waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:59:52

تەڭرىتاغ كوماندىسى خەتەرلىك رەقىبى چىڭداۋ كوماندىسىنى يەڭدى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  ساھىپخان مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيدا چىڭداۋ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى بۇ مەيداندا كوماندا ئەزالىرى تۇلۇق ھالەتتە مۇسابىقە ئوينىدى،  تەڭرىتاغ كوماندىسى  چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  41 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، 5 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئىلىپ  ئاخىرى 131-110 نەتىجە بىلەن رەقىبى چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان عەلبە قىلدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 41 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  21 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 17 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى،  4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛  جۇچى 13 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛ لىيۇۋىي 13 نومۇر ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  شىرئەلىجان 15 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  يۇچاڭدۇڭ 5 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان سۈپىتىدە فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:02:19

  شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟
  شىرئېلى قالتىس ئويناپ قويدى ئاخشام ......................

ilyar0990 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:04:57

قارشى تەرەپتىكى ھىلىقى قارا تەنلىك ئەزا ئەجەپ قىلىقسقىز نىمىكەن

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:08:46

كىم يەڭدى باللا، فۇجىيەنما؟تېزراق خەۋەر بىرىڭلار . بۈگۈن سىرىتتا بوپ قىپ كۆرەلمىدىم!

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:29:31

???????????????????

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:30:29

كىم ئۇتتى ؟؟
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى خەتەرلىك رەقىبى چىڭداۋ كوماندىسىنى يەڭدى