intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 17:35:25

ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(3):يەرشارىدا يانغان 'ئوت'تىن يۇپۇق ...

پىلانىتلار ئەركىسى
3-قىسىم يەرشارىدا يانغان 'ئوت'تىن يۇپۇق پىلانىتىدىكى سۇيىقەستكىچە
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)


ئوغۇز ئالەم كېمىسىنى ھەيدەپ يەرشارىغا يېقىنلاشماقتا، سىرتىدىكى بوشلۇقتىن قارىغاندا شۇنچە گۈزەل سىرلىق تۇيۇلىدىغان بۇ پىلانىت ئۇنىڭىغا بۆلەكچە تۇيغۇ قىلىۋاتقان ئىدى. ئوغۇز كېمىسىنى يەرشارىدىكى مەلۇم ئەتراپىدا ئانچە-مۇنچە جىگدە دەرەخلىرى  بولغان بىر جاڭگالغا ئەكىلىپ توختاتتى. قاپقاقنى ئىچىپ ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان غەلىتە بىرخىل ھىسيات ۋە قەدەملەر بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. چۇڭقۇر بىر نەپەس ئىلىپ قەدىمىنى ئانا تۇپراققا تاشلىدى. 17يىل بۇرۇنقى ئايرىلىشتىن كىيىن قايتا  تۇنجى قەدىمىنى باسقان ئوغۇز غۇلاچلىرىنى كىرىپ خۇددى بۇ زېمىننى قايتا بىر ئۇچراتقىنىغا چەكسىز مىننەتدار ۋە شۈكرى ئېيتىۋاتقاندەك بىر پەس ئىغىر نەپەس ئىلىپ سۈكۈت ئىچىدە تۇردى، ئاندىن تۆت ئەتراپقا تويماي بېقىپ تەكشۈرۈش ئاپىراتىنى قولغا ئالدى. ئۇنىڭ بۇ ئاپىراتى ھەرقانداق نەرسىگە توغرلانسا ئۇ نەرسە توغرىسىدىكى ھەممە بار ئۇچىرلارنى ئاۋازلىق ۋە ئاۋازسىز يەتكۈزۈپ بىرەلەيتتى.

ئوغۇزجىگدە دەرىخى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. دەرەخكە يېقىنلاشقانسېرى بىر توپ كىشىلەرنىڭ پاراڭلىشىۋاتقان ئاۋازلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. جىگدە دەرىخى توسۇپ تۇرغاچقا ئۇلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتى. ئوغۇز ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالدى. 'ئاداش باقى، بىزمۇ پۇتتۇردۇق ئاخىرى، ئويلاپ قالدىم، تارىخى 10 مىڭ يىلدىن ئاشقان بىز، شۇنداق تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردۈق، ئەمما ئەسلىمىز يەنىلا بىز شۇ 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى بىزكەنىمىز. نېمىنىدۇر قوغلىشىپ مېڭىپ كىلىۋاتىمىز، ئەمما ماڭغانسېرى سۇئاللار جىقىيىپ يوقاتقان نەرسىلىرمىزنى قايتا ئىزدەۋاتقاندەك قىلىمىز. '
باقى:'دېگەنىلىرىڭنىڭ ئاساسى بار بۇرادەر. تۇغۇلۇش-ئۆلۈم، ئېزىش-ئېزىلىش، شەپقەتسىزلىك، ئۆزى ئۈچۈن كۆپچىلىكىنىڭكىنى قۇربان قېلىش، ئېچىمىزدىكى تەبىئىي 'ياۋايىلىق'، تەكەببۇرلۇق ۋە كىبىر، ھەرخىل ئادالەتسىزلىك، تەڭپۇڭسىز كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان نەرسىلەر شۇ پىتى تۇرماقتا بەلكىم بەزىلىرى ئەكسىچە ... لىكىن بىز ئىلىم-پەن ۋە ياخشى تەرىپىمىزنى ياخشى ھىس-تۇيغۇ، مىھر-مۇھەببىتىمىز بىرلەشتۇرۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئاز بولمىغان ياخشى سۇپەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى قىلدۇق. مەنچە بىز يەنىلا مۇشۇ يولدا بىرنىيەتتە داۋاملىق تىرىشساق دەيمەن، ئاللاھ خالىسا ناچارلىقلار ئازىيىپ يوقىلىشقا قاراپ ماڭغۇسى...'
قېيۇم:'بىز بۇ چەكىلىك ۋاقتىمىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ئۆزىمىزنى توختامسىز ھەرخىل ئىسل جەھەتتىن تۇلۇقلاشقا، سەن دېگەندەك تىرىشىشقا سەرىپ قىلساق، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھەقىقى قىممەت يارتىشىمىز مۈمكىن...'
سەمەت تۇيۇقسىز گەپ قىستۇرۇپ:'مەنچە ھايات بىز كۈتكەندەك ئۇنچىۋالا ياخشى ياكى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ناچارمۇ ئەمەس. ھەرقانداق بىر كىشى بىز كۆرگەندەك ئۇنداق زور ياخشى، ياكى بىز ئاڭلىغاندەك ئۇنداق ئەسكى ئەمەس. مەن سىلەرگە بىركۈنى ئۇچار ماشىنامدا كۆرگەن بىرنەچچە كۇپلىت شېئىرنى ئوقۇپ بىرەي؛

گۆش يېسەڭ ئېتىڭغا ئاشمىدى سۆڭەك،
ئۇن دېسە ئۆزگىگە بەرمىدىڭ كېپەك.
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۈم دېسەڭمۇ،
نېمە بار سېنىڭدە ئەلگە قالغۇدەك؟

يارالمىش زاتىڭنى ئەسلا ئۇنۇتما،
ياخشىنى يامان دەپ ئەلگە تونۇتما.
قىلمىشىنىڭ ھىسابىن ئالار ئالەم بۇ،
ھەتتاكى بىر گۈلنى ئاسرا! توزۇتما.

گۈللەرنىڭ ئۇزلىقى، ھېدى كۈزگىچە،
يۇلتۇزلار جىلۋىسى تاڭلا ئاتقۇچە.
كىشىلەر غەنىمەت ئۇ ۋاقت دېمەك،
بۇرادەر، قەدىرلە، قولدىن كەتكۈچە.'

بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇزمۇ ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. تام تۇۋىدىن ھۇشۇ قوپتى دېگەندەك بىر قىز:'قاراڭلار، رەيھان كەلدى.... ' دەپ ۋارقىرىدى.  ھەممەيلەن ئۇ تەرەپكە كۆز يۈگۈرتتى. قىزىل رەڭلىك ئۇچار ماشىنىدىن ئۇچىسىغا ئەتلەس نۇسخىدا كەشتىلەنگەن ئۇزۇن كۆينەك كەيگەن، قاپقارا چاچلىرى تال-تال ئۆرمە قىلىنغان، مەڭزى توغاچتەك قىزىرىپ تۇرىدىغان، ئەگىمە قۇندۇزدەك قارا قاشلىرى خۇددى ئۇستا رەسسام سىزىپ قويغاندەك تەبىئىي ئىللىق چىراي بىر قىز نەپىس توقۇلغان سۇۋەتنى كۆتۈرۈپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ چىقىپ ئۇلارغا قاراپ مېڭىپ كەلدى ۋە قولىنى پۇلاڭلىتىپ 'مەن سىلەرگە ئالىرات ئىلىپ كەلدىم...' دەپ سۇۋەتنى كۆرسەتتى.

يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ گۈپۈلدەپ كەتكەن، بۇندىن مەستخۇش بولغان ئوغۇز ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئالدىغا مېڭىپ كەتكەنىدى ۋە ھىلىقى ئاپراتى قىزغا توغۇرلىنىپ قالغان ئىدى. 'ئۇيغۇر قىزى، ئالىي تەربىيە كۆرگەن، مۇلايىم، راستچىل....' ئاپراتتىن چىققان بۇ ئاۋاز ئوغۇزنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئوغۇزغا بۇرىغان ئىدى. ئوغۇز ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن سىلىق ئاۋاز بىلەن ئاكتىپ ھالدا تۇنۇشلۇق بەردى:'مەن يۇپۇق پىلانىتىدىن كەلدىم. ياخشى نىيەتلىك مەن. شۇمبۇيا ئىزدەپ كىلىشىم، تاپسام تىزدىن قايتىمىسام بولمايدۇ. سىلەرگە دەخلى قىلغام بولسام ئەپۇ سورايمەن.' باقى:'ياق، سىز بىزگە ناتۇنۇش بولغاندىكىن ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇنداقلا كۆرگىنىمىز ئۈچۈن سەل باشقىچە ھىس قىلىپ قالدۇق خالاس.' ئۇلار بىردەمدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ھەم رەيھان ئەكەلگەن ئالىراتتىن بەھرلەندى. ئوغۇز:'سىلەر بەك ئاقكۆڭۈل، خۇشچاقچاق ئىكەنسىلەر، تەقدىرنىڭ سىلەر بىلەن تۇنۇشتۇرغىنىغا تەشەككۈر. ئەمدى مەن ماڭمىسام بولمايدۇ، ئازاپتا قالغان كىشىلەر مىنى كۈتىشىۋاتىدۇ. خەير، ئامان بولساق يەنە كۆرۈشۈش نېسىپ بۇلار.' دېگەچ رەيھانغا ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن خىجىلچانلىق بىلەن نەچچىنى قاراپ قويدى. قىيۇم ۋاكالىتەن:'بىزمۇ ھەم خۇشالمىز، ھەم سىز بىلەن ئورتاق ئۈمىدتە. رەيھانىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپقا ئەڭ يىقىن، سىزگە ئۇ ياردەم قىلىپ شۇمبۇيا تىپىشىپ بەرسۇن، بۇنداقتا تىز بۇلىدۇ.' ئوغۇز بىلەن رەيھان تەڭلا 'بۇ...' دەپ توختاپ قىلىشتى.

ئىككى ياش شۇمبۇيا ئىزدەشكە ماڭدى. بىرپەس سۈكۈتتە ماڭغاندىن كىيىن ئوغۇز سۆز باشلىدى:'سىز مۇشۇ ئەتراپتىكى مەھەللىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، بۇيەرگە پىشىقكەنسىز-دە؟ شۇمبۇيا خىلى يىراقتىمۇ؟'
رەيھان :'بۇ ياقلارغا ئۆيدىكىلەر بىلەن خىلى كۆپ كەلگەن، ھەرھالدا يامان ئەمەس بىلىمەن، يەنە بىرئاز ماڭساق شۇمبۇيا ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ.' ئوغۇز:'مەن بار پىلانىتتتا بۇنداق يەرلەر ئاساسەن يوق، بۇمۇ تەبىئەتنىڭ بىرخىل ھۆسنى ئىكەن.'دېدى جاۋابەن. بىردەم ماڭغاندىن كىيىن ھىلىقى ئاپرات:'شۇمبۇيا، بىرخىل ياۋا ئۆسۈملۈك... '. 'تىپلدى، خەلقىم ئازاپتىن قۇتۇلىدىغان بولدى...' دېدى ئوغۇز ھاياجانلانغان ھالدا. ئۇنى ئىلىپ، ئىككەيلەن تېخىمۇ كۆپ پاراڭلاشقاچ ئەسلى جايغا كىلىپ قالغانىدى، بۇ چاغدا ئىككەيلەن ئۆزئارا خىلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلۇشقان ئىدى. ئوغۇز ئۇلار بىلەن خوشلاشقاچ ئالەم كېمىسىگە قاراپ ماڭدى ۋە ئوتلۇق كۆزلىرىدىن رەيھانغا قىيالماسلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇلارمۇ خوش دېگىنىچە ئوغۇزنى ئۇزاتتى، رەيھاننىڭ چولپان كۆزلىرىدىن ئوخشاش مىھىر بىلىنىپ تۇراتتى. ئوغۇز كېمىنى قوزغىتىپ 'مەن چۇقۇم يەنە قايتىپ كىلىمەن، رەيھان...' دېگىنىچە كۆككە كۆتۈرلۈپ غايىب بولدى. قاراشتىن ئاددى بولغان بۇ ئىككى ياشنىڭ باغلانغان بۇرىشتى ئۇلارغا قانداق ئەگرى-توقاي قىسمەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيتتى. ئوغۇز تىنىچ-ئامان ۋەزىپنى جايىدا تاماملىدى، ۋىروسمۇ تىزگىنلىنىپ ھەممە بىمار ساقىيىپ كەتتى.

ھاۋا ئىنتايىن غەلىتە بىر تۈستە ئىدى. ئوغۇز ئۆيىدە قولىدا كىتاب ئەمما خىيالىدا يەرشارىدىكى ھىلىقى كۆرۈنۈشلەر، رەيھان...  تۇيۇقسىز قوغداش ئالاھىدە ئەترىتىدىكىلەر ئوغۇزنىڭ ئۆيىگە بۇسۇپ كىردى-دە ئوغۇزنى قولغا ئالدى. ئوغۇز ھىچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا:'بۇ نېمە قىلغىنىڭلار، مېنى نېمىشقا تۇتتىسىلەر، قويۋەت...' دەپ جار سالىدى. ئارىدىن بىرەيلەن:'ئالەم بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى كاپىتان ئوغۇز، تاشقى پىلانىتقا ئۆز پىلانىت ھەققىدىكى مەخپىي خەۋەرلەرنى ئاشكارلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىندىڭ. ' دەپ  ئوغۇزنى يالاپ ئىلىپ ماڭىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئوغۇزغا قىلىنىغان بىر سۇيىقەست ئىدى. زىندانغا تاشلانغان ئوغۇز ئۆزنى يوقاتماي تۇرمىدە ئۆزنى تاۋلىغاچ مالىك بىلەن كۆرىشىشنى ۋە ئاقلىنىشنى كۈتتى.

3-قىسىم تۈگىدى.
4-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ ئاقلىنىشى ۋە يىڭى قىسمەتلىرىنى ئاڭلايسىز...

نەنجىڭ.
2015.1.26

leglek يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:01:16

:Oghuz anisi Zohra ni izdimemdu ,aran yershaigha bir qetim kelgende:o

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:27:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 09:29  

Wazipa bilan kalgan wakit qaklik... ham tirik hayatliki yaki olganliki namalum ahwal astida wazipini orundax muyum...
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(3):يەرشارىدا يانغان 'ئوت'تىن يۇپۇق ...