history يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 08:52:29

سۈنئىي ئەقىل ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلامدۇ


ئامېرىكا Business Insider تورى مەخسۇس ماقالىسى: سۈنئىي ئەقىل ئىزچىل قىزىق نۇقتىلىق كىنو ماتېرىيالى بولۇپ كەلدى: «2001، ئالەمدە ساياھەت قىلىش»تىكى نېرۋىسى قالايمىقانلاشقان خار-9000، «مەن ۋە ماشىنا ئادەم»دىكى ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەملەر قاتارلىقلار. ئەلۋەتتە، يەنە «ئاخىرلاشتۇرغۇچى دېگەن كىنومۇ بار، بۇ كىنودا بىر ماشىنا ئادەم ئۆتمۈشكە ئەۋەتىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشتۈر، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى ماشىنا ئادەملەرنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
سۈنئىي ئەقىلگە ئائىت تېما ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ستېفېن خاۋكىڭنىڭ زۇلمەتلەرچە، ئۇتوپىيەگە قارشى شەكىلدە سۈنئىي ئەقىلگە بولغان قارىشى يەنە خەۋەر باش تېمىسى بولۇپ قالدى.
خاۋكىڭ BBC نىڭ مۇخبىرىغا:«بىز ئىگە بولغان ئىپتىدائىي شەكىلدىكى سۈنئىي ئەقىل ئىنتايىن لازىملىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇلار ئۆزلىكىدىن تەرەققىي قىلىپ، بارغانسېرى تېز سۈرئەتتە ئۆزىنى قايتا بەرپا قىلىدۇ» دېدى.
ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى زىيارەت قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشى بىردەك ئەمەس.
قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر خاۋكىڭنىڭ قارىشىغا قوشۇلۇپ، بۇ خىل تەھدىت گەرچە ناھايىتى يىراقتا بولسىمۇ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. باشقا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بەك كۆپتۈرۈۋېتىلگەن دېدى.
شۋېتسارىيە لوسان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسى دانىيېلا سېزىي:«مەن تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلغىنىدىن خۇشال بولدۇم. كۆپ يىللاردىن بېرى مەن ئىزچىل ئوخشاش ئىشنى قايتا سۆزلىدىم» دېدى.
ئۇ سۈنئىي ئەقىل قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ئىنسانلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن ماشىنا ئادەم بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى يۈزلىنىشنىڭ ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى.
ئۇ:«بۇ ئاڭلىماقتتا فانتازىيەلىك ھېكايىگە ئوخشايدۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئىلگىرىلەشنى كۆرگىنىڭىزدە بۇنىڭ پەقەت تەرەققىيات دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز خالاس. بىز خاۋكىڭ ئېيتقان يولدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كېتىۋاتىمىز» دېدى.
نىك بوزېنستروم ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەلگۈسىدىكى تېخنىكىلارنىڭ ئىنسانلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق تۈرىنىڭ مۇدىرى، ئۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتىش تەھدىتى يېقىندا يۈز بەرمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
بوزېنسترومنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ۋە يېقىنقى مەزگىلدە سۈنئىي ئەقىلگە قارىتىلغان قوللىنىش يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قولىدا بولىدىكەن، مەسىلەن ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، زاۋۇت ماشىنا ئىشچىسى ۋە تورنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش قاتارلىقلار.
ئەمما ئۇ:«مەن ماشىنا ئەقىل ئەڭ ئاخىرى بىيولوگىيەلىك ئەقىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن، بۇ خىل ئېشىپ كېتىش چوقۇم يوشۇرۇن خەۋپ كەلتۈرىدۇ» دېدى.
باشقا مۇتەخەسسىسلەر «ھەقىقىي» سۈنئىي ئەقىل (ئادەتتىكىچە قىلىپ ئىنسانلارغا يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان ھەمدە ئىجادىي تەپەككۇر قىلالايدىغان ماشىنا دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن) كۆپ بولغاندا نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، ھەرخىل پەرەزلەردىن قورقۇپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ستۇئارت ئارمسچروڭنىڭ دېيىشىچە، سۈنئىي ئەقىل ساھەسى 1956-يىلدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، «سۈنئىي ئەقىلنىڭ كېيىنكى 15 يىلدىن 25 يىلغىچە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار پەرەزلەر مەزكۇر ساھەدە تولۇپ كەتكەن».
ستۇئارت ئۆزىنىڭ كىتابى «ئىنسانلاردىن تېخىمۇ ئەقىللىق: سۈنئىي ئەقىلنىڭ قەد كۆتۈرۈشى»دە «بىز يېقىنقى مەزگىللەردىكى خەۋەرلەردە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشلاردا پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئىشلار ئەزەلدىن ئىشقا ئاشمىغان بولىدۇ» دەپ يازغان.
جېن گاناسىيا فرانسىيە پيېرى ۋە مارىيە كيۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇتەخەسسىسى ۋە ئەخلاق پەيلاسوپى، ئۇ خاۋكىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بەك ئېشىپ كەتتى، دەپ قارايدۇ.
ئۇ:«سۈنئىي ئەقىل بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىزنى ئۆزگەرتكەنلىكى سەۋەبلىك، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن ئىشلار ھەر خىل كەيپىيات ۋە ئەندىشىلەرنى قوزغىدى. خاۋكىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ  ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەققىي قىلالايدىغان تېخنىكا مەۋجۇت بولىدۇ دېدى. ئۇ پاكىت بىلەن ئىسپاتلىمىدى، بۇ قاراشنى قوللايدىغان سانلىق مەلۇمات كۆرسەتمىدى» دېدى.
فرانسىيە مونتپېللېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تىل مۇتەخەسسىسى ماتسوۋ:«بۇ سەل قىيامەت كۈنىگە ئوخشايدۇ» دېدى.
ئۇ شاھمات يۇمشاق دېتالىنى تىلغا ئالغاندا:«بەزى ئىشلارنى ماشىنىلار بىزدىن ياخشى قىلىدۇ، ئەمما ماشىنىنىڭ بىزدىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.
ئەنگلىيە برۇنېل ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك لېكتورى ئاللېن تاك سۈنئىي ئەقىل دۇچ كەلگەن توسالغۇنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى.
ئۇ يېقىنقى يىللاردا سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنىڭ غايەت زور ھالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ماشىنىنى خاتالىقلاردىن ئۆگىنەلەيدىغان ئېلاستىكىلىق يۇمشاق دېتال تەتقىق چىققانلىقىنى ئېيتتى. تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
تاك ئامېرىكا بوستون مېخانىكا شىركىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەتقىقاتتا ئەڭ ئاۋانگارت دەپ قارايدۇ. مەزكۇر شىركەت بەش بۇرجەكلىك بىنا يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارمىقىنىڭ مەبلىغىدە چوڭ ئىت (BigDog) ۋە مولۇن (WildCat) نامىدا داڭ چىقارغان تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەمنى لايىھەلەپ چىققان.
تاك:«ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ قورال مۇھىتقا ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدۇ، ئەمما يەنىلا ئىنسانلار ئۇلارنى كونترول قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي سۈنئىي ئەقىلگە يېتىشى تېخى يىراقتىكى ئىش» دېدى.
تونىي كوئېن ئەنگلىيە لىدس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاپتوماتىك يەكۈن چىقىرىش پروفېسسورى. ئۇ مۇكەممەل سۈنئىي ئەقىل «يەنە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك...مېنىڭ ھاياتىمدا چوقۇملا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتىدىن قارىغاندا، مە يەنىلا يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.
كوئېننىڭ دېيىشىچە، گەرچە پەرق ئېتىش پروگىراممىسى ۋە تىل پەرق ئېتىش تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئېچىۋېتىلگەن قالايمىغان مۇھىتتا ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ناچار بولغان، چۈنكى بۇنداق مۇھىتلاردا ھەرخىل ئاۋاز، ھەرىكەت، جىسىم ۋە ئادەم يۈزى بار.
بۇ مۇھىتلار ماشىنا ئادەمدىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيلا ئىگىلىۋالغان زور مىقداردىكى «ئاددىي ساۋاتلار»غا ئىگە بولۇش ئارقىلىق ھەرخىل شەئىيلەرنى پەرق ئېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
تاك سۈنئىي ئەقىل دەۋرى ئەڭ ئاخىرى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولسا ماشىنا...نېمىلا بولمىسۇن ماشىنا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ:«ئۇلار نەچچە مىڭ يىل ئۆزگىرىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك بولدى، ئۆزگىرىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەۋجۇتلۇق. بۇنداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى بىزدە، سۈنئىي ئەقىلگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇھىم، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس» دېدى.
ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:24:44

ئۇ شاھمات يۇمشاق دېتالىنى تىلغا ئالغاندا:«بەزى ئىشلارنى ماشىنىلار بىزدىن ياخشى قىلىدۇ، ئەمما ماشىنىنىڭ بىزدىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:48:49

ئىنىرگىيە مەنبەسى بولمىسا ھەر قانداق ئەقىل پەقەت نەزىرىيە

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:22:24

  ھازىر تىخى نۇرغۇن رايونلار تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ ئىنسانىيەتتە بار بولغان تېخنىكىلارمۇ نەچچە كىلومىتىر يىراقتىكى ھاياتلىقنى پەرىقلەندۈرۈپ تۇرۇپ قارىغا ئىلىش ۋە ئىنىرگىيە مەنبەسىنى ئىزدەپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە ئىنىرگىيە تۇلۇقلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدىغان ماشىنا ئادەملەرنى ياساشقا يىتەرلىك. يەنە ماشنىنىڭ يۇشۇرنۇش ئىقتىدارى، ئىنكاسىنىڭ تىز بۇلىشى، ئاپتۇماتىك ئورۇن خاتىرلەپ ھەمرالېرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ھەرخىل مۇھىتقا، ئىسسىق-سۇغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن خەتەرلىك دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئەسكەر ماشىنا ئادەملەر...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:12:57

رەسمىي ئادەمدەك، ئادەمدىنمۇ كۈچلۈك تەپەككۈر قىلالايدىغان ماشىنا ئادەملەر بارلىققا كەلسە ئادەمگە قىلغۇدەك ئىشمۇ قالمايدىكەن. مەسىلەن، ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ دەپ مەن كىتاپقا ئامراق بولغىنىم ئۈچۈن يازغۇچى ماشىنا ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم. نوچى رومان، شېئىرلارنىمۇ شۇلار يېزىۋەتسە، چەتنىڭ ئېسىل كىتاپلىرىنىمۇ شۇلار تەرجىمە قىلىۋەتسە...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 20:46:01

ئۆز ئىھتىياجىنى تاپالايدىغان سۇنئى ئەقىل ھۇجۇتقا چىقمىغىچە، سۇنئى ئەقىل پەقەت ئىپتىدائى ئەقىلدىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ .
بەت: [1]
: سۈنئىي ئەقىل ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلامدۇ