dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:19:11

ئۆپكە راكى ئاغرىقلىرىغا ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ياقىدۇ

ئۆپكە راكى ئاغرىقلىرىغا ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ياقىدۇ

ئۆپكە راكى ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەندە، بىر قەدەر روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۆپكە راكى ئاغرىقىنىڭ كېسەل ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بىر نەچچە يېمەكلىكنى ئەسكەرتتى.
ئاقسىل مىقدارى كۆپ يېمەكلىك: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سۈت، بېلىق، توخۇم تۈرى ۋە قارا گۆشنى كۆپ يېسە، ئاغرىقنىڭ ئىممۇنېتىت  ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاخىرقى باسقۇچتا داۋالىنىشقا پايدىلىق.
يۆتەل توختىتىپ، ئۆپكىنى ياشارتىدىغان يېمەكلىك: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار يۆتىلىدۇ، ئېغىر بولغانلار مۇۋاپىق مىقداردا يۆتەل توختىتىدىغان، ئۆپكىنى ياشارتىدىغان يېمەكلىكنى يەپ بەرسە بولىدۇ. ئۆپكىنى ياشارتىدىغان يېمەكلىكلەردىن نېلوپەر ئۇرۇقى، ئەبنۇس، گۈلسامساق، نېلۇپەر يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا، پىچەكگۈل، گۈلسامساق، ئاققۇلاقلارمۇ يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە، ئاخىرقى باسقۇچتىكى داۋالاشقا ياردىمى بار.
ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يېيىشكە باب يېمەكلىكلەر: سۈپەتلىك كۆكتات ھەم مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش، ۋىتامىن تولۇقلاش، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئاغرىقنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىپ، ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 12:54:15

تەرجىمىدە سەل خاتالىق بارمۇ نىمە؟ راك ،راك (خەمىت بىلەن رۇخسارىنىڭ كىنوسىدا بۇلۇتسىز ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ئىش بۇ )دەۋەتسا ئۆپكىنى ياشارتىپ نىمە قىلىدۇ.تېخى ئاخىرقى دەۋىردە ئۇنى بۇنى يەيمىش ھەي . نەدىن تاپىسىلەر مۇشۇنداق نەرسىلەرنى، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى «مۇرەككەپ مەجۇنى سەرتان»نىڭ ئۆپكە راكىغا ماس كىلىدىغان رىتسىپىنى يوللاپ قويساڭلار، ئۆيۈڭلاردا دورا بىلەن بىقىلغان توخۇنى مانچە ئاي يەيسىلەر  دىگەندەك مەنپەئەت تىگىدىغان تىمىلارنى يوللاڭلار مۇنداق.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 23:02:37

ئۆپكە تۇبىركىلىيۇز كېسىلىگە قانداق يىمەكلىكلەر مەنپەئەت قىلىدۇ قېرىنداشلار ؟

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 22:29:38

سوپوپ سەرتان يىسە بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئۆپكە راكى ئاغرىقلىرىغا ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ياقىدۇ