xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:48:43

ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن جىددىي ياردەم سورايمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 21:50  


ئەسسالامۇ ئەلەيلكۇم ئىزدىنىشتىكى تېۋىپ ئۇستازلار!
ھامىلدار بولغىنىغا بەش ئاي بولغان بىر ئايال سېزىكلىك دەۋرىدىن باشلاپ سول بېقىنى ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ ئاغرىق ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ب چاۋ دا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، بۆرەككە سۇ چۈشكەن، ئوڭ بۆرەكتە 20 مىللىلېتىر، سول بۆرەكتە سەككىز مىللىلېتىر سۇ بار دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. شۇنداقلا، ئايالدا ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاشقان، ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ناچار دەپ دىئاگنوز قويۇلدى ۋە بۆرەككە بېرىلىدىغان لوبۇبى كەبىرنى بۇ ئايالغا بەرسەك كۆتۈرەلمەيدۇ، ئاۋال ئاشقازاننى ۋە تەننى قۇۋەتتەلەش كېرەك دەپ ئاشقازان ياخشىلايدىغان، قان كۆپەيتىدىغان بەش يۈز يۋەن قىممىتىدىكى ھەر خىل مەھسۇلاتلار بېرىلدى.
بۇ مەھسۇلاتلار ئەبرىشىم شەربىتى، ئانار شەربىتى، شەربىتى ئۈستى قۇددۇس، ھەزىم تابلىتكىسى، ‹شىس مان› ئابدۇللا قۇۋۋەت ناشتىلىقى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ساپ ھەسەل، كالتىسىي تالقىنى، ھاياتى قەلب ئىچىملىق قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىبارەت.
شۇنداقلا، بۇ دورىنى بۇيرۇغان تېۋىپ مۇشۇ دورىلارنى بىر ھەپتە يېگەندىن كېيىن قايتا كېلىشنى، شۇ چاغدا ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئېيتىپ يولغا سالدى. بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىن ئاۋۋال بۇ ھامىلدار ئايال باشقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قايتا ب چاۋ تەكشۈرتىشى قىلىندى. بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار بىر نەچچە سائەت ھەپىلىشىش ئارقىلىق بۆرەككە سۇ چۈشكەن ياكى كىرىستال بار بولۇشى مۇمكىن، باشقا دوختۇرغا كۆرسىتىڭلار دەپ يولغا سالدى. مەن باشتىكى تېۋىپنىڭ دورىلىرىنى سېتىۋالدىم، ئەمما ئۇ بەرگەن دورىلار ئىچىدى بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك بىرەرمۇ دورا يوقلىقىنى كۆرۈپ بۇ تېۋىپنىڭ رېتسىپىغا نىسبەتەن گۇمانىم قوزغالدى. شۇ ۋەجىدىن ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن «ھامىلدار ئاياللاردىكى بۆرەككە سۇ چۈشۈش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە» تەلىم سوراپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
بۇ قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرگەن تېۋىپ بۇ ھامىلدار ئايالنى سۇيۇق تائاملارغا ئامراق ئىكەنسىز، مېۋە چېۋىنى كۆپ يەيسدىكەنسىز، بوشانغۇچە مېۋە چېۋە يېمەڭ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم قوي گۆشى ۋە كەپتەر شورپىسى ئىچىپ بېرىڭ دەپ مەسلىھەت بەردى.
بۇ ھەقتە ئىزدىنىشتىكى تېۋىپ بۇرادەرلەرنىڭ جىددىي ياردىمىگە موھتاجمەن. مەسىلھەت بەرگەن بولساڭلار.

86 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 09:57:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 10:01  

بۆرەكنىڭ مەسىلىسىنى كەلتۈرگەن سەۋەپ بۆرەكنىڭ ئۆزى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن،  ھەزىم سېستىمىسى، قان ئايلىنىش سېستىمىسى، نېرۋا سېستىملىرى بىلەن ئالاقىسى بولغاندىكىن تەدبىرنى كىسەلنىڭ مەنبەسىگە قىلىش خاتا ئەمەس.  ئەزا خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كىسەلنىڭ مەنبەسى ئارقىلىق ئوڭشاشقا كۈچلىشەلمەي قالىدىغان دەرىجىدە شەكىل بۇزۇلغان ياكى پۈتۈنلۈك بۇزۇلغان  بولسا، ئوپىراتسىيە قىلىدۇ. مەنبەسىنى ئوڭشاش ئارقىلىق كىسەللىكتىن ساقىيىشقا ئىمكان بار بولسا، مەنبەسىگە دورا قىلىپ كىسەلدىن ساقايتىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئۇ دورىلارغا گۇمان قىلىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق . دىياگنۇزى تۇغرا بولسا، داۋالاش تەدبىرىگە ئىشىنىپ ياخشى ماسلاشسىڭىز بولىدۇ

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 13:59:03

توغرىغۇ؟ بۆرەكنى داۋالايدىغان كۈچلۈك دورىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:57:53

ئۆزىمۇ دەپتىغۇ، بىۋاستە بۆرەكنىڭ دورىسىنى بەرسەك كۆتۈرەلمەيدۇ، قان تولۇقلايدىغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئاشقازان ياخشىلايدىغان دورىلارنى يەپ بەدەن قۇۋۋەتلەنسۇن دەپتىغۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:18:38

ئايالىڭىزنىڭ  تۇنجى تۇغۇتى  ئەمەسمۇ؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 17:06:07

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 16:18 static/image/common/back.gif
ئايالىڭىزنىڭ  تۇنجى تۇغۇتى  ئەمەسمۇ؟

تۇنجى قېتىملىقى ئىدى.

مېنى ئىككى تايىن قىلىپ قويغان يەنە بىر ئەھۋال، يۇرتتىكى باشقا بىر تېۋىپنىڭ ئايالىمنىڭ بۆرەككە سۇ چۈشۈش كېسىلىگە بېرىلگەن دورىلارنى خاتا بېرىلگەن دورا، دەپ، ماڭا باۋۇدۇن ياللۇغ قايتۇرۇش جەۋھىرى، باۋۇدۇن كۈندۈر تابلىتى، زەرئۇنى، ماددىدىل ھايات قاتارلىق دورىلارنى تېلفوندا بۇيرۇشى بولدى.

ئىككى تېۋىپنىڭ كېسەلگە دورا بېرىشى ئىككى خىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى تېۋىپ باشتىكى تېۋىپ بەرگەن دورىنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك، مەن تەرەپ-تەرەپتىن تېۋىپ ئىزدەپ، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ دانا رېتىسىپنى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمەن.
ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلىدىم. ئەمما، تېخى ئەڭ قانائەتلىنەرلىك داۋالاش چارىسى ۋە بۆرەككە سۇ چۈشۈش ۋە بۇ كېسەلگە ئائىت ئومۇميۈزلۈك بىلىملەرگە ئېھتىياجىم بەك بار.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 17:07:25

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 15:57 static/image/common/back.gif
ئۆزىمۇ دەپتىغۇ، بىۋاستە بۆرەكنىڭ دورىسىنى بەرسەك كۆتۈ ...

ھەئە شۇنداق دېدى. ئەگەر ئاشقازان ۋە بەدەن قۇۋۋىتى ياخشى بولغان بولسا لوبۇبى كەبرنى بەرمەكچى بولغان ئىكەن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:22:46

بۆرەككە سۇ چۇشكەن بولسا، بۇنى ياللۇغ دەيمىز. ھەرزاماننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۆكىمى بار. ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بۆرەكتىكى ياللۇغنى داۋالاش كىرەك.  ئۇنى قىلدۇق بۇنى قىلدۇق دەپ ئەدەپ كىتىپ قالسا، بۆرەك ئالماشتۇردىغانغا چىقىدۇ. ياللۇغنى قايتۇرۇشقا غەرىپ تىبابىتى ئانتىبىيوتىكلار خىلى يامان ئەمەس. ئاندىن قايتا قوزغالماسلىق ئۇچۇن تىبابەتكە كەلسەكمۇ بۇلىدۇ.
مەنغۇ تىبابەتنى قەۋەت ئۇلۇغ بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
بۆرەك  ،،،،،،،،،،،،بىكار سۆز بىكار ئىشتىن يىراق تۇرسا بۇلىدۇ. يامان چاغدا قۇساق كۇتىرەپتۇ ئۇخىنىم.

mirza يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:31:18

مىنىڭمۇ ئايالىم ھامىلدار ئىدى ، تۇيۇقسىز بېقىنى ئاغرىپ تەكشۈرتسەم بۆرەككە سۇ چۈشۈپتۇ دەيدۇ ، سەۋەبىنى سورىسام دوختۇر بۇ ھامىلدارلادا پات-پات كۆرىلدىغان ئەھۋال ، ھامىلە چوڭايغانچە بەزى ئاياللاردا سۇيدۈك يۇلىنى بېسىۋېلىپ كىلىپ چىقىدۇ دىدى. ھەم 2كۈنلۈك ھامىلىگە زىيانسىز ئۇكۇل يىزىپ بەردى. ئايالىم شۇنىڭ بىلەن ياخشى بۇلۇپ قالدى، بۆرەككە سۇ چۈشسە بەك ئاغىرىيدۇ،تاماق سىڭمەيدۇ، ئاغۇرغۇچى بەك جاپا تارتىدۇ ، تىۋىپنىڭ دورىسىمۇ پايدا قىلا لىكىن تەسىر قىلىشى ئاستا . بولسا ئايالىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ.سىزگە دورا بەرگەن تىۋىپقا كەلسەك نىمە دىسەم بۇلا ..........................................................

mirza يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:35:19

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 15:57 static/image/common/back.gif
ئۆزىمۇ دەپتىغۇ، بىۋاستە بۆرەكنىڭ دورىسىنى بەرسەك كۆتۈ ...

ئۇنداق قىلغان بىلەن بەدەننى قۇۋەتلەپ بولغىچە كېسەل ساقلاپ تۇرمايدۇ. ھامىلدار ئايالغا قۇۋەت تۇلۇقلاشمۇ ئۇزۇن ۋاقىت، جەريان تەلەپ قىلىدۇ. بۆرەكتىكى سۇ بەك ئاغىرتىدۇ ، ئۇنداق ئۇزۇن جەريانغا چىداشلىق بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ.
بەت: [1]
: ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن جىددىي ياردەم سورايمەن