ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:53:13

ئىران تاشقى پېرېۋوتتا خەلق پۇلىنى ئىشلەتمەكچى

ئىران: تاشقى پېرېۋوتتا دوللارنى ئەمەس، خەلق پۇلىنى ئىشلىتىمىز

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 2 مىليارد دوللار (تەخمىنەن 12 مىليارد 457 مىليون يۈەن) لىق ئامانەت-قەرز لىنىيەسى ئاچقان بولۇپ، ئىراننىڭ تۆت تۈرلۈك نېفىت-خىمىيە تۈرىگە ئىشلىتىدىكەن. خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، ئىران مەركىزى بانكىسى چەتئەللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سودىدا دوللار ئىشلىتىشنى توختىتىپ، خەلق پۇلى، ياۋرو ۋە رۇبلى قاتارلىق پۇللار ئارقىلىق تاشقى سودا توختامى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ھازىر ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىۋېتىپتۇ. جۇڭگو 2010-يىلىنىڭ بېشىدا، ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلىرىگە سالغان مەبلەغ 35 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 50 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىران ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا ئىراننىڭ چوڭ سودا ھەمراھى ئىكەن. ئىران سانائەت كان ۋە سودا مىنىستىرلىقى مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 52 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشقان. ئىراننىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت سوممىسى 28 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىراننىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %52 ىنى ئىگىلىگەن.

ئىراننىڭ سابىق مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ھاسان (Mohamed Hassan) نىڭ تەكىتلىشىچە، ئىران دوللارغا بېقىنماي تۇرۇپمۇ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تامامەن قۇربى يېتىدىكەن، نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشىمۇ ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا ھېچقانداق تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب يادرو مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىراننىڭ نېفىت ئىمپورت مىقدارى 2011-يىلىدىكى 2 مىليون 500 مىڭ باكتىن تۆۋەنلەپ، ھازىرقى بىر مىليون باكقا چۈشۈپ قالغان.
مەنبە : سوخۇ تورى

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 19:10:37

ئوندان بوپتۇ ، ياشىسۇن ئامىركىغا باشلىق غەرىپكە قارشى ئىتتىپاقلىق!
ھەققانىيوۋىچتەك چىقتىمۇ شۇئارىم .

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 20:17:09

ئۇسلۇبىڭىز ئوتانچىيىۋىچ ئۇسلۇبىغا بەكلا يىقىن بوپتۇ يەنىلا.
ئېسىل!{:112:}

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 20:17:17

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 19:10 static/image/common/back.gif
ئوندان بوپتۇ ، ياشىسۇن ئامىركىغا باشلىق غەرىپكە قارشى  ...

كەپتۇ .ھەققانىيوۋېچنىڭ روھىنى خوش قىپسىز. ھى ھى ھى ...

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:36:38

مىنىڭچە ئىراننىڭ بۇ گەپلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن.مۇشۇ ئىران دىگەننىڭ زادى بىقىنى قىچچىشىپ ئاران تۇرۇغلۇق.تايىقى كەم دۆلەتنىڭ بىرسى مۇشۇ

yajuji يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 22:17:56

好了  好了   好了   不用说   不用说   

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 07:57:24

دۆۋلىتىمىزگە بولغان دۈشمەنلىكى تىزلىشىپ كىتەرمۇ ئامىرىكىنىڭ ئەمدى،ئامىرىكا بىر باھانىلارنى تېپىپ مالاككا بوغىزىنى قىسىپ قويۇپ ئىرانمۇ نىفىتىنى ساتالماي جوڭگۇمۇ ئىراننىڭ نىفىتىنى ئەكىرەلماي....بىزمۇ ماشىنىلىرىمىزغا يۇقۇرى باھادا ماي قاچىلاپ قالارمىزمۇ ئەمدى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 08:26:36

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 07:57 static/image/common/back.gif
دۆۋلىتىمىزگە بولغان دۈشمەنلىكى تىزلىشىپ كىتەرمۇ ئامى ...

مۇشۇ يىلى يىپەك يولى ئىقدىسادى بەلۋىغىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈرى بولغان  جوڭگۇ- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلىشى ئىش باشلايدىكەن، بۇنداق بولغاندا، دۆلىتىمىز  ئەشيالىرى تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئىران- تۈركىيە  قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرەلەيدۇ، نېفىتقا كەلسەك، تۈركمەنىستان- ئىران نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلىۋاتىدىغۇ دەيمەن، بۇ تۇرۇبا ئىشقا كىرىشسە، تۈركمەنىستانغا ئۇلاغلىق جوڭگۇ تۇرۇبىسى بىلەن ئىراننىڭ نېفىتلىرىنى ئەكىرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنگاپۇر تۇرۇشلۇق مالاككا بوغۇزىنى قامال قىلسىمۇ، نېفىت كىرىۋېىرىدۇ دىگەن گەپ.
http://news.bbc.co.uk/nol/shared/spl/hi/guides/456900/456938/img/1132681129.gif
ئۇندىن باشقا  جوڭگۇ-پەكىستان تۆمۈر يولىمۇ پات يېقىندا ئىش باشلايدىغاننىڭ گېپى بار، دۆلىتىمىز گۇئادار پورتىنىڭ مانچە يىللىق تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىۋالغاندا، ئامېرىكا پىت ئۈچەيلىك قىلىپ بۇ سودىنى بۇزىۋەتتى، بولمىسا ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتلىرى بۇ پورتقا كېلىپ تۇرۇبا بىلەن شىنجاڭ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىغا ئۇلايتتى، شۇ چاغدا مالاككادىكى ئامېرىكا ھەربى بازىسىنىڭمۇ ھەيۋىتى سۇندىرىلاتتى.
تارىخى ۋەقەلەر ئىسپاتلىدىكى : پوق كوچىلىغۇچ- ئامېرىكا ئىككىنجى ئورۇندىكى ھەرقانداق دۆلەتنى بىسەرەمجان قىلماي قويمايدىكەن،
بىزنىڭ تېنچ  باش كۆتۈرۈشىمىزگە  چىدالمايۋاتقان بۇ ئامېرىكا ، «مەندىن ئېشىپ خۇجا بولسا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ ئېنىق ئېيتتى، شۇڭا بىزمۇ يەنە داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ يۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:10:35

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 21:36 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ئىراننىڭ بۇ گەپلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن ...

ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس،  ئىراننىڭ ئارقىسىدا روسسىيە بىلەن بىز بار دەيمەن. :lol
قان-تۆمۈر(铁血) تورىدا خەنچە بىر ماقالە بار، مۇشۇ توغرىلىق خېلى چۈشىنىشلىك ئىزاھات بېرىلگەن، كۆرۈپ بېقىڭ :
http://bbs.tiexue.net/post_8516130_1.html

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:13:12

{:92:} دىمەك ئەمدى خەلق پۇلى نىشانغا ئايلىنىشى ئېھتىمال.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:23:16

خەلق پۇلىمۇ زەربە بىرىدىغان ئوبىكىتنىڭ بىرسى بوپ قالارمۇ ئەمدى؟

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 13:01:33

موزاينىڭ يۈگرىشى سامانلىققىچە دەپتىكەن كونىلا

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 13:53:40

ياخشى بوپتۇ

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:10:02

مۇھەممەد ھاسان يۇمۇر سۆزلىگىلى ئۇستىكەن ھە!؟

empirator يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:36:15

5يىل خەلق پۇلىغا زەربە بەرمەي تۇرۇپ تۇرسۇن جۇما،خىزمەتنى تاشلاپ ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلاي دەپ تۇرغاندا بۇگەپلەرنى دىمەڭلار،مەن ھەرقايسى جەھەتتىكى تىنىچلىققا موھتاج.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 17:12:15

ئامېرىكا ئامېرىكا دەۋەرمىساڭلارچۇ...يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىن ئوبدانراق نان يەرمىز دىسەم روسىيە ئامېرىكا دەپ...يا بىر كىچىدە ئامېرىكا بىزنىڭ دوستىمىز دەپ جۆيلۈپ قۇيمىدى ما مۇھەممەت ھاسان.شۇنداق دىگەن بولسا ئىيتىشمايدى ئىران بىلەن ئامېرىكا.

ئىسرائىللار ئىراننىڭ گېنارالىنى ئۆتتۈرۋەتسىمۇ غىڭ قىلالماي ئەمدىزە كۆڭلىدە روسىيە بىلەن جۇڭگۇ چوڭ دۆلەت،ئىككىسى بىرلەشسە ئامرىكىنى قارا تەرگە چۈمدۈردۇ،ئەڭ ياخشىسى ئوغۇرىنى قاراقچى بابلىغاي دەپ ئىرانمۇ شوڭا بۇ  تەرەپكە ئۆتۈپتۇدە،ئەگەر روسىيە بىر كۈنى غەرىپكە قارىۋالسا ئىرانمۇ شاپپىدە قۇڭىنى چۆرۈپ قۇيارمىكىن دەيمەن.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 18:29:34

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 08:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يىلى يىپەك يولى ئىقدىسادى بەلۋىغىنىڭ مۇھىم قاتن ...

جوڭگۇ قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبىكىستانغا بارىدىغان تۆمۈريول تورى ھازىرچە يەنىلا شىرىن چۈش بولۇپ قىلىۋاتىدۇ،چۈنكى قىرغىزىستاندىن ئۆتىدىغان 200نەچچە كىلومىتىر تۆمۈيولغا قىرغىزىستان ھۆكىمىتى ئۇنىمايۋاتىدۇ،ئاقايۇپمۇ شۇنداغراق ئىسمى بار بىرسى باشلىق چېغىدا جوڭگۇ بىلەن مۇشۇ تۈر ئۈستىدە ئەسلەتمە ئىمزالىشىپتىكەن قىرغىزىستان نامرات پۇلى بولمىغاندىكىن جوڭگۇغا بىرنەچچە ئالتۇن كېنىنى قېزىۋىلىشقا بىرىدىغان جوڭگۇ ياساپ بىرىدىغانغا لىكىن كەينىگە سۈرۈپ كەپتىكەن قىرغىزلار ،ئاقايۇپتىن كىيىنكى باشلىقلىرى ئۇنماپتۇ ،يېقىنقى باشلىق سايلام نۇتۇقىدا دۆۋلىتىمىزگە دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ ‹بىرتوپ چىل بۆرىلەر› دەپ تىلغا ئالغان يىرىمۇ بار ئىكەن .لىكىن دۆۋلىتىمىز ئۈمۈتۋارلىق بىلەن بىز ئۆزىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىزنى قىلغاچ تۇرۇپ قىرغىزىستان چىگرىسىگىچە ياساپ تۇرايلى دەۋاتىدۇ ،ئۆزبىكىستان تىزراق پۈتسىكەن دەپ ئالدىراۋاتىدۇ.ياسايدىغان رىلىس ئۆلچىمىدە ياۋرۇپانىڭ ئۆلچىمىدە ياسايمىز روسىيەنىڭ ئۆلچىمىدە ياسىمايمىز دەيدىكەن.پاكىستانغا بارىدىغان تۆمۈريولغا كەلسەك بۇ تۆمۈر يول پاكىستان كونتۇرۇللۇقىدىكى كەشمىردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىكەن بۇ رايۇن ئانچە تىچ ئەمەس لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇ تۆمۈريولنى ياسىمىسا بولمايدۇ،يېڭى بىر گەپ يېقىندا ھىندىستاننىڭ ۋەكىللىرى جوڭگۇنىڭ تۆمۈريولنى باشقۇرىدىغان ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىپتۇ نىمە دىيشكىنى ھازىرچە مەخپى ئوخشايدۇ

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:35:04

نىيۇداۋ موشۇ يىل 3. ئايلارنىڭ گىپىنى قىلغاندەك قىلىۋېدى .ئۆي -مۆلۈكتە كۆپۈك يېرىلىدۇ دىگەندەك .

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:46:20

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 19:59:30

خەلىق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۆسكىدەكدە،ئۇندا بولغاندىكىن چەتنىڭ ماللىرىنىڭ باھاسى چۇشەمۇ?
بەت: [1] 2
: ئىران تاشقى پېرېۋوتتا خەلق پۇلىنى ئىشلەتمەكچى