bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:59:35

NASA: يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 12:42  

يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

ناسا مەركىزى ج پ ل (Jet Propulsion Laboraty) دە، يەنى مەن ئىشلەيدىغان ئىدارىدە، 2015-يىلى 26-يانۋار كۈنى (يەنى بۈگۈن) نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر كومېتانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاشۇ كومېتانى ئوربىتلاشنى باشلىغان ئالەم ئۇچقۇرى ۋە ئاشۇ كومېتاغا قونغان بىر تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئەھۋاللىرى ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بېرىلدى.  دوكلات بەرگەن كىشى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىمى دوكتۇر «پول ۋېيىسمەن» (Paul Weissman) بولۇپ، ئۇنىڭ ج پ ل دە ئىشلەۋاتقىنىغا ھازىر 40 يىلدىن ئېشىپتۇ.  ئۇ ھازىر مەزكۇر پروجېكت تۈرىنىڭ بىر «كۆپ خىل پەننىي ساھە مۇتەخەسسىسى» (Interdisciplinary Scientist) ئىكەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش «روسېتتا قۇرۇلۇشى» (Rosetta Mission) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىسمى «روسېتتا»، كومېتانى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئىسمى «پھىلى» (Philae) دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ ماشىنىلارنى ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ناسا مۇ قاتناشتى.  روسېتتا ئىنگلىزچە « Comet 67P/Churyumov-Gerasimenko» ياكى قىسقارتىلىپ «Comet 67P» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتاغا 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ كۆتۈرۈپ ئاپارغان «فىلى» ئىسىملىك ماشىنا مەزكۇر كومېتاغا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قوندى.  بىر ماشىنىنىڭ بىر كومېتاغا قونۇشى تارىختا مۇشۇ قېتىم تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، فىلىنى كومېتاغا قوندۇرۇش ئىشىغا ناسا غا ۋاكالىتەن ياردەملەشكەنلەرنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قارا-تەنلىك ئايال مۇتەخەسسىسمۇ بار.  


1-رەسىم: كومېتاغا قونغان «فىلى» ئىسىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى .

روسېتتا 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كومېتا 67پ غا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىشى ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.  ھازىر ئۇ 510 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى يۈزىدىن كونترول قىلىنىۋاتىدۇ .  يەر شارىدىن ماڭدۇرغان سىگنال روسېتتاغا 28 مىنۇتتا يېتىپ بارىدۇ.  

كومېتا 67پ ئەڭ تېز ماڭغاندا ھەر سېكۇنتىغا 38 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.  

فىلى كومېتا 67پ غا قونغاندا كومېتانىڭ بىر كۈن چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ ئويمانلىقىغا قونۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان قۇرۇلمىسى ئىشلىمەي قالدى.  ئۇ دەسلەپتە يەر يۈزىگە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىگنال ئىۋەرتىشتىن توختاپ قالدى.  ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ھازىر روسېتتادىن پايدىلىنىپ، فىلىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ .


2-رەسىم: كومېتا 67پ ئۈستىدىكى فىلى قونغان قاراڭغۇ رايون.  


3-رەسىم:  روسېتتا تارتقان كومېتا 67پ نىڭ بىر كۆرىنىشى.


4-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلېنەتا

قۇياش سىستېمىسىدىكى كۈنگە يېقىن 4 پلانېتا قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن تاش-پلانېتىلار بولۇپ، قالغان 4 پلانېتا «يوغان گاز پلانېتىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.  يەنى ئۇلار ئاساسەن گازدىن تۈزۈلگەن.  كومېتا 67پ نىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن 3.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولغاچقا، بۇ كومېتا يەر شارىنىڭ بۇنىڭدىن 4.54 مىليارد يىل بۇرۇن قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.  يەنى، بۇ كومېتا تاش بىلەن مۇزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇمۇ يەر شارى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن.  ئەمما بۇ كومېتا كۈندىن ناھايىتىمۇ يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈزۈلىشى ئەسلىدىكى قىياپىتىنى شۇ پەتى ساقلاپ قالغان.  ئالىملارنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش تۈرى ئۈچۈن كومېتا 67پ نى تاللىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ.  يەنى ئۇلار كومېتا 67پ نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى ۋە بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز يېڭىدىن شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى.

قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا ئەڭ يىراق پلانېتا نەپتۇننىڭ نېرىسىدا «كۇيىپېر بەلۋىغى» (Kuiper belt) دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلۋاغ بار بولۇپ، ئۇ بەلۋاقتا كۆپلىگەن كومېتاغا ئوخشاش تاش ۋە مۇزدىن تۈزۈلگەن كائىنات جىسىملىرى بار.  ئۆز-ئارا سوقۇشۇش ۋە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىرى بىلەن، ئاشۇ كائىنات جىسىملىرىنىڭ بەزىلىرى قۇياشقا يېقىن بولغان يېڭى ئوربىتلارغا كۆچىدىغان بولۇپ، كومېتا 67پ مۇ ئاشۇ بەلۋاغدىن كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ.  ھازىر كومېتا 67پ مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ.

گەرچە فىلى يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇپ بېرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ كومېتا 67پ نىڭ ئۈستىدە ئاشۇ كومېتا بىلەن قۇياشنىڭ ئېتىراپىدا ئايلىنىۋاتىدۇ.  ھەمدە روسېتتامۇ فىلىنى توختىماستىن ئىزدەۋاتىدۇ.


5-رەسىم: كومېتا 67پ نىڭ پۈتۈن كۆرىنىشى.  

ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر بىزدە دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 بولدى.   ئۈرۈمچىدە بولسا سەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولدى.  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

It's been two months and scientists still haven't found Rosetta's Philae lander


Touchdown! Rosetta’s Philae probe lands on comet


Kuiper belt

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:54:06

ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرگەنتىم، ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىش ئىكەن. ئاشۇ ماشىنىنى كومىتاغا قوندۇرۇش ئۈچۇنلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئويلىشىپ ھەل قىپتۇ . ئەپسۇس ماشىنىنىڭ قاراڭغۇدا تۇرۇپ قالغىنى يامان بۇپتۇ.{:92:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:25:59

نىمە قىلارسىلەر شۇنچە پۇلنى بۇزۇپ، ئاتام كۆرمىگەن كومىتتاغا ماشىنا ئەۋەرتىمىزدەپ :lol:lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:34:36

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 15:25 static/image/common/back.gif
نىمە قىلارسىلەر شۇنچە پۇلنى بۇزۇپ، ئاتام كۆرمىگەن كوم ...

ئاتام مەن كۆرمىگەننى كۆرسۇن دەپ ئىلىم مەرىپەتكە مەجبۇرلىغان دەيدۇ. مەنمۇ شۇنداق سورىغان.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:09:29

ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر بىزدە دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 بولدى.   ئۈرۈمچىدە بولسا سەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولدى ....

مۇشۇ ۋاقىت پەرقى بەزىدە ماڭا بەك سىرلىق بىلىنىدۇ ،  يەرشارىدا ئورتاق بىر كۈن بولمايدىكەن ئەمەسمۇ ! ...
ھەرخىل بايراملارنى باشقا دۆلەتلەردە 2 قېتىم ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن ...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:26:21

مەن كىچىكىمدىن ئاستۇرۇنومىيەگە بەكمۇ قىزىقاتتىم. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ناسادىكىلەرنىڭ قابىليىتىگە ھەيران قالدىم.
بىر مەسىلنى سورۋالسام، بۇ  «پھىلى» (Philae) دىگەن ئاداشنى يەرشارىغا قانداق قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ؟؟؟ياكى بۇ  «پھىلى» (Philae) شۇ كومىتادا ئولتۇراقلىشىپ قالامدۇ؟

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 01:41:39

مۇشۇنداق يىراق ئارلىققا سىگىنالنى قانداق تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ يوللاپ قۇبۇل قىلىدىغاندۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 04:45:47

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 16:26 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدىن ئاستۇرۇنومىيەگە بەكمۇ قىزىقاتتىم. بۇ خ ...

ئۇنى ئەكىلىۋالىمەن دىسە ئاز چىقىم كەتمەيدۇ، شۇڭا ئىشلىسە ئىشلىدى، ئىشلىمىسە ئالەم ئەخلىتى بۇلىدۇ. قانداق يەرگە چۈشۈپ قالغىنىغا قاراپ كىيىنچە تىخىمۇ ئىلغار ماشىنا چىقارغاندا ئۇنى سۆرىتىپ ئاچىقىپ ئاپتاپقا قاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ...

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 08:17:11

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 16:26 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدىن ئاستۇرۇنومىيەگە بەكمۇ قىزىقاتتىم. بۇ خ ...

كائىناتتىكى جىسىملارنى تەكشۈرىدىغان ماشىنىلار ئىككى خىل بولىدۇ.  بىرسى تەكشۈرۈپ بولۇپ، قايتىپ كېلىدىغىنى.  يەنە بىرى بولسا قايتىپ كەلمەيدىغىنى.  فىلىنى قايتىپ كەلمەيدىغان قىلىپ ياسىغان.  ناسا ھازىرغىچە مارسقا قوندۇرغان 5 ماشىنىمۇ شۇنداق.  ئۇلارنىڭ ئىشلەش مۇددىتى توشقاندا، ياكى ئۇلار ئىشلىمەس بولۇپ قالغاندا قايەردە تۇرغان بولسا، شۇ يەردە تۇرىۋېرىدۇ.  ناسا 2025-يىللىرى مارسقا بىر قىسىم ماددىلارغا يىغىپ، قايتىپ كېلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى ماڭدۇرماقچى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:03:57

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 08:17 static/image/common/back.gif
كائىناتتىكى جىسىملارنى تەكشۈرىدىغان ماشىنىلار ئىككى ...

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:18:58

ئالەم ئۇچقۇرى، ناۋادا فىلى تۇرغان ئورۇننى تاپالىسا، ئۇنى قۇياش نۇرى چۈشىدىغان ئورۇنغا يۆتكەپ قويالامدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:49:13

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:18 static/image/common/back.gif
ئالەم ئۇچقۇرى، ناۋادا فىلى تۇرغان ئورۇننى تاپالىسا، ئ ...

مېنىڭ بىلىشىمچە فىلىنىڭ ئۈستىدە باتېرىيە بار بولۇپ، قۇياش نۇرى چۈشمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇنى باتېرىيە بىلەن بىر قىسىم ئارىلىققا ماڭدۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن.  ئەمما ھازىرقى گەپ فىلى يەر يۈزىگە سىگنال ماڭدۇرمايۋاتقان بولغاچقا، يەر يۈزىدىن ماڭدۇرغان بۇيرۇقنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق.  ئەگەر يەر يۈزىدىكىلەر (1) فىلىنىڭ ئورنىنى ئېنىق بەلگىلىيەلىسە، ۋە (2) فىلى بىلەن خەۋەر ئورنىتالىسا، ئۇنى قۇياش نۈرى چۈشىدىغان بىر يەرگە ماڭۇرۇپ ئاپارغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.  

ئەسلىدە فىلىنى قۇياش نۇرى چۈشىدىغان بىر جايغا قوندۇرۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، كومېتانىڭ تېشى بەك قاتتىق بولۇپ، فىلى كومېتاغا قونغاندا ئىككى قېتىم قاتتىق قاڭقىپ كېتىپ، ھازىرقىدەك بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.  يەنى، فىلىنىڭ ھازىرقى ئورنى ئەسلى پىلانلانغان ئورۇن ئەمەسكەن.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:26:31

قاراڭغۇ يەرگە چۈشۈپ قالمىغان بولسا نۇرغۇن رەسىملەرنى كۆرىدىكەنمىز يەنە... بىرە تاشقى پىلانت مەخلۇقلىرى سۆرەپ ئېچىقىپ قويامدۇ تېخى:lol

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:39:09

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 12:49 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بىلىشىمچە فىلىنىڭ ئۈستىدە باتېرىيە بار بولۇپ،  ...

دىمەك، فىلىنىڭ ئورنىنى تاپالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن سىمسىز ئالاقە ئەسلىگە كەلمىسە، يەنىلا ئۇنى يۆتكىگىلى بولمايدىكەندە؟
مەن تىخى، ئالەم ئۇچقۇرىدىكى بىرەر ماشىنا ئادەم دىگەندەك ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىتتىرىپ، سۆرەپ دىگەندەك يۆتكەپ قويغىلى بولارمۇ دەپ ئويلىغان. {:219:}

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:15:02

رەھمەت سىزگە بىلىمشۈمەر ئاكا. سىزدەك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاشۇنداق كاتتا ئورۇندا ئىشلەپ بىزلەرگە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگىنىڭىزگە ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى خەيرىلىك قىلغاي!
بەت: [1]
: NASA: يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋ...