umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:09:57

مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇق(ئۇمۇن)

مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز

(ئۇمۇن)


بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش تىل ۋە كۈلتۈر ئىچىدە ئۇزۇن زامان بىرلىكتە ياشىشى مىللەتكەخاس ئورتاق پىسخىكا ۋە قىممەت ئۆلچەم شەكىللەندۈرىدۇ.
مىللەتتىكى بۇ ئورتاقلىقلارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي يۆنىلىشى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە سىياسىي رىئاللىق بىلەن جەمىيەتنىڭ ئۈستىقۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى مىللەتتە يۇقاردا ئىيتىپ ئۆتكەن يىڭى ئورتاقلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولماقتا.
ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرنى تالاشقان ئىدولوگىيەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىشى ۋە ئۆز ئارا توقۇنىشى تەسىرىدە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىۋىي قاغجىراشنى بىشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
دىننى كىملىكنى ياكى مىللىي كىملىكنى بىرلىك قىلىپ ئىدولوگىيە تۈزدۇق ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى ئىدولوگىيە ئالماشتۇرۇش بىلەن نەتىجىلىدۇق.
بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە نىشانغا يىتىش ئۇسۇلىمىز بۈگۈنكى رىئاللىققا ئۇيغۇنلاشمىغانلىقى ئۈچۈن سىستىمىمىزنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز بوش قالدى.

ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى سىياسىي رىئاللىقىدىكى ئۆمۈتسىزلىكىگە پۈتمەس-تۈگمەس ھاياجانغا ئۆزىنى باغلاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۋاتىدۇ.ئۆمۈدنىڭ ئىنتايىن موھىم نەرسە ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەت.بىراق ئىنسانلار ئۆمۈدىنى سالماقلىق بىلەن كونتورۇل قىلمىغىنىدا قۇرۇق ھىسياتنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىشى مومكىن.
بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىلاسسىكتەبىرىمىزدىكى « ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللىنىشىمىز كىرەك» دىگەن قاراشنى قوللايمەن.بىراق ئىلىم-پەن دىگەن ئاتالغۇغا بولغان قارىشىم بىر ئاز پەرىقلىق.
زامانىۋىي ماشىنا كارخانىللىرى،چوڭ فابرىكىلار،كومپىيوتۇر ئىنژىنىرى،ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفون دىگەندەك ئۇقۇملارنى كاللىسىغا ئىلىم-پەن دەپ يەرلەشتۇرۋىلىش بىر مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن قارىشىدىكى پاجەئە.
تىخنىكا ۋە كەسىپ ئىگىلەش بىلەن بىلىم ئىگىلەشنىڭ پەرقى بار.تىخىكا ۋە كەسىپ ئىگىلەش بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئوتتۇرسىدا پەقەت قاتتىق دىتال مۇناسىۋىتى بولىشى مومكىن.
ھەقىقى بىلىم ئىگىلىگەن كىشىدەرىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان،ھىسسى سىزىملارغا ئەمەس ئەقلى دەلىللەرگە تايىنىدىغان ئۈستۈنلۈك شەكىللىنىدۇ.بۇ خىل كىشىلەر ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋە ئەمەلىي نۇقتىدىن باھا بىرىدۇ ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى روھانىي ۋە خىيالىي ھاياتتا ئەمەس رىئال ھاياتتا تاپىدۇ.
مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق يۇمشاق كۈچى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىدۇر .ئۇيغۇر مىللىتىدىكى مائارىپ كىرزىسى بىلەن ئۇيغۇر كۈلتۈرىدىكى تەپەككۈرنى چەكلىگۈچى ئامىللار خەلقىمىزدىكى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىنىڭ سەۋەبى بولىشى مومكىن.
ساختىلاشقان دىن،يۈزەكى مىللەتچىلىك ۋە سىياسىي ئوتۇپىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى نادانلىقنى تىخىمۇ ئۇلغايتىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالماقتا.
زىيادە مىللەتچىلىك ۋە ساختا دىننى چۈشەنچىلەر كىشىلەرنى تىخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
زامانىۋىي ئىلىم پەننىڭ تەرەپسىزلىك،ھەقىقەتنى ئىزدەش نىشانى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زىيادە مىللەتچىلىك ۋە ساختا دىننى چۈشەنچىلەر تەرىپىدىن يەكسان بولىۋاتىدۇ.پىكىر ئەركىنلىكى دەپ چاقىرىق توۋلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈنپىكىر ئەركىنلىكىگە ماسسەۋىيەسى بولىشى كىرەك.دىمۇكراتىك دۆلەتتە ياشاش ئۈچۈن دىمۇكراتىك ئاڭغا ئىگە بولمىساق بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك.
ئۇيغۇر مىللىتىدەك ئەقلى يورۇقلۇقنىھىسسى بايانلارغا قۇربان قىلىۋىتىدىغان ھىسياتچان مىللەتلەرگە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ھەرخىل سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ بىرىشىمىزنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق.مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ئەڭ موھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان مىللەتتە تارتىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كىتىشى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پايدىسىز.
بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۈچۈن ئەڭ كىرەكلىك نەرسىللىرى بولىدۇ.يەنە بەزى نەرسىلەر ئۈچۈنتارتىشىشىمىز ئوشۇقچە.
ئىنسان توپلىشىپ ياشاشنى ئىجدىمائىيلاشتۇرغان بىردىن بىر جانلىق بولۇش سۈپىتىبىلەن كوللىكتىپلىشىشنى يۈكسەك دەرىجىدە سىستىمىلاشتۇرغان بولىدۇ.مىللەت شۇ چوڭ سىستىما ئىچىدىكى كىچىك سىستىمىنىڭ بىرى.تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرىدۇكى كىچىك ۋە ئاجىز سىستىمىلار ھەمىشە ئوخشاش تۈردىكى چوڭ سىستىمىلارنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچى تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنىپ كىتىدۇ.
يەككە شەخىسنىڭ مىللەتتىنئىبارەت سىستىمىنى قانچىلىك قوغدىيالىشى سىستىمىنىڭ قانچىلىك كۈچىيىشىنى بەلگىلەيدۇ.
ھەر بىرىمىز ئۇيغۇر دىگەن سىستىمىنىڭئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز سىستىمىمىزنى قوغدىشىمىز كىرەك.

،نىمە ئۈچۈن قوغدىشىمىز كىرەك؟؟؟

سىستىمىنىڭ قۇرىلىشى شەخىسنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر.توپلىشىپ ياشاشنىڭ ئۆزى شەخىسنىڭ قوغدىلىنىشى ئۈچۈن بولغانغا ئوخشاش دۆلەتتىن ئىبارەت چوڭ سىستىمىنىڭ قۇرىلىشىمۇ ئەزا پۇقرانىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى دىيىلگەن بۇ سىستىمىنىڭمەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ سەۋەبى سىستىما ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قوغداشتۇر.بىر ئامرىكان ئامرىكا دۆلىتى دىگەن سىستىمىنىڭ ئەزاسى ۋە بۇ سىستىمىنىڭ قۇرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا ئامرىكا تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ،مەنپەئىتى كاپالەت ئاستىدا بولىدۇ.
سىستىمىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۆز مەنپەئىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىز ئۆز مەنپەئىتىمىزنى،ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللىي سىستىمىنىڭكۈچىنى ئاشۇرىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كىرەك.بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىللەتتىن ئىبارەت بىزنى قوغدايدىغان بۇ سىستىمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن يۇمشاق كۈچكە تايىنىشىمىز لازىمدۇر.

مىللەتتە مىللەتكە خاس ئاق كۆڭۈللۈك،مىھماندۇسلۇققا ئوخشاش پەزىلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلىش مىللەتتە ئىللەت بولىدۇ دىگەن قاراشنىمۇ ئىتراپ قىلىشتۇر.مىللەتكە خاس ئىللەت بولمىسا مىللەتكە خاس پەزىلەتمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر مىللەتكە خاس پەزىلەتلا بولىدۇ ئىللەت بولمايدۇ دىسەك لوگىكىلىق خاتالىققا دۇچ كىلىپ قالىمىز.
مىللەتتە ئىللەت بار دىگەندەك ھۆكۈملۈككە تايىنايلى دىسەك كۆرۇپ تۇردۇقكىن شەخىس بىلەن مىللەتنى ئالماشتۇرۇپ ئوينايدىغان سۈيئىستىمال ئىللەتچىلەر تەرىپىدىن مىللەت بۆھتان ئاستىدا قالدى.
شەخسنىڭ كىملىكىنى،شەخىسنىڭ ئاقىۋىتى ۋە خارەكتىرىنى مىللەتكە ئومۇملاشتۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەقىلسىزلىق ئۇيغۇرغا بىرمۇنچە بۆھتانلارنى چاپلاپ بولدى.

ئىشكىردە ئۇيغۇر يانچۇقچىلىق قىلسا پۈتكۈل مىللەت ئوغرى،بىر ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئۆلۈپ كەتسە پۈتكۈل ئۇيغۇر جاۋاپكار بولىدىغان تەتۈرچىلىكنىڭ ئۇيغۇردا ئىللەت بار دىگەن قاراشتىن تۇغۇلغانلىقىغا شۈبھە يوقتۇر.
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرى،بىلىم-سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە كىشىنىڭ قىممەت قارىشىنى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى مەنبە قىلىدۇ.
مىللەتتە ئىللەت بار دىيىشىمىز   ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتكە ئومۇملاشقان ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوبىكتىپ دەلىلبولىشى كىرەك.
مىللەت ئەزالىرىدىكى ئىللەتنىڭ ئومۇمىيلىشىشىدا چوقۇم ئوبىكتىپ بىر سەۋەپ بولىدۇ.مەسىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مائارىپ كىرزىسى،تەربىيلەشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە سىياسىي رىئاللىق ئۇيغۇرلاردا نادانلىقتىن ئىبارەت ئىللەتكە سەۋەپكاردۇر.
بىلىمنىڭ ئىلمىيلىكىگە ئەمەس سىياسىيلىقىغا،تەتقىقاتچىنىڭ ئەقلىگە ئەمەس ئوبرازىغا،نەتىجىنىڭ ساپلىقىغا ئەمەسئىجدىمائىي ئىنكاسىغا بەكەرەك دىققىتىمىزنى بەرگەنلىكىمىز جەمىيەت تۈزۈلمىمىز،مىللىي قۇرۇلمىمىز ۋە سىياسىي سىستىمىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئەمەس ھىسياتقا بىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇر مىللى مەدىنيىتى ئاستىدىكى بەزى دىنىي ۋە مىللىيلىك يالىتىلغانچۈشەنچىلەر سىپى ئۆزىدىن رادىكال بىر سىستىما ھاسىل قىلغان.بۇ رادىكاللىق، سىياسىي رىئاللىق ۋە كىشىللىرىمىزدىكى ھىسياتچانلىقنى مەنبە قىلىدۇ.
بۇ رادىكال سىستىما بىزنى دىندىن باشقىغا يىقىن يوللىمايدىغان،ئۇيغۇردىن باشقىنى ئىنسان ھىساپلىمايدىغانكالۋالىققا باشلايدۇ.دۇنيا بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن كۆپ چوڭ.بىز ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت كىچىك سىستىمىلار ئىچىدە تەپەككۈرىمىزنى ئۈزلۈكسىز بوغقانلىقىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتنى كۆرەلمەيمىز ۋە نىشانىمىزغا يىتەلمەيمىز.
بىزنىڭ نىشانىمىز ئىدولوگىيە ئەمەس بەلكى كىلەچەكتىكى رىئاللىق.ئىدولوگىيە پەقەت رىئاللىققا يىتىشتىكى ۋاستە.رىئاللىقىمىزغا پايدىلىقلا بولسا ھەرقانداق ئىدولوگىيە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئالماشتۇرۇش ۋە مىللىي سىستىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كىرەك.

زىيادە ھىسياتچان مىللەتلىكىمىز ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەتتۇر.ھىسياتچانلىقىمىز ھەتتا شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى مىليونلىغان ئەقلى ئەمگەكلەرنى ئىككى ئىغىز ھىسسى بايان بىلەن يانجىپ تاشلىۋىتەلەيمىز.ھەرقانداق مەسىلىگە سالماق پوزىتسىيە تۇتالىغان مىللەت كىشىللىرى ئۆز سىستىمىسىنى كۈچەيتەلىگەن ۋە قوغدىيالىغان.بۇ ھەقىقەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈچكە ئىگە.
بىزدىكى ھىسياتچانلىق ۋە بىلىمسىزلىك بالىللىرىمىزغا مىراس سۈپىتىدە قالماسلىقى ئۈچۈن مائارىپ ۋە تەربىيلەشنى كۈچەيتىشىمىز.تەربىيلەشتىكى تەرەپسىزلىكنى ساقلىشىمىز كىرەك.
تەربىيلەش جەريانىدا بالىغا ھەرقانداق شەكىلدە دىنى ۋە مىللىي رادىكاللىقنى سىڭدۈرۈش بالىغا ۋە كىلەچەككە قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر.
مىللىي سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە مىللىي مەدەنىيەت تەسىر قىلىدۇ.مىللىي مەدەنىيەت ھىسپلانغان مىللىي بايراملار،مىللىي ئۆرۇپ-ئادەتلەر،مىللىي ناخشا-ئۇسۇل ۋە كىنو-دىرامماچىلىققاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭتاينىچىدۇر.
مەدەنىيەت ئامىلى مىللىي سىستىمىنىڭ ئەڭ جەلىپكارنۇقتىسى ۋە مىللىي سىستىمىنىڭ تۈرىكىدۇر.
بۈگۈنكى كۈنلىكتىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زامانىۋىيلاشقان،رەڭگارەڭلەشكەن ۋە ئىچىۋىتىلگەن بىر دۇنياغا بولغان تەلپۈنىشى مىللىيمەدىنيىتىمىزنىڭ قاتماللىقى،چۈرۈكلىكى ۋە سىياسىيلىقى تۈپەيلى چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى پەرزەنىتلىرىمىز ئەنئەنىۋىي رادىكال قاراشلىرىمىزدىن زىرىكىپ ئەركىن مەدەنىيەتكە ئاسمىلاتسىيە بولىۋاتىدۇ.
تار پادىچىللار ئىشتىنى كىيگەن،چىچىنى مۆرىسىگە قەدەر قويغان،قۇلىقىغا ھالقا تاقىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىكىنى كۆرگەندە قانداق قىلىسىز؟ئۇنۇڭ تاماكا ۋە ھاراق ئىچكەن تۇرقىنى كۆرگەندە مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنەمسىز؟؟
كۆپۈنچە ئۆزىنى ئۇيغۇر ساناپ مەيدىسىگە ئۇرغانلار يۇقارقى ئۇيغۇر پورتىرىتىنى كۆرگەن ھامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غىلجىڭ ياشلارغا تولۇپ،جەمىيەتنىڭ بۇزلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىدۇ.
ئەسىلى ئىشنىڭ ماھىيىتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس.سىز كۆرگەن ئۇ «غىلجىڭ» ئۇيغۇر ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان كىشى بولىشى ھەتتا ھەر خىل يوللار بىلەن مىللى سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىۋاتقان بىرى بولىشى تامامەن مومكىن.
ئۇ ھالقا تاقىغان،خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتقان «غىلجىڭ»ئەركەكنىمىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ جاكارلىسام جاكارلايمەنكى ئۆزىنى ئەركەك سانىغانئىتىكاپتىكى 100خىيالپەرەس موللىدىن ئۆمۈد كۈتمەيمەن.
مىللىتىمز خىيالپەرەس دىندار ياكى رادىكال مىللەتچى ياشلارغا ئەمەس سالماق ۋە رىئال پوزىتسىيەگە ئىگە ئەۋلادلارغا ئىھتىياچلىق.
يۇقارقىدەك مىللەتتىكى ئەنئەنىۋى رادىكال ھۆكۈملۈكلەر ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىدىن سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
تۈركلەردىن ئىزا تارتىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان،ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن ئۆكۈنىدىغان،ئۇيغۇرچە تار چۈشەنچىلەردىن سەسكەنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدىغان ياشلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم.
ئۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاش،ئۇيغۇرچە كىنو كۆرۇش،ئۇيغۇرچە خەت يىزىش،ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلىشتىن سەسكىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئادىتى بار كىشىلەرنى قالاق دەپ قارايدۇ.بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىللىي ھىسياتىمىزنىڭ تىشىپ بۇ خىلدىكى ياشلارنى تىللاشقا باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ.
مەسىلە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇردىن سەسكەنگەنلىك سەۋەنلىكى ئەمەس.بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇردىن سەسكىنىدۇ؟!دىن ئىبارەت.بۇ خىل ياشلار ئادەتتە چەتئەل مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئىگە.ئۇلار ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەنسىلىشتۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىي سىستىمىسىنىڭ قالاق ۋە زامانىۋىيلىقتىن يىراقلىقىنى ھىس قىلىدۇ.مەدەنىيەتتىن زىرىكىش ۋە مودا ئىقىمىغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن قارشى ئىنكاس بۇ خىل ياشلارنىڭ شەخسى قىززىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى بوغقانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشلار تەبىيلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت سىستىمىدىن سەسكىنىدۇ ۋە ئۇنۇڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

ياشلارنىڭ شەخسى ئىنتىلىشى ۋە قىززىقىشىغا بولغان مىللىي چەكلىمىللىرىمىز بالىللىرىمىزنى مىللەتتىن سەسكەندۈرشكە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مومكىن.شۇنۇڭ ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بىرىش ئاقىلانە تاللاشتۇر.
بالىڭىزنىڭ ھوجۇرسىغا كىرىشىڭىز ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىنىئىلىشىڭىزنىڭ ئۆزى بالىڭىزغا مۇستەقىللىق روھى ۋەئائىلىگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مۇھەببەت دەرىسى بەرگەنلىكىڭىزدۇر. ئائىلىگە كۆيۈنۈش مىللەتكە كۆيۈنۈشكە سەۋەپ بولىدۇ.
كىچىك چىغىدا ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى پۇختىلاش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىنى توسىغىلى بولىدۇ.مىللەتتىكى پەرزەنت تەربىيسىنىڭ موھىملىقى كىلەچىكىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
مىللەتتىكى نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈچ چىقىرشىمىزنى، رىئال پوزىتسىيە بىلەن ئوڭشىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
دىننى ۋە مىللى روھانىي جەمىيەتتە خىيالىمىزنى ئوتۇن قىلىپ تەسەۋۋۇرغا بىرىلگەن تەغدىردىمۇ رىئاللىقنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغىنى بولمايدۇ.مەۋھۇم قىلىپنىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ موھىم مەسىلىلىرىمىزنى سۆز ئوينىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش دەۋىرنىڭ تەقەززاسىغا مۇخالىپتۇر.
ياشلارنى مەدەنىيىتىمىزگە قىززىقتۇرۇش،ئۇلارنى ئۇيغۇر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كاللىمىزدىكى مىللىي ۋە دىننى قىممەت ئۆلچەملىرىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.
ئەڭ موھىم مەسىلىلەرنى مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ ئۈستىدە تەھلىل قىلىشنى ئۈگىنىشىمىز،قۇرۇق خىيالىي ۋە روھانى تۇيغۇلىرىمىزغا رىئال ئەمگەكلەرنى تىگىشۋەتمەسلىكىمىز كىرەك.
مىللەتكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنىچ ۋە ئۆمۈد بىلەن بىقىش كىرەك.مىللىي سىستىمىمىزنى قوغدىساق ۋە ھەر ساھەدە مىللىي تەرەققىياتىمىزنى زامانىۋىيلىق بىلەن يۇغۇرساق مىللىي مەۋجۇتلۇقتىنئەنسىرشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
كوچىلاردىكى قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارغا،چىچىنى بويىتىۋالغان ياشلار ۋە لىدى گاگانىڭ چوقۇنغۇچىللىرىغا قاراپ مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنىش ۋەمىللەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئالجىغانلىقتۇر.مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلەنسەك يۇقارقىدەك زامانىۋىي ياشلارنى كۆرگەندە ئەمەس بەلكى مىللەتتىن شىكايەت قىلىدىغان پالەش تەپەككۈر ئىگىللىرىنى كۆرگەندە ئۆمۈدسىزلەنسەك بولىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرىمىز دەۋرىدىكى ھەممە بىرخىل بولىدىغان،پەرىقلىق قىززىقىشتىكى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان ئاددى قۇرۇلمىدىكى جەمىيەت ئەمەس.
بۈگۈنكى دۇنيا رەڭدارلىقى،پەرىقلىق خارەكتىر ۋە قىزىقىشتىكى كىشىلەرنىڭ موللىقى بىلەن گۈزەلدۇر.
بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادا كىشىلەر جەمىيەت ئىشلەپ چىقارغان «مەن»بولۇپ ئەمەس ئەكسىچە تەبىئىي «مەن»بولۇپ ياشايدۇ.كىشىلەرنىڭ تەبىيلىكى،قىززىقىشى ۋە خارەكتىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.كىشىلەردىكى پەرىقلىق زوق ئىلىش ئىستەكلىرى مىللەت ۋە خەلىققە بولغان تۆھپە يارىتىش ئىشتىياقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كىشىلەرنىڭ شەخسى ھاياتى ۋە شەخسى ئىستەكلىرىگە قاراپ مىللەت ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغان تىرىشچانلىقلىرىغا باھا بىرەلمەيمىز.بىر ھەمجىنىس،بىر پائىشە،بىر ئارتىسىت ۋە ياكى بىر جىنىس ئۆزگەرتكۈچى ۋە ياكى بىر ھاراقكەش مىللەتكە قوشقان تۆھپىللىرى بىلەن ئۇلۇغ سانىلىشى تامامەن مومكىن.
بۈگۈنكى رىئال جەمىيەتكە ئىدولوگىيىرىمىزنى ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز ۋە مىللىي سىستىمىمىزنى كۈچەيتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن سىستىمىلاردىن كۈچلۈك زامانىۋىي ۋە ئىلغار ئىدولوگىيەگە ئىگە بولىشىمىز كىرەك.
بۈگۈنكىدەك تىز سۈرەتتە مەدەنىيەتلەر،مىللەتلەر ۋە دىنلار يۇغۇرلۇنۇپ كىتىپ بارغان يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە زىيادە كونسىرۋاتىپلىق مىللىي ئىدولوگىيىرىمىزنىڭ چۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
مىللى سىستىمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى،مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭكۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقى،دىنى ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى تەڭشىشىمىز ھىسياتچان ھالىتىمىزنى ئەقلىي ھۆكۈمگە مائىل ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز كىرەك.
بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدەك ئادىل ئەمەس.ئادىللىق ئەگەر بار بولغان بولسا ئىدى تىرىشچانلىق ۋە ئەقلى تەپەككۈرنىڭ ئەھمىيىتى قالمايىتتى.بۈگۈنكى رىئال ھاياتتا ئاچچىق رىئاللىقنى تونىغان،تىرىشچانلىق ۋە ئەقلى تەپەككۈر بىلەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەر ۋە مىللەتلەر دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرىپ تۇرىدۇ.بۇ ھەقىقەتنىڭ ھىچقانداق ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقى يوق.
نەزەر ۋە دىققىتىمىز ئۆزەگەرتىشكە مومكىن بولمايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس،ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە بولىشى زۆرۈر.
ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپتىكى ئالدىمىزدە ئىككى خىل ئاچچىق رىئاللىق سوزۇلۇپ يىتىپتۇ.بىرى يوقۇلۇش بىرى ئۆزىنى يىڭىلاش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش.

ھەممىڭلارغا سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:51:43

ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپتىكى ئالدىمىزدە ئىككى خىل ئاچچىق رىئاللىق سوزۇلۇپ يىتىپتۇ.بىرى يوقۇلۇش بىرى ئۆزىنى يىڭىلاش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش.
ئەڭ ئاخىرىدىكى مۇشۇ جۈملىنىلا ئالايلى: ئالدىمىزدىكى رېئاللىق دەپ بولمايدۇ. رېئاللىق ئاۋۇ «ئالدىمىزدىكى» دەپ سۆزلەۋاتقان سۇبيىكتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رېئاللىق نىنچى قويۇپ بۆلگىلى بولىدىغان سان ئەمەس. رېئاللىق بىر پۈتۈن گەۋدە. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى جايلار ئالدىغا، بەزى نۇقتىلار كەينىگە، يەنە بەزى ھالقىلار يانچىلاپ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. رېئاللقتا ئۈزۈپلا يوق بولۇپ كېتىدىغان ئىشمۇ بولمايدۇ (قىيامەت قايىم بولمىسىلا). چۈنكى ئۇ بىرلا ئادەمنىڭ ياكى بىر چاشقاننىڭ، ۋە ياكى بىر تال چىۋېننىڭ خۇسۇسىي رېئاللىقى ئەمەس.
ئومۇنمۇ ئەمدى كېسەل كۆرگىدەك بولغان چېغىۋا.{:87:}

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:52:15

يىرىمىنى ئوقۇپ ئوقوغۇم كەلمىدى.نىمانچە تىتىقسىز،نىمانچە بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان جۈملىلەر كۆپ بۇ تېمىدا...قىلغۇدەك تۈزۈك پاراڭمۇ چىقمىدى.
قايسى مەھەللە كامىتىتى شۇجىسىنىڭ نۇتۇقى بۇ...كۈندە دەنشىدە ئاڭلايدىغان ھىكايىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ.بۈگۈن مۇنبەرگمۇ قەدەم بىسىپتۇدە

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 00:06:05

مەن قوللايمەن،توغرا گەپلەرگىمۇ قۇلاق سالمايلىمۇ ئەمدى ؟
شەخسنى ياقتۇرماسلىق قارا قويۇق ئىنكار قىلىشقا سۆرەپ ئاپارسا توغرا بولمايدۇ

orkax1974 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 00:59:02

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
ئۇمۇن قېرىندىشىم،سىزدىكى دۇنيا قاراش مەندىكى بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدىكەن،مىنىڭ سەمىمى مەسلىھەتىم سىز دىنىمىزنى ئازىراق چۈشىنىشكە يەنى سەمىمىلىك بىلەن چۈشىنىشكە بىر ئۇرۇنۇپ باققان بولسىڭىز،بۇ پەقەت ئۆتۈنۈش.(بەلكىم مەندىن بەكرەك بىلىدىغانسىز)
سىز دىگەندەك بىز ئۇنداق ياشلاردىن نەپرەتلەنمەيمىز ،ھەم چەتكە قاقمايمىز،پەقەتلا مۇسۇلماننىڭ قانداق بولىشى كىرەكلىگىنىلا بىلدۈرۈپ قۇيىمىز،قالغان تاللىشى ئۆزىنىڭ ئىشى،ئەمما ئۇنداقلاردىن بەك ئۆمۈت كۈتۈپمۇ كەتمەيمىز،سىز دىگەندەك ‹‹خىيالپەرەس موللا››لاردىن چوڭ كۆرۈپمۇ كەتمەيمىز،مىللەتنىڭ قۇتقازغۇچىسى سىز دىگەن بۇ كىشىلەردىن چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ،رىئاللىقتىكى مىللەت ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچۈن ھاياتىنى قانداق كىشىلەرنىڭ بېغىشلاۋاتقانلىقىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.بەس بولدى يىتەر،بىزنىڭ سىياسى ئۆگۈنۈشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 03:03:17

ئۇيغۇر ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان غىتمەك بولسىمۇ، ئەلۋەتتە خىيالپەرەس موللامدىن ئەۋزەل. چۈنكى ھامان مىدىرلاۋاتقان قۇرۇت بولسىمۇ، جىم ياتقان يولۋاستىن بەكرەك مەنپەئەتلىك.

ئەكسىنچە سىز موللاملارنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ كىتىشىنى خالاپ كەتمەيسىزغۇ دەيمەن، سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى قالاق ۋە مۇستەبىت ئىدىيەلەرگە تويۇنغان ئىدىلوگىيەنى تارقىتىۋاتقان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان بىر موللام ئەلۋەتتە سىزگە ئوخشاش اللەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىيگە نىسبەتەن سۆيۈملۈك ئىنسان ھىسابلانمايدۇ، ھەتتا ئۇ موللام ئانىڭىزنىڭ سۈيىنى توشۇپ، بۇغدىيىنى ئورۇپ بەرگەن بولسىمۇ.
شۇڭا قىچىشمىغان يەرنى قاشلاپ يۈرمەي، ئەسلىدىن ئۆچمەنلىك ۋە مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەرىڭىز بار بولغان موللاملارنى چىشلەپ تارتىپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلغۇچە، يەنە شۇ مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەرىڭىز بىلەن ئۇلارنى پىسەنتىڭىزگىمۇ ئالماي، تىلغىمۇ ئالماي سۆزلەۋەرسىڭىزمۇ، سىز ياش پەيلاسىوپقا يازىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان نەرسە جىق. پىكىر ئەركىنلىكى ئۆزىڭىزنىڭ، ئەمما باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان سۆزلەرنى يىزىپ يۈرسىڭىز، گەرچە سىزچە ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك كىشىلەردىن بولمىسىمۇ، سىز چوڭ بىلگەن ئىلمىيلىك ۋە ساپالىقنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 03:41:46

ئاھالە كومتېتىدىكىلەر بۇ تەرمىلەرنىڭ ھەر بىر جۈملىسىنى (ناۋادا جۈملە دېيىشكە توغرا كەلسە) ئايرىپ ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ تاملىرىغا شوئار قىلىسا بولغۇدەك...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:43:51

1.ئۇيغۇرنىڭ 80% دېھقان، بىزنىڭ يىلتىزىمىز دېھقاندا(يېزىدا).
2. نوپۇسنىڭ 10% كە يەتمىگەن زىيالىلار بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقىدىكەن، ۋاي مىللتىم، ۋاي تەقدىرىم، ۋاي مەۋجۇتلىقىم دەپ.
3. مىڭ يىللىق دىنى ئەقىدىنىڭ چۆكمىسى موللىلاردا ( بۇ گەپ ئىجابى گەپ جۇما :lol) ، ئۇلارنېگىزلىك روھىمىزنىڭ ھۇلى، شۇ ئەقىدە ئۈستىگە ئاندىن مىللى -پىللىيلەر قوپۇرىلىدۇ .
4. گەپنى ئاددى، چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىشنى چەكلىۋەتمىگەندىكىن، ئاددى زاغرىنانچە يازساڭلار، بىزدەك دېھقانكاللا ئادەملەر چۈشىنەلمەي قالىدىكەنمىز،:lol

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:47:04

p1dakar يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 03:41 static/image/common/back.gif
ئاھالە كومتېتىدىكىلەر بۇ تەرمىلەرنىڭ ھەر بىر جۈملىسىن ...

ئاھالىلەر كومېتىدىكىلەرنى ئۇنچىۋالا بىكارچى ۋە ئاقنانچى كۆرەپ كەتمەڭ تورداش ( ئۇنداق دىسەم ما تېمىدىكى بىر دۆۋە قۇرۇق گەپنىڭ ئىگىسىگەتېگىپ كەتمەس :lol )، مېنىڭ دىگىنىم قەلب گېپىم : ئۇلار بەزى يۈكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن باشقا بولۇپمۇ تەۋەلىگىدىكى ئىگى - چاقىسىز ، يىتىم- يېسىر ۋە مەجرۇھلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدىكەن ، مەن بۇ مەسىلىنى تۇرپاندىكى مەلۇم بىر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن تونۇشۇپ ھىس قىلغىنىم ، ئىگىمىز ئۇلارنىڭمۇ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەس .

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 09:59:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-30 10:12

سالام ئەزىزلەر.مەنمۇ ئۇمۇن قېرىندىشىمگە ،ۋە ئازراق نورمال ئەقلى ئىدراكقا ئىگە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرقېرىندىشىمغا ئوخشاش خەلقىمىز نىڭ تەقدىرى ھازىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كەلگۈچىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتىدە ئىزدىنىشتىكى مۇنازىرىلەرگە قاتناشماي كەلگەن ئىدىم .ئەمما بۇگۈن ئازراق گەپ قىستۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .سەۋەبى ئۇمۇن قېرىندىشىمنىڭ بۇ يازمىسى- خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ،پاجىئەلىرىمىزنىڭ سەۋەبىھەققىىدەمۇھىم ،نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە بۇلىۋېتىپتۇ .
بۇ يازمىغا قارىتا دىنى ۋەكىل بۇلۇپ TEWBE ،orkax1974 قېرىندىشىمىز، دېھقانغا قارىتا pis-pas قېرىندىشىمىز ئىنكاس يېزىپتۇ .يەنەزىيالى ۋە زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى رولى ھەققىدەتوختىلىشلار ،مۇنازىرىلەر بۇلىۋېتىپتۇ .ئومۇمەن مۇشۇ كىچىككىنە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت مۇشۇ مۇنبەردىمۇيەنە بىز كونا خامان -بېشى قىرىق، قۇيرۇقىبىر بولغان يىلاننىڭ   300يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدەيەنىلا بىر تۆشۈكتىنئوڭۇشلۇقئۈتەلمەسلىك پاجىئەسىنىئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتىمىز .مانابۇ ھالىتىمىز   بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەخىىتسىزلىكىنىڭ سەۋەبى دەپقارايمەن.ھەقىقەتەنبېشى بىرقۇيرۇقى قىرىقيىلان   بىر تۈشۈكتىن ئۈتەلمەيدۇ .ئەكسىنچە بېشى بىرقۇيرۇقى كۆپ بىر يىلانتۇسالغۇسىزيۈرەلەيدۇ .ئومۇمەنبىزدىكى تەبىقىلەر ،قاتلاملار، ئوخشىمىغان قاراشتىكى ، مەخسەتتىكى كىشىلەرنىڭبىرئۇلۇق مەسلەك ئۈچۈن بىرلىشەلمەسلىكىمىز كىشىنى تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
ئومۇن قېرىندىشىم .پىكىر قىلماي ،چوڭقۇر ئويلانمايقارغۇلارچە يۈگۈرسەك ئۆزىمىزنى بىھۇدە ھالەك قىلىمىز.سىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەققىدە تېىخىمۇ ئەتراپلىق چوڭقۇر ئىزىدىنىشىڭىزگە ،نادىر نەزىريىۋى ماياك بولغۇدەكيازمىلارنى ۋۇجۇتقاچىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:37:27

ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان گەپلەر ئىكەن{:136:}

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:46:50

نېمىلا بولمىسۇن، خېلىلا باش قاتۇرۇپ يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى تۈزۈك ئوقىماي تۇرۇپلا بىر تىپىك بىلەنلا ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتمەك بولۇش، مازاققا يەم قىلىۋەتمەكچى بولۇش، ئانچە ھوزۇرلۇق ئىشلاردىن بولمىسا كېرەك. ئالدى بىلەن ماقالىنى ئومۇمىي گەۋدىسىدىن بىر ئوقىساق، ئاندىن ھەر بىر ئايرىم جۈملىلەرنى بىرمۇ- بىر تەھلىل قىلىپ چىقساق ئۆزىمىزمۇ بىر قېتىملىق يېزىقچىلىق مەشغۇلاتىنى ئورۇنلىغاندەك لەززەتكە چۆمۈلۈش بىلەن بىرگە، ماقالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە نۇقسانلىرىنى ياخشى بىلەلەيمىز. شۇنداقلا ئەمگەك ئىگىسى بولغان ئاپتورغا قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن قارىيالايمىز ياكى ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان يوشۇرۇن غەرىزىگە ئۈنۈملۈك رەددىيە بېرەلەيمىز.
‏   قېنى، ئەستايىدىلراق كېلەيلى...
‏   مەن ئەستايىدىلراق پوزېتسىيە بىلەن يېزىلغان بىر ئىنكاسنى كۆرەي دەيمەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 10:47:32

يازما ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىڭلار ، ئىدىيە ئېھتىمال خاتادۇ ۋەياكى چۈشىنىشىمىزدىكى مەسىلىدۇ ...............شۇنداقتىمۇ ئىنكاس دىگەن ساپا بىلەن يېزىلسا ئۇقۇغان ھەركىمگە ياخشى تەسىر ، مەنپەئەتلەرنى بىرىدۇ .
باشقىچە ئېيتقاندا سىز ئىنكاس يازمايۋاتىسىز شەخسى ساپايىڭىزنى جامائەتچىلىككە نامايان قىلىۋاتىسىز ...........

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:01:30

ئورۇن ئىلىۋالاي

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:04:03

يازغان ئىنكاسلىرىمنى يېيىپ شەرھىيلىسەم، نەچچە بەت چىقىپ كېتىشى مۈمكىن ، شۇڭا ئاددى قىلىپ يېزىپ قويدۇم.
تارىختىن بېرى زىيالى( ئەمىلىيەتتە شۇ ئەدىبىيات- سەنئەتچىلەر توپى:lol )دەپئاتىلىۋاتقان ( پەلسەپىكەشلەر كۆپرەك) بىر توپ كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىغە دىئاگۇنۇز قويۇپ ، روھى دوختۇر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرنىڭ 80% دېھقان ، 10 % زىيالى ، كاللىس بار ئادەم ماۋۇ ھىساپنى چۈشىنەلەيدۇ .
مۇشۇنداق باشنى قايمۇقتۇرىدىغان پەلسەپىكشلەرنى كۆرسەم ئوغام قايناپ قالىدۇ .
---------------
تېما ئىگىسى : ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ . ئۇيغۇرنى دېئاگۇنۇز قىلىشنى توختىتىپ قويماڭ .:handshake


arman312 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:21:01

ئەسلى ھەممىگە ئادىل،كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش دىگەننى تەكىتلىمەكچى بولغاندىكىن، خىيالپەرەس موللامدىن غېتمەكلەرنى ياخشى كۈرىمەن دىگەنگە ئوخشاش،ئاغزىدا مىللتىم دەپ،ئەمەلىيتىدە يوق رۇھى زەيىپ زىيالىدىن ئاز بولسىمۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى 10-20 كىشگە ياخشى ياماننى تۇنۇۋاتقان موللامنى ياخشى كۈرىمەن دىگەننى قۇشۇپ قويغان بولسا....
دۇنيا رەڭدارلىقىنى تەكىتلىگەندىكىن،مۇشۇ رەڭدارلىقىنىڭ ئىچىدە موللامنىڭمۇ مەلۇم بىر رەڭ تۈسىنى بىرەلەيدىغانلىقىنى تەڭ ئىتىراپ قىلغان بولسا؛
رەڭدارلىقنىڭ ئىچىدە يامان يولغا تەۋە قارا رەڭلەر بولغاندىلا ياخشى يولغا تەۋە باشقا رەڭلەرنىڭ ئاندىن تەڭ ئەكىس ئىتەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىرنىڭ ئىككىگە بۈلۈنۈش پىرىنپىسدا تەڭ تۇرالىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.
ئەمما تېمىسدا ئەڭ ئاۋال دىننى،ئاندىن مىللىيلىكنى{:101:} چۈشۈرۈپ،ئەركىن مەدەنىيەتنىڭ «پايدىسى»نى بەكرەك تەكىتلىۋەتكەنلىكتىن،زىيالى،خىيالى،ئىشچى دىھقان كادىرلار ھەركىم ئۆز نوقتىسدىن پىكىر قىلىپ ئادىلسىزلىق ھىس قىلىپ قالىدىكەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 11:42:38

بىر ئېغىز گەپنى چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇشبۇ مۇئەللىپنىڭ ئاكادىمىك تەنقىدىگە دۇچار بولغانلار مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ قېلىپ مۇئەللىپنىڭ تەنقىدچىلىك پىكىر يولى بۇيىچە ئىش كۆرسە(خوشياقسا) ئىشىنىمەنكى بۇ ماقالە قىزىل قەلەم بىلەن سىزىلىپ مۇئەللىپنىڭ ئۆزى ھەر قايسى تورلاردا سازايى بولىدۇ…لېكىن…
ھازىرچە ئۇمۇننىڭداڭقى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېھتىماللىق تۆۋەنرەك…
شۇڭا تىرىشىپ نام چىقىرىشىڭىز كېرەك ئۇمۇن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 12:01:01

ھىلىقى بۇرۇنقى گىزىتلەرنىڭ ئىككىنچى ئۈچىنچى بىتىدە يوغان قارا رەڭلىك ماۋزۇنىڭ ئاسىتىدا ئۇششاق خەتلىك بىر نىمىلەر بولىدىغان، 20يىل جەريانىدا ئوقۇپ باقماي ئەسكى تۈسكى يىغىدىغانغا نەچچە موچەنگە سىتىۋىتەتتۇق.شۇنداق نەرسىمىكەن دەپ ئوقۇمايلا چىقىپ كەتتىم. ئىشقىلىپ ئۇمۇن ئەپەندىمنىڭ تىمىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 12:28:09

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 12:35:15

بەت: [1] 2 3 4 5
: مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇق(ئۇمۇن)