5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:59:18

ھەسەتخورلۇق-ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر

ھەسەتخورلۇق-ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر.
ھەسەتخورلۇق-ناچار ئەخلاقنىڭ ئەڭ زەرەرلىكى بولۇپ،بىر كىمگە نىسىپ بولغان ئامەت، نىئمەت، شان شەرەپلەرگە كۆرەلمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ، ئاشكارە جەھەتتە غەيۋەت قىلىش، بۆھتان چاپلاش،تۆھمەت قىلىش، توزاق قۇرۇش، ئاداۋەت ساقلاش بولۇپ ئىپادىلەنسە، يوشۇرۇن جەھەتتە شۇم خىياللارنى قىلىش،رەشىك قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا  دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان  بۇ خىل يىرگىنىشلىك پىسخىك كىسەل،ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىدە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.  تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەسەتخورلۇق كۆڭۈلدە شەكىللىنىپ سىرىتقىي جەھەتتە بىرەر يامان ھادىسە پەيدا قىلمىغىنى بىلەن، ئەگەر بۇنداق ناچار پىسخىك ھالەت كۆڭۈلدە رەشىك ئوتىنى  ئۇلغايتىدىغان بولسا ،بۇنىڭدىن تەسەۋۇر قىلغۇسىز بالايى ئاپەت مەيدانغا كىلىدۇ.
ھەسەتخور « پالانچىدىكى مال- مۈلۈك ۋە دۆلەت مەندە بولسىچۇ، ئىززەت- ھۆرمەت سائادەت مەندە بولسىچۇ،ھوقۇق مەنسەپ كامالەت مەندە بولسىچۇ،ئۇلار سۇرگەن راھەت- پاراغەتنى مەن سۈرسەمچۇ » دىگەندەك ئاچكۆزلەرچە شۇم خىياللارنى قىلىپ، ئۇمىتسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. دائىما روھى ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ.بىر كىمنىڭ بەختىنى كۆرگەن ھامان ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلىنىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن دائىما زەخمەت چىكىدۇ.ئۇلار ھەرقانچە كۆپ  مال ۋە بايلىققا ئىگە بولسىمۇ ھەسەتخورلىغى تۈپەيلىدىن ئارىستوتىل ئىيىتقاندەك  ؛«   بىر دەممۇ راھەت ۋە پاراغەت يۈزىنى كۆرمەي، دۇنيادا قانچە مىھنەت ۋە مۇسىبەت بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە يۈكلەپ، دۇنيادىكى شات- خوام ۋە خۇشھال كىشىلەرنىڭ  شاتلىغىغا قايغۇرۇپ »،تۈگۈمەس غەمگە چۆكۈپ، قان يۇتۇپ  دۇنيادىن كىتىدۇ . بۇ ھەقتە ئاقىللار مۇنداق نەزمىلەرنى تۈزۈشكەن:

       پۈتۈن بولماس ھەسەتخورنىڭ پارچە نانى،
كۆيەر ئۇنىڭ دائىم ھەسەتتە جىسمۇ جانى  .
ھەسەتخور خاھ پىقىر بولسۇن ۋە ياكى باي ،
ھەسەت ئوتىدا يانغاي  ئۇنىڭ ئۇستىخانى.
دائىم كۆيۈپ غەرەز بىلەن ھەسەت ئوتتا،
چىقار تەندىن تەن سىقىرتىپ ئەزىز جانى.
نەقىل قىلنىشىچە، بىر بىخىل كىشى تەركى ۋەتەن بولۇپ، يىرققا يول ئىلىپ چۆللەرنى كىزىپ كىتىۋاتسا، تەسادىپەن يولدا ئىككى كىشىگە ئۇچىراپ قاپتۇ. ئۇ ئىككىسىمۇ بىخىل كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلار ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخىل كىشىلەردىن ئىكەنلىگىنى بىلىشكەندىن كىيىن،تىزدىن تىل تپىشىپ سەپەرنى بىرگە داۋام ئىتىپتۇ. ئۇلار يولدا قورسىغى ئاچسا بەللىرىگە تۈگىۋالغان نانلىرىنى ئېلىشىپ،تەتۈر قارىشىپ ئولتۇرۇپ يەپ يولنى داۋام قىلىپتۇ. كېتىۋىتىپ بىرسى قالغانلىرىدىن سوراپتۇ:
-ئەي يارانلار!سىلەر نىمىشكە يۇرۇتنى تاشلاپ بۇ ئاۋارىچىلىق يولىنى تۇتتىڭىزلار ؟نىمە سەۋەپتىن راھەتنى مۇساپىرچىلىق مېھنىتى بىلەن ئالماشتۇردىڭىزلار ؟ ئۇلاردىن بىرى جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دەپتۇ :
   -مەن ياشايدىغان جايدا ماڭا ياقمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ، ئۇلارنى كۆرسەم رەشىكىم ۋە ھەسەتخورلۇقۇم قوزغىلىپ، كۆڭلۈم دائىم ئېزىلىپ تۇرۇدۇ.بىرسى يەنە بىرسىگە ياخشىلىق قىلسا كۆرەلمەيمەن. بىر- ئىككى كۈن تەركى ۋەتەن قىلىپ،ئۇلارنى كۆرمەي تۇرسام،ئىھتىمال كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپارمىكىن دەپ يۇرۇتنى تاشلاپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتىمەن.
   ئىككىنچىسى سۆز باشلاپ دەپتۇ :
ـ يا توۋا ! مېنىمۇ قىينىغان نەرسە دەل موشۇ. شۇ نەرسە تۈپەيلى مەنمۇ ئۆز يۇتۇمنى تاشلاپ چىقتىم، نەگە بىرىشىمنى بىلمەيمەن .
ئۈچىنچىسى دەپتۇ :
-        ھەر ئىككىڭىزلارمۇ مەن مۇپتىلا بولغان دەرتكە ئۇچراپسىلەر،
مەنمۇ ھەم ھەسەت ئوتىغا چىدىيالماي ۋەتەننى تەرك ئەتتىم .
ئۇلار ئۆز ئارا تىل تېپىشىپ بىرخىل دەرتكە مۇپتىلا بولغانلىغىنى بىلىشكەندىن كىيىن ،ئىتتىپاق بولۇشۇپ يولنى داۋام قىلىپتۇ.
ئۇلار يولدا كېتىۋىتىپ توساتتىنلا بىر دانە ھەميان تېپىۋاپتۇ.
ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەسەتخورلىغى تۈپەيلى ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى
ئۆزى يالغۇز ئىگەللەشنىڭ ئىشتىياقىدا يېنىپ، شىرىكلىرىنڭ ئېلىشىنى زادىلا خالىماپتۇ.ئۇلارئالتۇننى يالغۇز ئىگەلەشنىڭ خاپىلىغىدا بىر كېچە-كۈندۈز جاڭجاللىشىپ ،ئاچلىق ۋە تەشنالىقتا ھالىدىن كېتىپ يېتىپ قاپتۇ.
  شۇ يۇرۇتلارنىڭ بىر ھاكىمى شۇ ئەتىراپتا ئوۋ ئوۋلاپ تاماشا قىلىپ يۈرەرىكەن، چۆلدە ياتقان بۇ كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىگىنى بىلىپ كىلىشكە بىر خىزمەتچىسىنى ئەۋەتىپتۇ. خىزمەتچى بىرىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ھاكىمغا بىر – بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. ھاكىم خۇشال بولۇپ:
   -ئوۋ دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئوبدان بولامدۇ؟ ئۇلارنى دەرھال قېشىمغا ئىلىپ كېلىڭلار؟ ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ مەزە قىلايلى دەپتۇ . ئۇلار كەلگەندىن كىيىن ھاكىم سوراپتۇ :
-ھەر بېرىڭلەر ئۆز ھەسەتخورلىغىڭلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بىرىڭلار. شۇنىڭغا قاراپ ئالتۇننى تەقسىملە يلى دەپتۇ.
ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى دەپتۇ. :
  -ئەي ھاكىم! مېنىڭ ھەسەتچىلىكىم شۇ دەرىجىدىكى، مەن ھىچقاچان بىراۋغا ياخشىلىق قىلالمايمەن،مۇبادا، ياخشىلىق قىلسام،ئۇ ئادەم تېنىچ خاتىرجم بولسا،ھەسرەتلەنگەنلىگمدىن  غەمگە چۆكىمەن.
ئىككىنچىسى بىرىنچىسىگە :
   ـ سەن بېخىللىق ۋە ھەسەتخورلۇقتىن بىبەھرە ئىكەنسەن.مېنىڭ بېخىللىق ۋە ھەسەتخورلۇقۇم شۇ دەرىجىدە ئىكەنكى،بىر كىم يەنە بىر كىمگە ئۆز مېلىدىن بىر نەرسە بېرىپ ياخشىلىق قىلسا،مەن ئۆزەمنى قەيەردە قويۇشنى بىلمەي ھەسەتتىن تىپىچەكلەپ كىتىمەن دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان ئۇچىنچىسى :
-سىلەردە ھەسەتخورلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن.سىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقتا قىلغان دەۋايىڭلار بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىكەن. مېنىڭ بېخىللىق ۋە ھەسەتچىلىكىم شۇ دەرىجىدىكى، ئەگەر بىرەر كىشى ماڭا ياخشىلىق قىلسا،پايدىلىق سۆزلەرنى قىلسا،ھەسەتتىن جىگىرىم ئوت بولۇپ كۆيىدۇ .
ھەسەتخورلارنىڭ سوزىنى ئاڭلىغان ھاكىم غەزەپتىن خىزمەتچىلىرىگە شۇنداق پەرمان بېرىپتۇ:
- بۇبەد -بەخىتلەرگە  لايىغىدا جازا بەرمەك كېرەك. ھىچكىشىگە ياخشىلىق قىلىشنى خالىمايدىغان ھەسەتچىنى يالاڭ باشتاق، يالاڭ ئاياق قىلىپ، چۆلنىڭ ئىچكىرىسىگە ئاپىرىپ تاشلىۋىتىڭلار! بىر كىمنىڭ يەنە بىر كىمگە ياخشىلىق قىلغىنىنى كۆرەلمەيدىغان ھەسەتچىنى بېشىنى تېندىن جۇدا قېلىپ، ھەسەت ۋە بېخىللىق ئازاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇڭلار!.بىر كىشى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلسا چىدىيالمايدىغان ھەسەتچىنى يالىڭاچلاپ قولىنى كەينىگە باغلاپ، بوينىغا تاش ئېسىپ دەرياغا چۆكتۈرۋىتىڭلار!.   .  
دېمەك ھەسەتخور قانچە ئازاپ تارىتسا شۇنچە ھەقلىقتۇر .
        -ئوقۇلمىلاردىن ئۆزلەشتۈرىلدى.
www.qinturk.com

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:19:41

http://mp3.muzika.cn//other/2011/07/2011070676885665.mp3
ھەسەتخور

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:29:09

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:29:44

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:26:42

ھەسەتخورلۇق ئىجتىمائىي تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئادەملەرنىڭ شان شەرەپ تۇيغۇسى كوللېكتىپ ھالدا بۇرمىلانغاندا ھەسەتخورلۇق بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
شېئىر بىلەن ناخشا بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دېيىش ئاخماقلىق. بۇ چېچىمدىن تۇتۇپ ئۆزۈمنى كۆتۈرىمەن دېگەندەكلا بىر ئۇرۇنۇش.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:32:33

ھەسەتخورلۇق ھەممە ئادەمدە بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيمەنغۇ ئۆزەمچە .

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 00:28:23

باللىرى بارلار بىلدۇ، قىزغىنىش، ھەسەت قىلىش دىگەن كىچىك باللىلارنىڭ ھايۋانلارچە جان ساقلاش تەبئىي ئىقدىدارى.
ئەمدى ئادەمنى ھايۋان دەپ تىللىساق ھەممىزنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ، نىمە ئۈچۈن؟
ئانداقتا ئادەم بىلەن ھايۋاننى تزۈلمە بىلەن ئايرىۋېتەيلى، ئۇنداقتا بۇ تۈزۈلمە ھەممە ئادەمگە ئادىل بۇلۇشى كېرەك. يەنى ئىنسانلار مەدىنيىتى ئادىل بۇلىشى كېرەك.
يەنە يەنى مىنى ھەسەتخور بولما دەيدىغانغا ئاساسىڭىز بۇلىشى كېرەك.
بەت: [1]
: ھەسەتخورلۇق-ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر