چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا جانلاندى
جۇڭگونىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدىئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگونىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سىناق نۇقتىلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە خاڭجۇ قاتارلىق 16 شەھەردە ئېكسپورت كەسپى ئېچىلغان بولۇپ، 181 دۆلەت ۋە رايونغا مال ئېكىسپورت قىلغان، ئېكسپورت قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئىمپورت جەھەتتە، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئىمپورت كەسپى ئېچىلغان بولۇپ، ئىمپورت قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ گۇاڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەرلىكتە تەكرار قۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 2014-يىلى تاموژنا باش مەھكىمىسى مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ئېغىزى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر سىستېما ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تور سودىگەرلىرى، ئوبوروت، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ پۈتكۈل مۇساپىدىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىيەلەيدىكەن.
مەنبە : سىنا تورى دۆلىتىمىزنىڭ كومپىيوتېر قاتتىق دىتاللىرى ياپۇندىمۇ بەك كۆپ دەپ ئاڭلىدىم. جانلىق جانلىق ئۇچۇرلارنى يوللاڭلار:lol ئىزدىنىشكە تاللاپ سەرخىللىرىنى يوللاڭلار
بەت:
[1]