Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:16:19

بەش ياشلىق قىز ئۇرۇنلىغان بەشتاش ناخشىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Musicfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 18:34  

attach://16638.mp3 توردىشىمىز ھەم يېقىن ئاغىنىمىز قۇرغان يىڭىدىن تىجارەت باشلاش ئالدىدا تۇرغان بەشتاش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
بەشتاش بالىلار بۇيۇملىرى ئەتىراپلىق پىلانلاش ، پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 4 پەسىلگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن ئىچ كىيىملىرى 8 چوڭ تۈر.11خىل پاسوندا ئۈزىمىزنىڭ ئۆرپ -ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن ، سۈپەتلىك ، زىيانسىز ، يۇرتىمىزنىڭ ساپ پاختىسى خام ئەشيا قىلىنغان.
شىركەت ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردىن ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ .

ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ئۇمىقىڭىزنىڭ بولسۇن !!!
attach://16638.mp3

مۇزىكىسى ( ئۆزلەشتۈرگۈچى ) : Musicfan
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:Musicfan
تىكىستى : Musicfan
ناخشىدا : Musicfan قىزى كەرىمە ئېزىز
گىتتاردا : Musicfan
ئاۋاز ئالغۇچى : Musicfan

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:26:29

قىزىڭىزنىڭ ئاۋازى نېمانداق ئوماق

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:37:24

مۇزىكىسى ( ئۆزلەشتۈرگۈچى ) : Musicfan
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:Musicfan
تىكىستى : Musicfan
ناخشىدا : Musicfan قىزى كەرىمە ئېزىز
گىتتاردا : Musicfan
ئاۋاز ئالغۇچى : Musicfan
گىتتار ئىگىسى:Erktekin   

:lol:lol:lol:lol

pagal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:39:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pagal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 11:41  

مەن مۇنبەرلەرگە ئالدىراپ ئىنكاس يازمايتىم، لېكىن ماۋۇ ناخشىنى ئاڭلەپ شۇندا تەسىرلەندىم. بەك ياخشى ئوقۇپتۇ،

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:56:26

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:37 static/image/common/back.gif
مۇزىكىسى ( ئۆزلەشتۈرگۈچى ) : Musicfan
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:Musicf ...

ئەركتىكىن گىتتىرى بولغاچقا ئاشتا چېلىنىپ كەتتى ئۈزى بۇ گىتتار

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:57:12

ناخشىدا يەرلىك تىل پۇرىقى ياخشى گەۋدىلىنىپتۇ، ئىسىل ناخشا، گۈزەل ناخشا{:112:}

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:04:30

مەن خوتەنلىكنىڭ شىۋىسى بەك ئېغىيتى ، قىزىمنىڭ مەندىن ئېغىي شىۋىسى :(

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:06:27

Musicfan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:56 static/image/common/back.gif
ئەركتىكىن گىتتىرى بولغاچقا ئاشتا چېلىنىپ كەتتى ئۈزى  ...

:Q :dizzy:  ما ئەدەم خاپا بوپ قاپتۇ ئەينا ...... :lol

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:10:30

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 12:06 static/image/common/back.gif
ما ئەدەم خاپا بوپ قاپتۇ ئەينا ......

چىراي ئىپادىسى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ :lol

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:14:24

رەھمەت ئاغا، ئاۋازنىڭ تاتلىقلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ.


گىتتار ئىگىسى :funk::lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:29:31

بۇ ئوماق قىز كىچىك بولغاچ ر دىيەلمەپتۇ دەپتىمەن ،
ئەسلى خوتەنلىك بولغاچقا شۇنداق چىقىپتىكەندە {:92:}

rakita يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:30:38

كاتتا{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:41:16

بەك ياخشى ئوقۇپتۇ، چۈشۈرۈش ئادرېسى بولغان بولسا تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاتتى.

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:41:55

ماڭا ئەڭ ياققان يېرى، خوتەن شىۋىسىنىڭ ئۆزگەرمەي ئورۇندىلىشى بولدى. مۇشۇنىڭدا ئۆزگىچىلىك، تەبىئىيلىك بولىدىكەن. قىزىڭىزنىڭ ئاۋازى ئوماق ئىكەن. ئادەمنىڭ توي قىلىپ بالىلىق بولغۇسىنى كەلتۈرۈپ.. :lol

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:49:26

بەشتاش شېركىتىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغىنى پەقەت بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ ياكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىمۇ ئىشلەپ چىقىرامدۇ؟

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:59:54

ئانام ئانام
ۋاي نېمدا ئوماق
نىمدەپ سىز ۋاللەيگە بەش تاشقا ئۆزىڭىز ناخشا يېزىپ يەنە قىزىڭىزنى ئېيتقۇزۇپ بېرىسىز
ئەجەبا يۇسران ئىككىڭلارنىڭ دوستلۇق مېھرى مۇنبەرداشلىق مېھرى يەتمەمدۇ يۇسران ناخشىسى يېزىپ ئېيتىپ ئاكورتلاپشتۇرۇپ چىقىرىشقا ھىڭ

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:04:10

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:37 static/image/common/back.gif
مۇزىكىسى ( ئۆزلەشتۈرگۈچى ) : Musicfan
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:Musicf ...

گىتتىرىڭىز نوچىكەن :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:16:21

ئۈرۈمچىگە كەلسەڭلار، قىزىڭىزنى چىشلىۋالسام بولامدۇ؟{:92:}

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:23:33

سالام،

بەك پەيزى چىقىپتۇ!  ئوماق قىزىڭىزنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولىشىنى، بەشتاش شېركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ چوڭ تىجارەتلەرنى قىلىشىنى تىلەيمەن.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:26:15

شىنجاڭ بەشتاش خەلقئارا سودا سىركىتى 2014 - يىلى  ‹ بەشتاش › ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى.
شىركەت ئاساسلىق بالىلار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان.
تۈنجى تۈركۈمدە ‹ بەشتاش › ماركىسىدىكى باللار كىيىم - كېچەكلىرىنى بازارغا سالدى. كىيىنكى قەدەمدە، باللار ئاياقلىرى، يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى ( كىيىم - كېچەك، بەدەن يۇيۇش، چاچ يۇيۇش ۋە ئاسراش ) تۇرمۇش بۇيۇملىرى ( ھەر خىل قەغەز، زاكا، ئىمزەك، سۈت پوتۇلكىسى، كارۋات، كارۋات ئۈستى بۇيۇملىرى،) قاتارلىق مەھسلاتلارنى بازارغا سالماقچى.

شىركىتىمىز زەنجىرسىمان سېتىش ۋە ۋاكالىتىچىلىك سېتىشنى ئاساس قىلغان، قىسقا مەزگىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيە - شەھەردە سېتىش نوقتىسى تەسىسى قىلىدۇ.
ئىشنىمىزكى ‹ بەشتاش › باللار بويۇملىرى دۇككىنىدىن ئومىقىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنى تاپالايسىز.


ئېلان ۋاقتى : شىركىتىمىز ۋاكالەتچى يوق جايلارغا داۋاملىق نامزات قوبۇل قىلىدۇ. ئالاقە : 0991 - 2633444
بەت: [1] 2 3 4 5
: بەش ياشلىق قىز ئۇرۇنلىغان بەشتاش ناخشىسى