ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:33:28

خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

  خورما يىغى ھەققىدە

    كىلاسسىك تىببىي ئەسەرلەردە بايان قىلىنىشىچە خورما يىغى ئەتىۋارلىق دورا ماتىريالى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى پۈتۈن ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم يىيىشكە مۇيەسسەر بولالىغان ئىكەن.

    خورما- پالما ئائىلىسىدىكى ئىسسىق بەلباغدا ئۆسىدىغان ئالقانسىمان كەڭ يوپۇرماقلىق، كۆپ يوپۇرماق غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تىروپىك بەلباغ مىۋە تۈرلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا شېكەر قومۇشى، قىزىلچا بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئۈچ مۇھىم شېكەر ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى. خورما يېغى بولسا زەيتۇن يېغى، باقلا يېغى(دادۇر مېيى)، خاسىڭ يېغى ۋە دانلىق زىرائەت مايلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئاساسلىق يىمەكلىك مايلىرىنىڭ بىرى.



   خورما مىۋىسى:

خورما دەرىخى:

    سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خانىش، توقال ۋە كىنزەكلەر قەسىرىدىن كىلەلمەي جومۇد(قىتىۋىلىشچان بىھۇشلۇق) كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاندا، ئوردا ھۆكۈما ھازىقلىرى ئىلاج قىلالماي ئامالسىز قالغاندا، ئوردا مەسلىھەتچىلىگىدىن خوشنا دۆلەتلەرگە ئېلان بىرىپ نۇرغۇن ھۆكۈما ھازىقلارنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن. بۇلاردىن ئەرەب ھۆكۈماسى مىسرلىق ئەبۇلقاسىم ئىستىداتلىق دانىشمەن، كۆپ پەنگە ئالىم بولۇپ، شۇ دەۋر خىمىيىگەرلىكنىڭ كۈچى بىلەن خورما يىغى تەييارلاپ، تۇنجى تەييارلىغان خورما يىغى بىلەن سولتاننى ئالتە ئاي ئىچىدە تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سەلتەنەتنىڭ داۋام قىلىشغا تۆھپە قوشقان ئىكەن. سولتاننىڭ جومود كىسىلى ساقايغاندىن كىيىن، يەنە بىر قىتىم يىيىشكە نائىل بولالىغان بولۇپ، كىيىن قېرىلىق كېسىلى تەگكەندە ئۆمرى ئاخىرغىچە يىيىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. شۇندىن بىرى خورما يىغى مەخپىي رېتسىپ دەپ بىكىتىلىپ، ئوردا ئىچىدە شاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ئالاھىدە ئۇزۇقى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. تارىخىي دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خورما يىغى كۆلەملىشىپ، تەبىب ھازىقلارنىڭ مۇرەككەپ دورا راسلاش تېخنىكىسىدىكى ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنى قوبۇل قىلىپ، دورىگەرلىك سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە داۋالاش سىپىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.




    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ھۆللۈكى 1-دەرىجە، ئىسسىقلىقى 2-دەرىجىدۇر.

    خورما يىغىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، خۇسوسىيىتى خۇشاللاندۇرغۇچى ھەم قۇۋۋەتلىگۈچىدۇر.

   خۇسۇسىيىتى: قان پىلازمىلىرىنى جانلاندۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش، نىرىپ ۋە ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش، يۈرەككە خوشلۇق يەتكۈزۈش، تىتىكلەشتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئىچىش، قۇرۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇقلاپ كېتىش ۋە پەي-مۇسكۇل تارتىشىپ قىلىش،  قان-تومۇر قېتىش، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يىتىش، يىڭى قان پەيدا قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

   ئىشلىتىلىشى: مېڭىگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، كۆپ چارچاش، مېڭە ئاجىزلىق، بۆرەك ۋە ئۇرۇقدان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش، تۇتقاقلىق، بەدەن ئېنىرگىيىسى تۆۋەن بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق، پۇت-قول سىقىراش، كۆپ ئۇيقۇ ۋە قۇرۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك تىترەش، باش قېيىش، ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇق سۈپىتى ناچار بولۇش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ئاجىزلىشىش، بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش. زىيادە ھۆللۈك ۋە قۇرۇقلۇقتىن بولغان قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، سوغوقلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن  كېلىپ چىققان بۆرەك ئاجىزلىشىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. بولۇپمۇ سەۋدا مىزاج كىشىلەرگە، بالىلارغا، ياشانغانلارغا، ئاياللارغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

  خۇرما يىغىنى ئىشلىتىپ ھازىرقى كىسەللىرىڭىزنى داۋالاڭ. كېيىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

  ئۇلۇغ ئالىم ئىبى سىنا كېسەلنى داۋالىغاندىن ئالدىنى ئالغان ياخشىراق،-دەپ توغرا ئېيتقان. ساغلاملىق پادىشاھلىقتۇر. ساغلام ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەن ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداڭ. كەلگۈسىگە ئۇل سالماقچى بولسىڭىز، ساغلاملىق ۋە پاكىزلىقتىن باشلاڭ.




   پايدىلىنغان مەنبەلەر:

   ئەتتىبۇ ۋەلھايات، ھەدائىقۇل ئەتتىبا، كەنزۇل مۇفرىدات، خەزائىنۇل ئەدۋىيە، تۆھفەتۇل ھۆكەما قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئېلىندى.

   نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈنسايىن ئىلگىرلەپ مېڭىشى بىلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىدىمۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. جۈملدىن تۇرمۇشىمىز رەڭدارلىشىپ، يىمەك-ئىچمەك سەۋىيىلىرىمىز ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىلگىرلىمەكتە. شۇنداقلا قورساق تويغۇزۇش ئەمەس ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابى باشلانماقتا. مۇشۇ خىل نازۇك ئىلگىرلەش ئاساسىدا خەلقىمىز خىلمۇ-خىل يىمەك-ئىچمەك تۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ نېمىنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن ھەقىقىي پايدىسى بار، نىمىنىڭ زىيىنى دىگەن مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلماقتا ۋە ئىزدەنمەكتە. مۇشۇ خۇسۇستا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تونۇش كۆرىنىدىغان ناتونۇش نەرسىلەرنى بىلمەستىن ئىستىمال قىلماقتا ھەم شۇنداقلا ساختا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە ئالداشلارغا كۆنۈپ قېلىپ، پايدا-زىياننى ئايرىيالماس بولۇپ قالماقتا. بۇ ئەھۋاللار سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يۈكىنى ھەسسىلەپ ئېغىرلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى پالەچلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماقتا. يۇقارقى سەۋەبلەرنى ھەر بىر جۇڭخۇا پۇقراسى بولغۇچى ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم دەپ ،مەن شۇ ئەسنادا بازار ئارىلاپ، نىمىنڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىستىمال قىلىندىغانلىقىنى، پايدا زىيىننىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاز-تولا ئويلىنىپ، توساتتىن يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان خورما يىغىغا كۆزۈم چۈشتى-دە، دەرھال قولۇمغا ئالدىم. ئالىقانداقتۇر بۇ ئالدىنىشلار ئىچىدە ئالدىنىپ قېلىش خەۋپى گۇمانسىراتتى. سۇلياۋ قۇتىنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ نىمىدۇر نازۇك ئىبارىلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئەرەپچىدىن خەۋىرىم بولغاچقا ماي ئىستىمال قىلىش خەۋپى كەلتۈرۋاتقان «خىلۇسترون ئايرىۋىتىلگەن» دىگەن ئىبارە مېنى سۆيۈندۈردى. شۇندىمۇ ساختا تەشۋىقاتلاردىن قورقۇپ كەتكىنىمدىن، سېتىۋىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى ساغلاملىق پاك ۋە تەبىئىي نەرسىلەردىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ.

    ئۆيگە قايتىپ كەسپىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە تىببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆرىۋېتىپ، ھېلىقى خورما يىغى ئىسىمگە كىلىۋالدى. مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆردۈم. ھەقىقەتەن خورما يىغىنىڭ تارىخى«ياغ بولۇش تارىخى»، «يېمەك-ئىچمەك سىپىگە قوشۇلۇش تارىخى»،«دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى»، خۇسۇسىي ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلاردىن يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ئاندىن ئۆزەمنى توختىتىپ بىر قۇتا سېتىۋىلىپ كۆرۈپ بېقىش پىلانىدا بولدۇم. سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىپ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى بايقاپ، چوڭلارغا ئاپىرىپ بەردىم. ئۇلاردىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى كۆرۈپ ، يىقىنلىرىمغا تەۋسىيە قىلدىم. مۇشۇ تەۋسىيە ئاساسىدا سۇئال سورىغىچىلارمۇ بولدى. كىتاپ كۆرۈپ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بەردىم ۋە بۇ ياغنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، ھەر مىللەت خەلقىگە تەۋسىيە قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ، بەزى كىلاسسىك مەنبەلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ، رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ئىستىمال سەۋىيىسىگە تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن دەپ ئويلاپ، تۆۋەندىكى خورما يىغى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئىستىمالچى ئاممىغا سۇندۇم. ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈش بىلەن خورما يىغىنى تېتىپ كۆرگەيسىز.




   ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەرمان ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى  پەن-تىخنىكا  چەكلىك شىركىتىدىن ئابدۇسەمەت داۋۇت.



albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:33:05

  قانداق ئىستىمال قىلىدۇ ؟ ئادەتتىكىدەك قورۇما قۇرۇشتا ئىشلىتەمدۇق ياكى باشقىچىمۇ ؟
  قاچىلىنىش ئۆلچىمى ، باھاسى ، ماركىسى قاتارلىقلاردىن ئۇچۇر بەرسىڭىز مەندە كونىرىغان نېرۋا چارچاش بار ئىدى ، قارىسام ماڭىمۇ مەنپەئەت قىلىدىغاندەك قىلىدۇ ...........

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:46:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sartikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 12:48  

خورما يېغى دەپ پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،تاپقىلى بۇلارمۇ بۇياغنى؟

مۇشۇ  تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان قوناق مېيى راس قۇناق مېيىمىدۇ ؟قۇناق دىگەن ماي مادىدىسى ئەڭ ئاز زىرائەت تۇرسا ئۇنىڭدىن قانداقمۇ ياغ سىقىپ چىقارغىلى بۇلا ؟

ھازىر يىمەكلىككە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بوپ كەتتى

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:58:29

sartikin يوللىغان ۋاقتى  2015-01-29 12:46:08 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sartikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29
يېقىندا چامغۇر يېغى مودا بولغانتى، بىزمۇ يەرلىك ئۇسۇلدا تارتىلغان چامغۇر يېغى سېتىۋالدۇق، 100گىرىمى 50يۈەندىن. زاغۇنچى بوۋاي شاپتۇل مېغىزى يىغىپ ئەكەلسەك ماي تارتىپ بېرىدىغانلىغىنى ياكى باشقا مايغا تىگىشىپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەنتى. شۇنىڭغغا ئوخشاش خورما ئۇرىقىدىن يېتەرلىك يىغىپ ئاپارسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ ياغ تارتىپ بېرىشى مۇمكىن.

xjks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:36:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xjks تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 13:39  

sartikin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 12:46 static/image/common/back.gif
خورما يېغى دەپ پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،تاپقىلى ب ...

قوناق يىغى دىگەن نەرسىلەرگە ھەرگىز ئىشىنمەڭ،قوناقتىن ‹%2›ياغ چىقىدۇ.بازار باھاسى بويىچە ھىساپلىساق ‹10kg› قوناقنى ‹20元› ‹10kg›قوناقتىن،‹200g›ياغ چىقىدۇ.ئىشلەپچىقىرىش تەنەرقىنى ھىساپلاپ بىقىڭ،بازاردا قوناق يىغى ،90 يۈۋەن دىسەك ‹5L›ياغ كىلوغا سۇندۇرساق ‹4.6kg›ئەمدى قالغىنىنى ئۇزىڭىز ھىساپلاڭ،بازاردىكى قوناق يىغى تەڭشەلمە ياغ.ھەقىقى قوناق يىغى ئەمەس .
ئەگەر ئۆزىڭىز تارتىپ يەيتىم ،دىسىڭىز بۇ نەرسىدىن بىرنى ئىلىپ قويۇپ قويۇڭ.

http://cloud.video.taobao.com/play/u/1752705899/e/1/t/3/p/2/12985676.swf



زىغىر دەمسىز شاپتۇل،ئۆرۇك،كەندىر...................................................قاتارلىق نەرسىلەرگە تازا باپ كىلدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:48:34

xjks يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:36 static/image/common/back.gif
قوناق يىغى دىگەن نەرسىلەرگە ھەرگىز ئىشىنمەڭ،قوناقتى ...

سېتىش ئورنىنى دەپ بەرسىڭىز، مەن قىزىقىپ قالدىم.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:56:17

xjks يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:36 static/image/common/back.gif
قوناق يىغى دىگەن نەرسىلەرگە ھەرگىز ئىشىنمەڭ،قوناقتى ...

  نەچچە پۇلدۇ بۇ جۇۋاز ئەجەپ ئەپچىلكەن ، سېتىش ئادرىسىنى يوللاپ قۇيۇڭە ...............

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:23:58

بۇ ئائىلە جۇۋازنى ئۆتكەندە تونۇشتۇرۇپ، بولمايدۇ دەپ ئىنكار قىلىۋەتكەن، چىققان ياغدىن بۇس چىقمايدىكەن، تېمپۇراتۇرىسى ئادەتتىكى ياغدەك ئۆرلىمەيدىكەن. ئىشلىتىپ باققانلار بىر نېمە دېسە ئاندىن ئىشلىتىڭلار.

xjks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:55:33

bilgem يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 17:23 static/image/common/back.gif
بۇ ئائىلە جۇۋازنى ئۆتكەندە تونۇشتۇرۇپ، بولمايدۇ دەپ ئ ...

مەن ئىشىلتىپ باققان بولىدىكەن.مانا ئادىرىس http://item.taobao.com/item.htm?spm=2013.1.20141001.8.k8C3Vk&id=43570275155&scm=1007.10115.4482.i21466871472&pvid=28dbfdb3-1906-4a1b-9a4d-f25d1535ca10

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 13:41:21

ماۋۇ ئېلان شەكلىمۇ خىلى بولىدىكەن، جۇما!
ئېلان دېگەنگىمۇ ماندا كىلاسسىكلاردىن بىر قانچىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئىشلىسە ھەيۋەت تۇيۇلىدىكەن...

يەنە بىر گەپ ئاۋۇ ئاستىدىكى ئىسىمدىكى مامۇت داۋۇت دەپ يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟!

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 14:03:29

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 14:56 static/image/common/back.gif
نەچچە پۇلدۇ بۇ جۇۋاز ئەجەپ ئەپچىلكەن ، سېتىش ئادرىسى ...

تاۋباۋ تىيەنماۋلاردا بار ،
بىر تەرەپتىن قىززىقىتىپ بىر تەرەپتىن سىقىپ چىقرىدۇ .
لىكىن باھاسى قىممەتكەن ،ئەڭ ئاز دىگەننىمۇ 1000يۇەنىدىن تۆۋەن ئالغىنى بولمايدىكەن .
榨油机دىسىڭىزلا چىقىدۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 14:48:18

خۇرما يېغىنى نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:20:17

  ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق، رەھمەت.
  ئەمدى بولسا ئاشۇ چامغۇر ئۇرۇقى يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپاسى توغرىسىدا بىر ئىنىق چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسىڭىز. چۈنكى، چامغۇرنىڭ ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىغا پايدىلىق ۋە شىپا ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لىكىن چامغۇر بىلەن چامغۇر ئۇرۇقى ئىككى ئۇقۇم، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر چامغۇر ئۇرۇقى يېغىنى چامغۇرغا ئوخشاشلا ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە شىپا قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇ قاراشنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەسى بارمۇ-يوق ماڭا نامەلۇم. ئەمما راست شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆرۈك مېغىزى بىلەن ئۆرۈك مېۋىسىىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن شىپاسى ئوخشاش دىسەك بولامدۇ؟

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:56:06

xjks يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:36 static/image/common/back.gif
قوناق يىغى دىگەن نەرسىلەرگە ھەرگىز ئىشىنمەڭ،قوناقتى ...

xjksبۇرادەر ئادەتتىكى قۇناق بىلەن سىز دىگەندەك ماي چىكاغىلى بولمايدۇ، لېكىن مەخسۇس ماي چىقىرىدىغان قوناق سورتى بار:P

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 07:17:32

پايدىلىق قىممىتى زور تىما ئىكەن

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 14:01:55

مۇشۇ قوناق يېغى ئىشەنچىلىك بولغان بولسا شۇنىلا ئىستىمال قىلىدىغان ئىشكەنتۇق!

قاندىكى  ماينى تۈۋەنلىتىش ۋە يۈرەك -مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلاتتى....

لىكىن ھازىر سېتىلىۋاتقان قوناق مېيىنى ياغ چىقمايدىغان قۇناقتىن قانداق ئايرىپ چىقىدىغاندۇ ؟ئادەمنى گۇمانغا سالىدىكەن
بەت: [1]
: خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى