kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:27:15

ئۆزۈم ساقلىۋالغان تۈركچە سۆزلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 16:35  

تۈرك تىلىنى يېڭى ئۈگۈنىۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆزۈم ساقلىۋالغان سۆزلىكلەرنى ئېلىپ كەلدىم.قاچانلاردىدۇر  بىر ۋاقىتلاردا ئادانالىق،ئاچچىق ھايات،ئەزەل قاتارلىق كىنولارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بىزگە سونىلىشى بىلەن تۈركچە كىنولارغا قىزىقىپ قالدىم ۋە بارا-بارا ئۆزتىلىنى كۆرىدىغان بولدۇم.شۇنىڭدىن كېيىن باشقا تۈركچە ئاۋازلىق چەتئەلچە كىنولارنى كۆرۈدىغان بولدۇم شۇ ئارلىقتا مەن ساقلىۋالغان تۈركچە سۆزلىكلەر خېلى بىر يەرگە بېرىپتۇ . شۇڭا دوست،بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئويلاپ مۇنبەرگە يوللىدىم.

danışman-مەسلىھەت بەرگۈچى، مۇشاۋىر
uçak-ئايروپىلان
bilgisayar-كومپيۇتېر
asansör-لىفت
tren-پويىز
kuzey-شىمال
batı-غەرب
güney-جەنۇپ2.تەسكەي تەرەپ3.جەنۇپ شامىلى
doğu-شەرق
araç-يول،چارە2.قورال،ۋاستە 3.ماشىنا
çirkin-كۆرۈمسىز ، سەت
turnuva-مۇسابىقە
macera-1. ۋەقە، سەرگۈزەشت. 2. تەۋەككۈل.
serüven-سەرگۈزەشت.
maceracı-تەۋەككۈلچى
macerasız-ئادەتتىكىچە، ھاياجان قوزغايدىغان يېرى يوق
maceralı-تەۋەككۈلگە تولغان، ئاجايىپ
tavşan-تۇشقان
minik-كىچىك ۋە ئوماق 2.ئۆمىلەيدىغان بولغان بالا
vahşi-ۋەھشىي ،قەبىھ 2.كۆندۈرۈلمىگەن 3. ئاياغ ئىزى تەگمىگەن (ئورمان)
sihirbaz-سېھىرگەر
BÜYÜCÜLÜK:سېھىرگەرلىك، داخانلىق
büyü-سېھىر2.قارشى چىققىلى بولماس كۈچلۈك تەسىر
kedi-مۈشۈك
Örümcek-ئۆمۈچۈك
kraliçe-خانىش
kral-پادىشاھ
taçsız kral-ھەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان ئادەم
kutsal-مۇقەددەس
muhteşem-يوغان ،چوڭ، ھەيۋەتلىك
suç-جىنايەت ، ئەيپ
suçlu- 3.خاتالىقى ،ئەيىپكار 2. جىنايەتچى-
açıklama-چۈشەنچە.2 بايان، ئىزاھات
açıklama yapmak-بايانات ئېلان قىلماق
ikna etmek-قايىل قىلماق
özel-ئالاھىدە 2.شەخسى
utanmak-خىجىل بولماق
mutlu-بەخت
seçen-تاللانغان
seçeneksiz-تاللاش ئىمكانىيىتى يوق بولغان ، باشقا يول يوق
seçenekli-باشقا يول بار بولغان ،تاللاش ئىمكانملىقى بولغان
kötü-ئەسكى ،يامان ، ناچار2.ئاز ،كامچىل،يىتەرسىز
aptal-1. ئەقلى-ھوشى كەم. 2. دۆت، مۆڭ، گالۋاڭ، ئەقىلسىز.
fare-چاشقان
sıçan-چاشقان بالىسى2.كىچىك دۇكان
yıldırım-چاقماق (ھاۋا ھەققىدە)
yaşlı-قېرى، ياشانغان.2.ياشلىق (كۆزى).
imdat-1. ياردەم، تەھلىكە ۋە قىيىن ئەھۋاللاردا قىلىنىدىغان ياردەم، مەدەت 2. ياردەم ئۈچۈن كەلگەن قۇۋۋەت 3. جاننى قۇتقۇزغۇچى.
saldırış-1. تاجاۋۇز. 2. ھۇجۇم.
ihtiyar-قېرى (ئادەم)، ياشانغان. ئىختىيار.
emin-1. ئىشەنچ، ئىشەنچلىك. 2. خاتىرجەم، خاتىرجەملىك. 3. بىخەتەر، خەۋپسىز، خەۋپسىزلىك. 4. ئامان، ئامانلىق.
inan-ئىشىنىش، ئىخلاس قىلىش.
inançlı-ئىشەنچلىك
inanca-كاپالەت، ۋەدە.
güven-ئىشەنچ 2 .بىخەتەرلىك 3.جاسارەت
sakin olmak-تىنچلانماق2.خاتېرجەم بولماق 3. تەمكىن بولماق
bayi-ساتقۇچى 2. تەمىنلىگۈچى
merdiven-پەلەمپەي3.شوتا
harika-مۆجىزە ، ئاجايىپ
hayalet-روھ2.بىلىنەر- بىلىنمەس كۆرۈنىدىغان نەرسە، كۆلەڭگە
saçmalamak-مەنىسىز( تېتىقسىز )پاراڭلاشماق2.جۆيلىمەك
acele etmek-ئالدىرىماق
ezik-سېسىق
eşya-نەرسە
gizli-مەخپىي، يوشۇرۇن
engel-توسقۇن، توسالغۇ.
veda-ۋىدالىشىش، خوشلىشىش، ئايرىلىش.
kavuşmak-كۆرمەك، ئېرىشمەك، ئىگە بولماق، قولغا كەلتۈرمەك، قوشۇلماق.دىدارلاشماق
geri-1ئارقا. 2. باشقىسى. 3. ئاخىرى. 4. ئارقىدا قالغان، قالاقلىق.قايتا
geriliyen-چېكىنگەن، كەينىگە قايتقان.
göbeklenmek-1. قورساق سالماق. 2. (بەسەي، كاللەكبەسەي قاتارلىقلار) ئۇلغۇنلاشماق.
göbek-1. كىندىك. 2. ئوتتۇر قىسىم، مەركەز.
çözmek-1. يەشمەك، شەشمەك. 2. ھەل قىلماق، بىر تەرەپ قىلماق. 3. چۈشەندۈرمەك
olay-ھادىسە، ۋەقە.
dokunmak-1. چېقىلماق، تەگمەك. 2. تەسىر قىلماق. 3. مۇناسىۋىتى بولماق. 4. بولماق
önce-ئاۋۋال
kandırmak-1. قايىل قىلماق، ئىشەندۈرمەك. 2. چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئالدىماق. 3. خاتالىققا باشلىماق. 4. قاندۇرماق.5.ئالدىماق
delikanlı-يىگىت، بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالا.
deli-1. ساراڭ، مەجنۇن. 2. ئاشىق ، بىر نەرسىگە ئارتۇق بېرىلگەن
aşağı-1. ئاستى، تېگى، تۈۋى، تەكتى، تۆۋەن تەرىپى. 2. داۋامى. 3. تۆۋەن دەرىجىلىك، تۆۋەن قاتلام. 4. ئاددي. 5. يامان، ئەسكى. 6. تۆۋەن، ئاز، پەس.
indirmek-1. چۈشۈرمەك 2. ئۇرماق.
acil-جىددىي، تېز، چاپسان.
araba-1. ھارۋا. 2. ئاپتوموبىل، پىكاپ.
gerçek-1. ھەقىقەت، ھەقىقىي. 2. ئەمەلىي. 2. رېئال، راست، توغرا.
tam-1. ساق، تولۇق. 2. كەمچىلىكسىز. 3. دەل.
nakit-1. نەق پۇل. 2. پۇل.
sıra- نۆۋەت.1. قاتار. 2. رەت، ئۆچىرەت. 3. پەرق، ئېگىز-پەسلىك، چوڭ-كىچىكلىك پەرقى. 4. ئورۇندۇق. 5. تەرتىپ
korsan-دېڭىز قاراقچىسى.
yönetmek-رەھبەرلىك قىلماق، ئىدارە قىلماق، باشقۇرماق.
yönetmen-1. رەھبەر. 2. مۇدىر. 3. رېژىسسور.
derin-1. تېرەن، چوڭقۇر. 2. چۈشىنىشكە قىيىن، چوڭقۇر مەنىلىك. 3. قاتتىق.
yetenek-قابىلىيەت.
şanslı-تەلەيلىك، ئامەتلىك.
şans-1. تەلەي، ئامەت. 2. پۇرسەت.
başarmak-1. مۇۋەپپەق بولماق. 2. زور بىر ئىشنى بېجىرمەك. 3. نەتىجە قازانماق، ئۈنۈم ئالماق، غەلىبە قىلماق.
liman-پورت.
fazla-1. كۆپ، نۇرغۇن، ئارتۇق، جىق، زىيادە، تولا. 2. ئارتۇقى، ئوشۇقى.
pazarlık-باھا تالىشىش
eksik-ئېھتىياجلىق نەرسە
timsah-تىمساھ
mavi-كۆك
eyvah-ۋايجان(بىلىنمەي تۇيؤقسىز كەلگەن يامان ۋەقەگە قارشى دىيصلىدۇ)
sadece-پەقەتلا
peri-پەرىزات، پەرى
karınca-چۈمۈلە 2.ھاۋا تۆشۈكى
fındık-ئورمان ياڭىقى (مېۋىنىڭ بىر تۈرى)
uzay-ئالەم، ئالەم بوشلۇقى
durak-بېكەت
acemi-خام، پىشمىغان، تەجرىبىسىز 2.يېڭى
galaksi-سامانيولى‹ئاسترونومىيە›
çaba-تىرىشىش، تىرىشچانلىق، كۈچ چىقىرىش، غەيرەت قىلىش.
davet-1. تەكلىپ. 2. زىيارەت.
kalite-1.سۈپەت. 2. تاشقى مەنزىرە. 3. ئۈستۈنلۈك.
site-شەھەر.
becerik-بېجىرىش، ماھارەت، ئۇستىلىق، ھۈنەر.
becerikli-قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ماھىر، ئۇستا، ئۇز.
beceriksiz-قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، بىر ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان..
kas-مۇسكۇل.
zavallı-1. بىچارە. 2. شۇم، بەختسىز.
kuyu-1. قۇدۇق. 2. چوقۇر، ئويمان.
kurabiye-قاتلىما ناننىڭ بىر تۈرى.
gebertmek-1. ئۆلتۈرمەك. 2. جاپا سالماق، قاتتىق ئۇرماق.
koca-ئەر. 1. چوڭ، زور. 2. ياشانغان، قېرى.
delik-1. تۆشۈك. 2. كامار، ئۆڭكۈر. 3. قاماقخانا، تۈرمە. 4. قەپەس. 5. يىرتىق(كىيىمنىڭ). 6. ئۇۋا(ھايۋاننىڭ).
şey-1. شەيئى. 2. نەرسە، ئىش
indirilmek-پەسكە چۈشۈرۈلمەك، يىقىتىلماق، تۆۋەنلىتىلمەك، پەسەيتىلمەك.
güney-2. جەنۇب. 2. تەرسكەي (تەرەپ).
genç-ياش.
yavru-ئادەم ياكى ھايۋان بالىسى.
şaka-چاقچاق. ھەزىل.
pardon-<< ئەپۇ قىل >> دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
ufak-1. كىچىك. 2. ئاز، ئەرزىمەس. 3. ئۇۋاق. 4. تۆۋەن دەرىجىلىك.
cüce-پەتەك، پاكىنەك، پاكار (ئادەم).
YARATIK-مەخلۇق، مەخلۇقات.
yanlış-. خاتا. 2. ئېزىپ قېلىش. 3. خەتەرلىك.
üzgün-1. كۆڭۈل غەشلىكى، كۆڭۈل يېرىملىقى، كۆڭۈل بۇزۇقلۇقى، قايغۇلۇق. 2. دەرمانسىز.
uslu-1. ئەقىللىق. 2. يامان خۇي يوق(ئات).
zeki-1. ئەقىللىق، پاراسەتلىك. 1. ئەر ئىسمى (زەكى)
benzemek-1. ئوخشىماق، ئوخشاشماق، ئوخشاپ كەتمەك. 2. دەك، تەك. 3. ئەسلەتمەك
yorulmak-1. ھارماق، چارچىماق. 2. بىكاردىن- بىكار ئاۋارە بولماق. 3. بىزار بولماق، زېرىكمەك. 4. جاپا چەكمەك.
kartal-قارا قۇش، بۈركۈت.
pis-1. پاسكىنا، مەينەت. 2. سېسىق. 3. سەت قىلىق. 4. (سۆز ھەققىدە) پاسكىنا. 5. ئەسكى، زەھەرلىك. 6. قىلىقسىز. 7. سەت. 8. قىيىن، مۈشكۈل.
servet-مال-مۈلۈك، بايلىق.
cokey-بەيگە ئاتلىرىنى يېتىشتۈرگۈچى.
domuz-توڭگۇز، چوشقا.
muz-بانان.
bıkmak-1. زېرىكمەك، بىزار بولماق، بەزمەك. 2. چىدىغۇسىز ھالغا كەلمەك.
kasaba-ناھىيە، شەھەرچە، جىڭ.
erken-ئەتىگەن بالدۇر.
eylem-ھەرىكەت، پائالىيەت، ئەمەلىيەت.
dönüşmek-1. ئۆزگەرمەك، ئايلانماق. 2. باشقۇرماق.
merak-1. قىزىقىش. 2. ھەۋەس، ئىشتىياق. 3. خالاس، ياقتۇرۇش، خۇش. 4. غەم-قايغۇ.
DÖNÜŞÜ-1. ئايلىنىش، پىرقىراش، چۆگىلەش، بۇرۇلۇش. 2. قايتىش.
temas-1. تېگىش. 2. ئالاقە، مۇناسىۋەت. 3. بېرىش- كېلىش، ئارىلىشىش.
saygı-ھۆرمەت.
çavuş-1. جارچى. 2. خەۋەرچى. 3. بەنجاڭ (ھەربىيدە).
yüz çevirmek-يۈز ئۆرۈمەك.
deri-1. تېرە. 2. شۆپۈك، پوست.
koku-پۇراق، ھىد، بۇي.
kahvaltı-ئەتىگەنلىك يېمەك، ناشتا
çıkmaz-1. ئايىغى چىقمايدىغان. 2. نەتىجىسىز. 3. خالتا كوچا، تۇيۇق يول
tembel-ھۇرۇن
nihayet-1. ئاقىۋەت، ئاخىرى. 2. ئەڭ ئاخىرىدا
yazık-1. گۇناھ. 2. ئىسىت، ئەپسۇس. 3. خوپ بوپتۇ.
yemin-قەسەم.
diğer-باشقىسى، يانا بىرسى.
kural-قائىدە، بەلگىلىمە
kibar-ئەدەپلىك،ئالىجاناپ(ئىنسان)2.يىلتىزدىن ئىسىل (ئادەم)3.بۈيۈكلەر ،ئۇلۇغلار 4.توغرا، دۇرۇس
izin-ئىزىن، رۇخسەت
Çarpışma-سوقۇلۇش،ئۇرۇلۇش 2.ئۇرۇشۇش
sonuç-نەتىجە، خۇلاسە
soy-ئىرق 2. جەمەت 3.جىنس،تۈر
kamyon-يۈك ئاپتوموبىلى،
otobüs-ئاپتوبۇس
denge-مۇۋازىنەت،تەڭپۇڭ
sigorta etmek-سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرماق  
hızlı-تېز
rapor-دوكلات
hırsız-ئوغرى ، بۇلاڭچى
Özgür-مۇستەقىللىق ، ھۈرلۈك
kaplumbağalar-تاشپاقىلار تۈرى‹زوئولوگىيە›
Çatı-ئۆگزە 2.ئۆگزىنىڭ جازىسى 3.‹ئاناتومىيە›دوۋسۇن سۆڭىكى
rüzgar-شامال
istinat duvarı-تىرىگۈچى تام
çene-ئېڭەك2.ئېڭەك سۆڭىكى 3.‹تەمسىل›پاراڭچىلىق
zengin-باي ،پۇلدار
fakir-كەمبەغەل، يوقسۇل.
yüce-1. ئۇلۇغ. 2. ئېگىز
oba-چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلقلەردىن بارلىققا كەلگەن ئاۋۇل.
obartmak-كۆپتۈرمەك، چوڭايتماق، مۇبالىغە قىلماق.
pusatlı-قوراللانغان، قوراللىق.
boynuz-1. مۈڭگۈز. 2. مۈڭگۈزدىن ياسالغان.
zaaf-1. ئورۇقلۇق، زەئىپلىك، بەرداشلىق بېرەلمەسلىك. 2. چۈشكۈنلۈك، ئىرادىسىزلىك.
rica-تىلەك، ئىلتىماس.
tanker-تانكېر (نېفىت، بېنزىن قاتارلىق سۇيۇق نەرسىلەرنى توشۇيدىغان پاراخوت ياكى ئاپتوموبىل)
kazara-قازالار، تۇيۇقسىزلا، تاسادىپىي
çılgın-ساقسىز
çılgınca-ساقسىزلارچە ، ساراڭلارچە
hala-ھەدە( ئاتىسىنىڭ قىز قېرىندىشى
قىزىققۇچىلار ئۈچۈن بىرتال تۈركچە ئاۋازلىق چەتئەل كىنولارنى يوللايدىغان توربەتنى يوللاپ قوياي
http://www.tekparthd.org/

ilioghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 16:12:28

ئوھھوي... خېلى ئۆگىنىپ قويۇپسىزدە تۈركچىنى؟ ئەجىرلىرىڭىز يەردە قالمىغاي رەھمەت دوستۇم!

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:24:25

ئېلكىتاپ قىلىپلا يوللىغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن.
تۈركچە فىلىملەرنى  بۇ يەردىكىدەك ياخشى كۆرگىلى بولمايدىكەن.   بىر فىلىمنى نەچچە پارچىغا بۆلىۋەتكەن،  باشلاشنى بېسىپ قويسا قويغۇچلىرى شاق شاق قويماي  تۈگمەن تېشىدەك  پىقىراۋەرگەن،  تېخى  پات پات توختىۋالغان.  يەنىلا  بىزنىڭ  يۇكۇ، 56، تۇدۇ، چاقماقلار ياخشىدەك قىلىدۇ.
بەت: [1]
: ئۆزۈم ساقلىۋالغان تۈركچە سۆزلەر