01

بولسا توردىمۇ سىتىش نۇقتىسى تەسسىس قىلساڭلار.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:59:47

ۋاللەي شىركىتى ئالدى بىلەن ئىسىمنى تاللاشتىلا غەلبىنىڭ يېرىمىنى باشلىغان دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ بىر يېرىم ياشقا كىرگەن جىيەنىم باشقىنى دېيەلمىسىمۇ بېشىدا ۋاللەي دەيتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتلارنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشى. بالىلارغا ساغلام.
توكى ئۇزۇن تۇرىدۇ
يېتەرسىزلىكلەر ئىچىدىن مەخسۇس سېتىش دۇكىنى چۈشتە دەم ئالىدۇ. ئىشقلىپ مەن بېرىپ تېلىفون قىلساممۇ سىرتتىن كىرىدۇ ئىشىك تاقاق.
ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ بەك مىللىي ئەنئەنىگە يېقىن قىلسا دېگەن ئۈمىدتە مەن.
مەن بىر ساداقەتمەن قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ۋەللەينىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق تىلەيتمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 21:01:23

باھاسىنى  ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 21:27:37

ۋاللەي قىزىم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋە مەن ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان قونچاق. بولۇپمۇ چەتئەلدە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن ھەر بىر ئۆيدە بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
ئاپلا بۇ ئېلان سۆزىگە ئوخشاپ قالدىغۇ؟ ئەسلى چىن يۈرىكىمدىن چىققان سۆزلەر ئىدى.... ئېلانىڭلارغا چىقىپ بېرەيمۇ يا؟ :lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:11:34

بالىلارنى ئانا تىلدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ۋاللەي ئۇيۇنچۇقلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرىشى خۇشاللىنارلىق ئىش.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:12:43

ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تور نامىنى ماۋۇ ئويۇنچۇقلارغا قوللىنىۋالغىنىنى ماۋۇلارنىڭ {:136:}

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:13:47

مەن بىزنىڭ ناھيىدىن بۇ ئويۇننى بىر ئاي ساقلىدىم، ھازىرغىچە مال كەلمىدى دەيدۇ، بىۋاستە سىتىش ياكى توردىن سىتىش ئۇسۇلى بولسا تەمىنلىسىڭىز بوپتكەن.
باشقۇرغۇچى ئەپەندىم، ئارقا ئىشىك قىلمىساممۇ بولا ئىنكاسىمنى تەستىقلاشقا؟!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:58:02

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 21:27 static/image/common/back.gif
ۋاللەي قىزىم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋە مەن ئۇنىڭ ئەڭ ...

بالام ۋاللاي ئوينىغاندىن بىر باشقىچە ئەقىللىق بولوپ كەتتى مەندەك،بالام ۋاللاي ئوينىغاندىن بىر ئايالىمنىڭ تامىقى باشقىچە تەملىك بولوپ ئائىلىمىز بىر خىل ئىللىقلىققا چۇمۇپ مىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىمغا ئازادا مۇھىت يارىتىلىپ ئىشلىرىم باشقىچە يۇرۇشۇپ كەتتى ،ۋاللاي مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قارشى ئىلىشقا ئىرىشىتى ،مىنىڭ ۋە بالامنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ۋاللاي مەھسولاتلىرى ،،ۋاللاي ئۇيۇنچۇقلىرى ياخشى!!!!!!!!!:lol

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:51:44

{:112:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:59:20

ئۇيۇنچۇق خېلى بولىدىكەن، بالام بىلسە بىلمىسە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئوينايدۇ.

Ataman2009 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:23:35

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 21:27 static/image/common/back.gif
ۋاللەي قىزىم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋە مەن ئۇنىڭ ئەڭ ...

بىلگەجاننىڭ پىكىرىگە يۈزدە يۈز قوشۇلىمەن،چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئويۇنچاق،ئەلۋەتتە ئادەتتىكى بىر ئويۇنچاق ئەمەس،ئانا تىل چىقىرىشتا بەك ياخشى ياردەمچى،مىنىڭ ئايالىممۇ بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق 7 كۈننىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگۈنىۋالدى:D

Ataman2009 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:25:58

بولسا ئىنتىرنىت رەسمى تور دۇككىنى ئىشلەپ چىقارساڭلار،چەتئەلدىكى نۇرغۇن  قېرىنداشلار سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:01:18

شۇنداق بىر چوڭ شىركەتنىڭ ،تېلېفونىنى ئالغىلى ئادەم چىقمىغىنى قىززىقتە

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:07:20

بۇ پەرزەنىتلىرمىز ئۈچۈن بىر ئوقۇش قۇرالى ئىكەن

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:49:25

تېلۋىزورغا بەرگەن ئېلانىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن  ،بەك جانلىق

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 19:24:34

قىزىم كەرىمەنى بىر كۆرسەم بىر ھاياجاللىنىمەن دىسە :lol رەھمەت ۋالەي !

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:20:30

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:04:59

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 21:27 static/image/common/back.gif
ۋاللەي قىزىم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋە مەن ئۇنىڭ ئەڭ ...

ئېلانغا ئۆچ بۇلاپ كەتتۇق  سىز بولسىڭىزمۇ چىقمىڭە ئېلان دىگەن نىمىگە . سىز ئېلانغا چىقسىڭىز ساختا مەھسۇلات بولسىمۇ  سىزنىڭ يۈزىڭىزنى دەپ  سىتىۋالىدىغان گەپ
بەت: [1]
: ۋاللەي شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى