huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 09:51:23

ئانام ئەزەلدىن ماڭا ئۆگىتىپ باقمىغان ئىشلار

ئانام ئەزەلدىن ماڭا ئۆگىتىپ باقمىغان ئىشلار
ئېمىلي-جېن كلارك [ئەنگلىيە]

ئۆزىگە قانداق گىرىم قىلىش
كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن يۈزىگە ماي سۈرمەيتتى، ئۇ ئەتىگەندە بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىشنى، چاچ تاراشنى ياكى تىرنىقىنى بوياشنى بىلمەيتتى.
ئۇ ئەزەلدىن چېچىمنى ئۆرۈپ قويمايتتى، پاكىز تۇتۇپ كىيىدىغان يوپكا كىيدۈرمەيتتى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پەرداز سورۇنلىرىغا تاشلاپ قويمايتتى، ياكى بولمىسا پارقىراپ تۇرىدىغان مەلىكە ئايىغى ئېلىپ بەرمەيتتى. ئەكىسچە، ئۇ ماڭا كالتە ئىشتان بىلەن T شەكىللىك مايكا كىيدۈرۈپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئوينىغىلى، يۈگۈرگىلى قوياتتى. ئۇ ماڭا يامغۇرلۇق ئۆتۈك كىيدۈرۈپ، ئازگالغا دەسسەپ بۇژغۇن چاچرىتىشىمنى كۆرەتتى. مەن لاي-پاتقاقتا ئويناپ كىيىملىرىمنى مەينەت قىلىۋەتسەم، ئۇ ئازراقمۇ كۆڭلىگە ئالمايتتى.
ئۇ ماڭا ئەزەلدىن قىز بالىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھېس قىلىپ يەتتىمكى چىرايلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار ئىكەن، مەسىلەن: قەدىناسلىق، پاراسەتلىك، قىزىقچىلىق ۋە خوشاللىق قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا ناۋادا گىرىمىم قاملاشمىسىمۇ، سومكام بىلەن ئايغىم ماسلاشمىسىمۇ، تىرنىقىمنى ياسىمىساممۇ قىلچە كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، ئاپامدىن كۆرۈڭ.
ھەر ۋاقىت تەقى-تۇرقىغا دىققەت قىلىش  
كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن يېمەكلىك تېجىمەيتتى، كالورىيە قوبۇل قىلىش مىقدارى ياكى ئورۇقلاش دېگەن گەپلەرنى ئېغىزىغا ئالمايتتى. ئۇ ئەزەلدىن «مەن بەك سېمىز ئىكەنمەن» دەپ ئاھ ئۇرمايتتى ياكى تېخىمۇ زىلۋا بولۇشنىڭ گېپىنى قىلمايتتى. شۇڭا مەن زىلۋالىغىنى ساقلاشنى ئەسلا مۇھىم ئىش دەپ قارىمايمەن.
ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ياغسىز سۈت، قېتىق ئىچكۈزۈپ باقمىدى. بەزىدە ئۇ ماڭا ھەتتا پېچىنە-پىرەنىك، شاكىلاتلارنى يىگۈزەتتى. ئۇ ئەزەلدىن بىزگە كەمپۈتنى كۆپ يېسە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ دەپ باقمىدى. بىراق ئۇ بىزگە كەمپۈتنى جىق يىسە ئادەم ساغلام بولمايدۇ دەيتتى.
مەن ئورۇق بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ساغلام بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمەن.
شۇڭلاشقا ناۋادا مەن بەدەن شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى رەت قىلمىغان بولسام ياكى بالامنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلسام مېنىڭدىن كۆرمەڭ، ئانامدىن كۆرۈڭ.
قانداق قىلىپ ياخشى ئائىلە ئايالى بولۇش
كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن پېچىنە پىشۇرۇپ بەرمەيتتى ياكى تۇغۇلغان كۈن تورتى قىلىپ بەرمەيتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئىشتاننى قانداق دەزماللاپ قاتلاشنى، دۇخۇپكىنى تازىلاشنى ياكى قانداق ياسىنىشنى ئۆگەتمەيتتى. بىراق ئۇ بىر نەچچە سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ماڭا گەپ قىلاتتى، بالىلار ناخشىسى توقۇپ بېرەتتى، ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى.
   مەن ئۇنىڭدىن بالىغا قانداق قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئۆگەندىم. گۆدەك چېغىمدا ئاپامنىىڭ ئۆيدە بىر قانچە يىل تۇرغان ۋاقتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ ھەمىشە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ ئۇتۇق قازانغان مۇخبىر بولۇش بىلەن تەڭ ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى.
ئاتا-ئانام بىرلىكتە تاماق ئېتەتتى، ئۆينى تازىلايتتى، ئوغۇل-قىزلىرىنى تەربىيەلەيتتى. بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت بىر ئايالنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى كىچىك ۋاقتىمدىلا بىلەتتىم. ھەر قانداق ئادەم پەقەت بەش مىنۇت ۋاقتى بولسىلا بۇنداق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ تۈگىتەلەيدۇ.
مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقان ۋاقتمدا يېڭى قاقلىغان كىچىك كۆپكەن ناننىڭ پۇرىقىنى ئەزەلدىن پۇراپ باقمىغان، بىراق ئۆيگە كەلگىنمدە مېھىرلىك قۇچاقلاش ۋە كۈلۈمسىرەش بولۇپ تۇرىدۇ.
شۇڭا ئەگەردە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ چاي ئىچسىڭىز دۇكاندىن سېتىۋالغان تورتنى ئېلىپ سىزنى كۈتىۋالىمەن، بىراق بىز يەنىلا پاراڭلىشىپ كۆڭلىمىزنى ئاچالايمىز، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، ئانامدىن كۆرۈڭ.
ئاپام ئەزەلدىن «ئانىلار تورى»دىن بالىلارنى پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ باقمىغان ياكى گۇگول تورىدىن «قىزلارنى قانداق تەربىيەلەش» توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئىزدەپ باقمىغان، ئۇنىڭغا بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىدىغان يانفون ئەپلىرىمۇ يوق. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىغان ئانا بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلمىغان، خىزمىتى بار ئانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىنمۇ ئەنسىرىمىگەن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىگە ئەمەل قىلىپ، بالىلىرىغا نىسبەتەن ياخشى دەپ ھېسابلىغان ئىشلارنى قىلغان.
ھازىر مەن ھەرگىزمۇ مودا، زەھەرخەندە ئانا ھېسابلانمايمەن، مۇتلەق قالتىس ئاشپەزمۇ ئەمەس، بىراق مەن ساغلام، مۇستەقىل، ئىنتايىن خۇشال-خۇرام. مېنىڭ بۈگۈنكى مەنگە ئايلىنىشىم ئاپامنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ھېچنېمە قىلمىغانلىقى سەۋەبىنىدىندۇر. قىزىم ئۈچۈن ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن.
«ياشلار تەرمىلىرى» ژۇرنىلىرىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 13:23:13

ھازىر تور، يانفۇن قاتارلىق ئالاقە ۋاستىللىرى ئاتا-ئانىلاردىن ۋاقىت تالاشماقتا.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 14:40:13

تەكرار ئەمگەكمۇ ياكى ...؟

بۇنى مەن خلى بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ ئىزدىنىشتا ئېلان قىلغان : http://bbs.izdinix.com/thread-60733-1-1.html

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:22:35

قايتا تەرجىمە قىلغاندەك قىلىدۇ.:lol
بۇ تەرجىمىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
داداش تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى بىلەن سېلشتۇرۇپ باقتىم. تېما ئىگىسى ئەيىپكە بۇيرىماڭ. ئەسلىدە بىر قېتىم يوللانغان تېما بولغاچقا، بۇرۇنقى تېما بىلەن سېلشتۇرۇپ ئوقۇپ باقتىم.
بەت: [1]
: ئانام ئەزەلدىن ماڭا ئۆگىتىپ باقمىغان ئىشلار