ئىككى مىكرو ھېكايەت (ھېندىستان)
ئىشەك ۋە ئائىلە ئىتىلاۋاسۋامى راجو (ھېندىستان)
كەنتتە بىر ئائىلىگە قارايدىغان ئىت بولۇپ، ھەركۈنى كېچىسى خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىنى ئوغرىدىن مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن توختىماي قاۋاپ چىقاتتى. بىر ئىشەك بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىن،كۆڭلىدە ئۆزىچە ئۇ ئىتنى كۆڭۈل خۇشى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ بىركۈنى كېچىسى تۈنبويى ھاڭگىراپ چىقىپۇ. تاڭ يورىغاندىن كېيىن، ئىشەكنىڭ ئىگىسى بۇ بىچارە ئىشەككە قانداقتۇر بىر كېسەك تەگكەن چىغى دەپ ئويلاپ، كەنت مال دوختۇرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئىشەكنى كۆرسىتىپتۇ.
مال دوختۇرى ئىشەكنى تەپسىلى كۈزىتىپ چىققاندىن كېين : بۇرادەر، ئەڭ ياخشىسى، سەن دەرھال بۇ ئىشەككە تامغا باس ) مالغا باسىدىغان قىزىتىلغان تۆمۈر تامغا( بولمىسا بۇ ھايۋان ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالىدۇ -دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئىشەك مۇنداق دەپتۇ : مەن سىزگە كاپالەت بىرىمەن، مەندە ھېچقانداق كېسەل يوق. تۈنۈگۈن كەچ مەن پەقەت ئازىراق كۆڭۈل ئاچقان خالاس …
-ئوۋ …ياق..ياق ! – رەھىمسىز دوختۇر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېين ، ئىشەكنىڭ ئىگىسىنى ئالدىرىتىپ شۇنداق دەپتۇ : مەن بۇ مەككەر مەخلۇقنىڭ نېمە مۇددىئادا بۇنداق دەۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ئۆلۈشكە رازى بولۇپ، ساڭا زىيان سالماقچى شۇ !
ئۇنىڭغا داغمال يېقىپ، ئۇنى ساقايتايلى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارغامچا بىلەن ئىشەكنى مەھكەم باغلاپ، قىپ-قىزىل چوغ بولۇپ كەتكەن تۆمۈر تامغىنى ئۇنىڭ بەدىنىگە يېقىپتۇ.
بىرقانچە كۈنلەردىن كېيىن، ئىشەك سىرتقا چىقىپ، بۇ بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان كەنتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىۋاتقان ئىكەن، ھېلىقى ئىت ئۇنىڭ يىنىغا كېلىپ،ئۇنىڭ بەدىنىگە نېمىشقا تامغا بېسىلغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىشەك خۇرسىنغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغا ئىت شۇنداق دەپتۇ:
- خىزمەتنى تاماشا دەپ قارىساڭ، بۇ خاتالىقىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بەدەل تۆلەيسەن .
تىزگىنلەنگەن نۇر
ئانتونىي دې مىللو (ھېندىستان)
پىرھەزرەت كېسەل كارۋىتىدا بىرقانچە ھەپتە ھوشسىز ياتتى. بىركۈنى ئۇ توساتتىن ئىسگە كېلىپ، كۆزىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر شاگىرتىنىڭ كارۋىتى يىنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
- بۇ كۈنلەردە سەن كارۋىتىم يىنىدىن ئايرىلىپ باقمىدىڭ، شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدى ئاجىزغىنە ئاۋازدا.
- شۇنداق، مەن سىلىدىن ئايرىلالمايمەن ئۇستاز.
- نېمە ئۈچۈن ؟
- چۈنكى سىلى ھاياتىمنى يورۇتقان نۇر.
شاگىرتىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان پىرھەزرەت تولىمۇ خۇرسىنغان بىر ھالدا شۇنداق دېدى :
-مېنىڭ نۇرۇم كۆزنى شۇنچە قاماشتۇرامدۇ، ئۇساڭا تاكى ھازىرغىچە ئۆزھۇجۇدۇڭدىكى نۇرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بەرمىدىمۇ؟
خەنزۇچە ئوقۇرمەنلەر تورژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 21-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. مەنىسى چۇڭقۇر يازما ئىكەن. ئابرال بلوگى مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بلوگىمنىڭ بىرى. سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. راسلا ئىسىل ئىكەن قىممىتى بار ئىبارىلەر ئىكەن بۇ ھاڭراپ چىقىپتىمۇ؟ھاڭگىراپمۇ؟ OCUZ يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 18:05 static/image/common/back.gif
ھاڭراپ چىقىپتىمۇ؟ھاڭگىراپمۇ؟
:lol OCUZ يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 18:05 static/image/common/back.gif
ھاڭراپ چىقىپتىمۇ؟ھاڭگىراپمۇ؟
ھاڭراپ ئىدى ئەسلى :lol قانداق يېزىپ سالدىمكىنتاڭ؟! خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىنى ئوغرىدىن مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن توختىماي قاۋاپ چىقاتتى...
.......................................................................................................................................................
ئىگىسىنىڭ ئۆيىنى بېقىش ئۈچۈن توختىماي قاۋاپ چىقاتتى. ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ،ئىتنىڭ قاۋىشىدا ،توخۇنىڭ قىچقىرىشىدا سەۋەب بار ھەممە ئىشتا بىر سەۋەب بار ئىكەن دەپ چۇشەندىمغۇ بۇ ھىكايىنى يادلاپ..
بەت:
[1]