bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 13:47:35

سالون ئاچىدىغانلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلار

بېتا تورى خەۋىرى، ئۇزدىل تورى تەرجىمىسى:

10-يانۋار شىشى شەھىرىدىكى ۋۋ موۋشيوڭ ئىسىملىك بىرەيلەن ئۈندىدار سالونىدا «تۈنۈگۈن شىشى شەھىرىدىكى بىر ئائىلىدىكى 34 جان قەستكە ئۈچراپ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى» دەپ بىر پارچە يازما يوللىغان.

      ئەمەلىيەتتە «ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن 34 جان» ئادەم ئەمەس، بەلكى چاشقان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە تورداشلارغا چاقچاق قىلىدىغان تاماشا تېمىسى ئىكەن. يازمىنىڭ بېشىدا خۇددى چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەندەك تەسۋىرلەپ، ئاخىرىدا « ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن 34 جان»نىڭ رەسىمى دەپ 34 ئۆلۈك چاشقاننىڭ رەسىمى قىستۇرۇلغان. ئەڭ ئاستىدا بۇ يازمىنىڭ پەقەت بىر چاقچاق ئىكەنلىكى، مەقسىتىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىلىپ ھېرىپ-چارچىغانلارنى كۈلدۈرۈپ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

     17-يانۋار ۋۇ موۋشيوڭ «ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزغان»لىق جىنايىتى بىلەن شىشى شەھەرلىق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئون كۈنلۈك توختىتىلدى.
-----------------------------------------
ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

30-دېكابىر ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئورگان تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەمبەھرلەشكە، مۇشتەرى بولۇشقا قىزىقتۇرغان سالونلارنى تۇنجى قېتىم 30 كۈن، ئىككىنجى قېتىم مەڭگۈلۈك تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىمىلەر بۇيىچە، دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلىسە ياكى سالونغا مۇشتەرى بولسا ئاندىن مەزمۇنى ياكى جاۋابى كۆرۈنىدىغان سىناق، سوئال ياكى يازمىلارنى يوللىغان سالونلار تۇنجى قېتىم بايقالسا 30 كۈن تاقىلىدىكەن، ئۇلىنىشى ئۆچۈرۈلىدىكەن، يېڭى قوشۇلغان مۇشتەرىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. ئېقىم تاقىلىدىكەن. ئىككىنچى قېتىم بايقالغاندا سالون مەڭگۈلۈك تاقىلىدىكەن.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:17:49

چېچەن كىرگۈزگۈچتە نەنچاڭ دەپ ئۇيغۇرچە يازماقچى بولۇپ، نەن دەپ يېزىپ تۇرۇشۇمغا چېچەن كىرگۈزگۈچ مېنى «نەنمېن» دەپ يازماقچى دەپ چۈشىنىپ سۈكۈتتىكى سۆزنىڭ بىرىنچىسىگە «ئاققوۋۇق» دەپ چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:47:44

ئاران 10 كۈن تۇتۇپ تۇرسا تەلەيلىك ئۇغرىكەن...
چىچەن كىرگۈزگۈچنى قاچىلىدىم، كۆرۈنىدىغان خەتلەر چىقمايدىغۇ...

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:41:35

تۈنۈگۈن شىشى شەھىرىدىكى بىر ئائىلىدىكى 34 جان قەستكە ئۈچراپ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى

بۇ گەپقۇ توغرا بوپتىكەن .

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:16:11

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 15:41 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن شىشى شەھىرىدىكى بىر ئائىلىدىكى 34 جان قەستكە ئۈ ...

:lol 34جان دىگەننى كورۇپ ھەيران قاپتىمەن بىز تەرەپلەردە 1سى ئارتۇق بوپ كەتسە جەرىمانە تولەيتۇق 34جانغا گەپ قىلمىغانمىدۇ دەپ

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 20:59:40

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 14:17 static/image/common/back.gif
چېچەن كىرگۈزگۈچتە نەنچاڭ دەپ ئۇيغۇرچە يازماقچى بولۇپ، ...

چىچەن كىرگۈزگۈچ بەلەنكەنغۇ!!!

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:35:28

سالوندىكى «34 جان»نىڭ رەسىمىنى چىقارمىدىمغۇ، چىقارسام تورداشلار ئىككى-ئۈچ كۈن تاماق تېجەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن دەپ :lol

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:54:03

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 14:17 static/image/common/back.gif
چېچەن كىرگۈزگۈچتە نەنچاڭ دەپ ئۇيغۇرچە يازماقچى بولۇپ، ...

چېچەن كىرگۈزچنى قانداق قاچىلاپ قانداق ئىشلىتىدۇ. مەن كومپىيوتېرغا قاچىلىسام ھېچ بىر ئۆزگىرىش يوق شۇ ئەسلىدىكى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ، ئۇيۈۇرچە خەت يېزىشتا ھىچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدىغۇ

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:54:42

مەنمۇ دىققەت قلىسام بولغۇدەك... ئادەتتىغۇ ئۇنداق لاۋىزىلىقنى قىلىپ ئولتۇرمايمەن

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:55:01

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 23:54 static/image/common/back.gif
چېچەن كىرگۈزچنى قانداق قاچىلاپ قانداق ئىشلىتىدۇ. مەن  ...

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:41:37

ھەممىنى قىلىپ مۇشۇ ئاخرىدىكى قىلماپتىكەنمەن. ئاخرى چېچەنىڭ چېچەنىلىكىدىن ھۇزۇرلىنىش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. خەنزۇچە باسساق ئاجايىپ قولاي ئىدى. كۆڭۈل يېرىم ئىدى. مانا ئاناتىلىمىنىڭ تۈرلىنىپ ئويناپ تۇرغۇننى كۆرۈش نېمە دېگەن ھۇزۇر رەھمەت :lol:lol:lol:lol

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:44:29

:):):) ۋورد دا خەت يازساق ئىشلىمەمدا چېچەن كىرگۈزگۈچ. تور بەت يۈزىدە ئىنكاس يېزىشقىلا ئىشلەمدۇ، ياكى مەن بىلىلمىدىممۇ؟

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:41:01

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:44 static/image/common/back.gif
ۋورد دا خەت يازساق ئىشلىمەمدا چېچەن كىرگۈزگۈچ. تور  ...

كومپيۇتېرىڭىزدىكى خەت يازغىلى بولىدىغان ھەممە رامكىغا ئىشلەيدۇ

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:53:08

oganbala يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:44 static/image/common/back.gif
ۋورد دا خەت يازساق ئىشلىمەمدا چېچەن كىرگۈزگۈچ. تور  ...

http://ime.izda.comدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ھەممە يەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:20:54

چېچەن كىرگۈزگۈچنى مەنمۇ قاچىلۋالدىم. ئۇلىنىش قالدۇرغان بۇرادەرگە رەھمەت.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:21:40

بەخىتلىك چاشقانلار
بەت: [1]
: سالون ئاچىدىغانلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلار