bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 18:27:11

گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت توربېكەتلىرىنى رەتكە سالىدىكەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bireylen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 18:55  

ۋاڭيى پەن-تېخنىكا خەۋىرى، ئۇزدىل تورى تەرجىمىسى:

ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئاچقان تور بېكەتتىن يەتمىش مىڭى بولۇپ، 98.8% شەھەر-ۋىلايەت، 98.3% ناھىيە-رايوننىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى بار ئىكەن. بىرقىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سىنا مىكروبلوگى، تېڭشۈن مىكروبلوگى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق تورداشلار توپلاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىمۇ ئورگان ئاكونتى بار ئىكەن.

گەرچە بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شۇنداق ھەرخىل يوللار ئارقىلىق خەلق بىلەن يېقىلىشىۋاتقان بولسىمۇ نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بېكىتى پەقەت قۇرۇق جاھازىلا ئىكەن. مەسىلەن، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك «رەھبەرگە خەت»، «خەت قالدۇرۇش»، «تەكلىپ-پىكىر» قاتارلىق سەھىپىلەر بولسىمۇ نۇرغۇن ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە بۇ سەھىپىلەرنىڭ ئۇلىنىشى خاتا ياكى يوق ئىكەن. بەزى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە قالدۇرۇلغان ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغاندا تېلېفوننى ئالىدىغانغا ئادەم چىقمايدىكەن. گەرچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ بىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسەت-ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلىش، يېڭى خەۋەرلەرنى پۇقرالارغا بىلدۈرۈش بولسىمۇ بىرقىسىم ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ھەتتا بىر پارچە خەۋەر، بىر پارچە ئۇقتۇرۇشمۇ يوق ئىكەن. بىرقىسىم ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا، ئاسرىلىشى ناچار، ئومۇمىي قۇرۇلمىسى قالايمىقان بولۇپ، بەزى تور بېكەتلەر كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەمەس، ھەتتا كومپيۇتېر ۋىندوۋس مەشغۇلات سۇپىسىدىكى كۆپ خىل تور كۆرگۈلەرگىمۇ تۈزۈك ماسلاشتۇرۇلمىغان ئىكەن.

يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇ ئىشقا قارىتا پىكىر بېرىپ، ھەرقايسى ئۆلكە-ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئۆلچەمگە يېتىشىنى، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا يەتتە كۈن ئىچىدە، ئېشىپ كەتسە 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇشنى، مۇھىم خەۋەرلەر، سىياسەت-ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگان تور بېكەتلىرىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە يېقىندا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
------------------------------
يۇقارقى خەۋەرنىڭ ئېنىرتسىيەسى بىلەن بىرقانچە توربېكەتنى كۆرۈپ باقتىم. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت توربېكىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېكىتى بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرچە ئوبدان تۇنۇتماپتۇ(ئىشلەتكىنىم ئوت تۈلكە توركۆرگۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى). شىنجاڭ تىل-يېزىقى نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوقكەن، شىنجاڭ مەدەنىيىتى چېكىسىدە «ئۇيغۇرچە» دەپ تۇرىدۇيۇ چەكسەم ئىنكاس يوق. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېكىتىنىڭ يېزىق تۇنۇتۇش ئەھۋالى بولىدىكەن، ئەمما سەھىپىلىرى خەنزۇچە بېتىدىكىدەك تولۇق ئەمەسكەن، بەزى مەزمۇنلار، مەسىلەن ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكى خەنزۇچە بەتتە باركەنۇ ئۇيغۇرچە بېتىدە يوقكەن (گەرچە «ۋەكىللەر ماتېرىيال ئامبىرى»دەپ بىر بۇلۇڭدا بىر ئۇلىنىش تۇرسىمۇ) . سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئاپتونوم رايونلۇق  كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوقكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت توربېكىتىگە كىرىپ باقتىم. بەزىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوقلا ئىكەن (بولۇپمۇ ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توربېكەتلىرى)، بەزى ھۆكۈمەت توربېكەتلىرىنىڭ ھەتتا خەنزۇچە بېتى بولسىمۇ بىر تالمۇ خەۋەر يوقكەن (قۇرۇق ئىسكىلىت)، بەزىلىرىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر يېرىم يىل بۇرۇن يوللىنىپتۇ. ئۇيغۇرچە بېتى بارلىرىنىڭمۇ كۆپىنچە خۇددى ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىدىكىدەك خېتى ئوبدان تۇنىمىغان ئىكەن.
  يۇقارقى بەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنە بىر ئورتاق مەسلىسى- ئالاقىلىشىش ، سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئىكەن.
--------------
يازمام ئالدىراش-تېنەش چۇۋالچاقلا يېزىلىپ قالدى. بىلمىدىم ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىدە ئىشلەيدىغانلار بارمۇ يوق. بولسا ئىدارىسىنىڭ توربېكىتى، مىكروبلوگى، سالونى دېگەندەك خەلق بىلەن يېقىنلىشىدىغان بىژنىمىسىگە قاراپ بېقىپ ،ئىشلەۋاتقان ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىكى گۈيتۇزىغا گەپ قىلىپ قويسا

Ahlak321 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:55:02

گەرچە بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شۇنداق ھەرخىل يوللار ئارقىلىق خەلق بىلەن يېقىلىشىۋاتقان بولسىمۇ نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بېكىتى پەقەت قۇرۇق جاھازىلا ئىكەن. مەسىلەن، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك «رەھبەرگە خەت»، «خەت قالدۇرۇش»، «تەكلىپ-پىكىر» قاتارلىق سەھىپىلەر بولسىمۇ رولى ئاساسەن  يوق، ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت توربېكىتىگە كىرىپ باقتىم. بەزىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوقلا ئىكەن (بولۇپمۇ ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توربېكەتلىرى)، بەزى ھۆكۈمەت توربېكەتلىرىنىڭ ھەتتا خەنزۇچە بېتى بولسىمۇ بىر تالمۇ خەۋەر يوقكەن (قۇرۇق ئىسكىلىت)، بەزىلىرىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر يېرىم يىل بۇرۇن يوللىنىپتۇ. ماۋۇ ئىشلارنى مەنمۇ ھىس قىلغان

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:02:17

ھەقىقى ئەھۋال ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.بىزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتى بولسىمۇ بىر يىلدا بىر قىتىم تېما يوللىنىدۇ. قارىغاندا بۇ ئىشلارمۇ تۈزۈلۈپ كەتكۈدەك.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:13:23

بىكار تەلەپ جان باقتىلار بىكار يەپ يىتىپ .
تۇغماس توخۇ ياتىدۇ ئۇۋىلۇقنى ئىگەللەپ
يۈرەر سەرسان كوچىدا تۇخۇم تۇغقان ھەسسىلەپ
… … دىگەندەك بىكار تەلەپلەرنى تازىلاپ
ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خەنسۇ،ياكى خەنزۇچە،ئۇيغۇچە بىلىدىغان ئۇيغۇر IT ساھەسىدىكى بىلىملىك ياشلارغا ئورۇن بوشاتسا،توربەتلەرنى رەتلەپ مەزمۇنلارنى يىڭىلىغىلى .تور بىكەتلىرىنى كەسپى شىركەتلەرگە ئۇيغۇچە، خەنسۇچە ياساتقۇزۇپ،يۇقارقىدەك بىلىملىك ياشلارغا تاپشۇرسا، خەلىق بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ،خەلىق بىلەن ئارلىقنى يىقىنلاشتۇرۇشقا، سىياسەت،قارارلاردىن تىز توغرا خەۋەردار بولۇشقا
پايدىسى كۆپ تىگەتتى .

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:19:05

دىھقانلار تور بىتى قۇرۇلدى دەپ يۇرەتتى بىر چاغلاردا دەنشىدە  راسمىكىنا؟:(

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:19:59

لىكىن ھەي تاڭ جۇمۇ .
خەلىقنىڭ پىكىرىنى،ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئۇلار بىلمەي.
خەلىق ۋەكىلى بولىمىشلار بىكار سەيلە قىلىپ، ھۆكىمەتنىڭ پىكىرنى يەتكۈزۈپ خۇددى ئۆيۈمدىكى تورنىڭ سۈرئىتىدەك نەرسە چۈشسە ، پالاق پۇلۇق يوللىسام ،يوقاپ كەتمەي يا ۋاختىدا يوللانماي دىگەندەك .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 04:38:17

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 21:19 static/image/common/back.gif
دىھقانلار تور بىتى قۇرۇلدى دەپ يۇرەتتى بىر چاغلاردا دە ...

   توك دىگەن يامان نىمە، ئۇلاپ قويسىڭىز دەنشىدە دەۋېرىدۇ، ئۆتكەندىلا تىخى بارلىق سوت ھۈكۈملېرى شۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ دەۋاتقان...

  

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 04:40:42

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 21:13 static/image/common/back.gif
بىكار تەلەپ جان باقتىلار بىكار يەپ يىتىپ .
تۇغماس توخۇ  ...

  تۇغماس توخويلار ئاشۇ ئىقتىدارلىق ياشلارغا ‹‹نىمىشقا مەندىن ئىشىپ كەتكەندۇ›› دەپ قىلتاق قۇرۇپ ئەدەپ بەرمىسىلا مىڭ شۈكرى دىسە بۇلىدۇ.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:47:46

مېنىڭچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكتىنى قايتا رەتلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. تەپتىش ياكى نازارەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلسا ئالىدىغان بىرەر خادىم يوق.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:14:48

ئىنتاھان ئىلىپ قوبۇل قىلغان  تور خىزمەتچىلىرىنىڭ تىخنىكىسى شۇنچىلىك

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:02:27

     مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «زۇڭلىغا گېپىم بار»سەھىپىسىدە خەت قالدۇرۇلسا تېزلا جاۋاب ئالغىلى بولىدىكەن (تەستىقتىن ئۆتسە)،  ئاپتونوم رايونلۇق توربېكەتنىڭ «رەئىسكە خەت» سەھىپىسىدىكى نۇر بەكرىگە ئىنكاس قىلىنغان مەسلىلەرگە قارىسام 10-20 كۈندە ئاران جاۋاب قايتىپتۇ.
     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى سالونى بار ئىكەن، ئۇيغۇرچە سالونىدا كۈندە يوللايدىغان خەۋەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر-ئىككى پارچە خەنزۇچە خەۋەر قىستۇرۇلۇپ قالىدىكەن. «ئۇيغۇرچە سالون بولغاندېكىن ئۇيغۇرچە يوللىمامسىلەر، تەرجىمان يېتىشمەمدۇ» دەپ نەچچە سۆز قالدۇرۇپ قويسام جاۋاب قايتۇرۇپمۇ قويمىدى.
بەت: [1]
: گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت توربېكەتلىرىنى رەتكە سالىدىكەن