Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:05:05

كىتاب ئوقۇش يىلىغا سوۋغا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Toshuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 11:07  

«كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ» نىڭ مەخپىي شېفىرى  ۋە ئاسىيا كېندىكىنىڭ «روھىيەت جۇغراپىيەسى»

      — شائىر شېن شېنۋېينىڭ ئوقۇرمەنلەر يۈز كۆرۈشۈش ۋە  «شىنجاڭ لۇغىتى»نى نەقمەيداندا ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى 31-يانۋار ئۆتكۈزىلىدۇ



ئاپتۇر ۋە كىتابنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
شېن ۋېي، شائىر، بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى. ھازىر شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «غەربىي دىيار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭگو ياغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى. شېئىر توپلىمى، نەسىر توپلىمى، ئوبزۇر توپلىمى بولۇپ، جەمئىي 15 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان، يەنە نۇرغۇن سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ئۆكتەبىر ئەدبىيات مۇكاپاتى، ليۇ لىئەن شېئىرىيەت مۇكاپاتى، رۇ گاڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى، «شېئىرىيەت» ژۇرنىلى يىللىق نادىر ئەسەر مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. «شىنجاڭ لۇغىتى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنىڭ تولۇقلانغان نۇسخىىسى شاڭخەي ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014-يىلى ئۆكتەبىردە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ توپلامنى سۇمۇرغ تورى، «يېڭى پايتەخت گېزىتى»، «جۇڭخۇا كىتاب ئوقۇش گېزىتى»، «ئەدەبىيات گېزىتى» قاتارلىق مىدىيە ۋاستىلىرى ئوقۇرمەنلەرگە نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلغان، ئېنگلىزچە تەرجىمىسى(پارچە) ئامېرىكا «Ninth letter» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق نادىر تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«شىنجاڭ لۇغىتى» ھەققىدىكى باھالاردىن ئۈزۈندىلەر:
«شىنجاڭ لۇغىتى»نى شىنجاڭ ھەققىدىكى كىلاسسىك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ئەسەرنىڭ زامانلاردىن زامانلارغا تارقالغۇدەك سېھرىي كۈچى بار. مېنىڭچە، بۇ شىنجاڭنىڭ شان-شەرىپى.
                                       — شائىر، نەسىرچى  جۇ تاۋ

«شىنجاڭ لۇغىتى» بىزگە رەڭدار، شېئىرىيلىققا تولغان، سېتىرېئولۇق شىنجاڭنى نامايان قىلىپ بەردى. شېن ۋېي ئانتروپوگېئوگرافىيەنى يازغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «قەلب جۇغراپىيەسى»نى ياراتقان.
                                     — «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررى گاۋ شىڭ

«شىنجاڭ لۇغىتى» شىنجاڭنىڭ تارىخىغا ۋە رېئال روھىيىتىگە كىرىشتىكى ئەڭ ياخشى كارىدور. شىنجاڭنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ كىتابنى ئوقۇڭ.
                                    — « خەلق ئەدەبىياتى»  ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى چيۇ خۇادۇڭ

شېن ۋېي دۇنيانى ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەن، بولۇپمۇ، ئىنسانىيلىقنى ناھايتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشى ئادەمنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ. «شىنجاڭ لۇغىتى» ئاسىيا كېندىكىنىڭ «روھىيەت جۇغراپىيەسى»نى ھەقىقىي يېزىپ چىققان.
                                    — ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناس ئېلىئانور گۇدمەن

«شىنجاڭ لۇغىتى» شىنجاڭ پوستمودېرنىزملىق بايانچىلىقنىىڭ قامۇسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ روھىيەت تارىخىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.
                                   — نەسىرچى  جياڭ لەن

«شىنجاڭ لۇغىتى» «شىنجاڭ» دېگەن جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئىنسانىيلىقنىڭ پىنھان جايلىرىغىچە يېتىپ بارغان، بۇ، چىگرا ھالقىغۇچى ئەسەر.
                                 — نەسىرچى  خەن مەن

شېن ۋېي توپلىغان، شەخس تېمپىراتۇرسى ۋە تەجرىبىسى سىڭگەن  111 تال سۆزلۈك «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ»نىڭ مەخپىي شېفىرى بولۇپ، يەنە بىر دۇنياغا، يەنە بىر مەدەنىيەتگە چەكسىز قېتىم ساياھەت قىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك ۋىزىسى.
                                  — «جەنۇپ ئازنىسى» گېزىنىڭ مۇخبىرى جۇ يۇكى

«شىنجاڭ لۇغىتى» تېكىستنىڭ ئازاتلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، شۇنداقلا، شەخسلەشكەن خۇراپاتلىقنى رەت قىلغان. شائىرنىڭ جاسارىتى ۋە كىچىك پېئىللىقى قۇرلار ئارىسىدا نامايان بولغان.
                                — ياش ئوبزۇرچى ۋاڭ مىن


ۋاقتى: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31 كۈنى(شەنبە) ، چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى 10 دا
ئورنى: ئۈرۈمچى دوستلۇق يولى شىنخۇا كىتاب شەھەرچىسى 3-قەۋەت ئەدەبىيات زالى


Tarim177 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:33:20

يازغۇچىنىڭمۇ دەرىجىسى بولامدۇ ؟...

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:56:45

مىنىڭچە بۇنىڭغا بىرىلگەن باھالار بەكلا مەدھىيەگە ئوخشايدىكەن.  

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:25:37

«شىنجاڭ لۇغىتى»
بۇ گەپنى قانداق چۇشىنىمىز؟؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 17:09:44

تۈر  مەبلىغى بىلەن چىقىۋاتغان ھەرخىل ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن بۇنداق كىتاپلار نۇرغۇن پايدا مەنپەت بەك ئاز.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:21:27

    ئۈزۈندە:
             بۇ كىتاپنى كۆرمىگەن بولساممۇ ئىسمى مىنى بەك ھاياجانلاندۇرۋەتتى.
                                                                                     مەن

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 23:45:06

كىتابنى ھەقسىز تارقىتىپ سوۋغات قىپ بىرەمدىكەن ؟

Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 06:56:02

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 23:45 static/image/common/back.gif
كىتابنى ھەقسىز تارقىتىپ سوۋغات قىپ بىرەمدىكەن ؟

شېن ۋېينىڭ كەچۈرۈم سوراش خېتى

     قەدىرلىك دوستلار:
     ھەل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئەتە (1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەنبە) ئۈرۈمچى دوستلۇق شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان « شائىر شېن ۋېينىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە <شىنجاڭ لۇغىتى>نى نەقمەيداندا ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ناھايتى ئۆزرىلىكمەن، دوستلارنىڭ «شىنجاڭ لۇغىتى»گە كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. دوستلار ئىمزا قويۇلغان كىتابنى ئالماقچى بولسا، «شىنجاڭ لۇغىتى»نى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، مەن ئىمزا قويۇپ، پوچتىدىن زاكاز خەت شەكلىدە سېلىپ بېرىمەن. ئادېرىسىم: ئۈرۈمچى دوستلۇق يولى 716- نومۇر «غەربىي دىيار» ژۇرنىلى، پوچتا نومۇرى: 830000، تاپشۇرۋالغۇچى: لىن ۋېن، تېلېفۇن: 0991—4520260. (地址:乌鲁木齐友好南路716号《西部》杂志社,邮编:830000,收件人:林雯) يەنە بىر قېتىم دوستلاردىن ئەپۇ سورايمەن، 2015-يىلىنىڭ ئاسايىشلىق، بەخت ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.

                                  شېن ۋېي
                             2015-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
بەت: [1]
: كىتاب ئوقۇش يىلىغا سوۋغا