نېمىشقا تەڭگىدىكى ئادەم سۈرىتى يانچە بولىدۇ
نېمىشقا تەڭگىدىكى ئادەم سۈرىتى يانچە بولىدۇئاپتورى: روبېرت فرانك
يانچۇقىڭىزدىكى پارچە پۇلغا قاراپ باقسىڭىز شۇنى بايقايسىز، تەڭگە پۇلدىكى سابىق پرېزىدېنتلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسى يانچە بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، سېنتلىق تەڭگىدىكى لىنكولن، جېفىرسون، دوللارلىقتەڭگىدىكى روزۋېلت، ۋاشىنگتون، كېننىدىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىتى يان يۈزلۈك.
لېكىن قەغەز پۇلدا بىر ئامېرىكا دوللىرىدىكى ۋاشىنگتون، بەش ئامېرىكا دوللىرىدىكى لىنكولىن، ئون ئامېرىكا دوللىرىدىكى ھامىلتون، 20 ئامېرىكا دوللىرىدىكى جېكسون، 50 ئامېرىكا دوللىرىدىكى گراند، يەنە يۈز ئامېرىكا دوللىرىدىكى فرانكلىن قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنىڭ ھەممىسى ئۇدۇل يۈزلۈك. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمى بۇنىڭ سىرتىدا، بۇندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ: تەڭگە پۇلدىكى سۈرەت يانچە، قەغەز پۇلدىكى سۈرەت ئۇدۇل يۈزلۈك بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەرق مەۋجۇت بولىدۇ؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مېتال ئويمىچىلىق نۇسخىسىدا ساقلىنىۋاتقان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ئىنسانلارنى تەڭگە پۇلغا پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتلەرنى سىزىپ چىقىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. تەڭگە پۇلغا رەسىم سىزىشقا بولىدىغان بوشلۇق ئادەتتە تۆت كۋادرات سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئىنچىكىلىك دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئادەمنى ئاتاپ ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنى سىزىپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن. ئەكىسچە، ئەگەر يان يۈزلۈك سۈرەتنىلا سىزىلسا ئاساسىي گەۋدىنى تونۇماقئاسان بولىدۇ. تەڭگە پۇلغا ئىنچىكىلىكى يېتەلىك بولغان ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنى سىزىپ چىقماقچى بولساق تېخنىكا جەھەتتىن قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما چىقىم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭگە پۇلنىڭ ئوبوروتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نازۇك ھالقىلىرى تېزلا ئۇپراپ كېتىدۇ.
يان يۈزلۈك سۈرەتنى ئاسان ياسىغىلى ۋە پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن، نېمىشقا قەغەز پۇلدا شۇنداق ئىشلەتمەيمىز؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇدۇل يۈزلۈك سۈرەتنىڭ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بۇلىشى ساختا پۇل ياساشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەنبە:«بۈگۈنكى تەرمىلەر» 2014-يىللىق 20 سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-28 10:15
شۇنداقما ؟ :lol
pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 10:11 static/image/common/back.gif
شۇنداقما ؟
ھاھاھاھاھا ئىزدىنىش روھى
:lol
خاشو تەڭگە ئەمەستۇ ھە ماۋۇ pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 10:11 static/image/common/back.gif
شۇنداقما ؟
ئەتگەندە كۆرەگەن ۋەششى ئىنكاس بولدى بۇ ...
تىما ئىگىسىگە تەششەككۈر pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 10:11 static/image/common/back.gif
شۇنداقما ؟
روبىرىت فىرانىك قارىغاندا ياخشى ئىزدەنمىگەن ئوخشايدۇ ياكى ئۇ ياشىغان يەرنىڭ تەڭگە پۇل ياساش تېخنىكىسى تازا ۋايىغا يەتمىدىمۇ نېمە، تۇنۇيدىغانلار بولسا ماۋۇ فىرانىك ئەپەندىنى ئىزدىنىشقا چاقىرىپ ئەزا قىلىپ قويايلى :lol pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 10:11 static/image/common/back.gif
شۇنداقما ؟
نەدىن گەپقىلسا شۇيەردىن چۈشىدىغان ئاداش ماۋۇ :lol asalam يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 11:53 static/image/common/back.gif
نەدىن گەپقىلسا شۇيەردىن چۈشىدىغان ئاداش ماۋۇ
ئەگەر پىس-پاس بولمىغان بولسا كاتتا ئادەم بۇلغۇدەككەن. ھاھاھا گەپ كەتمەيدۇ ، ئىسپات بىلەنلا مەن دىققەت قىلماپتىكەنمەن جۇما ما ئىشلارغا.
پىس پاسنىڭ يوللىغان تەڭگىلىرىدىكى بىلەن ئەسەردە كۆزدە تۇتۇلغان ماۋۇ تەڭگىدە روشەن پەرق بار.
يەنى باش قىسىمى يىراقتا ئىكەن.
لېكىن ئەسەردە دېمەكچى بولغىنى يۈز قىسىمى يېقىن بولىشى كېرەك. پىس پاسنىڭ جاۋابىقالتىس بوپتۇ . ئاۋۇ ماقالە يازغۇچى ئەجنەبى تۈزۈكرەك ئىزدەنمەي تۇرۇپلا يازغان ئوخشايدۇ.. ما تەڭگىدىكى خەتنى بىر ئوقۇپ بىقىڭلا باللا ....ئوڭ يۇزىدە قەدىمكى ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش ،سول يۇزىدە خەمسۇچە باكەن...
babur729 يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 20:32 static/image/common/back.gif
ما تەڭگىدىكى خەتنى بىر ئوقۇپ بىقىڭلا باللا ....ئوڭ يۇزىد ...
ماۋۇ ئوڭ تەرەپتىكىسى :اكىمثقال ضرب كاشغر- دېگەن گەپكەن. يەنى : ئىككى مىسقال قەشقەردە سوقۇلغان ( قۇيۇلغان) مەنمۇ رەسىمگە چۇشسەم دائىم يانچە چۇشىمەن مۇشۇنداق چۇشسەم بىر خىل قاملاشقان ،سالاپەتلىك ھىس قىلىمەن ئوزەمنى ،،:lol babur729 يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 20:32 static/image/common/back.gif
ما تەڭگىدىكى خەتنى بىر ئوقۇپ بىقىڭلا باللا ....ئوڭ يۇزىد ...
http://paimai.artxun.com/finish/goods-814227.html
سېتىلىش باھاسى 500 سوم ئىكەن. يوللانما ھەققى 15 سوم. http://www.xjass.com/ls/content/2012-02/25/content_222280.htm
بۇ ئادرىستىكى ماقالە ياقۇب بەگ ھاكىمىېيتى ئاغدۇرۇلغاندىكىن كىيىن دىيارىمىزدا مەنچىڭ ھۆكۈمىتى قۇيۇپ ئىشلەتكەن كۆمۈش تەڭگە توغرۇلۇق ئىكەن. ئەجەبلىنىش كەتمەيدۇ بۇ يازما بىلەن پىس-پاسنىڭ ئىنكاسىغا ..............
تۈركلەر قەدىمدىلا دۇنيادا مىتال تاۋلاش بىلەن داڭ چىقارغان ، ئەجنەبىلەردە بولمىغان تېخنىكا تۈرك دالالىرىدىكى ئادەتتىكى بىر تۈمۈرچىنىڭ قۇلىدا بۇلۇشى مۇمكىن . jan يوللىغان ۋاقتى2015-1-28 21:49 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئوڭ تەرەپتىكىسى :اكىمثقال ضرب كاشغر- دېگەن گە ...
رەھمەت ، قارىغاندا چاغاتاي يىزىقىدەك قىلامدۇ نىمە...
بەت:
[1]
2