tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:20:55

تاشقى پىرۋوت بازىرىدىكى قارا ئۆڭكۈر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 12:24  



يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايۇنىمىز شىنجاڭدا خەلقىمىز كىشىلىرىنىڭ تور بىلىم سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادى سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشى ۋە تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىنىڭ قۇلايلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا ئارقا ئارقىدىن تاشقى پىرۋوت مۇلازىمەت شىركەتلىرى ۋە پاي سودىسىغا مەبلەغ سالىدىغانلار سانى كۈنسىرى ئاشماقتا. بۇ توغۇرسىدىكى ئەھۋاللار كۆپچىلىككىمۇ ناھايتى تۇنۇش بولغاچقا بۇ توغۇرسىدا ئارتۇق توختىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك تاشقى پىرۋوت بازىرى ناھايتى ئەپلىك، سودا قىلىشقا ناھايتى قۇلايلىق بازار بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىزدە تېخى دۆلىتىمىز قانۇنى ھەقىيقى ھىمايە قىلىدىغان ياكى ئۆزى قۇرىغان ۋە ياكى دۆلىتىمىز ئىچىدە تىجارەت قىلسا بولىدۇ، دەپ قاراپ دۆلىتىمىز تەرىپىدىن تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان بىرەر قانۇنلۇق تاشقى پىرۋوت سودا شىركىتى يوق. لېكىن رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا ئارقىدىن تاشقى پىرۋوت ھىساۋاتى ئېچىپ بىرىدىغان ھەم تاشقى پىرۋوت سودىسىغا يىتەكلەش تۈسىنى ئالغان بىرقىسىم تاشقى پىرۋوت ۋاكالەتچى مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلماقتا. بۇ مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ كەينىدە ئەلۋەتتە چەتئەلدىكى ھەقىيقى تاشقى پىرۋوت سودا شىركەتلىرى بار ئىكەنلىكى ئىنىق. لېكىن، مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئامىركا ياكى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى تاشقى پىرۋوت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسى بىلەن تەمىن ئىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ نازارەتچىلىك مەركىزى تارقاتقان ئىجازەتنامە مەزمۇنىنى ئۇقۇپ باقساق بۇ شىركەتلەرگە بىرىلگەن ھۇقۇق دائىرىسى پەقەت شۇ رايۇن ئىچىدىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم شۇ رايۇندىكى كىشىلەرگىلا ھىساۋات ئېچىپ بەرسە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەخسىتىم قانداقتۇر بىرەر شىركەتكە ياكى شەخىسكە زەربە بىرىش ياكى قانداقتۇر شەخسى بىر غەرەزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەس، بەلكى شۇ مۇلازىمەت شىركىتى خۇجايىنلىرىنى ۋە شۇ مۇلازىمەت شىركەت خۇجايىنلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ بازار تەھلىل قىلىش سەۋىيىسىگە ئىشىنىپ ھىساۋات ئېچىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈپ سودا قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنى كۆز ئالدىمىزدا ئۆزى خالاپ-خالىمايلا، بىلىپ بىلمەيلا يۇلۇقماقچى بولغان مەبلىغىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت چوڭ خەۋىپتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن ئىبارەت.
نىمىشقا بۇنداق خەۋىپكە ئۇچۇرايمىز، سەۋەپ يازمىنىڭ بېشىدا دىگەندەكلا دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە تېخى قانۇن يول قويغان، دۆلىتىمىز تىجارەت كىنىشكىسى تارقاتقان بىرەر تاشقى پىرۋوت سودا شىركىتى ياكى سودا سۇپىسى يوق. بەلكىم ماڭا ئوخشاش تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدىن ھىساپ ئېچىپ سودا قىلىپ باققان، تەھلىلچىلىك، ۋاكالەتچىلىكمۇ قىلىپ باققان ھەم ھازىرمۇ قىلىۋاتقان بىرقىسىم كىشىلىرىمىز بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن بەلكىم ‹قۇرۇق گەپ›، مەن ئاللىقاچان 10-20 قېتىم مەبلەغ چىقىرىپ، كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم. مەبلەغنى چىقىرۋالالماسلىق كاشىلىسىغا يۇلۇقۇپ باقمىدىم، دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇنداق كىشىلىرىمىزدىن بىرقانچە سۇئال سۇراپ باقاي:
ئەگەر سىز ھەمكارلاشقان چەتئەلدىكى شۇ تاشقى پىرۋوت سودا شىركىتى سىز بىلەن تۈزگەن كىلىشىمگە ئەمەل قىلماي خىرىدارلىرىڭىز مەبلىغىدىن ئايرىلىپ قالسا سىز شۇ خىرىدارلىرىڭىزنىڭ ھەممە مەبلىغىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە مەسئۇل بولالامسىز؟ ئادەتتە سىزنىڭ 100 نەپەر خىرىدارىڭىز بار دىيىلسە ھەم ھەر بىر خىرىدارىڭىزنىڭ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 10000 دوللاردىن مەبلىغى بار دىيىلسە، سىزدىن ھىساپ ئاچقۇزغان بۇ 100 كىشىنىڭ سىز ئارقىلىق كىرگۈزگەن مەبلىغى 1000000 دوللار( بىر مىليۇن دوللار) بولغان بولىدۇ. بۇ مەبلەغنى دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىغاندا تەخمىنەن 6200000 يۈۋەن (6 مىليۇن 200 مىڭ يۈۋەن) خەلق پۇلىغا تەڭ بولىدۇ. سىز بۇ مەبلەغنى خىرىدارغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ۋە سىز شۇ شىركەت بىلەن تۈزگەن توختام سىزگە ھېچقانداق ياردەم بىرەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى چەتئەلدىكى ھېچقانداق بىر تاشقى پىرۋوت سودا شىركىتىگە دۆلىتىمىز تېخى دۆلىتىمىز تەۋەسىدە تىجارەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ، دەپ تارقاتقان كىنىشكىسى يوق، بىر ھىساپتا مۇشۇ تەرەپتىن قارىغاندا سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ھەممىسى قانۇنسىز تىجارەت بولىشى مۇمكىن. سىز بەلكىم بۇ ۋاقىتتا دەررۇ FSA FCAقاتارلىق نازارەتچىلىك مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ھەمكارلاشقىنى دۆلىتىمىز ئىچىدە تىجارەت قىلىشقا ئىجازەت قىلىنغان شىركەت بولمىسا ئۇلارمۇ سىزگە ياردەم قىلالماسلىقى مۇمكىن.
ئاخىردا شۇنداق ئەسكەرتىمەنكى: سىز بىرەر تاشقى پىرۋوت سودا شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشماقچى ياكى ھىساب ئاچماقچى بولسىڭىز يېقىنلىرىڭىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىشىنىپ كەتمەي، تۈۋەندىكى تور ئادىرسىغا كىرىپ FCA تىجارەت قىلىشقا يول قويغانمۇ، دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ تىجارەت قىلىسا قانۇنلۇق بولامدۇ، قانداق؟ دىگەنلەرنى ياخشى بىر ئىنىقلىۋېتىپ ئاندىن ھىساپ ئاچسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز!
http://www.fca.org.uk
قېنى دوستلار، بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقىلى، رايۇنىمىز شىنجاڭدىمۇ قانۇنلۇق سودا تىجارىتىنى يولغا قويغان تاشقى پىرۋوت سودا شىركەتلىرىدىن بىرەسىنى تاپالىساق ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر راستلا تاپالمىساق مىنىڭ پاي سودىسىغا كۆچىكىنىم كۆچكەن. چۈنكى پاي سودا شىركەتلىرىنى دۆلىتىمىز بىۋاستە باشقۇرىدىكەن، بىۋاستە نازاررەت قىلىدىكەن ئەمەسما!

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:27:58

  مۇشۇ پاي سودىسى توغرۇلۇق تەپسىلى بىر يازما يوللىسىڭىز بوپتىكەن . چچ:948839916

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:21:10

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 14:27 static/image/common/back.gif
مۇشۇ پاي سودىسى توغرۇلۇق تەپسىلى بىر يازما يوللىسىڭى ...

بولىدۇ، پەقەت ۋاقىت چىقىرالىساملا بۇ توغۇرسىدا چۇقۇم يازما يازىمەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 08:32:09

رەھمەت ، ساقلايمەن .:P

AuAg1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 00:04:20

پىرۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغانلاردىن ھاردۇقى چىققىدەك پۇل تاپالىغانلار بەلكىم بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ھىلى تاپقاننى ھىلى يوقۇتۇپ، ئاز-ئازدىن مەبلەغ سىلىپ كۆپ قىتىم پارتلاپ،كۆپ مەبلەغ سىلىپ ئاز مال ئىلىپمۇ يانا پارىتلاپ يۇرگەنلەرمۇ ئاز بوممىسا كىرەك، بۇ بازارنى چىدىماسنىڭ بۇلاڭچىلىق بازىرى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ شۇڭا پىرۋوتنى ئوينايمە دەپ كۆزنىڭ نۇرىنى ئىسراپ قىلغىچە تىچ ئارام ئىلىپ ئۇخلقغان ياخشى جۇما،پاي بازىرى پىرۋوتقا نىسبەتەن كۆپ بىخەتەر،100كويلۇق پاي 8 موغا چۈشۈپ قالسىمۇ پارتلاپ كەتمەيدۇ
بەت: [1]
: تاشقى پىرۋوت بازىرىدىكى قارا ئۆڭكۈر