خېنەنلىك ئايالنىڭ بۆرىكىنى ئوغرى ئېلىۋېلىپ
خېنەنلىك ئايالنىڭ بۆرىكىنى ئوغرى ئېلىۋېلىپ 3 يىلدىن بېرى تاپالمىغانۋاڭيى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى :
خېنەنلىك دېھقان ئايال شۈ شىيۇۋيىڭ 2008-يىلى دوختۇرخانىدا ئولتۇر ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە قىرىق نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزىگە ھەمرا بولىۋاتقان ئوڭ بۆرىكىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن . بۆرىكىنى ئوغرىلىۋالغان ئادەمنى تېپىشى ئۈچۈن ئۇ تەرەپ ـ تەرەپتىن ئىسپات توپلاپ قانۇنغا مۇراجىئەت قىلغان . بىراق تا ھازىرغىچە بۇ بۆرەكنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ئېنىقلانمايۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ يالغۇز قالغان سول بۆرىكى بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالماي ئۆسمە پەيدا بولغانلىقى بايقالدى .
2006-يىلدىن ئىلگىرى شۈ شىيۇۋيىڭ ئائىلىسىدىكى ئاساسى ئەمگەك كۈچى بولۇپ ، شۇ يىلى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلۈپ تۈز ئۈچىيىدە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بارلىقى ئېنىقلىنىپ خېنەن ئۆلكىسى شىياڭچېڭ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بولغان .
2006-يىلى 11-ئايدا شىياڭچېڭ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيە ئالدىدا ئۇنىڭغا قارتا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ تۇيۇقسىز ھالدا ئۇنىڭغا قان نۇسخىسىدا ئەيدىز بايقالغانلىقىنى ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان . شۈ شىيۇۋيىڭ شۇ زامان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئەيدىز كېسىلى ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان .
ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى كۆتۈرۈپ شىياڭچېڭ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەندە ، دوختۇرخانا بۇ ئىسپاتنى بىۋاستە ئېتىراپ قىلغان ، ھېچقانداق باشقىچە پىكىرىنى بىلدۈرمىگەن . 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن ئۆتكەندە شۈ شىيۇۋيىڭ ئوپراتىسىيىخانىغا ئەكىرىلىپ " تۈز ئۈچەي راكىنى نېگىزلىك داۋالاش ئوپېراتسىيىسى" قىلىنغان . بۇ ئوپېراتسىيە تاكى چۈشتىن كىيىن سائەت 2گىچە داۋاملاشقان . ئوپېراتسىيىدىن كىيىن شۈ شىيۇۋيىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۈزۈتۈش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان .سۈرەتتىكى ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىدىن قالغان تاتۇقى .
شۈ شىيۇۋىيىڭنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش دوختۇرخانا تەرەپ ئوپېراتسىيىدىن كىيىن ئۇنىڭغا سىز تۈز ئۈچەي راكى ئەمەس بەلكى "تۈز ئۈچەي تىۋىتلىق بەز ئۆسمىسى " بولۇپ قاپتىكەنسىز دېگەن . دوختۇر ئۇنىڭغا يەنە سىزدە بالىياتقۇ ئۆسمىسى باركەن ، كىلەر يىلى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇڭ دېگەن . سۈرەتتىكى شۇ چاغدا تارتىلغان Xنۇرلۇق سۈرەت .
6.شۈ شىيۇۋيىڭىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ ئىككىنچى يىلى قىلدۇرىدىغان بالىياتقۇ ئۆسمىسى ئوپراتسىيىسگە تەييارلىق قىلغان . ئارىلىقتا ئۇنىڭ بىلى ۋە دۈمبىسى دائىم ئاغرىپ تۇرغان . 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى شۈ شىيۇۋيىڭ باشقا بىر دوختۇرخانىنى يەنى شىياڭچېڭ شەھەرلىك شەھەر ئەتراپى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بالىياتقۇ ئۆسمىسى ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ، ئوپېراتسىيىدىن كىيىن ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كۈتۈنگەن . سۈرەتتە ئۇ شۈ شىيۇۋيىڭ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ .
2008-يىلى شۈ شىيۇۋىيڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىشقا باشلىغان ، بەل ، دۈمبە ئاغرىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن ، شۈ شىيۇۋيىڭ شەھەر ئەتراپى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئولترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەن دوختۇر ئۇنىڭدىن " ئەجىبا بىرلا بۆرىكىڭىز باركەنغۇ ؟" دەپ سورىغان . شۈ شىيۇۋيىڭ بۇنى چۈشەنمەي دوختۇردىن تەپسىلى سورىغاندا ئۇنىڭغا "بەزى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بىرلا بۆرىكى بولدىغان ئىشلارمۇ ئۇچرايدۇ " دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن ، شۇڭا ئۇ بەلكىم مەنمۇ شۇنداق كىشلەردىن ئوخشايمەن دەپ بۇ ئىشقا بەك ئېرەنشىمىگەن .
2011-يىلى شۈ شىيۇۋيىڭ قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇلاردىن دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنىڭ قانۇنسىز بۆرەك سېتىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىزلا مىنىڭ بۆرىكىمنىمۇ سېتىۋەتكەن بولمىسۇن ؟ دەپ ئويلاپ قالغان . ئۇ ئەينى چاغدىكى دوختۇرخانىدا ياتقان كېسەللىك تارىخىنى تېپىپ 2006-يىلى ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇن شىياڭچېڭ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ ئىككى بۆرىكىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن .
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇ ئاۋال شىياڭچېڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ قورساق قسىمىنى CT دا تەكشۈرۈتكەن ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوڭ بۆرەك كەمتۈك (بۇنىڭ مىدىتسىنادىكى چۈشەندۈرۈلۈشى : نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە بولۇشقا تىگىشلىك بۆلەكلەر ، يەنى ئەزا ، توقۇلما ، گىن قاتارلىقلار بەزى ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە بولمىسا بۇ كەمتۈك دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ چىققان . شۇ يىلى 9-ئاينىڭ29-كۈنى شۈ شىيۇۋيىڭ جىڭجۇ دىكى خېنەن ئازادلىق ئارمىيە 153-دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بۆرەك ئارتېرىيىسى كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈپ X نۇرىدا تەكشۈرۈش قىلدۇرغان ، نەتىجىسى : قورساق قسىمى ئاساسى ئارتېرىيە ئوڭ تەرەپ يەنى سول بۆرەك ئارتېرىيە تەكشىلىك قىسىمىنىڭ مەلۇم قىسمى كەمتۈك دەپ چىققان . بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۈ شىيۇۋيىڭ بۆرىكىنىڭ ئوغرلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن .
شۇندىن كىيىن قانۇنىي بىلىمى يېتەرلىك بولمىغان شۈ شىيۇۋيىڭ ھەق ـ تەلەپ ئەرزى شەكلىدە شىياڭچېڭ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شەھەر ئەتراپى دوختۇرخانىسىنى سوتقا ئەرىز قىلغان ، دېلو ئاساسى " دوختۇرخانىنىڭ زىيانلاندۇرۇش تۆلەم ماجىراسى" دېيىلگەن . شىياڭچېڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق دوختۇرخانا "ئادەمگەرچىلىك نۇقتسىدىن شۈ شىيۇۋيىڭغا 70مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىش " كە قوشۇلغان ، شۈ شىيۇۋيىڭ بۇنىڭغا ئۇنىمىغان . شەھەر ئەتراپى دوختۇرخانىسى بولسا " بىز سىزنىڭ بۆرىكىڭىزگە چېقىلمىدۇق ، شۇڭا تۆلەم بەرمەيمىز" دېگەن .
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شۈ شىيۇۋيىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ، دوكلاتتا پۈتۈن مەس قىلىنغان ياكى شۈ شىيۇۋيىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ئوڭ بۆرىكىنى كېسىپ ئېلىۋىلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ كۆرسىتىلگەن . گەرچە ئۇ بۇ دوكلاتنى ئالغان بولسىمۇ كىمنىڭ بۆرىكىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان . شىياڭچېڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قارتا : "جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ بولدى ، ھازىر مۇرەسسە قىلىنىۋاتىدۇ ، ناھايىتى تىزلا نەتىجىسى چىقىدۇ " دېگەن.
http://news.163.com/photoview/00AP0001/83699.html#p=AH2FRT7300AP0001
ئەمدى بۇ دىلودا چىرىكچىلىك يۈز بەرمىگىيدى.... يېقىنقى بىر قىززىق نوقتا خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەزالىرىنى بىسۇراق ئېلىۋېلىپ بىمارلارغا ئىشلىتىدىغان ئىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قانۇننى ماقۇللىغىنى ئىلان قىلدى، سەھىيە مېنىستىرىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كىشى بۇ قىلمىشنىڭ ئىنسان ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ خىل قىلمىشنىڭ پەقەت دۆلىتىىزدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا سەھىيە -داۋالىنىش ساھەسىدە ا دۆلىتىمىزگە قارىتا 3 قىلماسلىق ( ئىلمى يىغىنلارغا جوڭگۇ مۇتىخەسسىلىرىنى چاقىرماسلىق، جوڭگۇ مۇتىخەسسىسلىرى يازغان ئەزا كۆچۈرۈشكە ئائىت ئىلمى ماقالىللارنى ئىلمى ژورناللار ئىلان قىلماسلىق، جوڭگۇ مۇتىخەسسىلىرىنىڭ ئەزا كۆچۈرۈشكا ئائىت ئىلمى يەكۈنلىرىنى نەقىل قىلماسلىق- ئىتىراپ قىلماسلىق) سىياسىتىنى يولغا قويغانكەن.
ئىپلاسلىقنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپتۇ ھە ھايۋانلار ........................ ئىچىنىۋاتىمەن … بەك نۇمۇسسىز ئەبلەخلەركەن .
ئۆزىنىڭ تۈكىگە، كىيىمىگە ئىگە بولالمىسىمۇ ماقۇل دىسەك ، ئەمدى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغىمۇ ئىگە بولالمىسا، قانداقمۇ خاتىرجەم ،ئەركىن ئۆلەلەيدۇ ئادەملەر . مەنمۇ 25يىلنىڭ ئالدىدا چوڭ ئوپىراتسىيە بولغان. دوختۇر دىگەن ئىپلاسكەن دەپ قالغان. ھىلىقى ناركوزنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بوينۇمدىكى مارجاننى ئالىمەن دەپ بىر ئىشەك دوختۇر ئۇ يەر بۇ يەرىمنى سىيلاپ يۈرۈيدۇ.ئىتنىڭ بالىسى ................كەڭرى بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئوپىراتسىيە زالىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزىنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ چاقچاقلىشىپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟شۇندىن بۇيان قان تەقدىم قىلىسەن، ئوپىرىراتسىيە قىلىمىز، بالنىسىدا ياتىسەن دىسە ماقا دەپ قويۇپ يىزىپ بەرگەن قەغەزنى پۇرلپ يىرتىپ تاشلىۋىتىپ چىقىپ كېتىپ بارىمەن. پۇت قوللىرىنى كىسىپ مىيىپ قىپ قويۇپ تىلەمچىلىككە سالىدىغانلارمۇ باركەن ، قايسى كۈنى قىززىق نوقتا ھەققىدە سوھبەتتە بەردى .
ماندا ئەزا ئوغۇرلىغان ئىشقا قارىغاندا پۇل ئوغۇرلىغان ھىچقانچە ئىش ئەمەس …… توۋا!-دەپ يىتىشكىلى بولمايدىغۇ… بۇ دوختۇرخانىلاردا زادى ئىنساپ قالمىدى دوختۇرخانىغا كىرىدىغان كىرىم دۇنيا بويىچە جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرغۇ دەيمەن ئاددىسى يۈرەككە سالىدىغان كۆۋرۈكنىڭ كىرىش باھاسى 300 يۇئەنگە يەتمەيدىكەن ھەي دەپ كەلسەم گەپ جىق :@:@:@ BBC نىڭ قاراڭغۇ بازارلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر فىلىمدە، دۆلىتىمىزدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسى توغرىلىق مەزمۇنلار بار ئىدى.
چەتئەلدە ئىچىكى ئەزالارغا ئېھتىياجلىق بولغانلار دوختۇرغانىلارغا تىزىملىتىپ، ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ئىچكى ئەزانى بىرەرىنىڭ ئىئانە قىلىشىنى تەرتىپ بويىچە كۈتىدىكەن، بۇنىڭغا نەچچە يىلدىن نەچچە ئون يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن(ۋاقتى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، لېكىن ئۇزۇن ئىكەن)، ئەمما جۇڭگوغا كەلسە 1~2 ھەپتىدىلا ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزانى تاپالايدىكەن. يۈرەككە سالىدىغان نەسە 300 سوم بولسا...:( بەك نوچىسىمۇ نىمە:lol ئىپلاسىقنىڭ پاتنىتى بىرىشكە مۇناسىپ . :@:@:@:@:@ نەرسە كىرەك ئوغرىسىنى جىق كۈرۈپتىكەنمەن ئادەم ئەزاسى ئوغرىسىنى تۇنجى كۈرۈشۈم ‹‹توۋا››دەيدىىغان ئىشلارنىڭ جىقلىقىدىن ئادەم ئۈلگۈگىلى بولمايدىغان بوپ قالدى ھازىر.....
بار پەسكەشلىكنىڭ ھەممىسى قولىدىن كېلىدۇ بۇ نىجىسلارنىڭ.... نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم، دوختۇرخانىدىكى بەزى ئىپلاسلقلارھەققىدە بىۋاستە كەچۈرمىشكە ئىگە مەنمۇ .... بورەككە تاش چۇشۇپ قالسا ئوپراتىسيە قىلغاندا بوروكۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشۇم كىرەك ئىكەندە ..:o ماۋزۇ ئالامەت قىززىق ھە. «خېنەنلىك ئايالنىڭ بۆرىكىنى ئوغرى ئېلىۋىلىپ ئۈچ يىلدىن بېرى تاپالمىغان»:lol سەمىمى مەسلىھىتىم-ھازىرغىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئوپىراتسىيە قىلىنىپ باققانلار ئەڭ ياخشىسى بەدىنىڭلارنى ئومۇميۇزلۈك بىر تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار!كىم بىلىدۇ نەچچەيلەننىڭ بۆرىكى يوق چىقامدۇ تېخى{:136:} بىر كىشى سوقۇر ئۇچەي ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇپ بولغاندىكىن كارۋاتتا ئىككى سائەتچە يېتىپ ھوشۇغا كېلىپ قارىسا بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۆت ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان خوشنىسى ۋايجانلاپ ياتقۇدەك ،نىمە بولغانلىغىنى سورىسا :ئالدىنقى قېتىملىق ئپراتسىيىدە دوختۇر پەلىيىنى قورسىغىمدا ئۇنتۇلۇپ قالتىكەن قايتا يېرىپ ئېلىۋالدى دەپ تۇرىشىغا ،ئېشىك ئچىلىپ بىر دوختۇر كىرىپ :دوپپام يوقتۇرىدۇ كورمىگەنسىز دەپ سوراپتىكەن ،يېڭىلا ئوپراتسىيە قىلدۇرغان كىشى قوققۇنىدىن ئوڭدىسىغا چۇشۇپتۇ....:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:P:P
بەت:
[1]