uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:39:50

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 26-01

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودابازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى1279.7دوللا رئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63   دوللا ر ، ئەڭتۆۋەن باھاسى 1272.23بازاربازار يېپىلىش باھاسى   1294.46   دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 95.92   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1299   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:   

ئالدىنقى ھەپتىدەئاساسلىق شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى ۋەكانادا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىگە ئۆزگەرتىش ئىلىپ باردى ئۇنىڭدىن سىرت ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى QE قارارىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈم يۈرگۈزدى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆرلەش سەۋەبى ئاساسلىق خەتەردىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتى بۇلۇپ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى QE يولغا قويغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەل پەسەيدى .
بۈگۈن بازارغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان سانلىق ئۇچۇر يوق . مۇھىم سانلىق ئۇچۇر بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە مەركەزلەشكەن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1290-1299دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى . جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى مۇسبەت سىزىق بىلەن يېپىلدى ، ئالدىنقى ھەپتىدىكى توسالغۇ نۇقتا 1317 دوللار بولدى .

2. بۈگۈنكى ئاسىياياۋرۇپا بازىرىدا 1290دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىنچۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى1295-1303ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ.ئەگەر 1290 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ 1285 دوللارغا بىرىنىجى قېتىم چۈشكەندە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى1290-1295 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ.

3. بىر كۈن ئىچىدە 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1280-1278 دوللار ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1305-1303دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1303 1298
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار      1290 1285

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1278-1305
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1278
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1307

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .




ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

    بۈگۈنئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچ 95.15 بولغان ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1293 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 253.63 يۈەن بولۋاتىدۇ.ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ، 5 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان . بىراق ھەپتە ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 1300 دوللاردىن چۈشۈپ كەتكەن . ئالدىنقى ھەپتە ياۋرۇپا مەركىزى بانكا QE نى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ، بۇ ھەپتە بازار ھالىتى قايناق بولىدۇ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە قارار يىغىنى ، يېڭى زېللاندىيە فېدېراتسىيە قارار يىغىنى ، ئامېرىكا GDP ۋە گېرمانىيە پۇل پاخاللىشىش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى بۇ ھەپتىلىك بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ .
   1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گرېتسىيە چوڭ سايلىمى ئۆز قەرەلىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى ، گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ كېتىش كەتمەسلىكى كىشىلەرنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى . بۇ بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ بازار ئېچىلىش ۋاقتىدىكى يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسىتىپ 1295-1298 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى ، بىراق ئۆسۈش يۆلىنىشى ياۋرو دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەسىرىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى .
    بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ بازار ئېچىلىش ھالىتى ، ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، بۈگۈن ئاۋسترالىيە بازىرى دەم ئالىدۇ . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە IFO سودا گۈللىنىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى . ئەگەر ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .ئامېرىكا ۋاقتىدا سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئىقتىساد ۋەقەلەر بىر قەدەر ئاز ، مۆلچەرچە بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە قارار يىغىنىنىڭ مۆلچەرى بويىچە بازار ھالىتى ماڭىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 253.63 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسىگىرامى 3.55 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





2015 يىلى ئالتۇن باھاسى 9% يۇقىرى ئۆرلىگەن

       خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2015 يىلى كىرگەندىن كېيىن چوڭ دائىرىدا يۇقىرى ئۆرلىگەن ، نيۇيورك بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىن يۇقىرى ئۆرلەپ ، بىر ئايغا بارمايلا 1300 دوللارغا چىققان ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەن ھالەتتىن يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ھالەتكە ئۆتكەن .
       سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 23 - چېسلا بازار يېپىلىش ۋاقتىدا ، نيۇيورك بازىرى ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسى 1292.6 دوللار بولۇپ ، كەينىدىن 1300 دوللاردىكى ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن .گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ كېتىش كەتمەسلىكى كىشىلەرنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى . بۇ بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ بازار ئېچىلىش ۋاقتىدىكى يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسىتىپ 1295-1298 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .بىراق ئۆسۈش يۆلىنىشى ياۋرو دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەسىرىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى .




دوللار تېخىمۇ كۈچىيىپ ئالتۇن باھاسى ۋە نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى

   1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋرو / دوللار چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ يۆنىلىشى تەكشى باھا ھالىتىگە قاراپ ماڭدى ، ھەم 2015 - يىلىدىكى بۈگۈنگە قەدەر تۆۋەنلىگىنى 7% تىن ئېشىپ كەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۆرلەش تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە گېرمانىيە IFO سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
   1 - ئاينىڭ 23 - كۈندىكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇننىڭ يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىگەن ؛ نەخ ئالتۇن باھاسى 7.10 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1294.80 دوللار بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 8.1 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1292.60 دوللار بولغان .
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى QE سىياسىتىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن ياۋرو چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ دوللار تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ، ھەم تاۋار باھاسىمۇ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا NYMEX خام نېفىت باھاسى 0.72 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش 45.59 دوللار بولغان .






گرېتسىيە سول قانات پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

               بۈگۈن ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1296.15 دوللار بولغان ، گرېتسىيە سول قانات پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئۇچۇرىنىڭ تەسىرىدە ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى شىددەتلىك تەۋرەنگەن ، ياۋرو تۆۋەنلەپ دوللار يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆرلىگەن ھەمدە 11 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، ئالتۇن باھاسى 1290-1300 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ھالىتىنى كۆرسەتكەن . يېڭى يىل كىرىپ ھازىرغىچە ئالتۇن باھاسى 9% ئۆسكەندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى توختاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىنى سەۋەبىدىن ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مەركەزلىشىدۇ . ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم قوشسا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئالتۇن باھاسىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل دوللار كۆرسەتكۈچ بولۇپ ، ئەگەر دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن .






گرېتسىيە چوڭ سايلىمى تەسىرىدە ياۋرو تۆۋەنلەپ 11 يىلدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى

       بۈگۈن ياۋرو گرېتسىيە چوڭ سايلىمى نەتىجىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، ھەم گرېتسىيە ياۋروپا رايوننىڭ خەۋپ - خەتىرىدىن چېكىنىپ چىققان ؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئەتىدىن باشلاپ ئۆسۈم توغرىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 2015 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىدا تەۋرىنىش ئالامىتىنىڭ بولۇش بولماسلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولۇپ ، ئەگەر تەۋرىنىش ئالامىتى بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن ، بۇ ئەھۋال ياۋروغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا بىر ياخشى خەۋەر .
      بۈگۈن ئەتىگەندە ، گرېتسىيە باش مىنىستىرى سامارادې Samaras سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ، بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە ، ياۋرو تۆۋەنلەپ ، بىر قېتىمدىلا 1.11 تۆۋەن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ، ھەم 11 يىلدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى ؛ لېكىن ئارقىدىنلا يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئۆرلىگىنى 80 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى .






1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

      جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1384 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.0555 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2361 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79181 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.0444 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى4.8593 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.5737 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.5821 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛1 كانادا دوللىرى 4.9320 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.58255 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان،1 يۈەن خەلق پۇلى 10.2819 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

       1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 95.54 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.8015 ، ئوتتۇرچە باھاسى 95.07 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.12% ‏- بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.9605 بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 95.15 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.8757 ، سېتىلىش باھاسى 94.8757 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى94.991 بولدى .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 26-01