talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 00:45:24

بۇلۇت تېخنىكىسىدا ھىساپلاش(تېخنىكا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 00:59  



كۆپ قىسىم ئۈچ ئۈلچەملىك يۇمشاق دىتال ئىشلتىدىغانلار .تەسۋىرلەش جەريانىدا  يۇقىرى تىزلىكتىكى ھىساپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا ئىھتىياجلىق بۇلىمىز.ئادەتتىكى يەككە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتى بىلەن كۈرىنىش ئۈنۈمى ئالاھىدە مۇرەككەپ ،ۋاقتى ئۇزۇن كۆرنىشلەرنى ھىساپلاشقا قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن تەركىپ تاپقان كۇمپىيۇتىرلار توپىنى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتىر قۇرىدۇ،ياكى شۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ.ئادەتتە بۇ كومپىيۇتىرلار توپى ئىنگىلىسچە (Render farm)يەنە خەنزۇچە (渲染农场) دەپ ئاتىلىدۇ.Render خەنزۇچە 渲染دەپ ئاتىلىدۇ ،تىلىمىزدا بۇنىڭدا تېخى بىر بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ يوقمىكىن دەپ ئۇيلايمەن.(مەن ئۈزەمچە تەسۋىرلەش ياكى تەسۋىر ھاسىللاش دەپ ئاتاپ باقتىم) .ئۈچ ئۆلچەملىك يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەتكەندە بۇ ئاتالغۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ..شۇڭا مەن بۇ يازمىدا بۇ ئاتالغۇنى بىۋاستا 渲染  دەپ ئاتاي!
ئۇنداق بولسا 渲染农场 دىگەن نىمە ؟
渲染农场 نى ئاددى قىلىپ ناھايىتى كۆپ كومپىيوتىرلار توپى دەپ چۈشەنسەكلا بۇلىدۇ. ھەر بىر يەككە كومپىيوتىردا كەمىدە تۈت،سەككىزياكى 16ھەتتا 32 يادرۇلۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن،ئىككىدىن -تۈتكىچە بار كومپىيۇتىردىن، كىچكرەك 渲染农场دا 10دىن 20 مىسى،ئۇتۇرھاللىرىدا نەچچە يۈزى ،چوڭلىرىدا ھەتتا نەچچە مىڭى بۇلىشى مۇمكىن.بۇ كومپىيۇتىرلار توپى بىرلا ۋاقىتتا بىر بۇيرۇققا نىسپەتەن ھىساپلاش ئېلىپ بارالايدۇ.يەنە تەسۋىر ھاسىل قىلالايدۇ.

شۇڭا بۇنداق 渲染农场 نى ئادەتتىكى ئادەملەرلا ئەمەس .خېلى چوڭ مىيدىيا شىركەتلىرمۇ كۈتۈرەلمەيدۇ. ئالدىنقى قېتىم ،مەلۇم بىر قۇرلۇش فىلىمىنى ئىشلىگىچە، شاڭخەيدىكى 250 تال كومپىيۇتىرى بار Render farm غا ماتىريالنى ئەۋەتىپ شۇ يەردە ھىساپلاتقۇزغان،ئومومىسى بۇلۇپ27 سائەتتە چىقىرپ بوپتىكەن.
بۇ يازمىنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇر بۇ ئەمەس ئەلۋەتتە.مەن يازمىنىڭ تېمىسىغا بۇلۇت تېخنىكىسىدا ھىساپلاش(云渲染农场) دەپ قۇيدۇم.
ئۇنداقتا 云渲染农场 دىگەن نىمە گەپ 渲染农场 دىن نىمە پەرققى بار ؟
云渲染农场 يەنىلا ناھايىتى كۆپ  كومپىيۇتىرلار توپى .يەنىلا تىز سۈرەتتە ھىساپلاش ئىلىپ بارىدۇ.پەقەت پەرققى ،ھىساپلاش جەرياننى ۋە نەتىجىسىنى ئۆزىڭىز ئەركىن كونتىرول قىلىسىز!يەنە ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئۈلچەملىك يومشاق دىتال 渲染农场 غا قاچىلانغان(بۇنى ئۇلار ئالدىن قىلىپ بولغان).سىز مۇناسىۋەتلىك تور ئۇچۇرى يەتكۈزۈش قۇرالىنى كومپىيۇتىرغا قاچىلاپ،سانلىق مەلۇماتنى 渲染农场 غا يوللاپ بىرىسىز.بۇ سانلىق ئۈچۈرلار 渲染农场نىڭ ئۈچۈر ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ.ئەمدى ھىساپلاشنى باشلاش ۋاقتى،ئىجارىگە ئالغان كومپىيۇتىرنىڭ سانى دىگەنلەرنى ئۆزىڭىز ئەركىن كونتىرۇل قىلىسىز،ھىساپلاش نەتىجىسى بىۋاستە سىزنىڭ كومپىيۇرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا ساقلىدۇ.خالىغانچە كۆرەلەيسىز. بويرۇقنى خالىغانچە ئىتىۋەتكىلى بۇلىدۇ.قىسقىسى ھىساپلاش جەرياننى ئەركىن كونتىرۇل قىلىسىز!
بۇ ئەنئەنىۋى 渲染农场غا سېلىشتۇرغاندا ،ئۈچۈرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ،زىيادە ئىقسادى ۋە ۋاقىت چىقىمى جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە .بۇ تەرەپلىرى ئەلۋەتتە ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.مەنمۇ بۈگۈن تېخى بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلاپ ،ئىزدەپ سىناپ باقتىم .ئەلۋەتتە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بولغاچقا كەمچىلىكلەردىنمۇ خالىي ئەمەس ئېھتىمال!

ماۋۇسى ئادىرىستىكى مۇشۇنداق 云渲染农场 .دەسلەپ تىزىملىتىپ كىرگەندە 50 يۈنلىك ھەقسىز سىناپ بىقىش ۋاقتى بىردىكەن.
http://www.rayvision.com/main.html



isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:11:15

ھاسىللاش دەيمىز.. مەن بۇئاتالغۇنى2009-يىللىرى قارلۇق شىركىتىدە ئاڭلىغان ھەم مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:43:22

渲染-ھاسىللاش،
渲染农场-ھاسىلگاھ .
تىيەنخې ناملىق مۇلازىمېتر ئىشلىتىدىغان ئوخشىمامدۇ بۇ بۇلۇت مۇلازىمېتىرگە .

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 14:37:49

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 10:43 static/image/common/back.gif
渲染-ھاسىللاش،
渲染农场-ھاسىلگاھ .
تىيەنخې ناملىق مۇلازىمېت ...

ئىنتايىن ياخشى پىكىر قوللايمەن!

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:22:38

ئېسىل،نادىر تەرجىمە ،بارىكاللا:handshake

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:29:44

ۋىكى قامۇسىدا «render» دېگەن سۆزنى كومپىيوتىر گىرافىك ئىلمى ساھەسى بۇيىچە ،كومپىيوتىر پىراگراممىلىرىدىكى قوراللار ئارقىلىق تەسۋىر ياكى رەسىمنى ھاسىل قىلىش دىگەن مەنىدە كەلتۈرۈپتۇ.
شۇڭا ھاسىللاش ئەڭ ياخشى سۆز بولۇپتۇ.يەنە بىر بارىكاللا كەتتى.:handshake
بەت: [1]
: بۇلۇت تېخنىكىسىدا ھىساپلاش(تېخنىكا)