dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:30:18

پەزىلەتلىك جانباز توختى

                                پەزىلەتلىك جانباز توختى

                                                                                     جارۇللا يۈسۈپ

توختىئاخۇن جانباز 1882-يىلى 6-ئايدا گۇچۇڭ ناھىيەسىدە گۆھەرىددىن ئىسىملىك ھۈنەرۋەن كاسىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتىسى گۆھەرىددىن بويلىرى ئېگىز، قاۋۇل ئادەم بولۇپ، ماھىر جانبازلىقى ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ كىچىكىدە بوۋىسى شامىل جانبازدىن جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەنگەن، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يۇرتتا بولغان بەزمە-مەشرەپ ۋە نورۇز يىغىلىشلىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ، يۇرت ئەھلى ئارىسىدا خېلىلا ئابرۇي قازانغان ئادەم ئىدى.

گۆھەرىدىننىڭ توختىدىن باشقا يەنە بىر قىزى بار ئىدى، ئۇ ئوغلى توختىغا ئۆزى جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەتكەن. توختى بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاشپەز ۋە قاسساپلارغا شاگىرتلىققا بېرىپ ھۈنەرلىك قىلغانىدى. توختى چېچەن ۋە زېرەك بولغاچقىمىكىن، يەنە ساۋاتلىقمۇ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئورۇقراق ئوتتۇرا بوي بەستى بىلەن چاققان ۋە چەبدەسلىكى جانبازلىق ئۆگىنىشكە تولىمۇ ماس كەلگەچكە، ماھارەتتە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. گۆھەرىددىن ئوغلى توختىنىڭ جانبازلىققا شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش كويىدا، ئۇنى 1900-يىللاردا شىنجاڭدا داڭق چىقارغان جانبازلاردىن مۇچىڭتەي، مايۈفۇ، ما جىيۈلەرگە شاگىرتلىققا بەرگەنىدى. توختى ئاتىسى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىجتىھات بىلەن مەشىق قىلغاچقا، ئۆز زامانىسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى جانبازلاردىن بولۇپ قالغانىدى. 1920-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ماھارىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، رۇسىيەلەرگىچە تارقالغان. دېمىسىمۇ توختى جانباز 40 ياشلارغا كىرگەندە كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، قاپقارا قويۇق ساقاللىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان زەبەردەست پالۋان بولۇپ يېتىلگەنىدى. ئۇ بېشىغا دائىم قىش كۈنلىرى تېرە قۇلاقچا، ياز كۈنلىرى ئاق شاپاق دوپپا، پۇتىغا قىش-ياز ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك كىيىپ، بېلىنى پوتا بىلەن باغلاپ يۈرەتتى، ئەل ئىچىدىكى ئابرۇيى يۈكسەك جامائەت ئەربابىغا ئايلانغانىدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ياشاپ، توختاخۇن جانباز بىلەن ئەسرار بولغان كىشىلەر مۇنداق ھېكايە قىلىشقانىدى: توختىنىڭ جانبازلىقتا قىسقا ۋاقىتتا يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولۇشىغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ جانبازلىققا تولىمۇ ماس كەلگەنلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە تەبىئىي كۈچ زور ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ بىر قانچە داڭلىق جانبازنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارەتلىرىنى ئىگىلەش ھەمدە بىر نەچچە خىل ماھارەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، يېڭى جانبازلىق ماھارىتى ئىجاد قىلغان. ئىلگىرى جانبازلىقتا «چوكا ئېتىش ماھارىتى» يوق ئىدى، توختى پىچاق ئېتىش ۋە نەيزە ئېتىش ماھارىتىنى بىرلەشتۈرۈپ «چوكا ئېتىش ماھارىتى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ «چوكا ئېتىش ماھارىتى» قالتىس ئىدى، قومۇش چوكا بىلەن ھەتتا تۈنىكە قاچىنى تىلىۋېتەتتى.

توختى جانباز يەنە ھالال ئەمگەك بىلەن جاھاندارچىلىق قىلغانىدى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ئىدى. يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقسىز كىشىلەر ئۇنىڭ ساخاۋىتىنى كۆرۈپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ قولىدا بارىنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا سۇنۇپ تۇراتتى. توختى جانباز يەنە شاگىرتمۇ قوبۇل قىلىپ ماھارەت ئۆگەتكەنىدى، ئۇنىڭدىن جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەنگەنلەر ئارىسىدا خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قومۇل، پىچان، ئالتاي، جىمسار، قۇتۇبى، ماناس ۋە شىخۇدىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. شاگىرتلىرى 300 دىن ئاشقانىدى. گۇچۇڭدىن باشقا جايدىن كەلگەن دېگۈدەك ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇراتتى، بىراق ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارسىدا جانبازلىقنى مۇكەممەل ئىگىلىگەنلەر گۇچۇڭلۇق ھىدايىتۇللا خەلپەت بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى-نىزامىدىن ۋە شاھىددىن ئىدى.

توختى جانباز تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا، زامانىدىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلاردىن شاۋۇدۇن ئەپەندى، داۋامەت ئەپەندىلەر بىلەن دوستلاشقان، ھەتتا گۇچۇڭدىكى «گۈلشەن» مەكتىپىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەمدەمدە بولغان، يەنە ھەر ساھە جامائەتچىلىكىنىڭ تەلىپى بىلەن 1923-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، گۇچۇڭ مىللىي مائارىپىدىكى تۇنجى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالغانىدى.

توختى جانباز يەنە ئۇستا ئاشپەز ئىدى، شۇڭا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ بولسىلا پولۇ ئېتىپ ھاجەتمەنلەرنىڭ غېمىنى تۈگىتەتتى، ئەينى چاغدا ئۇ ئەتكەن پولوغا ئېغىز تەككە كىشىلەر ھېلىھەم ئۇنىڭ پولۇسىنى تامشىدۇ. ئۇ كۈندۈزى توي-تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرىدا قازان بېشىدا بولسا، يەنە «گۈلشەن» مەكتىپىدە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتسە، كېچىسى بايلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلات-ئامبارلىرىنى ۋە دۇكانلىرىنى قوغداش بىلەن بولاتتى. ئاساسەن قارى ھاجى باي بىلەن ھۇشۇر بايلار ئۇنى يۇقىرى مائاش بىلەن مال ئامبارلىرى (بۇ ئىسكىلاتلار چوڭ مەسچىت يېنىدىكى بۇرۇنقى ناھىيەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىدا ئىدى) غا قوغدىغۇچى قىلىۋالغانىدى. بەزىدە كارۋانلىرىنى يول توسار بۇلاڭچى، ئوغرىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن، توختى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى ياللىۋالاتتى. شۇڭا توختى جانباز بىر قانچە شاگىرتى بىلەن مال بېسىلغان ئات ھارۋىلىرىنى قوغداپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل، ئالتاي ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيەلەرگە كۆپ قېتىم بارغانىدى.

توختى جانباز خەنزۇ تىلىنى راۋان ئۆلچەملىك سۆزلەيتتى، شۇڭا گۇچۇڭدىكى خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىرداش دوستلىرى خېلى كۆپ ئىدى. توختى جانباز باشقىلار بىلەن جانبازلىقتا سىناشقاندا، رەقىبى ئۇنى مەڭسىتمەي كۆرەڭلەپ كەتسىمۇ، بىراق ئۇ رەقىبىگە ئەزەلدىن شەپقەتسىزلىك قىلمايتتى. رەقىبى يىقىلسا ياكى يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىلا، ئۇلارغا قىلچىلىك قاتتىق قوللۇق قىلمايتتى، تېخى مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇلار بىلەن دوستلىشىپ كېتەتتى. ماھارەت سىناشقاندا رەقىبىنى يارىلاندۇرۇپ قويسا، ئۇلارنى تېۋىپقا كۆرسىتىپ داۋالىتاتتى ۋە ساقايغىچە ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. سىرتتىن كەلگەنلەر كېتەر بولسا، پۇل-مال يوللۇق تۇتۇپ يولغا سېلىپ قوياتتى.

توختى جانبازنىڭ نىزامىددىن، شاھىددىن، غەۋسىدىن، مۇئەززىدىن ئىسىملىك تۆت ئوغلى بىلەن رابىخان، رەھىمەخان، كەرىمەخان ئىسىملىك ئۈچ قىزى بار ئىدى، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇ پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن تەلەپچان ئىدى. ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە تىرىشاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش كىشىلەر ھېلىھەم مەرھۇمنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى، ئېسىل سۈپەتلىرى، ئاجايىپ ماھارىتى ۋە تەرەققىيپەرۋەر خىسلەتلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇنىڭغا ئاتاپ توقۇلغان قوشاقلارمۇ ھېلىھەم گۇچۇڭ خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەممە كىشى ئاڭلاشتى،

توختىئاخۇننىڭ داڭقىنى.

تولۇن ئايدەك يورۇتتى،

گۇچۇڭلۇقنىڭ يۈزىنى.



ئۈرۈمچىنىڭ يولىدىن،

قاتار كارۋان كېلىدۇ.

توختاخۇننىڭ داڭقىنى،

بارچە ئىقلىم بىلىدۇ.



توختىئاخۇننىڭ يولىنى،

ئۇچقۇر يولۋاس توسالماس.

توساپ قالسا ناۋادا،

مۇشت-تېپىكتىن قوپالماس.



توختىئاخۇننىڭ چوكىسى،

ئوقيا كەبى تېز ماڭار.

ھەر بىر چوكا بىر نەيزە،

تەگكەن جايغا قادىلار.



توختىئاخۇندەك مەرد ئەرلەر،

قايسى يۇرتتىن تېپىلار.

ئىشىتكەنلەر نامىنى،

ھەيۋىسىدىن يىقىلار.



توختىئاخۇندەك شىر ئەردىن،

گۇچۇڭلۇقلار مەڭسىنەر (سۆيۈنەر).

قايسى يۇرتنىڭ جانبىزى،

توختاخۇنغا تەڭلىشەر.



شىر ئەزىمەت توختىئاخۇن،

چىڭ باغلىغىن پوتاڭنى.

كارامەتلىك ھەق ئاللا،

پۈتۈن قىلسۇن بويۇڭنى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گۇچۇڭ ناھىيسىدىكى خەنزۇ،خۇيزۇ خەلقى ئارىسىدىمۇ توختىئاخۇن جانبازغا ئاتاپ توقۇلغان قوشاقلار بار. ئۇلارمۇ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

چىتەي يوۋگى توختى چۈەنباشى،

ۋەيدى لەيلې سىگا چۈەنباشى.

سىگا چۈنباشى دىڭ بۇلىياۋ،

توختىدې يىگا ياڭباشى.



(گۇچۇڭدا بار توختى جانباز،

سىرتتىن كەلدى تۆت جانباز.

تۆت جانبازنى يېڭىۋالدى،

توختىدىكى بىر يانپاش).

توختىئاخۇن جانباز 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىشقا يۈزلەندى ۋە 1945-يىلى 4-ئايدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ مېيىتى گۇچۇڭدىكى «ئەرتۇڭ» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانىدى.

مەنبە: «ئۈرۈمچى» كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:17:07

مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيىتىنى بىلىۋالدۇق.
كىچىكلىكىمىزدە بۇ كىشى توغرىلىق رىۋايەت كەبى ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتۇق...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:42:19

توختى چامباش دەپ داڭقىنى ئاڭلىغان كىچىك چاغلېرىمىزدا

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 12:56:17

مۇشۇ كىنولاردا شاۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىپلىرى تامدىن تامغا ئۇچالايدىغان چىقىدىكەن راسمۇ ئاشۇ ئىشلار ؟ {:92:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 13:30:05

ئ‍ەلقسسە، ئ‍ۇشبۇ ئ‍ىشلار راسىت بولۇپ ئ‍ولمىپكتا نۇرغۇن ئ‍التۇن مىدال ئ‍الغانمىشلەر

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 13:43:59

مۇشۇ كىنولاردا شاۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىپلىرى تامدىن تامغا ئۇچالايدىغان چىقىدىكەن راسمۇ ئاشۇ ئىشلار ؟
ۋاي راست ،ئارقىچە ئۇچۇپ نەچچە قەۋەتلىك بۇتخانىنىىڭ ئۈستىگە چىقالايدۇ، سۇ ئۈستىدە يالاڭ ئاياق يۈگىرەلەيدۇ. نەچچە ئون ئادەمنى بىر تىپىك بىلەن ئۇچۇرىۋىتەلەيدۇ ... ھەي دىسەم بەك كۆپ . لېكىن ھازىر تۇرمۇشى ياخشى بولغاچقا ،بۇرۇنقىدەك ئۇچمايدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇ تەتۈر ئۇستىخان ئابدۇرىشىتخان چىقىپ ،ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ  سەل ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويدى .لېكىن مۇشۇ ئولىمپىك دۇنيا رىكورتى دىگەنلەر تاز ا  ئىشەنچلىك ئەمەسمىكىن دەيمەن . بولمىسا شۇ راھبلاردەك گۈرۈچ بىلەن بەسەي يەپ چېنىقىپ ،بەسلىشىپ باقسۇن،شاتىراق ئۇرۇپ ھالىدىن كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 13:52:25

رەسىمنى قوشۇپ  يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئېسىل تېما بولاتتى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:19:47

توختى جانبازنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى شۇنداق بىر كىتاپ بولىدىغانغۇ،
ھازىر جانبازلىق قىلىدىغان ئۇيغۇالار يوق دىيەرلىك ئوخشايدۇ .

Tarim177 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:37:01

«توختى جانباز» دەپ بىر كىتاپ بارغۇ ،مۇشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ئىزلىرى يېزىلغانمۇ شۇ كىتاپقا؟..

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:20:10

aslayman يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 12:56 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كىنولاردا شاۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىپلىرى تام ...

غايىنىڭ رىئالىققا ئايلىنىشى بەسى مۇشكىلدۇر.:funk:

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:08:31

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 14:19 static/image/common/back.gif
توختى جانبازنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى شۇنداق بىر كى ...

:lol ھازىر جانبازلىق قىلسڭىز ئىشىڭىز چاتاق ،،نىمىشقا مۇشتۇمۇڭنى قاتۇرسەن ، مۇشۇڭنى قاتۇرۇپ نىمە قىلماقچى دەپ ئارقىڭىزغا كىرۋالسا كۆرۇڭ،،،:lol جانبازلىق ئەمەس ئويىڭىزدە كالتەك توقماق ساقلاپ بىقىڭە

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:20:49

ئەتىگەن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ باقسىڭىز ھەممىنى چۈشۈنىسىز.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 17:06:55

:lol:lol:lol:lol:lol:lol توپ تېپىپ مەشىق قىلدىغان تەبىئىي چىملىق مەيدانلارنى رىشاتكىلاپ توساپ بىلىق كۆلچىكى قىلۋەتتى ،پېنسىيلىك كادىرلار بىردىن ئىككىدىن قارماق تاشلاپ ئولتۇرۇشىدۇ

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 17:57:16

توختى جانبازنىڭ خەلىق ئىچىدىكى رىۋايىتى، ماۋۇ تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن چىن تۇرىدىكەن .
ماقالىدىكى ماۋۇ بايانلار خويەنجانى تەسۋىرلىگەندەك تۇرىدىكەن، مىللەتپەرۋەر قەھرىمان ئىدى دىگەندەك . . .
توختى جانباز خەنزۇ تىلىنى راۋان ئۆلچەملىك سۆزلەيتتى، شۇڭا گۇچۇڭدىكى خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىرداش دوستلىرى خېلى كۆپ ئىدى. توختى جانباز باشقىلار بىلەن جانبازلىقتا سىناشقاندا، رەقىبى ئۇنى مەڭسىتمەي كۆرەڭلەپ كەتسىمۇ، بىراق ئۇ رەقىبىگە ئەزەلدىن شەپقەتسىزلىك قىلمايتتى. رەقىبى يىقىلسا ياكى يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىلا، ئۇلارغا قىلچىلىك قاتتىق قوللۇق قىلمايتتى، تېخى مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇلار بىلەن دوستلىشىپ كېتەتتى. ماھارەت سىناشقاندا رەقىبىنى يارىلاندۇرۇپ قويسا، ئۇلارنى تېۋىپقا كۆرسىتىپ داۋالىتاتتى ۋە ساقايغىچە ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. سىرتتىن كەلگەنلەر كېتەر بولسا، پۇل-مال يوللۇق تۇتۇپ يولغا سېلىپ قوياتتى.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 18:15:52

ۋاي ئىسىت!

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 18:30:19

تايلانت گۇمپىسى ئەڭ يامان،ھەم قوللىنىشچان،ئامىباب.
ئاندا كىرىلپ يۈرگەن جۇڭگۇ گۇمپىچىلىرىنى چۆپتەك سىلىۋاتىدۇ ھازىر،تايلانت گۇمپىچىلىرى، مەسىلەن بۇۋاكاۋ دىگەندەك .

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 08:09:39

بىز ئەمدى جانبازلىق ئەمەس توڭ ئالما ئۇسۇلى ئوينايمىز،بىزنىڭ يۇرىتتىكى چېنىقىش ئورۇنلىرىدىكى قوم خالتىسى يېغىۋىتىلدى:lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 08:39:50

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 08:09 static/image/common/back.gif
بىز ئەمدى جانبازلىق ئەمەس توڭ ئالما ئۇسۇلى ئوينايمىز، ...

ئالمىنى ئوينىسىمۇ ئوينىسا، دىنى زاتلارنى سەھنىگە چىقىرىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇسۇلى دەپ كولدۇرلاتمىسا، «كىچىك ئالما »ئۇسۇلى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇسۇلى بولمىسا يا ؟ :lol
http://www.tudou.com/v/FTNIz2PtgGI/&resourceId=0_04_05_99/v.swf
http://www.tudou.com/programs/view/FTNIz2PtgGI/?bid=03&pid=2&resourceId=0_03_05_02

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 09:22:10

ھەي باللا بۇ ئالما ئۇسۇلى قانداق بوپ ھەممىلا يەردە كەڭ تۇردە ئالقىشقا ئىرشىپ كەتتى دەيمە ؟ چوڭ كىچىك ئەر ئايال قىرى ياش دىمەي دەششەت ئويناپ ؟  {:92:}ئالما ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان ئىجادىيەتچى  بۇ ۋاققىچە باي بوپلا كەتكەندۇ

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:44:34

بىزنىڭ قەشقەردە كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىنى ژىغىۋىلىپ،
ئالما ئۇسۇلى ئۈگۈتۈپ ۋىلايەت بويچە مۇسابىقە ئۆتكۈزەمدىكى .
مىنىڭچە ياخشى بوپتۇ،بىكا يىتىپ پۇل ئالماي، ھىچ بولمىسا ئۇسۇل ئويناپ
پۇل ئالىدىكەن . شۇڭا ئۇ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى (低保)ئىسمىنى ئالما ئۇسۇلى پۇلىغا ئۆزگەرتىش كىرەكمىكى .
بەت: [1] 2
: پەزىلەتلىك جانباز توختى