uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 18:00:06

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 28-01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 18:07  

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  1279.7  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1272.23  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1294.46   دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.36    دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1293   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

ئاخشام  ئېلان قىلغان ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار چىققان ، شۇنداقلا ياۋرو چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1297 دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن . بۈگۈن بازار بۇ ھەپتىلىك بازار ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى نيۇيورك ۋاقتىدا ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ .
ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئاۋسترالىيە 4 - پەسىللىك CPI يىللىق نىسبىتى ، ئەگەر ئېلان قىلىدىغان CPI سانلىق مەلۇماتىدىن ئاۋسترالىيە پۇل پاخاللىق سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتسە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .

ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى گېرمانىيە Gfk ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، مۆلچەرچە بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋرو يۆلىنىشنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
   ئامېرىكا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنى ، بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە سائەت 03:00 دە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى  ئۆسۈم نىسبىتى قارار نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ .


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1293-1288   دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى . ئاسىيا بازىرىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە 1287 دوللارنى تىەرش نۇقتىسى قىلدى شۇڭا ئاسىيا بازىرىدا 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ 1290-1297 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1295-1297   دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1290-1285 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  ياۋرۇپا نازىرىدا 1285 دوللار ۋە 1278 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1280-1278 دوللار ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1305-1303  دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1303 1298
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار      1280 1285

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1278-1305
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1272
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1307

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .







ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

    بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.25 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1292.76 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى  354.94 يۈەن بولۋاتىدۇ  .  ئاخشام  ئېلان قىلغان ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار چىققان ، شۇنداقلا ياۋرو چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1297 دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن . بۈگۈن بازار بۇ ھەپتىلىك بازار ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ،  بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە سائەت 03:00 دە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى  ئۆسۈم نىسبىتى قارار نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ . كۈندۈزدىكى بازار تەۋرىنىشى سۇس بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن EIA خام نېفىت زاپىسىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇمات خام نېفىت بازىرىنىڭ چوڭ تەۋرىنىشىنى قوزغايدۇ ، نېفىت باھاسىدا ئۆزگىرىش بولسا ئالتۇن باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇ قېتىمقى قارار يىغىنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم قوشۇش مەيدانى بوشۇشۇپ قالسا ، ئۇچاغدا ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆسۈشىگە ئۈمىد بار بولىشى مۇمكىن .

ئەسسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 354.94 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.55 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .؛




نەق ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنى قىلىش ئۇسۇلى

            مەشغۇلات جەريانى ئاددى، ئاساسى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ، بىر كۆرۈپلا ئۆگىنىۋالغىلى بۇلىدۇ.ئىككى خىل سودا قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ  كومپيوتېر دا ۋە تېلېفوندا سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ , پاي چېكىدىن ئاسان،پاي چېكى تاللاشقا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقلار يوق، ئانالىز قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئاددى، دوللار، نېفىت قاتارلىقلارنىڭ باھا يۆلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىدىغىنى تېخنىكا ۋە ئاساسى ئانالىز.






تەھلىلچىنىڭ 2015 - يىللىق ئالتۇن باھاسىغا بولغان قارىشى

      ROTH Capital Partners نىڭ تەھلىلچى ئۇستازى Joe Reagor مۇخبىرلار زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، مېتال باھاسى ئايلانما ياغاچ ئاتقا ئوخشايدۇ بەزىدە يۇقىرى بەزىدە تۆۋەن بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ، ھەمدە ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگە .
     يېڭى يىل كىرىپ بۈگۈنگە قەدەر ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، 5 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان ، Reagor نىڭ قارىشىچە نۇرغۇنلىغان مەبلەغ قىممەتلىك مېتاللار بازىرىغا بۆسۈپ كىرگەن دەپ قارىغان . ئۇ مۆلچەرلىگىنىدە 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى 1263 دوللار ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
    Reagor نىڭ قارىشىچە ، بۇيىل كۈمۈش باھاسىنىڭ ئىپادىسى ئالتۇن باھاسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ، چۈنكى كۈمۈش سانائەتتە ئىشلىتىش ئېھتىياجى يۇقىرى ، شۇ سەۋەبدىن كۈمۈش باھاسى 18 دوللار ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان .






تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ

     1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفېت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق چىداشلىق بۇيۇم تالونى تاسادىپىي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادى مۇھىم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە پايدىسىز بولۇپ ، ئېھتىياتچانلىق كەيپىيات تەسىرىدە قىممەت مېتاللار يۇقىرى ئۆرلىگەن ، شۇ سەۋەپتىن نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 13.60 دوللار ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 1294.70 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 12.30 دوللار ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 1291.70 دوللار ئۆرلىگەن .
      ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق چىداشلىق بۇيۇم تالونى تاسادىپىي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن ، شۇ سەۋەپتىن NYMEX قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 1.08 دوللار ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 46.23 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .






ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كىلەر يىلى 3 - ئايغا كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن

      دۇنياۋى تاشقى پېرېۋوت خەۋىرى ، Morgan Stanley (MS) ئىقتىسادشۇناسى Ellen Zentner نىڭ تۈنۈگۈنكى دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ (FED) كۆرسەتمە بېرىشىگە ئاساسەن ، 2015 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش كۆز قارشى بارغانسېرى ئۆزگىرىپ كەتكەن ؛ شۇ سەۋەپتىن تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى 2016 - يىلى 1 - ئاخىردىن 3 - ئايغىچە كېچىكتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن ؛
     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 2015 - يىلى ئامېرىكا يادرو شەخسىي ئىستىمال چىقىمى (PCE) پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى 1.2% بولۇپ ، 1.9% تۆۋەنلىگەن ؛
     ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ھەر قېتىملىق پۇل سىياسەت يىغىنىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى مۆلچەرلىگەن .





ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى دوللارغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟

        1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى لوندون قەرەللىك مىس 5 يىرىم يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن دوللار تۆۋەنلىدى ، ھەم دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى قەرەللىك مىسقا تىرەش كۈچى بولدى ؛ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق چىداشلىق بويۇم تالونى تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن ، ئەگەر شۇنداق بولسا دوللار تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن .
       تەھلىل قىلغۇچى Dominic Schnider نىڭ بايان قىلىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ، بۇ ئەھۋال قىممەت مېتاللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېقىنقى مەزگىلدە دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش خەۋپ - خەتىرى بارلىقىدىن دېرەك بېردۇ .
     بۈگۈن لوندون قىممەت مېتاللار سودا بازىرىدا ، قەرەللىك مىس 1.2% ئۆرلەپ ، ھەر 5 توننا مىس 484 دوللار ئەتىراپىدا بولدى ، 5 يىرىم يىل ئىلگىرى ھەر 5 توننا مىس 339.50 دوللار ئىدى .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:14:35

تېمىدىكى ئالتۇن باھاسىدا خاتالىق يوقتۇ ھە؟
ئۈلۈشكۈنكى ئۇچۇردا 253 يۇەن ئىدى. بۈگۈنكى بۇ تېمىدا 354 يۇەن دەپ يېزىلىپتۇ. بىر كۈندە 100 سوم ئۆسۈپ كەتتىما باھاسى؟

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 09:43:44

ئالتۇن باھاسىدا خاتالىق يوقتۇ

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 11:12:05

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 09:43 static/image/common/back.gif
ئالتۇن باھاسىدا خاتالىق يوقتۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، ئەسلىدە  253.94 يۈەن ئىدى  خاتا يېزىلپ قاپتۇ ،  شۇڭا سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن ، ھەم توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن ؛ نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى 253.29 يۈەن بولۋاتىدۇ  . :$  

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:53:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ناۋادا مەن ئالتۇن سېتىۋالماقچى بولسان نەدىن سېتىۋالسام بۇلىدۇ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 16:37:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 16:40  

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:53 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ناۋادا مەن ئالتۇن سېتىۋالماقچى ب ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ، سىز نەق ئالتۇن سېتۋالماقچىمۇ ياكى توردا ئالتۇن سودىسى قىلماقچىمۇ ؟   QQ   نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز  تەپسىلىرەك پاراڭلاشساق بوپتىكەن  ؛  

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:08:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shemsi19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 17:10  

uyaltun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 16:37 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ، سىز نەق ئالتۇن سېتۋالماقچىمۇ ي ...

سىز قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن قوشىۋالسام

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:13:04

مىنىڭ  تىلفۇنۇمغا ئالتۇن كۆمۈشكە ئائىت ئۇچۇر كىلىدىغان بولۇپ قالدى . سىلەر ئەۋەتىۋاتامسىلەر؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:24:02

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 17:13 static/image/common/back.gif
مىنىڭ  تىلفۇنۇمغا ئالتۇن كۆمۈشكە ئائىت ئۇچۇر كىلىدىغا ...

ھەئە  ئۇچۇرنى بىز يوللاۋاتمىز ؛ ئالتۇن ، كۈمۈش سودىسى قىلۋاتقان ۋە قىزقىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بازارنىڭ كۈندىلىك يۆنلىشىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاۋاتمىز ؛  

مىنىڭ  QQ نى قارشى تەرەپ قوشقىلى بولمايدىغان بولۇپ قاپتىكەن ، شۇڭا سىزنىڭكىنى سورىغان  ؛  

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 17:45:16

سىلەر ئىلكان شىركىتى شۇمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 28-01