waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 00:31:42

بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەغلۇب بۇلۇشىدىكى ھەقىقى سەۋەپكار كىم؟

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىدىن سامپۇل مۇلاھىزىسى؛    25 - يانۋار كەچ شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەم خۇشال، ھەم ئازاپلىق بىر  ئاخشام بولدى.
خۇشال بولۇشىمىز شىنجاڭ تەڭرىتاغ يېزا - سودا بانكىسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندوڭ كوماندىسىنى  150-119 نەتىجە بىلەن  مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەككە مەيداندىكى ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش رېكوتىنى ياراتتى. ئازاپلىنىشىمىز، گەرچە ئاخشامقى نەتجە شۇنداق بولسىمۇ، كوماندىمىزنىڭ بۇ پەسىللىك دائىملىق مۇسابىقىدىكى نەتىجە تەرتىۋى 9- ئۇرۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، بۇ جەھەتتىمۇ 2007- يىلدىن بېرىقى  ناچار نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى!
   ئەمەلىيەتتە، 2007- يىلقى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىمۇ بۇ يىلقىدىن خېلىلا ياخشى بولۇپ، پەقەت ئامرىكا ۋە جۇڭگو قوش دۆلەت نۇپۇس تەۋەلىكىگە ئىگە گۇەن شىيۇجىڭ(官秀昌)دىن ئىبارەت ئەرزىمەس بىر تۇخۇمەكنىڭ سالاھىيىتىنى ياخشى تەكشۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىنلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شۇ يىلقى بارلىق نەتىجىسى بىكار قىلىنىپ، پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.
    شۇ يىلغا سېلىشتۇرساق، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى بۇ پەسىلدە تېىخىمۇ بەتتەر بولدى. ( 2007- يىلى ھەر ھالدا ئەمەلىي رەت تەرتىۋىدە  4- رەتتە ئىدۇق)
   ھازىرچۇ؟ ھازىر بىز 9- رەتتە! 8 كۈچلۈك كاماندا قاتارىغا كىرىش ۋە كىرمەسلىكىمىز، پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىنى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش- ئېرىشەلمەسلىكىمىز  قىل ئۈستىدە قالغان بولۇپ، كوماندىمىزنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئۇچ مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىشىغىلا باغلىق بولۇپ قالماي، رەت تەرتىپتە بىز بىلەن تەڭ، ياكى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى دوڭگۈەن، شەنشى، جې جىياڭ گۇاڭشىيا، جىلىن قاتارلىق كوماندىلاردىن بىر- ئىككىسىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان يېڭىلىپ، تەرتىپتە كەينىمىزگە ئۆتۈپ بېرىشىگە باغلىق بولۇپ قالدى!
   ۋىجدانلىق شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇنداق قاغىش تەككۈر نەتىجىنى قۇبۇل قىلمىقى تەس!
   ئۇنداقتا بۇ يىلقى بۇ ئۇسال نەتىجىنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولۇشىدىكى ھەقىقى سەۋەپكار زادى كىم؟
    گەرچە، بۇ پەسىلدە مەملىكەتلىك CBA نىڭ سەۋىيەسى بىراقلا يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن، ئۈچ نەپەر چەتئەللىك ئەزا قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئەزا كوماندىلارنىڭ سانى ئاۋۇغان.... قاتارلىق بىرمۇنچە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىش مۈمكىنچىلىگى بار بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئالغاندا ئۇلارنىڭ ھېچبىرى مىسقالغا ئولتۇرمايدىغان قۇرۇق سەۋەپلەردۇر. چۈنكى، بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىمۇ ھەرقانداق يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا مىسلىسىز ئۆسكەن ئىدى. شۇڭا ۋاقىت بۇ يەرگە كەلگەندە قۇرۇق سەپسەتە ساتماي، نەق سەۋەپنى ۋە نەق جاۋاپكارنى تېپىپ چىقىشنىڭ زۈرۈرىيىتى تۇغۇلدى.
   مېنىڭچە بۇ پەسىلدىكى بۇنداق مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپكارى- دەل شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى ۋە ئۇنىڭ خې چاڭجىياڭ، گو جىيەندىن ئىبارەت ئىككى نەپەر مەسئۇلىدىن ئىبارەت!
   مېنىڭ كەسكىن ھالدا بۇنداق دىيىشىمنىڭ ئاساسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
   1. گۇاڭخۇي كۇلۇبى يىل ئوتۇرسىدىلا  تولىمۇ يىنىكلىك بىلەن بىر لامزەللە ئەرباپ- گاۋشۇمىڭنى كوماندىغا باش تېرىنىر قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭ ھالىنىڭ قانداقلىغىنى ھەممىمىز كۆرۈپ يەتتۇق. ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن يارىماس ئىكەنلىگىنىڭ نۇرغۇن ئاساسلىرىنى مەن ‹‹شىنجاڭ كوماندىسى باش تېرىنىرنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك!›› دىگەن ماقالەمدە ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇڭا بۇ جايدا ئۇ ھەقتە قايتا توختالماي پەقەت باش تېرىنىر بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىقى ئاشۇ ئىككى نەپەر كۇلۇب رەھبىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىگىنى تورداشلىرىمنىڭ سەمىگە سېلىپ قويساملا كۇپايە. گەرچە مەن سۈي ۋەنجۈننى بەك ياخشى باش تېرىنىر دەپ قارىمىساممۇ، ھەرھالدا گاۋشۇمىڭدىن خېلىلا ياخشى دەپ قارايمەن.
   2. كۇلۇب چەتئەللىك ئەزا تاللاش ئىشىدا  ئەستايىدىل بولمىدى. گەرچە چوڭ چەتئەللىك ئەزا بۇراچنى جايىدا تاللاپ، بۇ ھەقتىكى يۈزىنى بىرازغىنە يۇرۇق قىلىۋالغىنى بىلەن نۇمۇر ئالغۇچى، ئارقا سەپ تەشكىللۈگۈچى، توپ كونتىرول قىلغۇچى كىچىك چەتئەللىك ئەزانى تاللاش ئىشىدا گويا لايغا پېتىپ قالغان كالا پېتىقتىن بىر پۇتىنى چىقارسا يەنە بىر پۇتى كىرىپ قالغاندەك ئۇدا خاتالىق ئۆتكۈزدى.  كىرافورتتىن كېيىن ئالماشتۇغان سېتفان بونىئومۇ، تېرىفېرمۇ شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەسلا لايىق كەلمەيدىغان بايقۇشلاردىن بولۇپ چىقتى. بولۇپمۇ تېرىفېرنى تولۇقلىغاندا كۇلۇب بۇنىڭ بۇ پەسىللىك دائىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىش كۆردى. بىزدىن كېيىن چەتئەللىك ئەزا ئالماشتۇرغان گۇاڭدۇڭ كۇلۇبى چەتئەللىك كىچىك ئەزاسىنى ئالماشتۇرغاندىن باشلاپ بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىدى. بۇنى كۆرۈپ، شۇنچە مەبلەغ سەرىپ قىلىپ، تېرىفېرنى تېپىپ كەلگەن گۇاڭخۇي كۇلۇپ مەسئۇللىرىنىڭ يۈزى قىزارغانمىدۇ؟
   3. كۇلۇبنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەش، يىتەكچىلىك قىلىشىدا ئېغىر مەسىلە بار. گەرچە كوماندىنىڭ مۇسابىقىدىن ئاۋالقى مەشق ۋە باشقا پائالىيەتلىرى سىرت ئۈچۈن يېپىق ۋە مەخپىي تۇتۇلسىمۇ، قولىقىمىزغا كىرىپ قالغان، كۆزىمىز كۆرۈپ قالغان بەزى ئەھۋاللار يۇقارقى پىكىرىمگە دەلىل بولالايدۇ.  مەسىلەن:
    ئۆتكەن يىلقى CBA مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ، ئانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا يارلانعان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن شىرئەلىجان، قىرانبەگ... قاتارلىقلارنىڭ شەھىدانە خۇتەنگە بېرىپ ‹‹ ئۇدۇن ئۆي جاھازلىرى لوڭقىسى››نى تالىشىش مۇسابقىسىگە قاتناشقانلىق ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ۋىدىيو فىلىمى بۇ مۇنبەرنى بىر ئالدى. بىز  يەنە ئىشەنچىسىز خەۋەرلەردىن كۆرە ئوغلانلىرىمىز 40- 50 مىڭلىق باھادا قاتناشقان  شۇ مۇسابىقە داۋامىدىكى بەزى كۆڭۈلسىز خەۋەرلەردىنمۇ قىسىي قالمىدۇق.     
    شەمشەر بىلەن قېلىچ جەڭ ئۈچۈن سوقۇلغان، قەلەمتۇراچ چامغۇر ئاقلاش ئۈچۈن! شاپتۇل ئاقلىغان بەكىدە قوي بوغۇزلاش تەس!
    قېرىنداش كوماندىلاردىن شاللانغان بەزى ‹‹قېرى كالا›› تەنھەركەتچىلەرنى شۇنچە قىممەت باھادا تەكلىپ قىلغان گۇاڭخۇي كۇلۇبى ئەجىبا شەمشەر، قېلىچ كەبى شۇ ئوغلانلىرىمىزغا خۇتەن بەرگەن ئاشۇ ھەقنى تولۇقلاپ بېرىپ، ‹‹سەن كىم؟ سەن دىگەن گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ رەسمىي ئەزاسى! ئۆزەڭنى تونۇپ، ياخشى ئارام ئال! كېيىنكى چوڭ جەڭ ئۈچۈن كۈچ توپلا!›› دىيەلمەسما؟
    شىرئەلىجاننىڭ يىل ئوتتۇرسىدىن باشلاپلا تىز بوغۇمىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۇ يارىسىنىڭ تا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ پات- پات تىلغا ئېلىنىشىنى، دۆلەت كوماندىسى تەركىۋىدە كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئولىمپىك يىغىنىدىكى مۇسابىقىدە ئاران بىر توپلا كىرگۈزۈپ ئۈچ نۇمۇر ئېلىپ قايتىپ كەلگەنلىگىنى كىممۇ خۇتەندىكى ئاشۇ مۇسابىقە بىلەن مۇناسىۋەتىىز، دىيەلەيدۇ؟ ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىشپ ئۆزىنى نامايەن قىلىش  شىنجاڭ ئوغۇل قىزلىرىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، شىرئەلىجاننىڭ ئۆزى ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت ئىدىغۇ!
   4. كۇلۇب ئەزا تاللاشتا خاتالىق ئۆتكۈزدى. ياشلار كوماندىسىنى بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن، ‹‹مەملىكەت بۇيىچە ئەڭ قىممىتى بار ۋاسكېتبولچى (MWP ) ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئابدۇسالام كوماندىغا تاللانمىدىيۇ، ھېچبىر قۇۋىتى ياكى نەتىجىسى بولمىغان يۈ چاڭچۈن، سۇن مىڭياڭلار تاللاندى. مەردان تۇرسۇن ئۇزۇتۇپ قۇيۇلدىيۇ، لىيۇ فېڭبو تاللاندى.  كۇلۇب تەرەپكە سەت بولغىنى دەل بۇ يىل گۇاڭخۇي كۇلۇبى تاللىمىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇسالام دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى!
    شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى مەغلۇبىيىتىدە كۇلۇپ تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان، خې چاڭجىياڭ ۋە گوجىيەن ئەپەندىلەر جاۋاپ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان سەۋەپلەر يەنە نۇرغۇن. ۋاقىت ۋە سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن مەن بۇ يازمىدا يۇقارقىلارنىلا دەپ ئۆتتۈم. باشقا تەرەپلەردىكى سەۋەپلەرنى ۋاقتىم يار بەرگىنىدە ئايرىم تىما شەكلىدە يېزىشىم مۈمكىن.


ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php


ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:20:50

شىرئەلىجاننىڭ پۇتى قاچان يارىلانغان؟ راستىمنى دېسەم مەن مۇشۇ قېتىملىق پەسىللىك مۇسابىقىدىن بۇرۇن ۋاسكىتبولغا ئازراقمۇ قىزىقمايتتىم. شۇڭا تېمىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى مۈجىمەل گەپلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ كەتمەيمەن. بىلىدىغانلار بولسا تەپسىلىيرەك بىر نەرسە دەپ باقمامسىلەر!؟
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرسىتىشنى باشلىغاندىن بۇيان بىر قېتىملىقىنىمۇ قالدۇرماي كۆرۈۋاتىمەن. كۆرگەنچە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 15:56:00

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-27 15:20:50 static/image/common/back.gif
شىرئەلىجاننىڭ پۇتى قاچان يارىلانغان؟ راستىمنى دېسەم م
تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گەپلەردىن قايسىلىرىنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىڭىز؟ ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بىرلىكتە تەھلىل قىلايلى.
تېما يازغۇچى ئېيتقان خوتەندىكى مۇسابىقىنى 2014-يىلى 4-ئايدا خوتەن ئۇدۇن  ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شەھەرچىسى تەشكىللىگەن… شىرئەلى مۇشۇ كوماندىنى يېتەكلەپ چىمپىيۇن بولغان… ئەسلى كەسپى تەنھەركەتچى ئۆزى تەۋە كۇلۇپنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق شەكىلدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا بولمايدۇ… شىرئەلىنىڭ توپ ئوينىغىنىدىن كۇلۇپنىڭ خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن …

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:50:28

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 15:56 static/image/common/back.gif
تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گەپلەردىن قايسىلىرىنى تازا ...

ئالدىنقى ئىنكاسىمنىڭ بېشىدىلا سورىغىنىم مەن چۈشەنمىگەن بىرىنچى مەسىلە. ئىككىنچىسى تېرىفېرنى  خېلى كۆپ پۇل خەجلەپ ئەكەلگەن گەپ باركەن، ئۇنىڭ ئالىدىغان ھەققى زادى قانچىلىكتۇ؟ قارىسام ماھارىتى قىرانبېكتىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ئۈچىنچىسى تېمىدا« شۇ مۇسابىقە داۋامىدىكى بەزى كۆڭۈلسىز خەۋەرلەردىنمۇ قىسىي قالمىدۇق» دېگەن گەپلەر باركەن، خوتەندە قانداق كۆڭۈلسىز ئىشلار بولغان بولغىيتى؟...
ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە دېگۈدەك رىياسەتچى ۋە چۈشەندۈرگۈچىلەر شىرئەلىجاننىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. قارىسام ئۇ راستىنلا ئازراق ئاقسايدىكەن. ئۇنىڭ قاچان، قانچىلىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ توپ ئوينىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دەپ ۋاسكىتبول تورىنى شۇنچە ئاختۇرساممۇ ھېچنىمە تاپالمىدىم.

Vasily يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 17:03:27

ئەڭ مۇھىمى ئالدىنقى پەسىل ئاخىرلاشقاندا خودسوننى تۇتۇپ قالـمىغانلىقى بولدى،گەرچە پەسىل بېشىدا يېڭى كەلگەن كىراۋفوردنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ ،ئەمما كۆزىنىڭ چاتىقى تۈپەيلى ئاستا ئېمېرىكىغا سەپەر ئالدى،كېيىنكى ئەكەلگەن ئاقماس ئىككى چەتئەللىكنى تاللىغاندا ۋاقىتتا ئوبدان ئويلاشمىدى،مانا ھەرقانچە قىلىپ پەسىل ئاخىرلىق مۇسابىققا كىرسىمۇ ھالى قالـمىغان شىنجاڭلىقلار ۋھشىي يىرتقۇش گۇاڭدۇڭغا ئۇچرايدۇ،شۇ ۋاقىتتا ۋەھشى چەتئەللىكتىن بىرنى ئەكەلسە تاڭ  ، ئەمما دۈشمەن تەرىپىدىن يەم بولۇشى ئېنىق،، ئىشقىلىپ بۇ پەسىل ئۈمۈد يوق،كىلەر پەسىل كۆرۈشەيلى
بەت: [1]
: بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەغلۇب بۇلۇشىدىكى ھەقىقى سەۋەپكار كىم؟