[خەتلىك فىلىم] باشقىلارنىڭ ھاياتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 19:51فىلىم نامى: باشقىلارنىڭ ھاياتى
ئېنگىلىزچە نامى: The Lives of Others
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2006-يىلى
دۆلىتى: گېرمانىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: نېمىسچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.5
رازمىرى: 720*1280
چوڭلىقى: 2.43GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:17:36
رېژىسسور: Florian Henckel von Donnersmarck
باش روللاردا: Ulrich Mühe, Martina Gedeck, Sebastian Koch
فىلىم ھەققىدە:
1948-يىلىدىكى شەرقى گېرمانىيەدە، پۈتۈن جەمئىيەت دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئىدارە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالاھىدە خادىم ۋىسلېر بۇيرۇققا ئاساسەن دراماتورگ جورج جەيمان ھەمدە ئۇنىڭ ئاكتىيور قىز دوستى كرىستا مارىيانىڭ تۇرمۇشىنى مەخپىي تىڭشايدۇ، مەخپىي تىڭشاش جەريانىدا ۋىسلېر ئاستا-ئاستا بۇ دراماتورگنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئاستىرتىن ياردەم قىلىشقا باشلايدۇ. غەربىي گېرمانىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر ماقالە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئۇلار بۇنى يازغۇچى جورج جەيمان دەپ قاراپ، ئۇنىڭ قىز دوستى كرىستا مارىيانى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن جورج جەيماننىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ...
1984يىلى، شەرقىي بېرلىن پۈتۈنلەي بېكىنمە ھالەتكە كىرىپ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى، شەرقىي گېرمانىيەنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگىنى سىتاسى تەرىپىدىن، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ئۇ 100 مىڭدەك مەخسۇس خادىم، 200 مىڭدەك مەلۇماتچىلاردىن تەشكىللەنگەن، پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنى قوغدايدىغان تەشكىلات بولۇپ، «ئۇلارنىڭ ئاشكارا نىشانى: ھەرقانداق ئىشنى بىلىش» ئىدى.
بۇ فىلىم 79-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 78 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 27 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت ياكى 115 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. شۈنلېيدىن چۈشۈرگىلى بوممىدى. afiyfiy يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 20:12 static/image/common/back.gif
شۈنلېيدىن چۈشۈرگىلى بوممىدى.
ھۆججەت ئىسمىنى ئېنگىلىزچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسام ئوڭشالدى. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 20:23 static/image/common/back.gif
ھۆججەت ئىسمىنى ئېنگىلىزچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسام ئوڭ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بېكىتىڭلاردىكى بۇرۇنقى كىنولارنى ياقتۇرغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى پەقەتلا
شۈنلېي تور دېسكىسىدىنلا تەمىنلىنىپتۇ. باشقا تور دېسكىلىرىدىكىنى چۈشۈرگىلى بولدى. ئەمما، شۈنليدىكىلىرىنى
پەقەت چۈشۈرەلمىدىم. مۇشۇ مەسىلىنى ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز. كۆۋرۈك تور بېكىتىنىڭ مېھنەتسىز ئەجىرىگە
كۆپ تەشەككۈر!{:140:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 20:48
بىر كۆرۇشكە ئەرزىيدىغان ياخشى فىلىم،
ئاۋۇ بىشىدىكى يىلنامە 1948- يىلى ئەمەس ، 1984- يىلى ،
1984-يىلى يەنى بىرلىن تېمىنىڭ ئۆرۇلىشىگە 6 يىل قالغان ۋاقىت ، شەرقى گىرمانىيەدىكى ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ،
غەرىپ بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلىپ ئاشكارە دۇشمەنلەشكەن ۋاقىتقا توغىرا كىلىدۇ .
ھەممىلا ئادەم گۇمانلىق بولغان شەرقى گېرمانىيەدە، ھۆكۇمەتنىڭ قۇلاقلىرى ھەر بىر ئۆيگىچە يىتىپ بارغان بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىرلىن تېمىنىڭ ئۆرۇلىشىنىڭ ئالدى كەينى تارىخى، ئارقا كۆرنۇش قىلىنغان كىنو.
ئەمما چۇشۇرگىلى بولمىدى . . .
ئۇيغۇرچە خەتلىك بولۇپ چىققىنى ياخشى بوپتۇ.{:112:}
ساقلاپ قويىدىغان كېنولارنىڭ بىرى بۇ كېنو. مۇشۇ كېنوغا خاراكتىرى ئوخشاپ قالىدىغان يەنە بىر كېنو بار ئىدى، ھوللىۋۇدىنىڭ، كېنودا كۇبا ئىنقىلاۋى تەسۋېرلەنگەن. جىمجىت ئولتۇرۇپ كۆرسە، ئاجايىپ مەزمۇنلۇق ياخشى كېنو ئىدى.....
بەك بۇرۇنقى كېنو بولغاچقا ئىسىمىنى تازا ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن. ئىنقىلاپچىلار كىرىپ، مۇزىكانتنىڭ ساكس چالغۇسىنى كاپتالىزىمنىڭ قۇيرۇقى دەپ مۇسادىرە قىلىۋالىدىغان بىر كۆرۈنۈشى ھازىرمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
كېنو ئىسمىدا كۇبا پايتەختى ھاۋانانىڭ ئىسىمى بار ئىدى. ھاۋانادىكى كۈنلەر؟ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق بىر ئىسمى بار كېنو ئىدى. چۈشۈشتە مەسلە يوق. ئاتتەك چۈشىۋاتىدۇ. رەھمەت. Aqsu يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 20:43 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بېكىتىڭلاردىكى بۇرۇنقى كىنو ...
نىمە سەۋەپ ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدىم، ئەمما شۈنلېينىڭ بېتى نورمال ئېچىلىپ ۋە ئۇلانمىنى چەككىلى بولسىلا نورمال چۈشەتتى.
شۈنلېينىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاپ، ئوخشاش بولمىغان تور كۆرگۈلەردە چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
ياكى بولمىسا بەيدۇدىن ياكى 115 تور دېسكىلىرىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ تور دېسكىلىرىدا شۈنلېيدەك چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە چەك قويۇۋالمايدۇ. توربەتتە كىنو قويۇلىدۇ،لىكىن تىرمىنالدا قويۇلمايدۇ:(:(:(:( ئاشۇنىڭ ئىشىنىمۇ بىر ئوڭشىساڭلا بولىتتى،كەچلىرى كىنو كۆرگەنگە{:90:} باياتىن بېرى ئىزلەپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم، ئۇ كېنونىڭ خەنچە ئىسىمى 迷失的城市 ئېنگىلىزچە ئىسىمى TheLostCity
بۇ كېنومۇ تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك كېنو ئىدى.
بەيدۇدىكى ئۇلىنىشى:
http://baike.baidu.com/view/352511.htm كۆۋرۈك ئەپ دىتالىڭلاردىكى فىلىملارنى يانفۇنغا چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان ئېقتىدارنى قوشۇپ قويغان بولساڭلار winter sleep 冬眠 ، dedemin insanleriدىگەن تۈركىيە كىنولىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار
تۈركىيە تېلۋىيە تىياتىرلىردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئايرىم دۇنيا تەسۋىرلىنىدىكەن، ھەقىقىي تۈركىيە تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 21:11 static/image/common/back.gif
نىمە سەۋەپ ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدىم، ئەمما شۈنلېينىڭ بېت ...
«باشقىلارنىڭ ھاياتى» ناملىق كىنونى چۈشۈرىۋالدىم{:86:} يېرىمىنى ئەتە كۆرەي.. چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بىرىپ قويدۇم ھەقسىز بولغان ئىسىل فىلىملەر بىلەن تەمىنلەۋاتىسىز رەخمەت سىزگە يېقىندىن بۇيان مۇشۇ كىنۇ كۆرۈشكە ھەۋىسىم باشقىچىلا قوزغىلىپ قالدى. كۆۋرۈك تورىنىڭ ياردىمىدە كۆپ كىنولاردىن ھۇزۇر ئالدىم ۋە ئوڭاي چۈشۈرپ كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشتىم. سىلەرنىڭ ھەقلىق قىلۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قېنى بۇ كىنونى بىر كۆرەي كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ....
oganbala يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 00:00 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيان مۇشۇ كىنۇ كۆرۈشكە ھەۋىسىم باشقىچىلا قو ...
توربېكىتىمىز مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە خەتلىك فىلىملەر داۋاملىق ھەقسىز بولىدۇ.:) ناۋات سېلىنغان بىر چەينەك مەھمۇت چېيى بىلەن ئۈچ يۈەنلىك گازىرنى تەييار قىلىپ قۇيۇپ خاتىرە كومپىيۇتېرنى 32 دىيۇملۇق نىپىز ئېكرانلىق تىلىۋىزۇرغا خ د م ئى سىمى بىلەن چېتىپ كۆۋرۈك تورىدىن چۈشۈرگەن كىنونى كۆرسەك بەك ھوزۇر جۇمۇ. بىزمۇ نەچچە كۈن ئاۋال ، كۆۋرۈك تورى تەرجىمە قىلغان « P . K » دىگەن كىنونى 55 دىئوملۇق 4K لىك تېلىۋىزۇردا كۆرگەنتۇق ، كىنوخانىدا كۆرگەندەك ، شۇنداق راھەت ، سۈزۈك ..
بولسا بۇندىن كىين پ . ك دەك بۇنداق نوچى فىلىملەرنى تېخىمۇ سۈزۈك ، چوڭلۇقى 5GB ئەتراپىدا كىرىشتۈرۈشىنى ئۆمىد قىلىمەن . ھازىر تور سۈرئېتى ياخشى بولغاندىكىن بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈشكە ئۇنچە كۆپ ۋاقىتمۇ كەتمەيدىغۇ ...
بەت:
[1]