kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:46:23

كۆۋرۈكتىن سالام..

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 22:06  

ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم ئىزدىنىش جامائىتى ياخشى تۇرۋاتامسىلەر؟ئۇزۇن بۇپتۇ سىلەر بىلەن ھال -موڭ ئىيتىشمىغىنى ،بالا باقىمىز ،كالا باقىمىز ،خوتۇن باقىمىز دەپ تىرىكچىلىق غىمىدە مونبەرگە كىرىشمۇ خوشياقماي قالغان ئىدى ،تۇرۇپ ئۆيلاپ قالدىم بۇ دۇنيادا جان بىقىشتىن باشقا ئىش يۇقما؟بۇ قىسقىغىنە ئومرىمىزدە بالام-كالام دەپلا ئوتەمدۇق ،ياق تۇرمۇشتا مەنىلىك ياشاش كىرەك ئىكەن ،خودايىم بويرىسا تورغا چىقىشنى يۇنۇس تۇنگان ئاغىنەمنىڭ ئۇگۇتۇپ قويغىنىمۇ ياخشى بولوپتىكەن بىر ھىساپتا .بولمىسا مۇشۇ مەنسىز كۇنلەردە نىمە ئىشمۇ قىلار بولغىيتىم ،ھاراق ئىچىپ  قىمار ئويناپ  يۇرەر بولغۇيتۇم ،مەھەللىدىكى سۇنۇرلار بىلەن خانلەيلۇنغا تۇۋلاپ ،مۇنبەرگە يەنە كىرىۋالدىم ئۇنى -بۇنى دەپ ھال -موڭ ئىىيتىپ قوساق بۇشۇتۇپ ئوتەيلى دەپ بوپتىمۇ؟
ھە مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار مەن ياخشى شۇ سەل قىرىپ قالدىم ،چاچلاردىكى ئاقلار كۆپەيدى ،مىجەزلەرمۇ ئىغىر بىسىق بولوپ قالدى ،بۇلتۇر كۈزدە شەھەرگە كىرىۋالدىم خوتۇن بالا چاقام بىلەن ،نىمىشقا دەمسىلەر ،سەھرادا ئون مو يەرگە ھەممەيلەن قاراپ ئولتۇرساق قوساق تۇيغان بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىن چوڭ ئوزگىرىشى بولمايدىكەن ،ئەتراپىمغا قارىسام بىزنىڭ مەھەللىدىكى نەچچىسى شەھەرگە كىرىپ ئوقەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوبدانلا پۇل تىپىۋىتىپتۇ ،مەنمۇ كىرمەيمۇ دىگەن شەيتان ئىچىمگە كىرىۋىلىپ ئاخىرى دادامنى ماقول كەلتۇرۇپ شەھەرگە كىرىۋالدىم ،شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئالدىم ،بالام كۆۋروكچاقنى شەھەردىكى بىر مەكتەپكە بەردىم ،دادام شەھەرگە كىرىپ جىنىڭنى باق دەپ ئۆينىڭ ‹‹ئىلىەنتىرا ››ماشىنىسىنى ماڭا بەردى ،ئاكام سىيتەك خىلى غودۇراپ باقتى ئىلەنتىرانى ماڭا بىرىۋەتكىنىگە چۇنكى ئۇنىڭ پىراۋىسى چىققىنىغا بىر ھەپتە بولغان ئىدى ،ئو كالۋا پىراۋا ئىلىشى ئۇچۇن بىرى يىرىم  يىل ئوقوپ بەك تەستە ئالغان پىراۋىسىنى شۇڭا بەك ئاچچىقى كەلدى .
شەھەرگىغۇ كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا خىلىلا قىينىلىپ قالدىم ،نىمە دىگەن قىممەتچىلىك ۋۇي ،بىر كىلو سۈت بەش سوم،بىر نان ئۈچ سوم،خالتا كومور دىگەن ئاجايىپ بەركەتسىز بولىدىكىنا،مەھەللىسدە ۋاقىتلاردا  دادام خاڭدىن ئەكىلىپ  دەرۋازا ئالدىغا تۆكوپ قويۇپ ئاكام ئىككەيلەن بىر -بىرسىمىزگە بەس سىلىپ كۆمورخانىغا تۇشۇش تەس كىلىپ تۇرۇپ كىتىدىغان ئاشۇ كۆمورلەر كۆزۇمگە كورۇنۇپ كەتتىغۇ ..ئىسىت ئاشۇ كۆمورلەر ...
ھىلىمۇ ياخشى ئاشۇ ‹‹ ئىلەنتىرا ››ماشىنام بار ئىكەن ،ھە راس ھىلىقى ۋاقىتلاردا شالىي ماشىنام بار ئىدى ،ئۇ شالىيمۇ بەك ئەسقاتقان ئىدى ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىزنىڭ مەھەللىنىڭ يۇقۇرسىىدىن بىر كۆمور كانى چىقىپ مەھەللمىزىدىكى نۇرغۇن دىھقانلارنىڭ تىرىلغۇ يىرىنى شىركەت سىتىلدىغان بولوپ مەھەللمىزدە تۇيۇقسىزلا بايلار كۆپويۇپ كەتتى ،ماشىنا دىگەننى ئالا-ئال ،ئۆي دىگەننى سالا -سال ،خوتۇننى قويۇۋىتىپ خوتۇن دىگەننى ئالا-ئال،ۋاي تۇۋۋا بۇرۇنقىدەك بىر خىللا ئۆتكەن بولساق بوپتىكنا ھە دەپ باشلىرىنى چايقاپ كىتەتتى چوڭلار بۇ كارامەتلەرگە قاراپ ..بۇ تۇيۇقسىز بايلار ئالدىدا مىنىڭ قۇيرىقى بار ئۇ شالىيلىرىم ئاددىلا بولوپ قالدى ،زاڭلىق قىلىپ كىتىشىلىچۇ بۇ يەر سىتىپ باي بولغان گۇيلارنىڭ شالىيرىمنى ئەسكە داس دەپ تىخى ...سورۇنلاردا چاقچاق تىمىسى بولوپ قاپتۇ تىخى .
كۆۋرۈكچاننىڭ شالىسى ،پەرى قىزنىڭ ۋالىيىسى دەپ ....
شۇنىڭ بىلەن شالىينى ئىلىشىغا سىتىپ ئىغىلدىكى بىر مۇزاينى سىتىپ ئىككىنچى قول بولسىمۇ قارا رەڭلىك ئىلەنتىرا سىتىۋالغان ئىدۇق ،دادام مەن ئۇچۇنلا سىتىۋاپتىكەن بۇ قارا رەڭلىك بەش ياشقا كىرگەن ئىلەنتىرا ماشىنىنى .گەرچە شەھەردە ئۆزەمنىڭ ئۆيى،جانغا ئەسقاتقۇدەك تۇققىنى ،بولمىغىنى بىلەن ۋاپادار خوتۇنۇم پەرى ،ئوماق ئوغلوم كوۋرۇكچاق،سۇيۇملوك قارا رەڭلىك ئىلەنتىرا ماشىنام بىلەن شەھەر تۇرمۇشىغا  سىڭىپ كەتتىم ،،،،
داۋامىنى  سىلەرگە خوش ياقسا يىزىپ دەپ بىرىمەن ..خوش ،،قۇسۇقۇم ئاغرىپ كەتتى ،،،،

مەھەللىدىكى ۋاقىتلاردا شەھەرلىكلەرنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم ،پىخسىق ،چۇپەي دەپ ،بۇ شەھەر تۈرمۇشى ئادەمنى شۇنداق قىلىۋىتىدىكەن ،ئىككى يىل بولمايلا مانا راۋرۇس شەھەرلىك بولوپ كەتتۇق ،ئائىلە بويىچە  ،شەھەردە پۇل تاپماقمۇ ئاسان ئىكەن ،پۇلىنى خەجلەپ تۇگەتمەك ئۇنىڭدىنمۇ ئاسان ئىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا چىڭلىشىپ كىتىدىكەندە دەپ ئويلاپ كەتتىم ،ۋاي توك،سۇ ،ئۆي ئىجارە پۇلى نىمە دىگەن تىز توشقان ۋۇي  ،بىچارە پەرى مەن ئىلەنتىرادا كىرا قىلىپ تاپقان پۇلۇمنى يەتكۇزۇپ كىتىدۇ ،چۇرنىۋاي دەپتىرىگە مايماق سايماق يىزىپ  ئوزىچە بىزنىڭ دادۇينىڭ ھىساپچىسىدەك،،
ھە ئىلەنتىرادا قانداق جان بىقىۋاتىسەن دەپ سورايسىلەر بەلكىم ،ئىلىەنتىرا دىگەندە پاخال -سامان ،كومور تۇشۇغىلى بولمايدىكەن ئەلۋەتتە ئادەم توشوۋاتىمەن ئادەم ،ھەر خىل ھەر ياڭزا ئادەملەرنى توشۇپ ئولاردىن پۇل ئىلىپ ئۆيۇمنى بىقىۋاتىمەن ..يەنى قارا تاكسىچلىق قىلىۋاتىمەن ،نىمە ئۇچۇن قارا تاكسى دەيدۇ دەپ ئۆيلاپ قالدىم قايسى كۈنى ماشىنامغا گاز قاچلىۋىتىپ ،نۇپۇسى يوقنى قارا نوپۇس دەيدىكەن ،ساۋاتسىزنى قارا قوساق دەيدىكەن ،رەسمىيتى يۇق تاكسىنى قارا تاكسى دەيدىكەن دىگەن يىرىگە كەلگەندە خيالىم ،گاز قاچىلىنىپ بولدى.
قارا تاكسىچلىق بەك تەسلىشىپ كەتتى ،سەللە دىققەت قىلمىساق تۇتىۋالىدۇ ،تۇتىۋالسا ئىغىر جىرىمانە قويىدۇ ،خودايىم بۇيرىسا تاپقان پۇلۇمدىن ئىشىنىپ ۋاقتى تۇشاي دەپ قالغان  تاكسى سىتىۋالىمەن
شەھەرلىكلەر ئاجايىپ بولىدىكەن ،ئاجايىپ ئىسىل،ئاجايىپ ناچار  ئادەملەر باركەن ،چاتاق يىرى شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى پاقىراپ تۇرغاچقا ياخشى -يامىننى ئارىماق يامان  تەس ئىكەن ،خەققە ياخشىلىق ئويلىساڭ يامىنىغا ئۆيلاپ ،ئاچچىقىڭ كىلىپ تۇمشۇقىغا بىرنى ئوراي دىسەڭ ئالدىڭدا ھىجاراپ تۇرۋالىدىكەن ..شۇڭا خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماسلا بولوپ كىتىسەنكەن ...ئۆتكەندە شەھەردە قار يامغۇر يىغىپ يۇللار مۇز بولوپ كەتتى ،ئالدىمدا كىتىۋاتقان نىسسان ماشىننىڭ كەينى چىقى پىقىرىماي سۇرۇلوپ كىتىۋتىپتۇ ،ئوزەمچە شوپور قول تورمۇسنى تارتىپ قويۇپ ئۇنتۇپ قاپتىدە دەپ ئويلاپ مىڭ تەستە يتىشىپ دىرىزىدىن ماشىنىغا ھەيدەپ كىتىۋاتقان بۇرۇتلوق قارۋايغا ئاداش ماشىناڭنىڭ قول تۇرمۇسىنى تارتىپ قۇيۇپسەن دەپ ئوتۇپ كەتتىم ،ئارىدىن ئۇزۇن ئۇتمەي ئۇ نىسسان ھايدىغان قارۋاي كەينىمدىن يىتىشىپ كىلىپ ماڭا گەپ قىلدى ،رەخمەت ئىيتامدىكەن دەپتىمەن ،ساراڭنىڭ ئۆزىكەن سەت تىللاپ كەتتى ،مىنى ماشننى تۇنۇگۇن ھەيدىگەن دەپ قالدىڭمۇ  كىمىڭنى مالاڭ قىلىسەن دەپ ھارغىچە تىللاپ كەتتى ،مىنىلا تىللىغان ئاز دەپ ماشىنامنىمۇ قىتىپ تىللىدى ،ماشىنام ئچىدىكى 40سوملوق ئەتىرلەر قالمىدى ئۇ گۇي قوشۇپ تىللىمىغان..تۇۋۋا دەپ قالدىم ماۋۇ لوكچەك ساراڭغا ،ماۋۇ گۇي نىمانداق قىلىدۇ  سەھرالىقنىڭ مۇشتىنى بىر تىتىتپ قۇۋۇرغسىنى سۇندۇرۋىتەيچۇ دەپ نىيەتنى بۇزۇپ توختىغىنە دەپ شەرەت قىلىپ ماشىننى توختاتسام ئۇ گۇي ماينى بىرىپ ئۇچقانداق  قىچىپ كەتتى ،چىۋىن يۇتىۋالغاندەك بولوپ قالدىم .
ئوتكەندە ئىلەنتىرانى يۇل بۇيىغا توختۇتۇپ قويۇپ تاماققا كىرىپ تاماق يەپ چىقىشىمغا ماشىنامنى شەھەر باشقۇرۇشنىڭ ماشىنا سورەش ماشنىسىغا تارتىپ چىقارغىنى تۇرۇپتۇ ،ئۇچقاندەك بىرىپ ماشىنامغا چىقىۋالدىم ۋە ئولارغا يالۋۇرۇپ كەتتىم ،ئۇنداق قىلماڭلار مەن ئوخماپتىمەن دەپ يالۋۇرۇپ كەتتىم، چاتىقى يۇقكەن ئۇلارنىڭ ئىدارىغا بارغاندا پاراڭلىشايلى دەپ مەن ماشىنىدىن چۇشمەي تۇرىۋالدىم ،ئۇلارمۇ ماشىننى سۇرەپ تارتىشى ماشىنىغا سىلىپ ماشىننى ئىدارىغا ئىلىپ ماڭدى ،مەنمۇ ماشىنام ئىچىدە يۇمشاق قاپلىق خوڭخى تاماكامنى ئىچىمگە چوڭقۇر تارتىپ  ماشىنامدا ئولتىرىۋەردىم بۇ گۇيلار ئىدارسىغا ئاپىرۋالسا  جىرىمانە قويارمۇ  . بۇ خەق يايمىچىسنى باشقۇرماي ھەجەپ ماشىنا باشقۇردىغان بولوپ قاپتا

شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ماشىنامنى سۇرەپ ماڭغانلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ قانداق قىلىپ ئىىدارسىغا كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن ،ئىلەنتىرا ئىككەيلەننى ماشىنىدىن چۇشۇردى يۇغان ھويلىسىغا كىرىپ،خىلى كوپ تەربىيە قىلدى ئاق چاچلىق يوغان قوساق باشلىغى ماڭا :ئوكام دۆلەت دىگەن ئائىلىگە ئوخشاش .سىنىڭ ئۆيۇڭ قالايمىقان بولسا باللىرىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆيگە قالايمىقان يىيىۋالسا سىنىڭمۇ، خوتۇنىڭمۇ ئاچچىغى كىلەر دىمەك ،بىزمۇ شەھىرىمىزنى شۇنداق تەرتىپلىك بولسۇن دەپ ئۆيلايمىز ئەمەسمۇ دىگەندەك خىلى چەك باسىدىغان گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇ ئاق چاچلىق باشلىقنىڭ شۇلىيەن تاماكىسىنى تازا چىكىپتىمەن .ئالدىمغا قويۇپ قويغان .گەپلىرىغۇ بەك ئورۇنلوق ئىكەن تەسىرلىنىپ خىلى بىر يەرگە بارغان ئىدىم ،كىيىن ئىككى يۇز سوم جىرىمانە تولەيدىغىنىمنى بىلىپ سەل كەيپىم ئۇچتى ، خوتۇنغا تاپشۇرماي يانچۇقىنىڭ ئىچىگە تىقىۋەتكەن ئۇچ يۇز سۇمدىن ئىككى يۇز سۇمنى جىرىمانە تولەپ ماشىننى ئاچقىۋالدىم ،خەپ بۇندىن كىيىن ماشىننى قالايىمىقان توختىتىدىغان بولسام دەپ ئوزەمگە ئوزەم ئۈچ قىتىمدەك قەسەم قىلدىم ماشىنا ئوت ئالغىچە..
قارا تاكسى ھەيدەپ نۇرغۇن پىشكەلچىكلەرگە يولوقتىم ،ئوتكەندە بىر چوكاننى كىرا قىلىپ مەھەللىسگە ئاپىرىپ قويۇپ كىرا پۇلىنى ئىلىۋالاي دەپ ساقلاپ تۇرسام  يولدىشى چەيدۇ كوتورۇپ چىقىپتۇ ،ماشىننىڭ ئالدىنى توساپ نىمە بولدى دىسەم پىيىڭنى كىسىمەن دەيدۇ ،قاچان دىسەم ھازىرلا كىسىمەن دەيدۇ ،نىمىشقا كىسىسەن دىدىم، ماشىننىڭ ئىشىكىنى ئاچماي ئەينەكنى ئازىراق چۇشۇرۇپ ،ئايالىم بىلەن نىمە ئىشىڭ بار دەيدۇ ،سىنىڭ ئايالىڭ كىمۇ ؟دىسەم ھازىر سىنىڭ ماشىناڭدىن چۇشكەن ئايال شۇ دەيدۇ ،مەن ئايالىڭ بىلەن ھىچقانداق ئىشىم يۇق ئايالىڭنى تونومايمەن ،مەن پەقەت كىرا قىلغان توققۇز سۇمنى تۇنۇيمەن دىسەم ماڭا قاراپ خىلى تۇرۇپ كىتىپ يانچۇقىدىن ئون سوم چىقىرىپ بەرگەن مەن بىر سوم قايتۇرۇپ بىرىپ قايتىپ كەتتىم................

ئالدىنقى قىتىم سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەن ئىدىم،ھەجەپ ئىسىمگە كەلمىدا،ھە قارا تاكسىچىلىق قىلىپ بىشىمغا كەلگەن قىسمەتلەرنى سۆزلەپ توختاپ قالغان ئىكەنمەن ،شۇنداق قىلىپ قارا تاكسىچىلىقنىڭ پۇلى ياخشى بولغان بىلەن دەردىمۇ كۆپ بولىدىكەن، ھەممە ئىشىنىڭ قانۇنلىق رەىسمىيەتلىك بولغىنى ياخشى ئىكەن ،مۇشۇ ماشىنا سۇغۇرتا ،يىللىق تەكشۇرۇش دىگەنلەرنى ۋاختىدا قىلغان ياخشى ئىكەن .بىر يىل ھەيدەپ ھىچكىم تەكشۇرمىگەن سۇغۇرتىنى  بۇ قىتىم سۇغۇرتىنىڭ ۋاقتى توشوپ ئۈچ كۇن ئوتوپ كەتكەندە  ساقچى تەكشۇرۇپ تۇتىۋالدى ،خوددى مىنىڭ ماشىنامنىڭ سۇغۇرتىسىنىڭ توشۇپ كەتكەنلىگىنى بىلىپ قالغاندەك ،يالۋۇرۇپ باقتىم ھە ئۇ ساقچىغا ،ئۆزەمنىڭ سەھرادىن شەھەرگە كىرگەنلىكىمنى ،ئۆيۇمنىڭ ئىجارە ئىكەنلىگىنى ،ئۆيدىكى خالتا كومورنىڭ تۇگەپ قالغانلىغىنى ،ئايالىمنڭ ئىشسىزلىغىنى ،بالامنىڭ كىچىسى يۇتقانغا سىيىپ قويۋاتقانلىغىندىن تارتىپ دەيىدىغان قىينىچلىقلارنىڭ ھەممىنى دەپتىمەن ،ئۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ ئەتراپىدا پىقىراپ .ئۇ ساقچى بالا مىنىڭ توختىماي پىقىرىشىمدا بىشى قىيىپ كەتتىمۇ، ياكى ئىچى ئاغرىپ كەتتىمۇ گەپ سوز قىلماي ۋاقتىدا تولىۋەت ھە دەپ پىراۋامنى ،ئىلەنتىرانىڭ نوپوىسىنى بىرىۋەتتى ،رەھمەت دەپ كەتتم ئۇ بالىغا تەسىرلىنىپ ،كۆزومگە ياش ئىلىپ قويايمىكىن دەپ نومۇس قىلىپ ياش ئالمىدىم .ئىسىل بالىكەن ،ئازىراق كۆڭۇل قىلىپ قويايچۇ دەپ ئەتراپتا دوكان بار يۇقلىغىغا قارىدىم ،دوكان بار ئىكەن ،يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام 25سوم پۇل بار ئىكەن ،ئالتە سومغا ئىككى بۇتۇلكا يىشىل چاي ئون سومغا ئىككى  يۇمشاق قاپلىق خوڭخى ئالدىم ،ئەسلى شولىيە ۋاڭ ئالاي دىگەن لىكىن ئىچىملىك ئالدىغانغا پۇل يەتمەيدىكەن.
ئالغان نىمىلىرىمنى قارا سولياۋغا قاچىلاپ ئۇ ساقچى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ،ھە راس ئالارمۇ ؟ھازىر پارىخۇرلارنى دەھشەت تۇتىۋاتقاندا بۇ نەرسىلەرنى ئالارمۇ؟بۇ پارا بولماس بۇ دىگەن كوڭۇل ،ئاشۇ ساقچىنىڭ مىنى ئاگاھلاندۇرۇپ خاتالىقمىنى ۋاختىدا تۇزىتىشىمگە ياردەم قىلغاندىن كىيىن تەسىرلىنىپ ،بىر خەلىق ئاممىسىنىڭ كۆڭلى  دىگەنلەرنى ئۆيلىدىم ساقچىنىڭ يىنىغا بارغىچە .
ساقچى بالا يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇراتتى ئاستا يىنىغا باردىم ،ئوكام، ساقچى ئوكام ،ئۇ بالا مىنى كۆرۇپ سەل رەنجىگەندەك ،كەتمەي يەنە پىقىراپ يۇرسەنغۇ ئاكا دىدى،ئوكام ساڭا كۆڭلوم بار ئىدى ،مۇنۇ نەرسىلەرنى ئەكەلگەن دەپ قولومدىكى قارا سولياۋ خالتىنى سۇندۇم ،بولدى بولدى ،دەپ قۇلىنى سىلكىدى ساقچى بالا كەت دىگەندىن كىيىن ۋاقتىدا كىتىۋالغىنە ئاكا دەپ ،،ئاپلا پۇل خەجلىگىنىم بىكار بولوپ كىتەرمۇ دەپ ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى ،بۇلمىدى دىگەندە سۇنى ئىچەر دەپ خالتىدىن يىشىل چاينى ئىلىپ ئاغىزىنى ئىچىپ ساقچى بالىنىڭ ئاغزىغا تەڭىدىم ئوكام ئۇسساپ كەتتىڭىز دەپ ،ساقچى بالا بىر ماڭا بىر قولومدىكى سۇغا قاراپ كىتىپ قولومدىكى ئاغزى ئۆچوق يىشىل چاينى غورتۇلىدىتىپ بىر يۇتۇم ئىچىۋىتىپ ئاكا بەشنى سانىغىچە كەتمىسەك ماشىناڭنى يەنە تۇتىمەن دىدى،قولومدىكى سولياۋ خالىتنى ماڭا ئىشتىرىپ  ،ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ قۆرقۇپ قولومدىكى سولياۋ خالتىنى ئىلىپ  ماشىنامنى ھەيدەپ تىكىۋەتتىم..
شەھەرگە كىرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۇتمەي ئۇندىدار ئويناشنى ئۇگەندىم ،مەن ئۇندىدارنى دەسلەپ كۆرگەندە  شەھەرلىك بالىلار تىلفۇندا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئوزى ئۇنگە ئىلىپ ئاڭلاپ ئوينايدىكىنا دەپ ھەيران قالغان ئىدىم.كىيىن ئۇندىدار دىگەن نەرسىنىڭ پەيزى نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىپ  خەنزۇ بازىرىدىكى تىلفۇنچى بالىلارغا ئۇندىدار چۇشۇرۇپ بىرىڭلار دەپ ئىشىلىتىۋاتقىنى  ئەلتە يىل بولغان نۇجىيا  تىلفۇنۇمنى بەرسەم تىلفۇنۇمغا بىر قاراپ قويۇپ بۇ تىلفۇنۇڭغا ئۇندىدار چۇشمەيدۇ ،دەپ ئالدىمغا توككىدە تاشلاپ بەردى ،ۋۇي نىمىنداق قاتتىق تاشلايىسەن قولوڭغا بەرگەندىن كىيىن قولومغا بەرمسەن دەپ، بىر سوقۇشاي دەپ تۇرۇپ كىيىن ئۇندىدار قاچىلاپ قالسام بۇ گۇينىڭ ئالدىغا كىلەرمەن دىگەن خيال بىلەن ،ئۇندىدار چۇشىدىغان تىلفۇن قانچە دىسەم ئەڭ ئەزرىنى بەش يۇز سوم دەيدۇ ،ماۋۇ نۇجىيانى قانچىگە ئالىسەن دىسەم ئون سۇمغا ئالىمەن دەيدۇ ،بەك نومۇس قىلىپ كەتتىم نۇجىيانى قانچىگە ئالىسەن دىگىنىمگە .قانداق قىلارمەن ،مەن بىلەن تۇنۇشىدىغان تاكىسىچى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇندىدار چۇشىدىغان تىلفۇنى بار .قانداق قىلىپ بەش يۇز سۇم پۇلنى تىجەپ خوتۇنغا ئوقتۇرماي ئۇندىدار چۇشىدىغان تىلفۇن ئىلىشى ئۇچۇن تىرىشىپ كەتتىم..........

شۇنىڭ بىلەن تىلفۇنچى بالا، ئالتە يىل ئىشلەتكەن كۆك رەڭلىك نۇجىيا تىلفۇنىمنى، ئون سومغا ئالىمەن دىگەندە بەك خىجىل بولوپ كەتتىم ،ينىمدىكى تىلفۇنىغا مۇزىكا قاچىلىۋاتقان قىز ئاڭلاپ قالدىمىكىن دەپ ،خۇداغا شوكرى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ  ناخشا بىلەن بولوپ كىتىپ،تىلفۇن بازىرىدىن سولىشىپ  يىنىپ چىقىتىم . خوتۇنىمىغا ئوختۇرماي خەپ !ۋىيشىن چۇشىدىغان بىر تىلفۇن ئالماي قويمايمەن .دەپ قەسەم قىلىپ  ماشىنامنىڭ ئۆزەم ئولتۇردىغان ئورۇندۇق تىگىگە    ئون سومدىن ئوتتۇز سومدىن بىر تاشلىغىلى تۇرۇپتىكەنمەن .،بىر ئايغا ئۈچ كۇن قالغاندا ئاستا ساناپ باقسام نەق بەشيۇز ئۇن بەش سوم بولوپتۇ ،تىلفۇنچى بالا بەش يۇز سوم پۇلۇڭ بولسا ۋىيشىن چۇشىدىغان تىلفۇن كىلىدۇ دىگەن ئەمەسمىتى ،خۇدايىم بۇيىرىسا مىنىڭ ۋىيشىن چۇشىدىغان تىلفۇنۇم بولىدۇ ،ئاغىنىلىرىم بىلەن ۋىيشىندا پاراڭلىشىمەن ،ۋىيشىن توپلىرىغا كىرىمەن ،بىزنىڭ قارا تاكچىسى بالىلارنىڭ ۋىيشىن توپى بار ،‹‹قارا تولپار ›› ۋىيشىن توپى دەپ ،ئۆتكەندە قانۇنلوق رەسمىيتى بار تاكسىچى بالىلارنىڭ  ‹‹قىزىل تولپار››  ۋىيشىن توپى بىلەن قارا تولپار توپىنىڭ باللىرى ۋىيشىند تىللىشىپ كىتىپتۇ .تاس قاپتۇ ئۇندىداردىن چىقىپ دەريا بويىدا مۇشلىشىپ كەتكىنى ، ھىلىمۇ ياخشى باللارنىڭ ئىقىن مىقتارى تۇگەپ كىتىپ جىدەل چىقماپتۇ .ۋىيشىن دىگەندە ئەتتىگەندە سوزلەپ قويساڭ  قاچان ۋىيشىننى ئاچقىچە گىپىڭ تۇرىۋىردىكەن ،پەيزى  فىلىم ،ناخشىلار يۇمۇرلاركىلىدىكەن  ،  دىگەندەك  خياللار بىلەن خەنزۇ بازىرىدىكى تىلفۇنچى بالىنىڭ پوكيى ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن .ياخشى بالىكەن بۇ ،بالا بەش يۇز سومغا قارا رەڭلىك سەنشىڭگە ۋىيشىن  قاچىلاپ بەردى .ۋىيشىندىكى ئىسمىڭ نىمە بولىدۇ ئاكا دىگەن كۆۋرۈك بولىدۇ دىسەم ،كۆۋرۈك دەپ ئوزەمنىڭ كۇلوپ تۇردىغان باش رەسىمىنى چىقىپ بەردى .ئوف مىنىڭ ئاخىرى ۋىيشىن چۇشىدىغان تىلفۇنۇم بار بولدى ھە دەپ، ئىچىمنى لىققىدە خوشاللىق  قاپلاپ  تىلفۇن بازىرىدىن تەبەسسوم بىلەن گۇس -گۇس دەسسسپ چىقىپ كەتتىم.
-تىلفۇن بازىرىدىن چىقىۋىتىپ خوتۇنغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن راس دىگەن خىيال كىلىپ ، ئىلەنتىرانىڭ ئىشىكىنى ئىچىىۋىتىپ  توختاپ قالدىم خوتۇنۇمدىن يۇشۇرۇنچە  ۋىيشىن چۇشىدىغان سەنشىڭ تىلفۇن ئالدىم ،ئۇ گۇي جىدەل چىقىراما؟
چاتىقىم نىمە خوتۇندىن قۇرقۇپ  تىلفۇن ئالماشتۇرالمىسام ۋىيشىن ئوينالمىسام مىنى قانداقمۇ ئەركەك دەيدۇ ، دەپ ئۆيگە ماڭغاچ ئىككى ئادەمنى كىرا قىلىۋىتىپ 30سومغا يىرىم كىلو گۇشنى ئىلىپ ئۆيگە كىردىم.قىرىشقاندەك ئۆيگە كىرىشىمگىلا تىلفۇن كىلىپ قالدى ،قەيىرىنى بىسىپ قەيىرىدىن ئالىدۇ ۋۇي مۇنۇ تىلفۇننىڭ ،بىردەم سولغا سىرىپ باقتىم بىردەم ئوڭغا سىرىپ باقتىم  بارمىقىمغا تۇكۇرۇپ  زادى بىلەلمىدىم .قەيەردىن تىلفۇن ئىلىشىنى ھەجەپ تەس نىمىكىنە بۇ قولىنى سۇركەپ ئىكراننى ئاچىدىغان تىلفۇن نىمىشقا ئوبدانراق ئۇگۇنىۋالمىدىم ۋۇي دەپ بەك ئاچچىغىم كەلدى ئۆزەمگە لىكىن چاندۇرمىدىم خوتۇننىڭ ئالدىدا   ..
خوتۇنۇم قولۇمدىكى تىلفۇنغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى ،ئاندىن قولىدىكى سەي توغراۋاتقان چەيدۇنى قوپقۇيۇپ كوۋرۇك بۇ ئىسىل تىلفۇننى قەيەردىن ئالدىڭىز دەپ سورىدى ،قولۇمدىن تىلفۇننى ئىلىپ ئورۇپ -چۇرۇپ قاراپ ،سەي توغرىغان قوللىرى بىلەن تىلفۇننى شالتاق قىلىپ ،ئەكەل ۋۇي مۇنۇ بەش يۇز ئۇتتۇز كويلوق ۋىيشىنى بار تىلفۇن جۇمۇ دىگىنىمنى بىلىمەن، جىدەلنىڭ چوڭى چىقىتى ھە
ساراڭمۇ مەن ۋۇي دەپ كەتتىم ئۆزەمگە-ئۆزەم  ،بەش يۇز ئوتتۇز سومنى پەرى بىلىمىگەندىن كىيىن بۇ تىلفۇننى تىپىۋالدىم دەپ قويسام بولمامدۇ ،ئاغىنەمنىڭ دەپ قويسام بولمامدۇ دەپ ئوزەمنى ئەيىپلەپ كەتتىم ،پەرىنىڭ  قار -يامغۇردەك تىل دەشنەملىرى ئاستىدا...
خوتۇن قىرىق مىنۇتتەك تىللاپ بىر چىنە ئەتكەن چاي ئىتىپ  ئىچىۋىلىپ يەنە تىللاشقا باشلىدى ،تىل ئاڭلىغاچ  پەرى شالتاق قىلىۋەتكەن ،سەنشىڭنى قول ياغلىقىم بىلەن پاككىز ئىيتىپ پاقىرىتىۋىتىپتىمەن .تىلفۇننى ئىيتقاچ خوتۇننىڭ تىل -ئاھانەتلىرىنى تەھىلىل قىلىپ باقسام بەزى گەپلىرى ئۆرۇنلوق ،دىمىسمۇ ئۆي يۇق  ئىجارە تۇرساق ..بىر چاغدا  تىللاشتىن توختاپ قالدى ...
-ئىككى -ئۇچ كۇندىلا بۇ تىلفۇننىڭ ئىپى -جىپىنى ئۆبدانلا ئىگەللىۋالدىم ،ئەمما زە ،مۇنۇ ۋىيشىن دىگەن بىر نىمىگە پۇل توشۇمايدىكەنغۇ ...ئون سومغا يۇز مىگابايىت ساتىدىكەن ،بىردەمدىلا تۇگەيدىكەنغۇ  بۇ ..ئاغىنە باللا نەچچە توپقا قىتىپ قويۇپتۇ
خەقنىڭ گىپىنى ئاڭلىسمۇ پۇل چىقىدىكەن ھە...ئاڭلىماي دىسەڭ ئاڭلىغىڭ كىلىپ كەتكەن ،يوللىغان فىلىمىنى كورمىسەڭ كوڭلىگە كىلەمدىكىن دەپ كۆرىۋالغان ..بۇرۇن ئۆينىڭ گۆش ،ماي ،ئۈن چىقىمىغا مانا ئەمدى ۋىيشىنمىنىڭ ئىقىن مىقتارىغا كىتىدىغان پۇل چىقىمى قىتىلدى ،نەچچە قىتىم ئوينىماي دەپ ۋىيشىننى ئۇچۇرگۇزۋەتتىم تىلفۇندىن ،لىكىن ئىككى كۇن ئۇتمەيلا ئېچىۋالدىم باللانى سىغىىپ باللارنىڭ ۋات -ۋات پاراڭلىرىنى سىغىنىپ ،ئۇنىڭ ئوستىگە ئۇرۇمچى سەنئەت رادىيۇسى دىدىمۇ ئىشقىلىپ شوپۇرلارنىڭ بىر رادىيۇسى بارغۇ شۇنىڭغا بىر ئىككى -قىتىم يۇمۇر سۇزلەپ بەرگەن ئىدىم ،رادىيۇنىڭ ئىگىسى مىنى  بەك ماختاپ كەتكەن يەنە ماختالغىم كىلىپ ئاخىرى ۋىيشىننى يەنە ئېچېۋالدىم ..بالىلاردىن    مەھەللىمىزدىكى قادىركاملارنىڭ ئۆيىدە تورغا چىقدىغان   ۋاي پاي بارلىغىنى بىلىۋالدىم  ، ،قادىركاملارنىڭ ئۆينىڭ كەينىدىكى دىرىزە تۇۋىدە  تۇرساڭ تور دىگەن پىچەت ئۇلىندىكەن ئەمەسمۇ شۇ يەرگە ئۇگۇنىۋالدىم ،قادىركاملارنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە قادىركاملارنىڭ ۋاي پىيىدا نۇرغۇن پاراڭلىشۋالدىم  ۋە ئەۋەتكەن فىلىملىرىنى كورىۋالدىم ۋىيشىنىمغا چىقىپ باللا بىلەن .
لىكىن ھەقسىز ۋاي پايىنىڭ دەردى چىقىتى، مەھەللىدە كوۋرۇك قادىركامنىڭ قىزىنى پايلاپ يۇرۇپتۇ دەپ  گەپ چىقىپ كىتىپتۇ ،مەھەللىدىكى  خوتۇنلار خوتۇنۇمغا دەپ قۇيۇپتىكەن خوتۇنۇم مەن بىلەن بىر كىچە   ،يىرىم كۇندۇز ئۇرۇشتى ،مەن راس گەپنى دەپ ئاخىرى خوتۇننى قايىل قىلىپ جىدەلنى بىسىقتۇردۇم .،ئالدىنقى يەكشەنبە مەھەللە ئاھالىلار كومتتىنىڭ قىينچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھال -ئەھۋالىنى تىزىملاپ  بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتىكەن ،كادىرلار سىلەرنىڭ نىمە قىينچىلىقلار  بولسا دىسەڭلار بولىدۇ دىسەم يۇلدىىشمنىڭ  ۋيىشىنىغا ئىقىن مىقتارىغا پۇل يىتىمەيدىغان قىينچىلىقىمىز بار  دىمەسما .ئەمما نومۇستىىن ئۆلدۇم ھە.. خەپ خوتۇن دىدىم ئىچىمدە  ...

ئاھالىلەر كومتىتىدىكى كادىرلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن خوتۇننى تازا تىللاپتىمەن ،قولومغا شەپكەمنى ئىلىپ ،ۋۇي ساراڭمۇ سەن ؟نىمە قىيىنچىلىقلار بار دىسە يولدىشىمنىڭ تىلفۇنىغا ئىقىن مىقتارى يىتىشمەيدىغان قىينچىلىقىمىز بار دەيسۇنغۇ ،مۇشۇمۇ گەپ بولدىما مۇشۇمۇ قىينىچلىق بولدىما .دەپ قازان بىشىغا يىقىنلاپ كەلدىم .ھىلى ئورىۋىتىغاندەكلا قىياپەتتە ..ۋىيەي خاپا بولماڭا كۆۋرۈك دىدى ،خوتۇنۇم تۇنجى قىتىم مەندىن ئەيمىنىپ ،،باشقىلارمۇ ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئۆيىگە كىرسە ھەر قانداق قىينىچلىغىنى دەيدىكەنغۇ ،ئاۋۇ خوشنىمىز رىسالەتخانمۇ تونۇرى ئۆرۇلوپ كەتسە دەپتىكەن ،ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ يىڭى بىر تونور ئىلىپ بىرىپ ھەتتا ،تونور قويىدىغان لىيىنى ئىتىپ بىرىپتۇ ..تىخى ئاھالىلەر كۇمىتىتىنىڭ قىزلىرى كىرىپ نان راسلاپ خمىرىنى يۇغۇرۇپ بىرىپتۇ دەپ سوزلەپلا كەتتى ھازىرلا يىغلىۋىتىغاندەك ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئۇۋۇلاپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ ..بىچارە پەرى  مەن بىلەن ئۆي تۇتقاندىن بىرى نىمە خوشاللىق كوردۇڭ  ،مەھەللىدە چاغلاردا چوڭ ئۆيدە كالا ساغدىڭ ،خىمىر يۇغۇردۇڭ ،ھەممەيلەننىڭ كىرىنى يۇدۇڭ شۇنداق قىلساڭمۇ ئالتۇن زەنجىرىڭ پاتى ساراڭنىكىدىن بەش گىرام ئاز ئىدى ،دەنشىرىمىز ئۇلارنىڭكىدىن بەش سوڭ كىچىك ئىدى ،ئۇلارنىڭ گىلىمى يۇڭ گىلەم ئىدى بىزنىڭ سۇنئى ئىدى .مانا ئۆي ئايرىپ شەھەرگە كىردۇق ،ئۆيىمىز ئىجارە   يەنىلا جاپا چىكىۋاتىسەن مەن تاپقان ئاشۇ ئىككى تال پۇلنى تۇرمۇشقا يەتكۇزىمەن دەپ ،مۇشۇ خياللارنى قىلىۋىتىپ ئىختىيارسىز پەرىگە بولغان غەزەپ نەپىرىتىم نەلەرگىدۇ يۇقۇلوپ كەتتى .ئەكەلگىنە دەپ قولىدىكى ئاخلاۋاتقان ياڭيۇنى ئاخلاپ كەتتىم قىلىن -قىلىن ئىلىپ ،،ۋىيەي كوۋرۇك پوستىنى  بۇنداق قىلىن ئالسىڭىز ياڭيۇ يىتىشمەيدۇ بىزگە دەپ كايىپ كەتتى .تۇرۇپ ئاچچىغىم كەلدى ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ساراڭ دەپ لىكىن بۇمۇ خوتۇننىڭ ئىقتاسچىللىغى ،مۇشۇنداق ئىقتىاسدچىل بولغاچقا ئىجارىنى تولەپ .تۇرمۇش چىقىنى تارتىپ بانكىدا ئۇچ مىڭ يەتتە يۇز سوم پۇلىمىز بارغۇ دەپ خوتۇنغا بولغان ئامراقلىغىىم قازاندىكى مايدەك قىززىپ كەتتى .
خوتۇننىڭ لەڭمىننى ھىچقانداق يەرنىڭ لەڭمىنىگە تەڭ قىلمايمەن ،ئىككى تەخسە يەپ تاماق يىمىگەندەكلا بولوپ قالىمەن لەڭمننىڭ تەملىكلىگىىدىن ،،،ئوتكەندە  قارا تاكسىچىلىق قىلىدىغان رۇسلان ئايالىنىڭ تامىقىنىنى ماختاپ قالدى ،ھە ،،بىر كۇنى چۇشكە نىجات ئىككەيلەننى لەڭمەنگە چاقىردى ئۆيىگە ،،چاغلىقكەن ماختاپ كەتكەن لەغمىنى بىكارلىق ئىككى تەخسە لەغمەن بەرگەندىن كىيىن ماختاپ قويدۇق كوڭلىنى دەپ خوشال بولوپ كەتتى ئەر ئايال ئىككىسى قىن -قىنىغا پاتماي .....خوتۇننىڭ لەڭمىننى يىگەچ خوتۇن ماڭا سەي سالغاچ ،كوۋرۇك ھوكۇمەت بىزگە دىبو بەرمەمدا دەيدۇ ؟مىمە دىسەم دىبو ،،،دەيدۇ ،،دىباۋ دىگىنە ،ياكى تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى دىگىنە ،،،دىدىم خوتۇننىڭ لەڭمننىڭ ئىشىپ قالغان سەي سۇيىنى ئىچكەچ ،،،توغرا ھوكومەت بىزگە نىمىشقا دىباۋ بەرمەيدۇ ،،بىزنىڭ خىزمىتمىز بولمىسا  بىرىشى كىرەققۇ دەپ ئويلىدىم، تۇرۇپ نومۇس قىلىپ قالدىم ،بولدى قىلغىنە خوتۇن ،،دىباۋ ئالساق سەت بولمامدۇ ،،ياپياش تۇرۇپ ساغلام تۇرۇپ ...دىدىم خوتۇنۇمغا ئىديىۋى خىزمەت ئىشلەپ ئوزەمچە ،،بولمىسغۇ ئوتتەك ئالغۇم بار ھەر ئايدا بىر مىڭ بەش يۇز كوينى ئۇچ جانغا بىردىغان .......................

دىباۋ يەنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلىشى، يەنى ئايدا بىكاردىن -بىكار كىرىدىغان بىر مىڭ نەچچە يۇز سوم پۇل پەرى ئىككەيلەننىڭ خيالىنى خىلى ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىۋەتتى. بىرەر ھەپتىدەك،كېچسى يىتىشىنىڭ ئالدىدا ،ئەتىگەنلىك چايدا مۇشۇ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ گىپى ،باشقا گەپلەر ئۇزىل كىسىل توختىدى مۇشۇ كۇنلەردە .ئاساسى قاتلامنىڭ ھىلىقى سېرىق سىمىز خوتونىغا قىلمىغان خوشامەتلەر قالمىدى ،ئومرۇمدە ئادەمگە خوشامەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن ،ھەجەپ تەس ئىكەن بۇ خوشامەت قىلماق خەققە .،تۇرمۇشنىڭ غىمى بىلەن خوشامەت قىلىپ كەتتىم ئۇ سىرىق خوتۇنغا  مەھەللىدىن ئەكەلگەن يەرلىك تۇخۇم ،قايماق ،سەھرا نىنى دىگەندەك نەرسىلەرنى نەچچە قىتىم بەردۇق ،رەھمەت دىگەن گىپى يۇق گەپ قىلمايلا سومكىسىغا سىلىپ چىقىپ كىتىدۇ ،خوددى بىزگە ئالدىن ئالا پۇل تولەپ قويغاندەك، ئالدىدا ئۇرۇق -تۇققىنىمدەك كۇلۇپ ھىجاراپ كەتكەن بىلەن، ئىچىمدە دەھشەت ئۆچ بولدۇم بۇ سېرىققا ،،تۇۋۋا !بۇ دىباۋنىڭ پۇلىنى بۇ سېرىق بىرەمتى ،بەرسە ھۆكومەت بىرىدىغۇ ،دەپ ئىچىمدە خيالىمدا بۇ سىرىقنى ئولگىدەك تىللاتتىم.ھارغىچە قايماق ،يەرلىك تۇخۇمنى يەۋىلىپ سىلەرنىڭ نوپوسىڭلار بۇ يەردە ئەمەسكەن ،سىلەر يىزا نوپۇس ئىكەنسىلەرغۇ دىمەسما ..ۋۇي بىزنىڭ يەرلىك تۇخۇمنى يىگەندە ،قايمىقىمىزدا ئەتكەن چاي ئىچىكەندە  ، بىزنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىگىمىزنى  بىلمەي ئاپىسىنىڭ يىنىدا قاپتىكەنمۇ مۇنۇ دەپ تىللىۋتەي دىگەن ئىدىم ،لىكىن ئوغولبالىچىلىققا ئىلىپ ھىچقىسى يوق  ھەدە دەپ قويدۇم زورلاپ كۇلۇپ ..شۇنىڭ بىلەن دىباۋ ئىلىشى ئىشىمىز سوغا چىلىشىپ نەچچە كىچە سۇرگەن تاتلىق خياللىرىمىز قاپتۇ شۇ ..
-پۇل تىپىشى ئۇچۇن ،خوتۇن بالا بىقىشى ئۇچۇن تىرىشىپ كەتتىم،بەزىدە ئۆزەمگە -ئۆزەم نىمىشقا خوتون ئالغاندىمەن ،نىمىشقا بالىلىق بولغاندىمەن  دەپ پۇشايمانلارنى قىلىپ كىتىمەن بازار بولمىغان كۈنلىرى. ئارزاقلا پۇل تاپسام بۇ پوشايمانلار نەلەرگىدۇ كىتىدۇ ،ئوماق ئوغلوم بىلەن سويوملوك خوتونۇمنىڭ مىھرى مۇھەببەتى بىلەن مىنىڭ مىھرى مۇھەببەتىم قوشۇلوپ ئاشۇ ئاددىغىنە ئىجارە ئۆيىمىز بەختكە لىق توشوپ كىتىدۇ .
-بەزىدە ئىچىم پۇشقاندا ئۇندىدارنى ئىچىپ قويوپ پاراڭلارنى ئاڭلاپ قويىمەن ،قىززىق پاراڭلارنى قىلىدۇ بالىلار ،بەزىدە شۇنداق پەيزى پاراڭلار ،بەزىدە بىر تىيىنلىق ئەھمىيتى يوق پاراڭلار ئادەمنىڭ ئىقىن مىقتارىنى يەپ..ئۇندىدار ئۆيناشنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇندىدارنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى بىلىۋالدىم .دۆسلوق چەمبىرىكىمگە بىر نىمىلەرنى چىقىرۋالىمەن ،ئۆتكەندە بىرسى ماشىنامدا ، ئىچىدە يەتتە يۇز سوم پۇل ،سالاھيەت كىنشىكىسى بار پورتىمىلىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن ،دۆسلوق چەمبىرىكىمگە چىقىرىپ قويسام بەزى ئاغىنىلىرىم ئەخمەق دەپ سۆز قالدۇردى ،بەزى ئاغنىلىرىم مەندىن تەسىرلىنىپ يۇرەكتىن نەچچىنى بەردى ،ئەتىسىلا پۆرتىمالنىڭ ئىگىسى چىقىپ تاپشۇرۇپ بەردىم ،ماي پۇلى بولسۇن دەپ يۇز سوم تاشلاپ قويغان ئالمايمەن دىسەم زورلاپ تاشلاپ قويغان ئەللىك سومغا تىلفۇنۇمغا ئىقىن مىقتارى قاچىلاپ، ئەللىك سومغا ماشىنامغا گاز قاچىلۋالدىم ھالال بولغاندىن كىيىن دەپ ..
بىر كۇنى تىلفۇنۇمنىڭ ئۇندىداىغا قوشۇش ئۇچۇرى كەلدى ،قارىسام ئاپپاق ئاي دەپ چىرايلىق قىز ئىكەن ،قۆشايمۇ قۆشمايمۇ دەپ سەل ئويلىشىپ قالدىم ،بالام بار خوتۇنۇم بار ئادەممەن ،قوشسام قاملاشمايدۇ دەپ ئۇ ئۇچۇرنى ئۇچۇرۋەتتىم ،ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئۇچۇر يەنە كەلدى ..تۇرۇپ ئۆيلاپ قالدىم بىر قىز بالا دوس بولايلى دەپ قوشوش ئىلتىماسى قىلۋاتسا مەن بىر ئەركەك تۇرۇپ رەت قىلسام قاملاشماس  مەن يا نومغا ماڭغان تاڭسىڭ بولمىسام دەپ قەتئى نىيەتكە كىلىپ قوشوۋالدىم ئاپپاق ئاينى ،،قوشا قوشماي رەھمەت دەپ قىزىل گۇل بىلەن يۇرەكنى ئەۋەتىپتۇ ئاپپاق ئاي ئادەمنى ھاياجانغا سىلىپ ...توۋۋا دەپ كەتتىم ئاپپاق ئاينىڭ باش سورىتىدىكى چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ،،بۇ خىل ھاياجان بۇ خىل ھىسياتلار پەرى بىلەن تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ئاشۇ چاغلاردا پەيدا بولوپ قالاتتى  ،ھەي  تۇرمۇش ،جان باقىمىز دەپ  تۇرمۇشقا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتۇق ھە  دىگەن خياللارغا كەتتىم ،،،تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن دەپ ئوزەمدىن ئوزەم خىجىل بولاي دەپ  تۇرشۇمغا ئاپپاق ئاي يەنە خەت ئەۋەتتى سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمغا خوشالمەن سىز نىمە ئىشى قىلىسىز قەيەردىن دەپ . مەن مەھەللەمدىن تاكسى ھەيدەيمەن سىزچۇ دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم ئاپپاق ئايغا ..نىمانداق ياخشى سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغىنىمغا بەك خوشالمەن دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتى ...شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە ئۇۇچردىن كىيىن چىقىشىپلا كەتتىم بۇ قىز بىلەن نىمىگە دىگەن  يىقىملىق قىز ھە ،،لىكىن ئاۋازلىق گەپ قىلمىدى ،ئۇ قىز ئاۋازلىق گەپ قىلمىغاندىن كىيىن مەنمۇ ئاۋازلىق گەپ قىلمىدىم ..ئەتىسى ئەتتىگەندىلا ئۇچۇر يۇللاپتۇ خەيرلىك سەھەر دەپ خوتۇن كورۇپ قالارمۇ  دەپ مۇكۇپ يۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ بەش ئالتە ئۇچۇر يۇللىۋالدىم ئاپپاق ئايغا ،،چۇشتە كورىشەيلى بىرگە تاماق يەيلى دەپ ئۇچۇر ئەۋتتى ئاپپاق ئاي ...ئۇھ ،،،دەپ يۇرەكلىرىم ئويناپ تاس قالدىم  تورمۇسنى دەسسيمەن دەپ ماينى دەسسەپ ئالدىمدىكى كارۇللانى سوقوۋەتكىلى خودايىم بىر ساقلىدى ، نىمانداق ھاياجانلىنىمەن ۋۇي ،كورمىگەن قىزغا دەپ ئوزەمگە -ئوزەم ھاي بىرىپ ،ھە راس مىنى كۆرسە يارىتارمۇ ئۇ قىز دەپ ئويلىشىپ قالدىم ،ئاۋال رەسمىمنى ئەۋەتەي ،ياراتسا باراي ياراتمىسا كۆروشمەيلا قويايچۇ دەپ ئۆزەمنى رەسىمگە تارتىتتىم ماشىننىڭ ئىچىدە ،،سالاپەتلىك چۇشۇشكە زور كۈچ چىقىرىپ ،كەينى كەينىدىن ئۆتتۇز پارچىدەك رەسىمگە چۇشۇپ، ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى چۇشتۇم دەپ قارىغان ئىككى پارچە رەسىمنى ئاپپاق ئايغا ئەۋىتىۋەتىپ  داشۇ ئىمتىھان بىرىپ قويۇپ نۇمۇرىنى ساقلاپ تۇرغان ئۇقۇغۇچىدەك ئاپپاق ئاينىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم خوڭخى تاماكامنى گۇپ -گۇپ تارتىپ ،ئارىدىن خىلى ئۇزۇن ئۇتۇپ ئۇچۇر كەلدى ،مىنىڭ ئۆيلىغىمندىنمۇ ئارتۇق سالاپەتلىك ئىكەنسىز سىز بىلەن كۆرۇشكوم بار دىمەسما ! كۆرىشەيلى دىدىم  ،  يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ھاياجاندىن تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ساناپ ، مەيلى ھەممىنى خەجلىۋىتىمەن، پەرىگە كىرا يوق دەپ قويىمەن ،،ئاپپاق ئاي مىنى بىلەن شەھەرىنىڭ سەل چىتىدىكى خوگۇخاندىكى يەتتىنچى ئايرىم خانىدا ساقلايدىغان بولدى ،ماشىنا دىگەننى ئۇچچۇرۋەتتىم ھە، كىچىكىپ قالماي دەپ ،ياشلىق خوگۇخانسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى يەتتىنچى نومۇرلوق ئايرىمخانىغا كىرىپ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدىم ،ئايرىمخانىدا ئاغىنەم ئەخمەت بىلەن يۇسۇپجان ئۇندىدار ئويناپ ھىجاراپ ئۆلتۇراتتى ،،،مىنى كۆرۇپ ھە !ئاپپاق ئاي بىلەن كۆرۇشكىنى كەلدىڭما دىمەسما نوموستىن ئۆلگىدەك بولوپ كەينىمگە ئۆرۇلوپ چىقىپ كەتتىم.............

تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە بەزىدە ئادەمگە ھىچنىمە تېتېمايدۇ ،پاراڭ-پۇرۇڭمۇ تېتېمايدۇ  ۋىشيىن،رادىيۇ ،دەنشىلەردىكى  پاراڭلارمۇ . جىمجىت بولىۋالىمەن بۇنداق ۋاقىتلاردا ،ئايالىممۇ بىلىپ كەتتى، مىنىڭ بۇنداق جىمغۇر بولوپ قالىدىغانلىغىمنى ،بالام كۆۋرۈكچاق بوينۇمغا ئىسىلسا داداڭنىڭ مىجەزى يۇق ئىسىلما دەپ تارتىپ كىتىدۇ ،بارا-بارا مىنىڭ بۇنداق جىمغۇر كۇنلىرىم كۆپىيىپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن ،بۇ ئۆزەمنىڭ مەيلى ئەمەس ،مەن ئامال بار كۈنلىرىمنى خوشال ئۆتسىكەن دەپ تىرىشىپ كىتىمەن ،ئۇندىدار توپىدىكى ئاغىنىلىرىم بىلەن چاخچاق قىلىشقا  خولوم -خۇشنىلارنىڭ چىشىغا تىگىپ  خوشال بولماقچى بولىمەن ،لىكىن يۈرۈگۇمدىن خوشال بولالمايمەن بۇنداق چاغلاردا يەنىلا..
ياش چوڭ بولغانسىرى ئادەمگە كىسەل چاپلىشىشقا باشلايدىكەن ،ئادەملەرگە ئوخشاش جىنى بولىمىغان نەرسىلەرمۇ قېرىيدىكەن ،ئىلەنتىرا ماشىنام يىقىندىن بىرى تولا بۇزۇلۇپ تاپقان پۇلۇم رىمۇنىتقا كىتىۋاتىدۇ ،بىچارە پەرى يىغىپ قويغان پۇللارنى قاخشاپ يۇرۇپ ئىلىپ بىرىدۇ ،تىقىپ قويغان يەرلىرىدىن ،ماشىنا ئوڭشالسا جىق -جىق پۇل تىپىپ خەجلىگەن پۇللارنىڭ ئورنىغا قويىمىز پەرى دەپ قويىمەن ھەر قىتىم پۇل ئالغاندا تەسەللى بىرىپ..
تولا رىمۇنىت قىلىپ زىرىكتىم بۇ ئەسكىلىكنى ،سىتىۋىتىپ باشقا ماشىنا ئالايمۇ يا دەپ ئويلاپ قالدىم تۇنۇگۇن رىمۇنىتخانىدىكى مەشنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ،ماشىننى دادام بەرگەن دادامغا دىمەي سىتىۋىتىپ باشقا ماشىنا ئالالارمەنمۇ ؟دادامنىڭ ھالى يىللاردىدىكىن بوش ،ئاپام -دادام كەينى كەينىدىن ئاغرىپ دوختۇرغا خىلى پۇل كەتتى ،ھىلىقى ياردەملىشىپ داۋالاش كىنىشكىسىغا قىممەت دورا بىلەن ئىلغار ئوسكىنلەرگە ئوتمەيدىكەن ...ئىسىت ھىلىقى قۇيرىقى بار شالىي ماشنام ھەجەپ چىڭ ئىدى ،خەق بىلەن بەسلىشىپلا سىتىۋەتتىم ھە ،،دەپ  ئويلاپ كەتتىم.
دادامغا دىسەم ئىختىيارىڭ بالام ساڭا جىنىڭنى باقسۇن دەپ ئاشۇ ماشىننى بەرگەن قانداق قىلساڭ قىل دىدى ..شەھەرنىڭ ماشىنا بازىرىغا كىرىپ باقمىغان ئۇنىڭ ئوستىگە شەھەرنىڭ يۇزى قىلىن دەللالىرى ئادەمگە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.ئاغىنەم ئەخمەتنى چاقىرۋالدىم ،ئۇ بازاردا رەخچىلىق قىلدىغان بولوپ لوكچەك مىجەز بولوپ ۋار-ۋۇر ۋاقىراپ خىلى ئادەمنى قۇرقىتىدۇ كوپكوك كوزلىرىنى چەكچەيتىپ خەققە ...يەكشەنبە كۇنى ئەتىگەندە ماشىنا بازىرىغا كىردۇق ،پاھۇ نىمىدىگەن كۆپ ماشىنا بۇ ،شەھەردىكى ھەممە  ئادەملەر ماشىنىسنى ساتىمىز دەپ ئەكىرۋالغانمۇ مۇنۇ شەھەرلىكلەر ،ياكى ماشىنا بازىرىغا ماشىنىسىنى تىزىپ قويۇپ پەخىرلىنىپ قولىنى ئىشتىننىڭ  يانچۇقىغا سىلىپ ماشىنا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۇرەرمۇ بۇ خەق دەپ ئۆيلاپ كەتتىم،،ئەتىگەن بارغان ئادەم چۇشكىچە مىنىڭ ئىلەنتىرا ماشىنامنى بىرمۇ ئادەم سوراپ قويمىدى ،سوراپ قويمىدى ئەمەس ماشىنامغا قاراپمۇ قويمىدى ،ئەخمەتنىڭ ئىچى پۇشۇپ خىىرىدار كەلسە مىنى چاقىرە دەپ يۇقالدى ،ئىلىنتىرا ماشىننىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئەينەكتىن  ماشىنا ئالىدىدىن ئوتكەنلەرگە تەلمۇرۇپ قاراپ ئولتۇردۇم ،چۇشكىچە ....جىمجىت
بازار ئەتراپىدىكى بولاق مانتا ساتىدىغان قارا خوتۇننىڭ مانتىسىدىن، ئاچچىق سۇيىگە چىلاپ سەككىزنى يەپتىمەن ،ئەخمەتكە تىلفۇن ئۇرۇپ ئالالمىدىم مانتىىدىن سەككىزنى ئىلىپ بىرەي دىسەم ...
چۇشتىن كىيىن يەنە جىمجىت ،،بىر چاغدا بىر چوڭراق ئادەم بىلەن ئوغلى ئىككىسى ماشىننى كۆروشكە باشلىدى ،ئوف دىدىم ئوزەمگە مىنىڭ ئىلەنتىرا ماشىنامنى كۆرىدىغان ئادەم چىقتى ...قانچە دەپ سورىدى چوڭ ئادەم ،ئەللىك بىر مىڭ يەتتە يۇز سوم دىدىم ئۇ ئادەمگە ،ئۇ ئادەم بىر ماڭا بىر ماشىنىغا ،بىر بالىسىغا ،بىر ئاسمانغا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي كەتتى ،،كەينىدىن ئازىراق مىڭىپ ئۇلارنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ ماشىنام يىنىغا قايتىپ كىلىپ يەنە تەلمۇرۇپ ئولتاردىم........رادىيۇنى بوش قوپقۇيۇپ خىرىدارنى قاچۇرۇپ قويماي دەپ ۋاراڭ -چۇرۇڭدا...

شۇنىڭ بىلەن ماشىنا بازىرىدا خەقلەر تارقاپ كەتكىچە ئىلەنتىرادىن چۇشمەي ئولتۇردۇم ھىچكىم سوراپمۇ قويمىدى ،ئىسىت ماشىننى بازارغا ئەكىرىمەن  دەپ پەرى ئىككەيلەننىڭ ماشىننى يۇيۇپ پاقىرىتىپ كەتكەنلىرىمىز ، مۇشۇ خوتۇنغا ماشىننى ماشىنا يۇيغۇزۇش ئورنىدا يۇغۇزايلى دىسەم قەتئى ئۇنمايدۇ ،ۋىيەي كۆۋرۇك خەققە ئوتتۇز سوم بىرىپ ماشىنا يۇيغۇزغىدەك بىز نىڭ پۇلىمىز ئىشىپ تىشىپ كەتتىمۇ دەپ ھەرگىز ئۇنمايدۇ ،خەپ دەپ كىتىمەن ماشىننى قولومدا يۇغاچ  ئاغرىپ بىرىمەنغۇ بىر كۇنى، ئاغرىپ قالىدىغان بولسام قىممەت -قىممەت ئوكول دورىلارنى يەپ    مۇشۇ سۇغاقتا ماشىننى ئۆزىمىز يۇيايلى دىگەنغۇ تۇيغۇزمەنغۇ  سىنى دەپ ئۆيلاپ كىتىمەن يەنە خودايىم ساقلسىۇن مەن ئاغرىپ قالسام بالا-چاقامنى كىم باقىدۇ دەپ، ئۆيلاپ بايامقى  خياللىرىمىنى قايتۇرۋالىمەن ، بوپتۇ !ماشىننىڭ سىتىلمىغىنىمۇ ياخشى بولوپتۇ ،سىتىۋەتكەن بولسام قانداق ماشىنام ئالار بولغىيتىم بۇنى ئۆيلاشمايلا ئىلەنتىرانى بازارغا ئەكىرىۋاپتىمەن ،يەنە شۇ ئىككىنچى قول ماشىنىدىن بىرنى ئالار بولغىيتىم بولدى ،ھازىرقى بازاردا بۇ ماشىننى ساتسام ماڭا راۋرۇس زىيان بولدىغاندەك،ساتمايمەن داۋاملىق ھەيدەيمەن  جىق-جىق پۇل تىپىپ .يىڭى ماشىنا ئالىمەن ئىرادە باغلاپ ئىلەنتىرا بىلەن داۋاملىق مىڭىپ كەتتىم.
تۈرموش دىگەن ئاجايىپ ئىكەن ،ئەر-خوتۇنچىلىقمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن ،ئىسىت مەڭگۇ ئاشۇنداق تاتلىق مۇھەببەتلىشىپ ئۆتسە كىشى بىر ئۆمور دەپ ئۆيلاپ كىتىمەن .ئەر-خوتۇن بولغاندىن كىيىن مۇھەببەت ۋاقىتلىرىدەك تاتلىق بولماي قالىدىكەن بۇ تۇرمۇش ،مۇھەببەت چاغلاردا ئانچە مۇنچە قىسقا ،تاتلىققىنە ئۇچراشقاچقا شۇنچە تاتلىق بىلىنەمتىكىن تاڭ ..
ئورۇشۇپ قالىمىز بەزى ۋاقىتلاردا ،تەڭ تۇرىۋالىدۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئالدىمدا دىۋايلەپ كىچىكىنە مۇشلىرىنى تۇگۇپ  ..ھازىرغىچە يىگىرمە -ئوتتۇز قىتىم قاتتىق ،ئەللىك قىتىمدەك بوشىراق ئورۇشۇپ باقتۇققۇ دەيمەن ئىسىمدە قالغانلىرىنى ھىساپلاپ باقسام..بىر ئىككى قىتىم ئورۇپ سالدىم كاچىتىغا ..
خەقنىڭ خوتۇنلىرىدەك يامانلاپ كەتسە بولمامدۇ  مەنمۇ خەقلەردەك كەينىدىن يالۋۇرۇپ ئەلچى ئەۋەتىپ ئەكىۋالسام بولمامدۇ دەپ ئۆيلاپ كىتىمەن ،پەقەت يامانلاپ كەتمەيدۇ ،ئوتكەندە سۇقۇشۇپ قىلىپ يۇقال دەپ قاتتىق ۋاقىرسام يۇقۇلاي ھە دەپ  يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتى ،كەينىدىن چىقىپمۇ قويمىدىم ئاران بىر يامانلاپ ماڭغاندا دەپ ..خىلى ئۇزاق ساقلىسام كىرمىدى ،ئۇف ئاخىرى مىنىڭ خوتۇنۇممۇ يامانلاپ كىتىپتىدە دەپ ھەيران بولوپ دەنشى كۆرۇپ قوسوقۇم ئىچىپ قاپتۇ ،ساراي ئۆيگە كىرىپ نان ئاچىقايچۇ دەپ توكنى ياندۇرۇپ چۆچوپ كەتتىم  قارىسام  خوتۇنۇم ساراي ئۆيگە كورپىگە يوگۇلوپ يىتىپتۇ ...
بىر كۇنى ئەپلىشىپ قالغاندا چاي ئىچىپ سورىدىم ،خوتۇن سەن نىمىشقا باشقا خوتۇنلاردەك ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتمەيسەن دەپ سورىدىم ،خوتۇنۇم : -تۇرمۇشتىكى خوشال چاغلاردا ئاپامنى ئىسىمگە ئىلىپمۇ قويماي خاپا بولغان چاغدا ئاپامنىڭ يىنىغا كىتىپ ئاپامنى غەم -ئەندىشگە سالغىم يۇق  شۇڭا نىمە كورسەم ئاپامنى غەمگە سالمايمەن، ئاپام مىنى بىقىشى ئۇچۇن ئاز -جاپا تارىتىمۇ ئەمدى ئۇف دىگەندە ئاپامنى رەنجىتكىم يۇق دىدى .ئۆيلاپ باقسام خوتۇنۇمنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلوق بۇلدى ئەمدى سوقۇشمايلى بالا چوڭ بولوپ قالغاندا دەپ ئۆزەمگە -ئۆزەم تەربىيە بىرىپ كەتتىم.......................

(تۈگىدى)

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:02:42

ۋەئەلەيكۇم ـ ئەسسالام ،كۆزدىن ئۇچۇپلا كەتلە  . كاللا يۇيىدىغان ئىنكاسلارنى كۆرىۋىرىپ سىلىدەك  چاقچاق ئىنكاس يازدىغانلارنى  سېغىنىپ تۇرغان ، تۆرگە مەرھەمەت .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:03:35

قېنى-قېنى، داۋامىنى تېزراق يوللاڭ، شەھەر تۇرمۇشۇڭلارنى ئاڭلايلى... :lol
باللا گازىر تەييار قىلىپ تۇرۇڭلا ھە، ما كۆۋرۈكنىڭ ئىلھامى كەپتۇ، جىق يازىمەن دەيدۇ... :lol

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:13:11

ۋاي كۈرۈكباي: ئىلھام پەيزىغۇ...داۋامىنى ھە...ئالدىڭىزدا بىر تەخسە گازىر بار.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:17:25

ۋاي مۇشۇ قوتا كۆۋرۈكنىڭ ھېكايىسىنى ئ‍ەجەپ سېغىنغان دىسە

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:57:14

بۇ ھىلىقى بۆرەكتە تاش چۈشكىچە ئويناڭ دىگەن بالا شۇمۇ؟:lol

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:07:17

ھەر راس مەسلىھەت چايغا ئىزدىنىشىدىكى بالىلارنىمۇ ئېيتقان دادامدىن ئوغىرلىقچە سىلەرگە ئاتاپ ئۇتتۇز دانە باغاق باستۇرغان بۇ باغاقلارنى ئاپام كورۇپ قاپتۇ باغاققا يېزىلغان .مەتۇ ،داۋىنىچ،ئەرىكتىكىن،پانىتىكىن،قۇياش ئۇغلى،خەلىق پۇلى،ياۋۇزبەگ ،پىنھان،ئارىسالان،تايانچىم بار،سانسارا،تۇماق ،دېگەن ئىسىملارنى كورۇپ باغاقنى ،،ئاپام ۋاي دادىسى قارىسىلا ئۇغلىمىز تېخى ياخشى بۇلماپتۇ دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ دادام يېرىۋاتقان ئۇتۇننى تاشلاپ ئاپامنىڭ يىنىغا يۈگرەپ كەپتۇ ئۆتكەندە ھېلىقى داخان خوتۇن بالاڭلارغا تەگكەن جىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئولتەردىم دەۋاتقان ماۋۇ بالىغان چاپلاشقان جىنلار ئۆلمىگەن ئوخشايدۇ قارىسىلا ماۋۇ باغاققا جىنلىرىغا باغاق يىزىپتۇ دەپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كىتىپتۇ ، ۋە شۇ زامان شەھەردىكى ھىلىقى جىنكەش خۇتۇنغا تىلفۇن قىلىپتۇ ،جىنكەش خۇتۇن يۇقىرىقى ئىسىملارنى ئاڭلاپ راس جىنلارنىڭ ئىسمى ئىكەن قارىغاندا بالاڭلارغا جىنلارنىڭ يامىنى تېگىپتۇ تۇيدىن كىيىن داۋاملىق ئۇقۇپ قۇياي دەپتۇ .
ماۋۇ قۇرلاردا ئىزدىنىشتىكى بالىلارنى جىنغا ئوخشىتىپتىكەن بۇ شۇم.
http://bbs.izdinix.com/thread-50297-1-1.html

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:17:48

ما بالىنىڭ پەيدا بولغىنى ياخشى بولدى، ئىزدىنىشنىڭ تايىنى الـمىغىلى تۇرغاندا

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:27:41

بۇرۇن تورغا چىقىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلۇك بولمىغانلار دەپ ئويلايتىم ،
بۇ توربەتتە ئاكا تاغىلار خىلى بار ئىكەن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:34:01

يەنە بىر تېما چىقتى ماتىلايدىغان{:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:41:29

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كۆۋرۈك ،شۇنداق قىلىپ پەرىنى پاتى بوزەك ئەتمىسۇن دەپ شەھەرگە بېرىۋالدۇق دەيلىك…قايسى شەھەرگە كىردۇق؟ ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈككە بېرىۋالمىغاندىمىز ؟

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 22:05:44

كۆۋرۈكۈڭ ساق سالامەت تۇرۋاتامدا؟
خېلى چوڭ بولۇپ قالغاندۇ ھە {:92:}

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 22:43:33

ماۋۇ 1-ئاي كىرگەننىڭ ياقى ئىزدىنىشتا جېدەل–ماجرا, تالاش تاتىشنىڭ كۆپلۈكىدە ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىپ ئاران تۇرغاندا, ما كۆۋرۈككامنىڭ تاقا تۇقىلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ يېتىۋالاي دەپتىمەنغۇ.
ئېسىل جۇما بۇ كۆۋرۈككام.
ھە راست قېرىغانچە ئېغىر–بېسىق بوپ كېتىۋاتىمەن دەپ قويۇڭ...

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 22:43:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 22:48  

بىزنى يېلىندۇرماي داۋامىنى تېزراق ھە ئەمسە!

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 22:47:49

كۆۋرۈكچاقنى مەكتەپكە بەردىڭلىمۇ، كۆۋرۈكجان؟

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:01:49


بۇ كوۋرۇكچاقنىڭ يازمىلىرى ئاجايىپ قىززىقكەنغۇ:lol:lol:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:05:50

چىرايلىق قىزلار مۇنبەر ئوينىمايدۇ - كوۋرۇك

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:10:54

ھەممىسنى ئ‍ىشىك قىسىۋاغانلار دەپ چۈشىنىۋېرىڭلار،ئ‍ېغىر ئ‍المايمىز

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 00:09:57

شەھەر باشقۇرۇشنىڭ ئادەملىرىنىڭ ماشىنىڭزنى سۆرەپ ئەكەتكىنى توغرا. ئاشۇ يەردە ماشىنا توختاتسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توختاتتىڭىز ھەقاچان، ھازىرلا چىقىمەن دەپ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 01:00:30

بۇ كۆۋرۇك نىمىگە ئوخشايدۇ……………  ئاخىرى قەنە{:92:}{:92:}{:92:}
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: كۆۋرۈكتىن سالام..