waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:03:33

تەڭرىتاغ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى قوش يەڭدى

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 00؛6دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز بەشىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  ساھىپخان مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيدا شەندۇڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى بۇ مەيداندا كوماندا ئەزالىرى تۇلۇق ھالەتتە مۇسابىقە ئوينىدى،  تەڭرىتاغ كوماندىسى  چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  36 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، 10 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، يەتتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئىلىپ  ئاخىرى 150-119 نەتىجە بىلەن رەقىبى شەندۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مەيدان غەلبە بىلەن تەڭ يەككە مەيداندا ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش رىكوتىنى ياراتتى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  يەتتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 36 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  21 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 24 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جۇچى 18 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛ لىيۇۋىي 12 نومۇر ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  شىرئەلىجان 11 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  لىيۇشۇنەن 13 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى  .
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق  ساھىپخان مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيدا  جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:43:39

قوش يەڭدى دېگەن نەچە گەپ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:49:48

function يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 11:43 static/image/common/back.gif
قوش يەڭدى دېگەن نەچە گەپ؟

双杀  دېمىگەندىن كېيىن خەنسوچە ئەمەس
جوپ ئولتۇردە دېمىگەندىن كېيىن قازاقچە ئەمەس

دېمەك ئۇيغۇرچە ئىكەن

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى قوش يەڭدى