ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:41:56

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ سىرى


«ئارال» ئىلگىرى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل-باياۋان ئىدى. بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن بايقاش كىشىلەرنى 4000 يىل ئىلگىرىكى بۇ تۇپراققا قىزىقتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇردى.

ئۈكەك قاپقىنىڭ غىچىلداپ ئېچىلغان ئاۋازى دەرۋازىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتى، ۋاقىتمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېچىلدى. غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس لياۋ جاۋيۈ ئۈكەكنىڭ يېنىدا نەپەسمۇ ئالماي تۇرغىنىچە، تارىخ ئۇچراشتۇرغان شۇ دەقىقىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۈكەكتىكىسى ياتقىنىغىغا 4000 مىڭ يىل بولغان بىر گىگانىت ئەرنىڭ مومىيالانغان جەسىتى ئىدى. 4000 يىل ئىلگىرىكى مومىيالانغان بۇ جەسەتنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىر بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.26 مېتىر كېلىدىغان ۋاسكىتبول چولپىنى «كىچىك گىگانىت ئادەم» ياۋ مىڭدىنمۇ ئېگىز ھەم بەستلىك ئىدى. ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدا «گىگانىت ئادەملەر قەبىلىسى» نىڭ بارلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار ئىدى. ئىنتېرنېت تورىدىمۇ فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا سىرلىق «گىگانىت ئادەملەر» قەبرىستانلىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر تارالغانىدى، ئەمدى كۈنگاڭ («ئارال» نىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئىسمى) قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «گىگانت ئادەم» نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى كىشىلەرنىڭ تارىختىكى گىگانت ئادەمگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇتتى.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» دە قانداق يېشىلمىگەن سىرلار بار؟ ئۇنىڭ بويى نېمىشقا شۇنچىۋىلا ئېگىز؟ مۇخبىر فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا 4000 مىڭ يىل ئاۋالقى گىگانت ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىش ئۈچۈن، ئارال شەھىرىدىكى كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا باردى.

گىگانت ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

ئۈكەكتىكى بۇ گىگانت ئادەمنىڭ چېچى سېرىق يۈزى ئۇزۇنچاق بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىشقا سۈكۈت قىلىپ ياتاتتى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۈكەكنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 2.8 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئلۆلچەپ بىلگەندە قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېگىزلىكىنى بىلدۈرەتتى.

«جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن ئەڭ ئېگىز ئادەم باۋ شىشۈننىڭ ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر كېلەتتى.

مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە كۈنگاڭ «كۈنگاڭ گىگانت ئادىمى» نى بۇنىڭدىن 3800 يىلدىن 4000 يىللار ئىلگىرى ياشىغان، دەپ بېكىتتى. مۇخبىر كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا كۆرگەن بۇ «گىگانت ئادەم» نىڭ پاچاق سۆڭىكى توم بولۇپ، بىلىكىنىڭ يېرىمى ھازىرقى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىلىكى بىلەن تەڭ كېلەتتى.

لياۋ جاۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەبرىستانلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي تۇرمۇش رايونى بولۇپ، بۇ يەردە تاش، ياغاچ، ساپال قوراللار، ئاندىن مىس، تۆمۈر قوراللار، كىگىز قالپاق، پىيمىدىن تارتىپ يىپەك ۋە ئاشقان ئارغامچا دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆلىمۇ چوڭ بولغان مىس تاۋلاش ۋە تۆمۈر تاۋلاش خارابىلىرىمۇ بايقالدى، ساپال بويۇملارنىڭ پارچىلىرى ۋە مىس تۆمۈرنىڭ قالدۇقلىرىنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۈنگاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىىنىڭ ناھايىتى يوقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

گىگانت ئادەمنىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟ بۇ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئوزۇقلىنىش بىلەنمۇ؟ لىياۋ جاۋيۈ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قەدىمكى چاڭلارنىڭ خارابىسى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېگىز بوي چاڭلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئىدى، ئەمما قۇرۇق بۇ جەسەتنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولىشىدىكى سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

ئۇزاق قەدىمكى زاماندا چىڭخەي ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى چاڭلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان جايى ئىدى. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» ۋە «كېيىنكى خەننامە. غەربىي چاڭلار تەزكىرىسى» دە چاڭلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بار. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخى» دا «چاڭلار قوتاز باقىدۇ، سۈت ئىرىمچىكلەرنى، ئۇچار قۇش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيدۇ» دېيىلگەن.

بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان «جاڭ شيۇڭنىڭ جەسىتى» تەۋە دەۋردىكى تۇرمۇش ئادىتى بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىدىقۇتنىڭ سانغۇنى جىياڭ شىيۇڭ سۈي، دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 1973-يىلى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن بايقالغانىدى.

شىنجاڭ كىلىنىكا، ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىرسىيەت، بىراق ھەرىكەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق ئامىلىمۇ مۇھىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئاقسىل ۋە كالىتسىي، ۋېتامىن B غا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بىراق ياخشى چېنىقىش، ياخشى يېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاش لازىم، چۈنكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون كېچىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ بەرگەندىمۇ ۋېتامىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ».

«گىگانت ئادەم» نىڭ تۇرمۇش شارائىتى يامان ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ھايۋانات سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرىقى، ياغاچ كۆمۈرلەر ھەممىلا جايدا ئۇچرىغان. بۇ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدە بېلىق گۆشى ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گۆشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ئۇرۇقىمۇ بايقالغان، قارىغاندا ئۇلار تۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرىنى تىككەن ئوخشايدۇ.

«گىگانت ئادەم» قوغداشقا موھتاج

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ چاغدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن جەمئىي بەش قۇرۇق جەسەت قېزىۋېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ سۆڭىكى كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» گە ئوخشاشلا 2.3 مېتىردىن ئېگىز ئىكەن. يەنە بىرى ئايال كىشىنىڭ قۇرۇق جەسىتى بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر كېلىدىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» توردا كىشىلەرنىڭ گىگانت ئادەملەر قەبىلىسى بارلىقى توغرىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. «تارىخنامە. جۇ بەگلىكى نەسەبنامىسى» دە، «نەزمىنامە. مۇناجات. راھىبلار قىسمى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەردە گىگانت ئادەملەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار ئىدى.

چەتئەللەردىمۇ ئوخشاشلا گىگانت ئادەم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار. مەسىلەن، 2004-يىلى تايلاندنىڭ pp ئارىلىدىن بويىنىڭ ئىگىزلىكى 3.1 مېتىر كېلىدىغان يىراق قەدىمكى زامان گىگانت ئادىمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلغان. 1950-يىلى تۈركىيەنىڭ تاغ جىلغىسى رايونىدا تاشقا ئايلانغان غايەت زور سۆڭەكلەر بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ئادەمنىڭ سۆڭىكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ سۆڭەكلەر بەك چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تاشقا ئايلانغان يوتا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سانتىمېتىر ئىكەن. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىر ئىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانىت ئادىمى» نى قەبرىدىن قېزىۋېلىپ ۋاقتىدا ساقلاپ قالمىغانلىقتىن جەسەت خوراپ، ھازىر ئاق رەڭلىك جەسەت كۈلى قالغان، قەبرىستانلىقنى ساقلايدىغان ئادەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «كۈنگاڭ ئادىمى» نى تۇپراقتىن ئەمدى قېزىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ تېرىسىمۇ بار، كىيىمىمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىكەنتۇق.

«كۈنگاڭ ئادىمى» لا ئەمەس كۈنگاڭ قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بەش قۇرۇق جەسەتنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە ئۈچ جەسەت بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قېلىنغان. كۈنگاڭ قەدىمى قەبرىستانلىقىدا زۆرۈر بولغان قوغداش تەدبىرلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، قەدىمىي قەبرىستانلىقمۇ بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

قۇرۇق جەسەتلەرنى قوغداش يالغۇز بىر ئەۋرىشكىنى ساقلاپ قېلىش بولماستىن، بەلكى بىر مەزگىللىك مەدەنىيەت ۋە تارىخنى قوغدىغانلىقتۇر. زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان مۇتەخەسىس مۇنداق تەكلىپ بەردى: «قۇرۇق جەسەت ئەۋرىشكىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيى قۇرۇش زۆرۈر».


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:55:25

«تارىخى رەشىدى» دىگەن كىتاپتا ، بۇ توغرىلىق بىر ئۇچۇرنى يوللىغاندەك قىلغانتىم .
كۇنگاڭ (ئارال) ئادىمى راستىنلا تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭ چېچى قىزغۇچ، قاڭشارلىق، يۈزى ئۇزۇنچاق، ئۇستىخانلىرى قوپال بولۇپ تىپىك ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە دەپ ئېيتىلسىمۇ، بەزى ئوردا تارىخچىلىرى بۇنى خەنلەرنىڭ قەدىمى تۇققان قەبىلىسى چىياڭ(羌人)مىكىن دىيىشتىن خىجىل بولمىغان .:lol
http://culture.people.com.cn/n/2014/0214/c22219-24356591.html
http://www.milnews2.com/uploadfile/2014/0220/20140220013843404.jpg

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:07:53

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201402/14/140616vhrkojtrhtttkpvt.png
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201402/14/140623ffwa8n384n6fc328.png

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:11:20

كۈنگاڭ ئادىمى دىسە تېخى ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:22:12

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:07 static/image/common/back.gif


ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان يەرلەرنىڭ بۇيى ئىگىز بۇلىدۇ. 30-50 يىللاردىلا ئۇزۇقلۇق تەسىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆتكەندە بىر ماتىريالدا شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز يىڭى ئازات بولغاندا بەدەن ساپاسىدا ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى، كىيىن تەرەققى قىلغان يەرلەرنىڭكىدىن چىكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:27:18

گىگانت ئادەم» قوغداشقا موھتاج دەپ شۇئار توۋلاپتۇ نۇمۇسسىز .............بىر ئوبدان تۇرغان قەبرىنى بۇزۇپ ، جەسەدنى يۆتكەپ نىمە قىلىدىغاندۇ شەرەپسىزلەر ؟ ئۇلار چېقىلمىغان بولسا ياكى شارائىتنى تۇلۇقلاپ ، مۇكەممەل ساقلاشقا ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن ئاچسا بولمامدۇ ؟
  ئوتنى ئۆزى قۇيۇۋىتىپ ، ئوتنى ئۈچۈرەيلى دىگەندەك ئىشتە بۇ ............ دۆلەتتىن پۇل ئۈندۈرمەكچىدەك قىلىدۇ مۇشۇنداق دەپ .................
  خەلقئارادا خەلقئارالىق قانۇن ماقۇللاپ مۇشۇنداق قەبرىلەرنى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىشنى قاتتىق تەرتىپلەر بىلەن تىزگىنلەش كىرەك . نەدىكى نىمىلەر كىلىپ خەقنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ قەبرىلىرىنى بۇزۇپ ، ئىچىدىكى تارىخقا ، مەدەنىيەتكە تەۋە نەرسىلەرنى ئېلىپ كىتىدىكەن ، بۇزىۋىتىدىكەن . كاللىسىغا قارىسا چىرايلىق تەتقىقات ..دەيدىغان قالپىقى بار ، بۇ بەزى توپلار ئۈچۈن قانچىلىك يۇقىتىش بۇلىدۇ ؟ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلىدۇ .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:31:10





  مۇشۇنداقراق بىر ئوبراز كېلۋاتىدۇ كۆزئالدىمغا:lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:31:33

ئىدىقۇتنىڭ سانغۇنى جىياڭ شىيۇڭ سۈي، دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 1973-يىلى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن بايقالغانىدى

……سۈي ، تاڭ سۇلالىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قورىغار  يەنى دىيارىمىزدا خەنزۇلار قۇرغان ھاكىمىيەت بارمىدى ؟   

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:34:57

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:27 static/image/common/back.gif
گىگانت ئادەم» قوغداشقا موھتاج دەپ شۇئار توۋلاپتۇ نۇمۇ ...

ئارال شەھرىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى مۇشۇنداق قەۋرە قېزىپ ، چىياڭ قەبىلىلىرى جەسەتلىرىنى نامايەندە قىلمىسا، يولداشلەر كەلمەيدىيا ئاينا :lol

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:38:32

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:34 static/image/common/back.gif
ئارال شەھرىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى مۇشۇنداق قەۋرە قېزىپ  ...

  پىس-پاس بۇگۇن قاتتىق دەلىل -ئىسپاتنى نەق كەلتۈرۈپ ئىنكاس يازىدىغان بۇلۇپ كىتىپسىزغۇ ؟;P

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:46:47

ئاۋال قەۋرە قازىمىز،

ئاندىن جەسەتلەرنىڭ يىل تارىخى- يېشىنى بېكىتىمىز،

ئاندىن ئۇنى مەلۇم ھازىرقى زامان ساياھەتچىلەر ئوبېكتىلىرىغا باغلايمىز
http://news.ioroo.com/20140606/2414868.html
ئاندىن تەشۋىق قىلىمىز،
http://d.hiphotos.bdimg.com/album/pic/item/d62a6059252dd42a03921186013b5bb5c9eab807.jpg
پىلانلايمىز، تۈر مەبلىغى كېلىدۇ. :lol
http://e.hiphotos.bdimg.com/album/pic/item/64380cd7912397dde5e288295b82b2b7d0a28707.jpg
ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىمىز .
http://a.hiphotos.bdimg.com/album/pic/item/3bf33a87e950352afed735255143fbf2b2118b6c.jpg
ئۇلار كېلىدۇ،
http://f.hiphotos.bdimg.com/album/pic/item/c9fcc3cec3fdfc0337cff395d63f8794a4c22663.jpg

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:53:55

A:چۈشەندۈرۈش تاختىسىدىكى خەتلەر خاتا بوپ قالسىمۇ مەيلىما ؟
B:مەيلى، دەبدەبىلىك بولسىلا بولدى،
A:نەدە ئۇنداق ئىش باركى؟
:دەۋىر ئالماشتى :lol

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:57:56

شىنجاڭ كىلىنىكا، ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىرسىيەت، بىراق ھەرىكەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق ئامىلىمۇ مۇھىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئاقسىل ۋە كالىتسىي، ۋېتامىن B غا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بىراق ياخشى چېنىقىش، ياخشى يېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاش لازىم، چۈنكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون كېچىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ بەرگەندىمۇ ۋېتامىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ».
تۆت مىڭ يىل ئۇخلاپ تازا ئۆسۈپتۇدە{:87:}

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:05:24

كۈنگاڭ  دىگەن جاينىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى يوقمىدۇ؟

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:06:33

«چېچى قىزغۇچ، قاڭشارلىق، يۈزى ئۇزۇنچاق، ئۇستىخانلىرى قوپال »  بولغاندىن قارىغاندا  ساكلار  ياكى تۇخارلار بولۇشى مۈمكىن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:29:22

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:05 static/image/common/back.gif
كۈنگاڭ  دىگەن جاينىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى يوقمىدۇ؟

مىنىمۇ بۇ سۇئال چىرمىۋېلىپ ، توردىن ئىزدەپ باقتىم، بۇ كۇنگاڭ دىگەن سۆزنى تارىم ئۇنىۋېرىسىتى غەربى يۇرت تەتقىقات ئورنىدىن 廖肇羽 ئۆزىنىڭ «مىڭ يىللارچە جىتجىت ياتتىڭ ئەي كۇنگاڭ» (昆岗无声越千年) دىگەن ماقالىدا تىلغا ئالغان،
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4a505cae01000cd1.html
ئۇنىڭ ماقالىسىدا، «يېڭى تاڭنامە» جۇغراپىيە جىلىتىدە كۇنگاڭ توغرىلىق مەلۇمات بار دەپ نەقىل ئالغان :
《新唐书"地理志》卷四三引贾耽《边州入四夷道里记》:“安西西出柘厥关,渡白马河(今渭干河)……又六十里至阿悉言城(今拜城)。又六十里至拨换城(今喀拉玉尔滚破城子),一曰威戎城,曰姑墨州,南临思浑河(今塔里木河)……经昆岗(今阿拉尔),渡赤河(今喀什噶尔河),又西南经神山(今麻扎塔格山)、睢阳、咸泊,又南经疏树(今阔什拉什),九百三十里至于阗镇城。”
ئۇندىن باشقا ، سۇڭ سۇلالىسىدە يېزىلغان « تېنچ ئالەم جۇغراپىيىسى» (太平寰宇记)دىمۇ بۇ ئىسىم تىلغا ئېلىنغان :
宋太宗赵炅时地理总志《太平寰宇记》记载:“又从拨换正南渡思浑河,又东南经昆岗、三叉等守戍,一十五日程至于阗大城,约千余里。”

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:52:24

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:07 static/image/common/back.gif


يىڭسار  ‹چۈجە پادىشايىم›  مازىرىنى  باقىدىغان  ئىشاننىڭ  دەپ  بىرىشىچە   ،بۇ  قەبرىلەر  بۇزۇلغان  چاغلاردا  قەبرىدىن  بىرتال  پاچاق  سۆڭىكى  چىقىپ  قالغان  ئىكەن  ،بۇ  پاچاق  سۆڭەكنىڭ  ئۇزۇنلىقىمۇ  1.5  مىتىر  ئەتراپىدا  ئىدى ...    دەپ  بەرگەن   ،   بۇ  شەيىخنىڭ  ئىيتىشىچە   بۇ  مازاردا  ياتقان  چۈجە  پادىشاھ  (بالا  پادىشاھ)  شىھىت  بولغان  ۋاقىتتا  ئاران  15  ياشتا  ئىكەن .

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:59:45

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:31 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداقراق بىر ئوبراز كېلۋاتىدۇ كۆزئالدىمغا

ھى  ھى   مىنىڭمۇ شۇ   

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:08:27

ھازىر  نىمىشقا  بۇنداق ئادەملەر  يوقتۇ     :o        يەنە ئاقماس  [تەدىرجى تەرەققىيات]   بويىچە ئويلاپ باقسام     ئۇلار  چۇقۇم     پاكارلاردىن  تاياق يەپ كەتكەندىن   باشقا   ئىش كەممەۋاتىدۇ  .  :lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:32:35

بىر كۆپ گەپلەرنى يېزىۋېتىپ ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم...{:136:}
بەت: [1] 2
: كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ سىرى