aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:47:56

كالكۇتتا ۋە خاراب شەھەرنىڭ گۈزەللىكى

كالكۇتتا ۋە خاراب شەھەرنىڭ گۈزەللىكى

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

   كالكۇتتا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھىندىستان شەھىرى، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. دۇنيادا بۇ شەھەردىنمۇ بەكرەك  سىرلىق، قۇدرەتلىك سىھرى كۈچكە ئىگە ۋە ئىنسان روھىغا مىسىلسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا بىر شەھەر بارلىقىغا ئانچە بەك  ئىشىنپ كېتەلمەيمەن. بۇ ئەلۋەتتە، بىر چاغلاردا تولىمۇ باي ۋە قۇدرەتلىك كۈلتۈر ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولۇپ، كېيىن غۇلاپ  يوقالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىدى. لېكىن ئىستانبۇلدا غۇلاشتىن كېيىنكى  يانغىنلار ۋە بېتونلاشتۇرۇشلار بىلەن يوقالغان نەرسە، ئوسمانلىنىڭ  يېرىم زامانىۋى  ياكى ئازراقمۇ زامانىۋى ۋە غەربچە بولمىغان گۈزەللىكى ۋە كونىلىقى ئىدى. كالكۇتتادا غۇلىغان، يوق بولغان، ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاكەتنىڭ خاتىرىلىرىگە ئايلانغان بىنالار بولسا «زامانىۋى ۋە غەربچە» ئىدى. پۈتۈنلەي غەربچە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. ئىنگلىز مىمارلىرى بېنگال –ھىند-موڭغۇل كىملىكلىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلغان ۋە ئۇلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان ئاساستا لايىھىلەپ سېلىپ چىققان بۇ بىنالاردىن، (مەسىلەن، ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە خاتىرە سارىيى ۋە باشقىلار، ) بىر قانچە چوڭ ، قوغدىلىۋاتقانلىرىدىن باشقىلىرى خارابىگە ئايلانغان ئىدى. خۇددى شەھەرنىڭ ئۆزىدەكلا. ( بېنگالنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى، پايتەختنىڭ دېھلىغا يۆتكىلىشى، ئىنگلىزلارنىڭ چىقىپ كېتىشى قاتارلىقلار كالكۇتتانىڭ غۇلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدۇر، بۇ ئايرىم بىر تېما) بىر چاغلاردا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېراتۇرلۇقىنىڭ ئىككىنچى ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان كالكۇتتادا ئىنگلىزلار ھەقىقەتەن قالتىس ئىمارەتلەرنى سالغان ئىكەن. (مەسىلەن، ۋالىنىڭ تۇرالغۇسى، يازغۇچىلار بىناسى قاتارلىقلار)  بۇندىن باشقا ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىلمەي سېلىنغان بىر تۈركۈم بىنالار باركى، ئۇلارنىڭ كونىرىغان، يامغۇرلاردا قالغان ھالىتى بۇ شەھەردە غەلىتە بىر مەنزىرە پەيدا قىلغان ئىدى. ئەڭ ئۈست قەۋەت بالكونلاردا، دېرىزىنىڭ ئىچىدە، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك قۇببىلەردە ئەنجۈر دەرەخلىرى، ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن؛ ئەگمىلىرى، خىش-كېسەكلىرى ۋە  تاملىرىغا يول-يول چاك كەتكەن؛ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرى سۆكۈلۈپ، تۆكۈلۈپ كەتكەن بۇ مەنزىرە بىنانى تېخىمۇ كونا ۋە خانىۋەيران كۆرسىتەتتى.  بۇ بىنالارغا ئۇزاققىچە ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچ ئىچىدە قاراپ قالغان ئىدىم.  خارابىگە ئايلانغان بۇ بىنالارنىڭ بۇنچىۋالا دىققىتىمنى تارتىشىنىڭ سەۋەبى، ئىستانبۇلنىمۇ بىر خارابە شەھەر سۈپىتىدە ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئىدى. لېكىن ئىستانبۇلدا جىمجىتلىق ئىچىدىكى بىر خىل نازاكىتى، نومۇسلۇق ۋە بوينى پۈكۈك ئازابلىرى بولغان خارابىلىكلەر، بۇ يەردە ماڭا پرانېسى①نىڭ دراماتىك كەيپىياتىنى ئەسلەتتى. خارابىلىككە ئايلانغان بۇ قۇرۇلۇشلار، غەربنىڭ سىممېترىك، گارمونىك ۋە دراماتىك مىمارچىلىقى قوللىنىلىپ،  تۈۋرۈكلۈك قىلىنىپ ، زامانىۋى سەزگۈرلۈك بىلەن سېلىنغىنى ئۈچۈن دىققەتكە سازاۋەر ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كالكۇتتا بەلكىم يەر يۈزىدىكى خارابىلىكلەر ئىچىدە بىردىنبىر « زامانىۋى»  شەھەر بولۇشى مۇمكىن.  شۇڭا بۇ بىنالارنىڭ ئارىسىدا يۈرگەن چېغىمدا ئۆزۈمنى پات-پات ۋەھىيلەر تەسۋىرلەنگەن فانتازىيىلىك فىلىملەرگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدىم. بۇ شەھەرنىڭ 1910- يىللاردا دۇنيادىكى ئەڭ نامرات شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى، راھىبە تېرېسا② ۋە نامراتلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇشى، بۇ دراماتىك تەسىرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈۋاتاتتى. ئۆي دېيىشكە تىل بارمىغۇدەك مەينەتچىلىك، چېدىر، ئوت-چۆپتىن توقۇلغان رەختلەر، جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئۈست-باشلار، ئەخلەتلەر ۋە ئەخلەت تاغلىرى ئارىسىدا ياشىغان ئىنسانلارنى يول بويلىرىدا تولا كۆردۈم. بەلكىم مىمارچىلىق بىلەن خارابىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن بىر خىل گۈزەللىكى سەۋەبىدىن،  بۇ يەرنىڭ يوقسۇللۇقنىڭ ۋابادەك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، يۈرەكلەرنى ئېچىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى بىچارىلىكىنى كىشىلەرنىڭ ئىسىگە سېلىپ ئويلاندۇرىدىغان بىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:54:29

داۋامى باردەك...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:27:50

رەسىمى يۇققۇ؟:o

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 22:09:26

ئەفىفىي،
داۋامى يوق. يوغان ماۋزۇدىن بىرنى قويۇپ ئاشۇنچىلىكلا پاراڭ ساپتۇ ئورخان پامۇك.

كۆۋرۈك،
نېمىنىڭ قايسى رەسىمى يوقكەن؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 00:03:10

بۇنى ئوقۇپ قەشقەر شەھىرى يادىمغا كېلىپ قالدى.ئورخانكام قانداق تەسۋىرلەر بولغىيتى كۆرگەن بولسا؟.....

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 08:08:42

كالكوتتانىڭ رەسىملىرى قېنى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:27:54

kurbanjannn يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 08:08 static/image/common/back.gif
كالكوتتانىڭ رەسىملىرى قېنى



http://en.wikipedia.org/wiki/Kolkata

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:37:10

ئەنۋەر  ئايپالتا ئەپەندىم، تەرجىمىلىرىڭىز بەك ئېسىل چىقىۋاتىدۇ،  يوللىغان ھەممە تەرجىمىلىرىڭىزنى  توپلاپ، ساقلىۋالىمەن. مەنمۇ تۈركچىنى خېلى ئۆگەنگەن، ئەمما سىزنىڭ تەرجىمىڭىز بەك راۋان چىقىپتۇ.  پۇرسەت بولسا  پىكىرلىشىپ تۇرساق.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:25:00

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 09:37 static/image/common/back.gif
ئەنۋەر  ئايپالتا ئەپەندىم، تەرجىمىلىرىڭىز بەك ئېسىل چ ...

رەھمەت. پىكىرلىشىپ تۇرايلى.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:57:32

C:\Documents and Settings\Administrator\桌面\th.jpg
بەت: [1]
: كالكۇتتا ۋە خاراب شەھەرنىڭ گۈزەللىكى