ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:09:49

قىزىقارلىق ئاستورنومىيە


بۇ بىز يەر يۈزىدە، داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئاي شارى.


ناۋادا مارس ئاي شارىنىڭ ئورنىدا بولغاندا، بىزگە يۇقۇرقىدەك كۆرۈنىدۇ. ئايدىن تەخمىنەن ئىككى ھەسسە چوڭ. بۇ قىزىل سەييارىنىڭ ئىلگىرى پەقەت تېلسكوپ بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزىمىز بىلەنلا كۆرەلەيمىز. مارىسىكى ئەڭ چوڭ تاغ ئولىمپىك تېغىنى ئىنىق كۆرگىلى بولىدۇ.


ناۋادا ۋېنىرا ئاي شارىنىڭ ئورنىدا بولسا، بىزگە يۇقۇرقىدەك كۆرىنىدۇ. ئايدىن 6 ھەسسە يورۇق بولغاچقا، كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك يورۇق بولۇپ كېتىدۇ.


ناۋادا نىپتون ئاي شارىنىڭ ئورنىدا بولسا، بىزگە يۇقۇرقىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ چىرايلىق كۆك سەييارە ئايدىن 14 ھەسسە چوڭ، لىكىن كۈندۈزى قوياشنى توسۋېلىپ، كۈن تۇتۇلۇش يۈز بەرسە، بىر يېرىم سائەت داۋام قىلىدۇ.


ناۋادا ساتورن ئاي شارىنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسا، بىزگە يۇقۇرقىدەك كۆرۈنىدۇ. ساتورن ئايدىن 35 ھەسسە چوڭ، ساتورننىڭ نۇر ھالقىسى ئۇپۇقنى بىر ئالغان ھالەتتە بولۇپ، ساتورننىڭ ئۆزىلا بىز كۆرىۋاتقان پۈتۈن ئاسماننىڭ 20 دىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.


ناۋادا ئۇران سەييارسى ئاي شارىنىڭ ئورنىدا بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز يۇقۇرقىدەك ھالەت.


يوپىتىر قوياش سېستىمىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارە، ناۋادا ئاي شارىنىڭ ئورنىدا يوپىتىر بولۇپ قالسا بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز يۇقۇرقىدەك كۆرۈنۈش.


ناۋادا ئاي شارىنىڭ ئورنىدا قوياش بولۇپ قالسا............ يەرشارىدا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. يۇقۇرقىدەك كۆرۈنۈشنىمۇ كۆرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس. قىيامەت قايىم بولغاندا، بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن.

يۇقۇردىكى مەزمۇنلار بەيدۇ مۇنبىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.


ئەگەردە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى ئاي شارىغا ئورۇنلاشتۇرساق، يۇقۇرقىدەك رەسىمگە ئېرىشىمىز.


ئاي شارى بىلەن يەرشارى ئوتتۇرىسىدكىى ئارلىق 380 مىڭ كېلومىتىر، بۇ ئارلىق قوياش سېتستىمىسىغا نىسپەتەن يېقىن ئارلىق ھېساپلىنىدۇ، لىكىن مۇشۇ ئارلىققا قوياش سېستىمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەر سىغىپ كېتىدۇ.


يۇقۇرقى رەسىمدىكىسى مارس ئۆلىمپىك تېغى، ئىگىزلىكى  27مىڭ مېتىر بولۇپ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققىلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىدەك كۆرۈنىدۇ.


مارستىكى بىر  يانار تاغ، ئۇنىڭ كۆلىمى پۈتكۈل فىرانسىيە يەر كۆلىمى بىلەن تەڭ.


قوياش سېستىمىسىدىكى بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ئەگەر بۇ قويرۇقلۇق يۇلتۇزنى ئامېرىكا لوس-ئانجىلىس شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قويساق، بىزگە كۆرۇنىدىغىنى يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنۈش.


يۇقۇرقى رەسىمدىكىسى بولسا، سامان يولى سېستىمىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ رادىئو ئۇچۇرى يېتىپ بارغان ئورۇن كۆلىمى. رەسىمگە دىققەت بىلەن قاراڭلار، كاتەكچە ئىچىدىكى كۆك رەڭلىك چېكىت بولسا، بىزنىڭ رادىئو ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ يېتىپ بارغان ئورۇن كۆلىمى.
ئەسلىدىكى ئىزاھاتتا، قىزىقارلىق قىلىپ، بىزنىڭ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى بايقىيالمىغانلىقىمىز ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن دىيىپلىپتۇ.

يۇقۇردىكى بۇ مەزمۇنلار توردىن قىزىقارلىق رەسىملەرنى ئىزلەپ يۈرۈپ ئۇچىراپ قالدى. رەسىملەردىكى ئىزاھاتلارغا قارىغاندا، ئەسلىدە چەتئەلدە يوللانغان تېما بولۇشى كېرەك، جۇڭگۇغا خەنچە ئۆزلەشتۈرۈپ ئەكىرىپتۇ. شۇڭا مەنبەسى تازا ئىنىق ئەمەس.

ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا سالۇنلارغا يوللىماقچى بولساڭلار، ئىزدىنىش مۇنبىرى دەپ ئەسكەرتكەندىن كىيىن، رەتلەپ، ئىملالارنى توغۇرۇلاپ ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:43:46

يۇپېتىرنىڭ ئاي ئورنىغا قويۇلغىنىنى ئەڭ ياخشى كۆردۈم. نىمىدىگەن غەيرى

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:01:05

راستنلا ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدىكەن ، ئاللاھ خالىسا تىلىسكوپتىن ئىككى ئۈچنى ئىلىپ ھىيىتگاھ مەيدانغا قويۇپ ، باشقىلاردىن پۇل ئالساممۇ باشقىلار ئالەم بوشلىقى ساياھىتىگە ۋە قىزقىشا باشلايمەن ،

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:31:40

خاتالاشمىسام ياز كۇنلىرى ئەتىگەندە ۋىنرانى  كۆرگىلى بولىدۇ.ياز كۇنى ئەتىگەندە قوپۇپ قارىساڭلار ئاي پاتىدىغان جايدا ئايدىن يوغان بىر ‹‹ئاي››نى كۆرەلەيسىلە ،بۇ ئاي ئەمەلىيەتتە ۋىنرا.

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:57:09

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:59:58

ئاينىڭ ئورنىغا كەلگەن  قۇياش ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق تۇيغۇ بىرىدىكەن.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:07:30

ئادەمنى ھەرخىل ئويلارغا سالىدىكەن…

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:26:35

ئاينىڭ ئورنىدا ۋېنىرا بولسا چىرايلىق بولىدىكەن ھەم يورۇق.....مەن شۇنى ياقتۇردۇم.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:31:26

kanje يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 18:31 static/image/common/back.gif
خاتالاشمىسام ياز كۇنلىرى ئەتىگەندە ۋىنرانى  كۆرگىلى ب ...

ماۋۇسى رەسمى قورقۇنۇچلۇق يېڭى ئۇچۇر ئىكەن. مەن شۇ ۋاقىتقىچە ئاڭلاپ ھەيران قىلىپ ئىشەنمىگەن گەپ بولدى بۇ :funk:

ھە راس، مارىسنى ئاددىي كۆز بىلەن يەر شارىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولامدۇ؟ شام ۋاقتىدا غەرب تەرەپتە كۆرىنىدىغان يورۇقراق بىر يۇلتۇز بار . ئىلگىرى چوڭلار چولپان يۇلتۇز دەپ قوياتتى. كىيىن بەزىلەر ئاشۇ چولپان يۇلتۇز مارىسنىڭ ئۆزى شۇ دېيىشتى. مۇشۇ راستمىدۇ؟

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:37:26

ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز

atarut يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:15:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atarut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 20:16  

http://www.geonames.de/planets.html

بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم بۇ بەت ئىچىلىپ قالدى. بەلكىم پايدىلىنالايدىغانلار باردۇر.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:28:05

atarut يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:15 static/image/common/back.gif
http://www.geonames.de/planets.html

بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئى ...

بۇ ئاددرىستىكى پىلانىتلاردىن ئۇلارغا قىتىلغان ئۇيغۇرچە قىسمى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. uigنى باسساق، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار يەرگە كىلىدىكەن. {:258:}

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:41:01

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:28 static/image/common/back.gif
بۇ ئاددرىستىكى پىلانىتلاردىن ئۇلارغا قىتىلغان ئۇيغۇ ...

شۇنداق، قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبېكچە، قاراقالپاقچە، ئالتايچە..... ئىشقىلىپ دۇنيادىكى يېزىقى بارلىكى مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ باركەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 21:00:06

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 19:31 static/image/common/back.gif
ماۋۇسى رەسمى قورقۇنۇچلۇق يېڭى ئۇچۇر ئىكەن. مەن شۇ ۋاق ...

مېنىڭ بىلىشىمچە سېلى دەۋاتقان چولپان يۇلتۇزى مارس ئەمەس ۋېنىرا، بىرزات ھەكىم.
ئەتىگەندە چولپان، كەچتە زوھرە دەپ ئاتىلىدۇ. بىر بۇرادىرىمىز يۇلتۇزلارنىڭ دۇنيا تىللىرىدىكى ئىسىملىرى توغرۇلۇق بىر ئادرىس قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن، شۇ ئادرىسقا كىرىپ ئەرەپچە ئاتىلىشىغا قاراپ باقتىم، ۋېنىرانى زۆھرە يۇلتۇزى دەپ ئاتايدىكەن ئەرەپچىدە.

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:30:11


ما چىقامدىكەن

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:37:47

ساتورۇننىڭلا نۇر ھالقىسى بارما، بەك گۈزەل بەك سىرلىقكەن

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:33:00

yusran يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 17:43 static/image/common/back.gif
يۇپېتىرنىڭ ئاي ئورنىغا قويۇلغىنىنى ئەڭ ياخشى كۆردۈم. ن ...

راسلا غەيرى، لېكىن بەك چوڭكەن.

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:15:20

مەن يەنىلا ئەسلى ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى ياقتۇردۇم،دەماللىققا غەيرىيدەك بىلىنگەن بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ئېگىز -پەس قىلىۋەتمەمدۇ بۇنداق غەيرى ئۆزگىرىشلەر.
اللا بىلىپ ئەڭ مۇۋاپىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپتىكەن بىزگە

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 12:30:54

ھۈكەر يۇلتۇز  قايسى سەييارە

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 14:44:29

ئاي شارى بىلەن يەرشارى ئوتتۇرىسىدكىى ئارلىق 380 مىڭ كېلومىتىر، بۇ ئارلىق قوياش سېتستىمىسىغا نىسپەتەن يېقىن ئارلىق ھېساپلىنىدۇ، لىكىن مۇشۇ ئارلىققا قوياش سېستىمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەر سىغىپ كېتىدۇ

مۇشۇ گەپكە تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.
بەت: [1] 2
: قىزىقارلىق ئاستورنومىيە