uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 17:25:33

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 27-01

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  1279.7  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1272.23  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1294.46   دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 95.01 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1282    دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1282-1272   دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىپ چۈشۈشنى ئاساس قىلدى . ئاسىيا بازىرىدا 1272 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1280-1285ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  . ئەگەر 1272 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1265-1262 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

2.  ياۋرۇپا بازىرىدا 1285 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1280-1272  ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .ئەگەر1285دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1290 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ  .  

3. بىر كۈن ئىچىدە 1290  دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1285 1290
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار      1272 1265

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1265-1290
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى    1270   
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى    1290

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

   بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.95 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1280 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ  ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 253.15 يۈەن ، خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 17.77 دوللار ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.52 يۈەن بولۋاتىدۇ . ئاخشام ياۋرو يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى 200 نۇقتىغىچە بولغان ،شۇنىڭ بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچ  11 - يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ  بازار خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى پەسەيدى ،ئالتۇن باھاسى 1% تۆۋەنلەپ بۇيىلدىن بۇيانقى چۈشۈش دائىرىسى چوڭ بولغان ھالەتنى ياراتتى .  بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، جۇڭگو ئېلان قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك مۇھىم سانلىق مەلۇمات مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ ؛ ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يەنە بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن .  ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە 4 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى ؛ ئەگەر بۇ قېتىمقى GDP سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچكە پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .  نيۇ يورك ۋاقتىدا ، ئامېرىكا بىر قاتار مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ ؛ ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامان بولىشى نيۇ يورك ۋاقتىدىكى بازارنىڭ يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئاساس بولىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن سىرت ، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرىمۇ بازارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 253.15 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.52 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛  







ئالتۇن باھاسى 1280 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى

       1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا، بېيجىڭ ۋاقتى 15:20 دە ، خەلقئارا ئالتۇن بازار ئېچىلىش باھاسى 1280 دوللار بولغان ، ئەڭ تۆۋەن باھا 1272 دوللار بولغان ، .ئەڭ يۇقىرى باھا 1283 دوللار بولغان،  ئالتۇن باھاسى بىر يۇقىرى ئۆرلەش سەۋەبكە مۇھتاج . نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1282 دوللار بولىۋاتىدۇ .
      شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشقا تەييارلىقنى قىلىپ بولدۇق ، كەڭ پۇل سىياسىتى تۈپەيلىدىن . بۇ ئاينىڭ بېششىدا شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىشۋېيتسارىيە فرانكى يۇقىرى  پېرېۋوت  نىسبىتىدىن ۋاز كەچكەن.
      ئالتۇن باھاسى تۈنۈگۈن چوڭ دائىرىدە بېسىمغا ئۇچرىغان ، قىسقا ۋاقىتلىق چۈشۈش خېيىم-خەتىرى ئاشقان . يېقىنقى سودا كۈنىدىكى مۇھىم ئۆتكەل 1270 بولىشى مۇمكىن .






2015 - يىلى ئالتۇن سېتىلىۋېلىش كېرەكمۇ يوق ؟

    2014 - يىلى 12 - ئايدا ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشكە باشلىدى ، بۇنىڭدىن ئالتۇن باھاسى كۈچلۈك ھالىتىنى قايتا تەكرارلىنىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ بەرمەمدۇ ، نۆۋەتتىكى ھالىتىدىن قارىغاندا مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس . ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا  ئۆتىشىدە ئاسالىق تۆۋەندىكى ئەندىشىلەر مەۋجۇت:
    ئېھتىياجىنىڭ چوڭ دائىرىدە كېمىيىشى ، 2014 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئالتۇن ئىستېمال مىقدارى 569.45 توننا بولۇپ ، 2013 - يىلىدىكىدىن 136.91 توننا كېمەيگەن .
   ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى ، ئامېرىكا ئىقتىساد ھالىتى چوڭ دائىرىدە ياخشىلىنىشى ، كەڭ پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىشى ، كەڭ پۇل سىياسىتىدىن تەدرىجى چېكىنى، شۇنداقلا دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ كۈچلۈك بولىشى ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى بولغان .
   مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرلىشى .
  بازار تېخنىكا يۈزى ،
  ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ QE3 دىن چېكىنى ۋە دوللار ئۆسۈم قوشۇشى ، كەڭ پۇل سىياسىتى 2014 - يىلى 10 - ئايدا ئاياقلاشقانلىقى بىلەن تەڭ ، بازارنىڭ دوللار ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى بارا-بارا ئېنىق بولدى .
  نېفىت باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى تاۋار بازارغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى .   






گرېتسىيە چوڭ سايلىمىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

      1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە چوڭ سايلىمى مەغلۇپ بولۇپ ، ياۋرو / دوللار كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيىنىڭ GDP سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گرېتسىيە چوڭ سايلىمى ئاخىرلىشىپ ، دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشى ، ھەم ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى 14.20 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1279.80 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 13.20 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1279.40 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
     سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى تەختكە چىققاندىن كېيىن ، سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى ، ھەم ئامېرىكىنىڭ 1 - ئايلىق داللاس فېدېراتسىيىسى ئىلان قىلغان ياساش كەسپى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا ، NYMEX قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 0.44 دوللار دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 45.15 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .






خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى چۈشۈش دائىرىسى 5% ئەتىراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن

        جۇڭگو ئاكسىيە خەۋىرى ، گۈللىنىش بانكىسىنىڭ رەئىسى ئىقتىسادشۇناس لۇ كومىسسارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 2015 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى چۈشۈشىنىڭ ئەڭ چوڭ دائىرىسى 5% ئەتىراپىدا بولغان ؛
       لۇ كومىسسارنىڭ قارىشىچە ، نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۈنۈملۈك ، ھەم تەكشى بولمىغان ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يۇقىرى باھادا بولىشى ، جۇڭگو ئىقتىسادى جانلىنالماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى بولۇپ قالغان ؛ ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ ھازىرقى يۇقىرى باھاسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى 7.5% تىن يۇقىرى تېزلىكتە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ؛
    سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، خەلق پۇلنىڭ باشقا دۆلەت پۇللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى جۇڭگو ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئۆزگىرىشچان مىقدار بولۇپ ، باشقا تەسىر بولسا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 9 ھەسسىگە تەڭ ؛ ئۈنۈملۈك  پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەش نۇقتىئىينەزەردىن خالى بولمايدۇ ، خەلق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش دائىرىسىنىڭ ئېھتىماللىقى بىلەن دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلەش دائىرىسى ئوخشاش ؛ 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، دوللار 90 دىن 95 كە يېقىنلاشقان بولۇپ ، ئۆرلەش دائىرىسى 5.6% بولغان ؛ لېكىن خەلق پۇلنىڭ ئوتتۇرچە باھاسىنىڭ پەقەت 0.25%  قىممىتى چۈشكەن ، بازار باھاسىنىڭ 0.32% قىممىتى چۈشكەن .   





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

      1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 95.01 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.3598 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.92 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.05% ‏- بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.9651بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.95 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.5269 ، سېتىلىش باھاسى 94.5369 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  94.9641 بولدى .




1- ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ  بازار يېپىلىش باھاسى

1- ئاينىڭ 27 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 6.2438 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 110 نۇقتا كېمەيگەن  ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 0.8054 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 14 نۇقتا كېمەيگەن ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.2839 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 73 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.04675 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 212 نۇقتا ئاشقان ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.4226 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن260 نۇقتا ئاشقان  ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.9510 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 72 نۇقتا ئاشقان   ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.6384 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 118  نۇقتا كېمەيگەن  ؛
سىنگاپور دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.65055 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 1 نۇقتا ئاشقان ؛

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 13:16:36

پىششىق نىفىت باھاسىدا ئۆزلۇكسىز تۇۋەنلەش بۇلىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالغا قارىغاندا ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرامدىكى دەپ ئويلايمەن.

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 18:19:47

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 13:16 static/image/common/back.gif
پىششىق نىفىت باھاسىدا ئۆزلۇكسىز تۇۋەنلەش بۇلىۋاتىدۇ،  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدۇ ، لېكىن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئازراق ئۆرلىسىمۇ كېيىن ئازراق تۆۋەنلىگەن ئاساستا  تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېينكى يۆنلىشىگە كەلسەك بازار ئەھۋالى ۋە ئامېرىكىنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن بىلگىلى بولدۇ .  
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 27-01