history يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 08:46:12

ئەخلاقنىڭ رولى ۋە نۇرى

يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي
ئەخلاق سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئىنساننىڭ ئوي- خىيالىنى – ئىدىيىسىنى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنى-ئەمەلىيىتىنى ئۆلچەمگە، رەتكە سېلىپ تۇرىدىغان، ئىنساننىڭ بارچە ئىشلىرىدا ھەل قىلغۇچ بىرىنچى ئامىل بولغان مۇقەددەس سۇبيېكتىپ كۈچتۇر. ئەخلاقنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى- ئىش-پائالىيەتلىرىدىكى ھەر بىر ئۇششاق ھالقىلارغا قەدەر بولغان رولىنى باشقا ھېچقانداق مەنىۋىي كۈچكە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىنساننىڭ ياخشى-يامانلىقى، ئالىيجاناپ ياكى رەزىللىكى ئۇنىڭ ياشاش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەخلاق قارىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلارنىڭ بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئەۋرەتلىرىنى، مەھرەملىرىنى دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن توسۇغانلىقىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئەخلاق تۇيغۇسى ۋە ئۇ شەكىللەندۈرگەن ئىنسان پىسخىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئەسلى تەبىئىيىتىدۇر. ئەنە شۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلانغان تارىخ ئەخلاقنىڭ، ئەخلاق قارىشىنىڭ ئىنسانلاردا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىش جەريانى ئىدى. ئىنسانلار ئەينى چاغدا ئىپتىدائىي ئەخلاق تۇيغۇسى ، ئۆلچىمى بىلەن ياشىغان بولسا، كېيىنچە ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى بارا بارا تولۇقلاندى ۋە بىر پۈتۈنلۈككە قاراپ ماڭدى. ئەخلاقىي قاراشنىڭ مۇكەممەللىشىشى باتىنىي جەھەتتە ئىنسان روھىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، زاھىرىي جەھەتتە ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، غىزالىنىشى ۋە كېيىنىشلىرىدە ئەدەب تۈسى شەكىللەندى. ئىنسان روھىنىڭ يۇيۇلۇپ، بېزىلىپ مۇكەممەللىككە يۈزلىنىشى روھى پاكلىق بولسا، بۇ خىل مۇقەررەر ئەخلاققا ۋە روھقا ماس ھەم خاس بولغان سىرىتقى قىياپەت- كېيىنىش، غىزالىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش دەل پاكىزلىقتۇر. ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل ئەخلاق قارىشى بىلەن شەھەر مەدەنىيىتى، كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە غىزالىنىش مەدەنىيىتى قاتارلىق ماددىي مەئىشەت ۋاستىلىرىنى ئىختىرا قىلىپلا قالماستىن، ئىنسان روھىنى پاكلىق ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت بىلەن قوراللاندۇرىدىغان روھىيەت ئېلېمېنىتلىرىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.



بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھاياتتا قانداق ياشىشى، قانداق ئىپادىلىنىشى ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشىنىڭ ۋە تەربىيە ئېلىشىنىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولغان ئەخلاق قارىشىغا باغلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ھەزارەت(مەدەنىيەت)لىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئوخشىمىغان ئەخلاقىي ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىپ تۇرىدىغان ئىدىيە – مەپكۇرلىرىدىمۇ، زاھىرىي كۆرۈنىشىدىكى كېيىنىش، غىزالىنىش دېگەندەك ئۆرپ-ئادەتلەردىمۇ پەرقلەر مەۋجۇد. دېمەك، بىر ئىنساننىڭ ئەخلاق قارىشى شۇ ئىنساننىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر بىر ئۈگىسىگە قەدەر چېتىلغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە تەبىئەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئوخشاش ئەمەس. يازغۇچى يازغۇچىغا خاس، رەھبەر رەھبەرگە خاس، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىغا خاس، دېھقان دېھقانغا خاس… ئەخلاقىي قاراشقا ئىگە بولمىسا ۋە ئۆزىدىن ھالقىغان ئومۇمىي كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن مەلم مەسئۇللۇق تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىسا، ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئاشۇنىڭغا ماس ئېلىپ ماڭمىسا، بۇ، دۇنيا پاساتچىلىقىنىڭ نېگىزى بوپ قالىدۇ. ھەر بىر تائىپە چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەخلاقىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بۇ دەل ئىنسانىيەت بۇرچ تۇيغۇسىدۇر، ئىنسانىيلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئابدۇقادىر جالالىددىن( خۇدا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي): « مەن ئوغلۇمدىن نۇرغۇن ئىلھاملارنى سەزگەنىدىم، لېكىن بۇ ئىلھاملار تىرىكچىلىكنىڭ غەۋغالىرىدا يوقىلىپ كەتتى…»( ئابدۇقادىر جالالىددىن:«داغمۇ ياكى زىناقمۇ؟»، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 2002-يىل، 3-سان) دەپ قايغۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ يازغۇچى. ئۇ ھەر دەقىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، رولىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ دەل يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھتۇر، ئەخلاقتۇر. ھەر بىر يازغۇچىدا ئۆز خەلقىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ روھى كېسەللىكلىرىنى تاپىدىغان، ئۇنىڭغا جايىدا دېئاگنوز قويۇپ، ئۆز ۋاقتىدا داۋالايدىغان، ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان ۋە ئۆز دەۋرىگە ئىگە بولىدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەخلاق قارىشى تىكلىنىشى كېرەك. بۇ دەل بۈگۈنكى يازغۇچىلىرىمىزدا بولۇشقا تېگىشلىك روھتۇر. ئەگەر يازغۇچىلاردا يازغۇچىلارغا خاس ئەخلاقىي قاراش بولمايدىكەن، ئۇ پۈتكۈل خەلقنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى بەدىلىگە «پەلسەپە» يارىتىدۇ، خالاس. ئۇنىڭ روھى مىليونلىغان خەلقنىڭ روھىيىتى، ئارزۇ-غايىسى، دۇنيا قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، كۆزىنى يۇمۇپلا ئىش قىلىۋېرىدىغان ئاشۇ ئەكسىيەتچى، رەزىل سىياسىئونلارنىڭ چىركىن روھىدىن قىلىشمايدۇ-دە، ئۇ، تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىدۇ( بۇ گەپلەر ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرۇپ قىلغانلارغا قارىتىلىدى). باشقا تائىپىلەرمۇ ھەم شۇنداق.



دېمەك، ھەر بىر ئىنساندا ئىنسان بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆز ھوقۇق، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكىلەرگە، يەنى ئۆز توپىغا مەسئۇل بولىدىغان، تارىخ ئالدىدا ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان ئەخلاقىي قاراش بولۇشى كېرەك. ئېيتىلىشىچە، ئۆمەر بىننى خەتتاب شۇنداق دېگەنىكەن:« سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب بېرىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىپ بېقىڭلار!» بىر ماشىنىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر بىر ۋىنتىسى پائال رول ئوينىغاندەك، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىمۇ ئۆز «ۋىنتىلىرى»نىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئۆز كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر تىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدىكەن، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ھالقىلىرى بىر بىرىگە تۇتاش بولغان ئەخلاق زەنجىرى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئەخلاق زەنجىرىنىڭ ئۈزىلىشى- ئەخلاقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى ئىنسانلار ھالاكىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە، مىللەتنىڭ ھاكىمىيەت ماشىنىسىنىڭ ئىلمىي ئادەملىرى بولغان زىيالىيلارنىڭ رولى باشقا تىپلارغا قارىغاندا مىسلىسىزدۇر. بۇ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



روھى تاكامۇللۇق ۋە ماددىي تەرەققىيات جەھەتتىن بولسۇن تەڭپۇڭ مۇۋازىنەت ئۈستىدە ئىلگىرلەۋاتقان ئىنسانلار بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە مىسلىسىز ئەخلاقىي كىرىزىسكە دۇچ كەلدى. بەلكىم بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە:« ئادەم سۆزلىيەلەيدىغان، تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئىشلەپچىقىرىش قۇرالىنى ياسىيالايدىغان… ھايۋان» دەپ تەبىر بەرگىنىدىن باشلانسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئەخلاققا ئىلگىرىكىدەك يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارىمايدىغان بولدى. بۇ خىل خاھىش جەمئىيەت تەرىپىدىن توغرا چۈشىنىلىپ، زاماننىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى. ئىلگىرىكى كىشىلەر ئۆز بەختىنى ۋە قىممىتىنى ئەخلاق، شەرمىي ھايا، دىيانەت ۋە پاكلىق (نومۇس) تۇيغۇلىرىدىن ئىزدىگەن بولسا، تارىخ چاقى چۆرگىلەپ بۈگۈنگە كەلگەندە ماددا ھۆكۈمىرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى. ئىنسانلارغا ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىق قىلىشى ئىنسانىيلىقنىڭ-ئەخلاقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ماددىي مەنپەئەت ئالدىدا ئەخلاق، ھايا… دېگەندەك ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ گۈزەل زىننەتلىرىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان بوپ قالدى. ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى ئورنىنى ماددىي مەنپەئەت ۋە چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ئىگىلىدى. گېزى كەلگەندە ئەخلاقمۇ ماددىي مەنپەئەتنىڭ دەسمايىسىدۇر. كىشىلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر قانداق ھالاكەتكە ئۆتۈشكە تەييار. پراگماتىزم پەلسەپىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى ۋېليام جېمىس ئېيتقاندەك:« خۇداغا ئىشىنىش پايدىلىق بولىدىغان بولسا»( ئابدۇرېھىم دۆلەت: «پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز») مەسجىدنى ئاۋارە قىلىدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، ماددا كونترول بولۇشتىن كونترول قىلىشقا ئۆتتى. نەتىجىدە كىشىلەر ئۆزلىرى ياسىغان ماددىي ئىختىرالىرىنىڭ قۇلىغا ئايلاندى. مىلتىق، پۇل… قاتارلىقلار بۇنىڭ تېمسالىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە «بازار ئىگىلىكى» پۇل «قىزىق تېما». مانا بۇ بازار ئىگىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىنسانلارنى بىر تاسقاپ قويۇۋېدى، ئىنسانلار بولالمايلا قالدى. ئۇلار پۇل ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا ئىنسانىيلىقىنىمۇ گۆرۈگە قويىدۇ. ئەسلى پۇل مەلۇم مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە ئىدى. ھازىر بارچە «ۋاسىتە»لەر پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئىنسانلاردا ۋاسىتە مەقسەت بوپ قالدى. مۇناپىقلىق، پاھىشىلىك كىشىلەرگە ھېچقانداق تۇيۇلمايدىغان ھەتتا ئېتىقادمۇ گېزى كەلگەندە تاۋار بوپ قالدى. دوختۇرلار پۇل ئۈچۈن «ساختا دورا»لارنى ياسىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. نەپسانىيەتچى رەھبەر-ئەمەلدارلار ئۆز «خوجايىنلىرى»نى-پۇقرالارنى قاقتى-سوقتى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ…( ئېيتىلىشىچە، خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ ۋەكىلى فۇرېي (1772~1837) ئەينى دەۋرنى پاش قىلىپ مۇنداق دەپتىكەن:«… دوختۇرلار كېسەللەرنىڭ كۆپ بولۇشىنى، ‹ئۆلۈك ساندۇقى›سېتىش دۇكىنى كۆپرەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، ئادۋۇكاتلار ھەممە ئائىلىلەرنىڭ دەۋا قىلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ…»)
ئەخلاقنىڭ بىرلا تەرەپتىن ئەمەس، ھەممە تەرەپتىن تەڭلا كىرىزىسكە دۇچ كېلىشى، شۇ جەمئىيەتنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ پالەچ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



ئىنسانلار ھازىر ھېچقايسى دەۋردە كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەخلاق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ چېكىدىن ئاشقان ھايۋانىيلىقنىڭ-ئاشكارا جىنسىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇر. غەربلىكلەر «ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى»، «بەچچىۋازلىق»، «پاھىشىۋازلىق» دېگەنلەرنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. كۆز ئالدىمىزدىكى غەرب جەمئىيىتى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئەخلاق قارىشى، ئۇ يەردىكى بۇزغۇنچىلىقلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ. «ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى»، «بەچچىۋازلىق»… دېگەندەك ئاتالغۇلىلار ۋە بۇ بۇزۇقچىلىقلار غەرب تۇپرىقىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا قانۇنلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ، غەربنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى تەسىرى پۈتكۈل يەرشارىغا ئورتاق بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە كۆڭۈل بۆلۈش ئەڭ زۆرۈر مەسىلىدۇر. غەربتە ئىجاد قىلىنغان مەيلى نەزەرىيىۋى ئىخترا بولسۇن، مەيلى ماددىي كەشپىياتلار بولسۇن شەرق تۇپرىقىدا بازار تېپىۋاتقان ، كېڭىيىۋاتقان، ئىستېمال قىلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە بۇ خىلدىكى چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مەيدانغا كېلىشى ۋە تەشەببۇس قىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. چۈنكى تۈنۈگۈن چىققان غەربچە پاسۇندىكى كېيىم-كېچەكلەر بۈگۈن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۇچىسىدا، تۈنۈگۈن ھوللىۋود ئىشلىگەن تېلېفىلىم بۈگۈن ياشلىرىمىزنىڭ مېڭىسىدە…



مەتبۇئاتلاردىن، ژۇرناللاردىن: « بۇ يىل (2002) 3-ئىيۇلدا برازىلىيىنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە 400مىڭ بەچچىۋاز نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. تەبرىكلەش مۇراسىمىدە سان پاۋلو شەھىرىنىڭ باشلىقى نۇتۇق سۆزلەپ ، سان پاۋلو شەھىرىنىڭ بەچچىۋازلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشھاللىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ يىلقى نامايىشچىلار بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن( ئادىل ئابدۇقادىر: «مەن ياشاۋاتقان دۇنيا»، شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2002-يىل، 5-سان) دېگەندەك گەپلەرنى ئوقۇپ: «توۋا، دۇنيا راستتىنلا مۇشۇنداقمىدۇ؟ ئىنسانلار قايسى دەرىجىدە ئەخلاقسىز بولغاندا مشۇنداق بولۇدىغاندۇ؟» دەپ ئىدىيەمدىن پەقەتلا ئۆتكۈزەلمەي، بۇنى قۇبۇل قىلالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ ستولبىلاردىكى: « قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىمىز، ئادرېسى:*** تېلېفۇن:*** » دېگەندەك ئېلانلارنى كۆۈپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. «جاھان نېمە بوپ كەتتى؟ راستتىنلا مەن مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاۋاتامدىمەن؟» كىچىكىمدىن باشلاپلا ئەخلاق تەربىيىسىدە ئۆسكەچكىمىكىن، بۇ رېئاللىق ئەمەستەك، رېئاللىق باشقىچە بولۇشى كېرەكتەك ھېس قىلاتتىم. بۇنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيتتى. ھالبۇكى، بۇ رېئاللىق ئىدى. ئەتراپىمدىكى بۇزۇقچىلىقلار، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، گەپ-سۆزلىرى، كېيىنىشلىرى بۇنىڭ راستتىنلا رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مېنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشىم بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىشى تەتۈر تاناسىپ بوپتۇ.



بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ «ئەركىن دۇنيا» نىڭ ئاۋانگارتلىرى 1980-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان مەن دېمەتلىكلەر ئىدى( مەن 20 ياش). ئۇلار ئوغۇل بولسۇن، قىز بولسۇن چاچلىرىنى خىيالىغا كەلگەن رەڭ –بوياقلاردا بويىشىدۇ. ھەتتا ئوغۇللارمۇ قۇلاقلىرىغا نەرسە ئېسىۋېلىشىدۇ. تار ئىشتانلارنى كېيىشىدۇ. قىزلارنىڭ يەڭسىز، كىندىك ياپالماس مايكىلىرى مەھرەملىرىنى-زىننەتلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى تەربىيىلىنىشگە ماس ئەمەس. يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، گەپ –سۆزلىرىدىكى ھاياسىزلىقلار ئادەمنى تولىمۇ خىجىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ بىر قەۋملەرگە ئوخشىۋالغان كىشىلەر( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«كىمىكى خالاپ بىراۋلارغا ئوخشىۋالسا، شۇنىڭ جۈملىسىدىن بوپ كېتىدۇ»دېگەن). ھەتتا ئۇلارنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئايرىشمۇ گېزى كەلگەندە بەسىي مۈشكۈلدۇر. مەن دېمەتلىكلەر ئارىسىدىكى بۇ خىل ھالەتلەر مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ھاڭ شەكىللەندۈرگەن. ھەتتا ئىلگىرىكى دوستلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىممۇ مەندىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. يالغۇزلۇق، تەنھالىق مېنى تولىمۇ بىزار قىلغان چاغلاردا، ئادىل ئابدۇقادىر ئاكىدەك: «ئادەملەر قېنى؟»( شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 2002-يىل، 1-سان) دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ. دېمەك، ئەقىدە، ئەخلاق ئەھلىلىرى مىسلىسىز تەنھالىققا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. بەلكىم بۇندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.



بىلىشىمچە، غەربنىڭ ۋە ئۇلاردا شەكىللەنگەن ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تەسىرى ئانا دىيارىمىزغا خېلىلا بوپتۇ. گەرچە بۇ يەردىكى مەسىلەر غەربتىكىدەك بەك ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن باشلىنىۋېتىپتۇ. ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەرلەردە( بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا) زەھەرلىك چېكىملىك، بەچچىۋازلىق، پاھىشىۋازلىق دېگەنلەر مەۋجۇد ئىكەن. ئاڭلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئائىلىلەردىمۇ ئائىلە ئەھلىلىرى ( غەربلىكلەردەك) سۆيۈشۈپ سالاملىشىدىكەن. ئالىي مەكتەپلەر تۈگۈل ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشلىرى ئادەتتىكىدەك ئىش. بەلكىم بۇ يەردىمۇ دېڭىز ساھىللىرى بولىدىغان بولسا، ئۇ يەردە ئېغىناپ ھوزۇرلىنىدىغانلار، ئاپتاپقا يالىڭاچ قاقلىنىدىغانلار چوقۇم چىقىشى مۇمكىن( ئاڭلىشىمچە، تۇرپان قۇم دېڭىز ساھىللىرىدا قۇمغا كۆمۈلىدىغان بەزى كىشىلەردىكى ئۇياتسىزلىقلار ئوتتۇرا دېڭىز ساھىللىرى بويىدىكى ئۇياتسىزلىقلاردىن قېلىشمايدىكەن. ئۇ يەرگە داۋالىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، «راھەتلىنىش» ئۈچۈنمۇ بارىدىغانلار كۆپكەن). دېمەك، ئەخلاق مەسىلىسى رايونىمىزدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقلار نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ: بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە قىز بالىلىرىنى ئوقۇتماسلىقى نوقۇل ئىقتىسادىي چىقىمنىڭ كۆپ بولۇشىدىن بولماستىن، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەخلاقسىزلىقلارمۇ سەۋەب بولماقتا. قىز – ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ھۆرمىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئەنسېرىمەكتە…



بۈگۈنكى دۇنيادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇرۇش، زوراۋانلىق، ئىجتىمائىي بېسىملار ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھتنىڭ بۇزۇلىشى … قاتارلىقلارلا قورقۇنچلۇق بوپقالماستىن، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقمۇ ئاجايىپ ۋەھىمىلەرنى ئەكىلىۋېتىپتۇ. ئەتراپمىزدا شەيتانلار تەنتەنە قىلىۋېتىپتۇ. ئادەملەر نەپسى-خاھىشىغا بېرىلىپ كېتىپتۇ. تەكلىماكان بۇرجەكلىرىدىكى چەت يېزا ئەھلىلىرىمۇ بۇ كىرىزىستىن مۇستەسنا ئەمەسكەن. كىچىكىمدە چوڭلاردىن سورايتتىم:« تاغنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟»، «سۇ»دەيتتى ئۇلار. ئۇلار ئەسلى تاغنىڭ كەينىدىكى كىچىك بىر دەريا ئارقىلىق ئېقىپ كېلىدىغان سۇنى نەزەردە تۇتقانىكەن. مەن شۇ چاغدىكى گۆدەك تەپەككۇرۇم بىلەن ئويلاتتىم:« تاغنىڭ ئارقىسىدا دېڭىز باركەندە، ئۇ دولقۇنلاپ تاغنىڭ پەس جايلىرىدىن تېشىپ كەتسە، يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنى غەرق قىلىۋەتسە قانداق بوپ كېتەر؟» دەر ۋەقە، «تاغ ئارقىسى» دىن كېلىۋاتقان «توپان» كىشىلىرىمىزنى غەرق قىلىۋەتمىسىمۇ، سۇ ھوشۇققا كەپتۇ. ھەي…ي، بۇ «توپان» كىشىلىرىمىزنى غەرق قىلىۋەتمىگىيدى؟!…
بەلكىم بۇ كىرىزىسلار غەربلىكلەرنىڭ ئاخبارات ھۇجۇمىنىڭ – ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن بولسا كېرەك.



غەربلىكلەر ئۆز ئەخلاقىي قاراشلىرىنى تېلېۋىزور ، ئىنتېرنىت دېگەندەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تارقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھەتتا ئىسلام ئەللىرىمۇ بۇلارنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا يولۇقتى… ( ئاڭلىشىمچە، مىسىردىكى ئاياللار «دېموكراتىيە»نى، «ئاياللار باراۋەرلىكى»نى دەۋا قىلىپ، «تارىختىن بۇيان ئەرلەر بىزنى تالاق قىلىپ كەلگەن، ئەمدى بىز ئەرلەرنى تالاق قىلىمىز!» دەپ نامايىش ئۆتكۈزگەنمىش…) ئەلۋەتتە، ئەخلاقسىزلىقلاردا ھاراقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋېسى بار. ھاراق بارچە جىنايەتنىڭ ئانىسىدۇر. ھاراق توغرىسىدا كۆپ سۆزلىگۈم يوق. پەقەت قەدىمكى زاماندىكى بىر ھېكايىنى قىستۇرۇپ قويىمەن: بۇرۇنقى زاماندا بىر كېلىشكەن، تەقۋادار كىشى ئۆتكەنىكەن. شۇ چاغدىكى ئايال پادىشاھ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ ئۆز كېنىزىكىگە:« ئۇ كىشىنى چاقىرىپ كەل! گۇۋاھلىققا تارتىدىغان ئىشى بار»دەپتۇ. ئۇ ھېلىقى كىشىنى چاقىرىپ كەپتۇ. بۇ دېدەك ھەر بىر ئىشىكتىن كىرگەندە ئىشىكلەرنى تاقاپ مېڭىپتۇ. بۇ ئىشقا ھېلىقى تەقۋادار كىشى ئەجەبلىنىپتۇ. ئۇلار ئايال پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. ئايال پادىشاھ ئۇ كىشىگە:« مەن سېنى گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن چاقىرمىغان. يا مەن بىلەن بىرگە بولىسەن، يا بۇ كىچىك-سەبىي بالىنى ئۆلتۈرىسەن، يا بۇ قەدەھتىكى مەينى ئىچىسەن!» دەپتۇ. بۇ كىشى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەپتۇ: « بۇ ئايال بىلەن بىرگە بولسام، مەنمۇ، ئۇمۇ گۇناھ ئۆتكۈزىمىز، بىر ھاراملىق كۆپىيىدۇ؛ بۇ كىچىك بالىنى ئۆلتۈرسەم، بىر پاك جاننى ئۆلتۈرگەن بولىمەن، ئۇ كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن؛ ئەڭ ياخشىسى بۇ قەدەھتىكى مەينى ئىچىۋېتەي…» ئۇ، بۇ قەدەھنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن مۇلازىملارغا:« يەنە بىرنى!» دەپتۇ. ئۇ يەنە بىر قەدەھ مەينى كۆتۈرۈۋېتىپتۇ. قارىسا، بۇ ئايال پادىشاھ شۇنداق چىرايلىق. ئۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىمىغان ئىشنى قىپتۇ، ھېلىقى گۆدەك بالىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ…



ئېيتىلىشىچە، لۇت قەۋمى ئومۇمىيۈزلۈك بەچچىۋاز بوپ كەتكەچكە، تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنىپتىكەن. ئەينى دەۋردىكى ئىرانلىقلاردىمۇ نىكاھ تۈزۈمى ئىنتايىن پاسات بولۇپ، پۈتكۈل ئىرانلىقلار مەھرەملەر( توي قىلىش چەكلەنگەن يېقىن تۇغقانلار) بىلەن توي قىلىۋېرىدىكەن. مىلادىي بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىران ھۆكۈمرانى يەز جەرد(2) ئۆز قىزى بىلەن توي قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. كوپىنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى مۇدەررىسى ، ئىران تارىخىي مۇتەخەسسىسى، پروفىسسور ئەرتەھىر كرستىن سىن ئۆزىنىڭ «ساسانىيلار دەۋرىدىكى ئىران» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ساسانىيلار دەۋرىنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخچىلىرى ئىرانلىقلاردا ئۆز مەھرەملىرى بىلەن توي قىلىدىغان ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى دەلىللەپ كۆرسىتىدۇ. ساسانىيلار دەۋرىدە مۇشۇنداق تويلىشىدىغان ئىشلار مەۋجۇد: بەھرام جۇۋبىين ۋە جۇشتەسىپ ( خىرىستىئان بولۇشتىن ئىلگىرى) مەھرەملەر بىلەن توي قىلغان… جۇڭگولۇق ئېكىسپىدىتسىيىچى تاڭ سىڭ بۇ خىل ئادەتكە ئىشارە قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: ‹ئىرانلىقلار تۇغقان ئايرىماستىن توي قىلاتتى›. ئىراندا مىلادى 3- ئەسىردە «مانى » ئوتتۇرىغا چىقىپ، چېكىدىن ئاشقان بۇزۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، مانىي دىنىنى ئەكەلگەن ۋە كىشىلەر ئارىسىدا بۇنداق نىكاھنى مۇتلەق ھارام دەپ قارىغان. ئۇنى بەھرام مىلادى 276-يىلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ تەلىماتى ئىسلامغىچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن. «مانى تەلىماتى»غا قارشى مىلادى 487-يىلى تۇغۇلغان مەزدەك (ئىراندا) «ئىباھىزم» ( ئىباھ-ئەرەبچە سۆز بولۇپ، دۇرۇس قىلماق مەنىسىدە، مەزدەك ھەممىنى دۇرۇس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان) نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ: « ئىنسانلار تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر تۇغۇلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. نەپىس ئۇنى تارتىدىغان، ئۇنى ئىشتىھا قىلىدىغان مال-دۇنيا، خوتۇن دېگەنلەردە ھەممە كىشى ھەمشېرىك بولىشى كېرەك» شەھىرىستانىي مۇنداق دەيدۇ: « مەزدەك ئاياللاردىن، بالىلاردىن، مال-دۇنيادىن ۋە ئېكىنلەردىن پايدىلىنىشتا بارلىق كىشىلەرنىڭ خۇددى ئوتتىن، سۇدىن ۋە دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەردىن پايدىلانغاندەك ئورتاق پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، دەپ قارىغان»( ئەبۇل ھەسەن ئەلىييۇل ھەسەن نەدۋىي:« مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى زىيان تارتتى؟» ناملىق كىتاب. 49-سەھىپە، ئەرەبچە). مانا بۇ ئىراندا بارلىققا كەلگەن «ئىباھىزم » ۋە ئۇنىڭ قاراشلىرى. ھالبۇكى، غەربتە «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»، «بەچچىۋازلىق كۇلۇبى»، «دۇنيا جەننىتى»… دېگەندەك ئورۇنلار يوق ئەمەس، ئەينى دەۋردىكى -«جاھىلىيەت دەۋرى»دىكى ئەرەبلەرنىڭ نىكاھ تۈزۈمىمۇ ئىنتايىن رەسۋا بولۇپ، ئالىملار ئۇنى تۆت تۈرگە يىغىنچاقلايدۇ:


1. خۇددى بۈگۈنكى ئەرەبلەردەك توي قىلماقچى بولغان قىزغا كىشى كىرگۈزىدۇ. پۈتۈشسە توي قىلىدۇ؛
2. ئەر ئايالى ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئايالىغا: «پالانىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغىن»دەيدۇ. ئايال تاكى ئۇ دېگەن ئەر بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بەرمىگىچىلىك ئەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولماي ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئايال تۇغقاندىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرسە بىللە بولىدۇ. بۇ، بالىغا قىزىقىپ بولغان بولۇپ « باشقىلاردىن پايدىلىنىش نىكاھى»دەپ ئاتىلىدۇ؛
3. ئونغا يېقىن ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن بىرگە بولىدۇ. تۇغقاندىن كېيىن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئۇلارنىڭ كەلمەي ئامالى يوق. ئايال ئۇلارغا: « نېمە قىلغىنىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئايان. بالا تۇغۇلدى. ئى پالانى! بۇ سېنىڭ بالاڭ» دەپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى ئاتايدۇ. بالا شۇنىڭ بولىدۇ؛
4. «پاھىشەلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئىشىكلىرىگە ئەلەم-بايراق قاداپ قويىدۇ. كىملا خالىسا ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئۇ تۇغقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلارنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىنىپ، قىياپەتشۇناسلار( شۇ دەۋردىكى چىرايغا قاراپ تۇغقان ئايرىيدىغان كىشىلەر) تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ چىرايغا قاراپ بالىنىڭ ئاتىسىنى بېكىتىدۇ ( سەفىييۇر رەھمان ئەلمۇبارەكفورىي: «پېچەتلەنگەن شاراب» (ھازىر«شېرىن بۇلاق» دەپ تەرجىمە قىلىندى) پاكىستان نەشرى، ئەرەبچە، 65-بەت). ( ئۇ دەۋرنىڭ «جاھىلىيەت دەۋرى» دەپ ئاتىلىشىدا ئىككى سەۋەب بولۇپ، بىرى، ئۇلارنىڭ نىكاھ ئېڭى يوق، ئەخلاقى چۈشكۈن؛ يەنە بىرى، ئۇ دەۋردىكى بۇتپەرەسلىك-خۇراپىيلىق تارىختا مىسلىسىز بولۇپ، بۇ دەۋردىكى بۇتلارنىڭ سانى 330 مىليون ئىكەن، شۇ دەۋردىكى سەل ئۆزگىچە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى «ئىلاھ» بوپ قالغانىكەن- ئەبۇل ھەسەن ئەلىييۇل ھەسەن نەدۋىينىڭ يۇقىرىقى كىتابىدىكى بايانلار).
بىز يۇقىرىدا ئەخلاق ۋە ئۇ شەكىللەندۈرگەن ئىنسان پىسخىكىسى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى دېگەنىدۇق. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار جەمئىيىتىدە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەخلاقسىزلىق ۋە ئۇنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ھىمايە قىلىدىغان تەشەببۇسلار مەيدانغا كېلىدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندىكى غەربلىكلەرمۇ نېمە ئۈچۈن «بەچچىۋازلىق»، «ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى»… دېگەنلەرنى قانۇنلاشتۇرىدۇ؟.. ھەي… ي، دەۋرىمىزدە مەيلى نەدە بولسۇن، ھايۋانىيلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىققا پەتىۋا ئىزدەپ بىرەر «پەلسەپە» مەيدانغا كەلمىگەي! زوراۋانلىق، ئۇرۇش، تەڭسىزلىككىمۇ «پەتىۋا» تېپىۋاتقان ئىنسانلارنى بۇنىڭغا گەپ تاپمايدۇ دېگىلى بولارمۇ؟ بەلكىم بۇ خىل «پەتىۋا»مۇ مەيدانغا كېلىپ بولغاندۇ: دارەن ئۆزىنىڭ «ھايۋانچىلىك بولالمايدىغان ئىنسانلار» ناملىق ماقالىسىدا شۇنداق يازىدۇ:« … بۈگۈنكى دەۋردە غەربلىكلەرنىڭ ‹جىنسىيەت› جەھەتتىن ئېچىۋېتىلگەن بولۇشى، ھايۋانلىق تەبىئەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىق بوپقالدى. نىكاھ سىرتمىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆ ئىمكانىيەت ۋە تاللاش بارلىققا كەلدى… خۇشھاللىنارلىقى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كىشىلەر تەدرىجىي ھايۋانىي تەبىئەتكە يېقىنلىشىۋاتىدۇ….»( شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 2003-يىل، 3-سان). بۇ، بۈگۈنكى زامانچە «ئىباھىزم»مۇ؟
ئېيتىلىشىچە، نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە كىشىلەر ئەخلاقسىز بوپ كېتىپتىكەن. نوھ ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچىلىك ئۇلارنى بۇ رەزىل قىلمىشلاردىن يېنىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇلار بويۇنتاۋلىق قىپتۇ. ئاخىر نوھ ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارغا: « ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىغىن، ئەگەر ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ…» دەپ دۇئا قىپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالامغا پەقەت ئازغىنا ئىنسانلار ھەمراھ ئىكەن. ئۇ كۆڭلىدە، بۇ بۇزۇقلار يوقالسا، كېيىنكى ئىنسانلاردا بۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلاپتۇ… «توپان بالاسى»دىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بۇزۇق، ھاياسىز، ئەخلاقسىز كىشىلەر مەيدانغا كەپتۇ… بەلكىم بۇ، ئەخلاقسىزلىقنىڭمۇ ئىنسان ۋۇجۇدىدا بارلىقىغا ئىشارە بولسا كېرەك.


تالاي ئېمپىرىيىلەرنىڭ، تالاي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق تۈپەيلى ھالاك بولغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم. سەيمىل خانتىڭتونمۇ بۈگۈنكى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقسىزلىقلارنى، چۈشكۈنلۈكلەرنى دەلىللەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا غەرب ئەخلاقسىزلىقىغا ئەگىشىش خەۋپتىن دېرەك بېرىدۇ.


مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئەكەلدى. بۇ دىن رېئال دۇنياغا يېقىن بولغان تەشەببۇسى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈكسەك ئەخلاقىي باشلامچىلىقى بىلەن قىسقا مۇددەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئورۇن ئىگىلىدى. بۇ دىن ياراتقان يېڭى ئۈممەت ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەتنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ ئۆتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ يېتۈك ئىجراچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ قەلبلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ئۆز قارشلىرىنى پۈتكۈل ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ھەر بىر ئۈگىلىرىگە قەدەر سىڭدۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئەخلاقىدىن سورالغاندا، كىشىلەر:« ئۇنىڭ ئەخلاقى ‹قۇرئان كەرىم› ئىدى» دەپ جاۋاب بېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ، ھەتتا ئۇ ئارىلاشقان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنىشى شۇ سەۋەبتىن بولۇشى ئېھتىمال. ھەدىسلەردە مۇھەمەمد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ۋاقتىدا يۈرىكىدىن شەيتاننىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى، مىراجغا ئۆرلىگەندە يۈرىكىنىڭ ئابى زەمزەمدە يۇيۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مانا بۇلار ئۇ كىشىنى مۇسۇلمانلانرىڭ قەلبىدە مىسلىسىز كىشىگە ئايلاندۇرغان. بەلكى بۇ پاكلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.



فارابىي، ئىبىن سىنا، غەززالىي … قاتارلىق شەرق ئالىملىرى نوقۇل ئىلىم-پەن چولپانلىرى بولۇپلا قالماستىن، شەرق ئەخلاقىنىڭ ئىجراچىلىرىدۇر. فارابىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ بىر قەدەر گەۋدىلىك. بۇ خىل روھنى بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزدىن تېپىش تەس. شۇڭلاشقا دېھقانلار زىيالىيلارغا ئالدىراپ قايىل بولمايدۇ. ئۆز ئەمەلىيىتىگە خىلاپ كىچىككىنە ئىش ئارقىلىقمۇ ئۇلارنى ئىنكار قىلىۋېتىدۇ. قارىماققا ئۈستىبېشى چاڭ-توزان كۆرىنىدىغان دېھقانلار ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ ئەخلاق مۇجەسسەم: ئۇلار كىشىلەرگە تونۇسۇن، تونۇمىسۇن سالام قىلىدۇ. ئائىلىدە بولسۇن، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن، ھەتتاكى ھاجەتخانىدىكى ئۇششاق تازىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان. ئەلۋەتتە، بەزى جەھەتتە دېھقانلار زىيالىيلارغا ئۈلگە بولۇشقا يارايدۇ…



ئىنسان دۇنيادا پاك ياشىشى كېرەك. بۇنى ئۇنىڭ تەبىئىتى بەلگىلىگەن. ئابلىز ئۆمەر ھاجى شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مەن بويلىغان قىرغاقلار» ناملىق ئەسىرىدە بالىلىقنى پاكلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ كۆرستىدۇ. ئاشۇ بالىلىقتىكى روھى ھالەت تەڭرى «توقۇغان» ئەڭ پاك ھالەتتۇر. ئۇ، چوڭ بولغانسېرى ئۇنىڭ روھى ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەت تەرەپتىن تالاي قېتىم «چۇۋۇلۇپ» ، تالاي قېتىم قايتا «توقۇلىدۇ»( جايىدا توقۇلسىلا مەيلىغۇ).
ئۇنداقتا بىزنىڭ روھىمىزنى چۇۋۇپ توقۇۋاتقان ئامىللار نېمە؟ ماددا نېمە ئۈچۈن كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۈگۈنكى دۇنيا ھەزارەت ئۆز ئارا خىرىس قىلىۋاتقان دۇنيادۇر. بۇ دۇنيا ھەر كىشىنىڭ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ ياشىشى ئۈچۈن ئۆز روھىدا ئىدىيە قورغىنىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەقەززا قىلدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىنسان زامان شاماللىرىدا سەرگەردان، دېڭىز دولقۇنلىرىغا يەم.




ئەتراپىمىز خىرىسقا تولغان دۇنيا. جىددىيلىككە ، ئالدىراشلىققا تولغان دۇنيا. غەربنى مەركەز قىلغان ئەخلاقسىزلىق مۇشۇنداق يامراۋېرەرمۇ ياكى بۇ توپاندىن قۇتۇزۇدىغان نوھ كېمىسى بارمۇ؟ يۇقىرىدا ئەخلاقنىڭمۇ، ئەخلاقسىزلىقنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىنسان ۋۇجۇدىدا بارلىقىنى دېگەنىدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭ مۇۋازىنەت ئۈستىدە نورمال تەرەققىي قىلىشىمۇ كىشىلەردە ئورتاق ئەخلاقىي قاراشنىڭ بولۇشىغا ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ ئەخلاقسىز كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىشىگە باغلىق( ھەر بىر ئادەمنىڭمۇ نەپسىدىن غالىپ كېلىشىگە باغلىق).
بۈگۈنكى دۇنيادا ئەخلاقسىز كىشىلەر كۆپمۇ، ئەخلاقلىقمۇ؟ بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنى سىتاتىستىكا قىلشلا تەس بولۇپ قالماستىن، دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئىنسانلار يەن قانداق زامانلارغا، يەنە قانداق كىرىزىس، مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ نامەلۇم. مېنىڭچە، ئىنسانلار ( ھەر بىر ئىنسان) ئۆز مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇپ ( يەنى ئۆزىنى تونۇپ) ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلالىغاندىلا گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىنسانلار يەنە يېڭى-يېڭى كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋېرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ روھىنى ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ، سېسىق ئالمىدەك بىر-بىرىنىڭ روھىنى چىرىتىدۇ.


مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئىلىندى.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:36:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 11:37  

گۇناھ،،بۇزۇقچىلىقلارنىڭ قىسمەن كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر بولۇشى ۋە توغرا دەپ قارىلىشى  ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن بۇ گۇناھ،بۇزۇقچىلىقلارنى بىر قەۋم ياكى جەمىيەت كوللىكتىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ۋە توغرا دەپ قارىشى شۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ ئۆز ھالاكىتىنى چىللاۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.بىزلەرگە ئەڭ زۆرۈرى يەنىلا ئەخلاقتۇر!

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 18:45:45

پىكىرلىرىم بەك چولتا ۋاقتىمدا يېزىلغان مەشىق يازمىكەن.  كونا تېمىنى يەنە نېمىشقا يوللىغانسىز...

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 20:46:17

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 18:45 static/image/common/back.gif
پىكىرلىرىم بەك چولتا ۋاقتىمدا يېزىلغان مەشىق يازمىكەن ...

‏يېڭىنى يازمىغاندىكىن ،كونىنى بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرىدىغان گەپ شۇ . بۇرۇنقىدەك ئىنكاسمۇ يازماس بۇلۇپ كەتتىڭىز ھازىر .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 01:39:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 01:52  

ناھايىتى ياخشى تېمىكەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 08:48:56

afiyfiy ئاتۇش دىيارىدا يەنە يۈسۈپجان ساۋۇت شورلۇق دەپ بىر ئاكىمىز بۇلىدىغان ،ئەسەر يازماس بوپ كەتتى،
ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 08:54:30

نېمە ئۈچۈن ئابدۇقادىر جالالىددىن( خۇدا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي): « مەن ئوغلۇمدىن نۇرغۇن ئىلھاملارنى سەزگەنىدىم، لېكىن بۇ ئىلھاملار تىرىكچىلىكنىڭ غەۋغالىرىدا يوقىلىپ كەتتى…»( ئابدۇقادىر جالالىددىن:«داغمۇ ياكى زىناقمۇ؟»، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 2002-يىل، 3-سان) دەپ قايغۇرىدۇ.
مەتبۇئاتلاردا يۈسۈپچان يازغىنىدەك ئاشۇ چىرايلىق سۆزلەرنى ھازىر يازغىلى بۇلامدۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 09:19:06

يۈسۈپچان سىز ئەسەر يازغان ئاشۇ 2000-2004يىللار مەزگىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»بەك بازار تاپقانمۇ قانداق؟
دېمەكچى سىز ،ئابدۇرېھىم دۆلەت،سۇلايمان قەييۇم ئەرك(ھازىر پولگان دەپ )ئادىل ئابدۇقادىر...شۇنداق ئەسەرلەرنى
يازاتتى ھازىر شۇنداق ئاپتۇرلار ئازايدى

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:10:37

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 18:45 static/image/common/back.gif
پىكىرلىرىم بەك چولتا ۋاقتىمدا يېزىلغان مەشىق يازمىكەن ...

مەن ئەكسىچە چۈشەندىم.ئەينى دەۋرىڭىزنى پىكىرلىڭىزنىڭ ئەڭ تاكامۇللاشقان ۋاقتى،ھازىر بولسا شۇ تىرىكچىلىك غېمى بىلەن ئۆتكۈر تەپەككۇرغا ۋاقتىڭىز يوق بوپ قالغانمىكىن دەيمەن.
بەت: [1]
: ئەخلاقنىڭ رولى ۋە نۇرى